رادىئونى ياخشى كۆرەمسىز
قەدىرلىك دوسلارمەن مەلۇم بىر يەرلىك رادىئۇ ئىستانسىدا ئىشلەيمەن، يىقىندا پىروگراممىلىرىمىزنىڭ
سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جەھەتتىن ئىزدىنىۋاتىمىز .ئىستانسىمىز گەرچە
يەرلىك ئىستانسا بولسىمۇ خەلقىمىزنىڭ 98 % ئۇيغۇرنى ئاساس قىلدىغان بولغاچقا
ئاڭلىغۇچىلىرىمىز خىلى كۆپ دىيىشكە بولىدۇ .
بىزنىڭ پىروگراممىلىرىمىز 10 دىن كۆپ بولوپ مول مەزمۇنلوق پىروگراممىلىرىمىز
خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا ياقتۇرۇپ ئاڭلىغشىغا مۇيەسسەر بولىۋاتىدۇ. ئاساسى گەپكە
كەلسەك ! رادىئۇ ئىستانسىمىزدا ھەر كۈنى كەچ 8:30 دە بىر سائەت ئاڭلىتىش بىرىدىغان
«سىرداشلارسەيلىگاھى» پىروگراممىسى بولوپ مەن مۇنبەردىكى كەڭ تورداشلىرىمدىن
ئۆزلىرى ياقتۇرغان ياكى پىروگراممىغا ماس كىلدىغان مۇزىكىلارنى ماڭا تەۋسىيە قىلىشىنى
ئۈمىت قىلىمەن . بۇ پىروگراممىغا كۆپىنچە تۇرمۇشتا، نىكاھتا قىيىنچىلىققا يولوققانلار
مەسلىھەت سورايدىغان بولغاچقا مۇڭ مۇزىكىلار ماس كىلىدۇ ، مۇزىكىنى مۇنبەرگە
يوللىيالمايدىغان دوسىتلارمۇزىكىنىڭ ئىسمى ياكى ئاردىرىسىنى يوللاپ
بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ
كۆپنىڭ كۆزى كۆز، بىلىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ . كۆپچىلىكنىڭ
ياردەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن
«ئەرگېنەقۇن» دىن رادىيودا دائىم سۆزلەيدىغان ئادەم سىز ئىكەنسىزدە ؟ {:92:} ،،قاراپ باقاي ياخشى مۇزىكىلار بادەك
قىلۋاتاتتى .. تاكسىغا چىقسام ئاڭلايمەن


باغدات يۇلتۇزى (بۇغۇ ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇققۇ )
巴格达之星
http://www.xjalqi.com/bjmusic.mp3
جېسسى كۇك ئىجراسىدىكى مۇڭلۇق ھىجران كۈيى
cancion triste
http://math.sjtu.edu.cn/upload/teachers/10473/5.mp3
تەمىنلەنگەن ئادرىسىتىكىلىرى سۈزۈك نۇسخسى بولماسلىقى مۇمكىن ،لېكىن سىزنىڭ تېخىمۇ سۈزۈكىنى تاپالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن. رادىيو ئاڭلاشقا ئامراق، ئادەتتە سىرتتا يۈرگەندە بولسۇن ئۆيدە بولسۇن رادىيو قويۇۋالىمەن دائىم. لېكىن مەن پەقەت مۇزىكا تۈرىدىكى ئىستانسىلارنىلا ئاڭلايمەن، رىياسەتچى ئارىغا بىرەر ئىككى ئېلان قىستۇرۇپ قويغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا سۈكۈتتە تۇرۇپ ناخشا مۇزىكا قويۇپلا بەرسە دىگەن ئۈمىتتىمەن.
جاۋاپ
ئىزدىنىش مۇنبىرى >>>>>
قانۇندىن ساۋات>>>>>
پۇقرانىڭ دەردىنى كىم ئاڭلايدۇ؟
http://www.56.com/u50/v_NDIzNjY2ODE.html
...
ئىۋى فىرانسيىلىك ئاداشنىڭ باشقا مۇزىكىلىرىنى ئىزدەپ باقسىڭىز يارايدىغىنى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن...
...
2-3 ھەپتە بۇرۇنمىكىن، يېڭى توي قىلغان بىرسىنىڭ ئايالىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىدە ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى... توغرۇلۇق سورىغان سۇئالىغا بېرىلگەن مەسلىھەتنى ئاڭلاپ قالغانتىم، بەرگەن مەسلىھەت ماڭا يارىغان. شۇ پىروگرامما شۇمۇ؟
شۇ بولسا پروگرامما ماڭا يارىدى، ئارىسىغا ئېلاننى قىستۇرغان- قىستۇرمىغىنى يادىمدا قالماپتۇ. قانداقلا بولسۇن، پروگراممىنى ئۈزۈپلا ئېلان قوشۇشتىن ساقلىنىڭلار.
مەن ئىككى ناخشا تەۋسىيە قىلاي:
توداخۇننىڭ ئورۇنلىشىدىكى «ئۆز يارىڭ» ۋە سەمى يۈسۈپ ئورۇنلىغان «ئايالىڭ»
3- قەۋەتتىكى hamaqetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇ «مەلۇم بىر يەرلىك رادىۇ ئىستانسىسى» مەلۇم ۋىلايەت ياكى ناھىيىنىڭ ئىستانسىسىمۇ؟ رايۇنىمىزنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئاڭلىنامدۇ؟ رادىۇ ھەممىلا يەردە تارتالامدۇ؟
_________________________
خوتەننىڭ. تارقىلىش دائىرسى 600 كىلۇمىتىر دائىرە ئىچىدە
قىسقا دولقۇن 106.5 شۇنداقلا ئوتتۇرا دولقۇن 774 لاردا نورمال ئاڭلىغىلى بولىدۇ .
ھەراس تارقىلىش دائىرسى دىسە بىرگەپ يادىمغا كەلدى. فىنلاندىيەدىن ئىككى قىتىم خەت كەلدى ، خەتنى فنلانىديە خەلقئارا رادىئۇ ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى ئەۋەتكەن. خەتتە دىيىلىشچە فىنلاندىيەدە قۇرۇلغان\"رادىئۇ سىگنالى كۇلۇبى\" فىنلاندىيەنىڭ شىمالىدا ئىگىز ئانتىنا تارقىتىش ئارقىلىق چەتئەلنىڭ رادىئۇ سىگناللىرىنى يىغىدىكەن
بىزنىڭ رادىئۇ سىگنالىنى ئاڭلاپ تىلىنى چۈشىنەلمەي فىنلاندىيەدە ئوقۇۋاتقان ئىككى تۈرىك ئوقۇغۇچىنى ئاڭلاپ بىقىشقا تەكلىپ قىلغاندىن كىيىن بۇ ئىككى تۈرىك ئۆزبىكلەرنىڭ رادىئۇسى دەپ جاۋاپ بەرگەن ، كىيىن ئۇلار سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بىزنىڭ ھەقىقى ئادىرسىمزىنى تىپىپ ئالاقە ئەۋەتكەن ...
ئەلۋەتتە ئىستانسىمىزنىڭ سىگنالىنىڭ قاپلاش دائىرسى چوڭ ئەمەس
لىكىن 2 مىليۇن ئۇيغۇرغا خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتىمىز. ئەمىسە ياخشى مۇزىكىلار بولسا يانچۇقتا ساقلاپ قويماي يوللاپ بىرىڭلار يولداشلار
4- قەۋەتتىكى نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
endless horizon
مۇنۇ مۇزىكا تەستىقتىن ئۆتۈپ ئىشلىتىشكە يوللاندى، يەنە باما!
elbilge ئەپەندىمگە رەھمەت
6- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ئىككىنى تەۋىسىيە قىلاي(بىكارلىق ) ،مۇڭلۇقلۇق دەرىجىسى خېلى مۇزىكىنى قاتلاپ قويىدۇ![]()
باغدات يۇلتۇزى (بۇغۇ ھەممە ئادەمگە تۇنۇشلۇققۇ )
巴格达之星
http://www.xjalqi.com/bjmusic.mp3
جېسسى كۇك ئىجراسىدىكى مۇڭلۇق ھىجران كۈيى
cancion triste
http://math.sjtu.edu.cn/upload/teachers/10473/5.mp3
تەمىنلەنگەن ئادرىسىتىكىلىرى سۈزۈك نۇسخسى بولماسلىقى مۇمكىن ،لېكىن سىزنىڭ تېخىمۇ سۈزۈكىنى تاپالىشىڭىزغا ئىشىنىمەن.
-----------------------------
巴格达之星 مۇزىكىنى مەسلىھەت بىرىدىغان خانىم ياقتۇرۇپ قاپتۇ: ئۇچقۇن غا رەھمەت
http://mp3.sarwan.cn/music/Tears.mp3 كۆز يېشى
http://mp3.sarwan.cn/music/june.wma كۈزدىكى خەت
http://mp3.sarwan.cn/music/Childhood%20Memory.mp3 بالىلىقتىكى ئەسلىمە Asoka Theme مۇشۇ ئۇيغۇرچە رادىئونىڭ گېپى چىقسا «مەمەتجان دوختۇر» ئىسىمگە كېلىدۇ. لېكىن ئەمما بىر تەتەي با، مەسلەھەت سوراپ تىلفون قىلغاننى تىللاپ قۇستۇرىدىغان. 叶文有话要说 غۇ دەيمەن ئۇ سەھىپىنىڭ ئىسمى. نىمىشچھ تىللايدىكەن ،،، {:92:} ئورتا خەلق رادىئو ئىستانسى
ھازىر ئاڭلىتىشىمىزنى باشلايمىز
ئالدى بىلەن ئاڭلىتىدىغىنىمىز مەملىكەت خەۋەرلىرى.
باش رەئىس شىجىنپىڭ مۇنداق دىدى {:92:}