قەلبلەرنىڭ قايتا جەم بولۇشى
قەلبلەرنىڭ قايتا جەم بولۇشى
ئەر – خوتۇن ئىككىڭلار ئارىسىدىكى تەكرار يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىش نىكاھىڭلارغا ئەجەللىك زەربە ئېلىپ كەلمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. نۇرغۇن – نۇرغۇن قېتىملاپ: «كەچۈرگىن، مەندىن ئۆتتى»، شۇنىڭدەك «ياق، ئەمەلىيەتتە مەندىن ئۆتۈپ كەتكەن» دېيىشلەردىن كېيىن قايتا جەم بولۇشمۇ مۇمكىن. بىراق، بۇنداق قايتىدىن جەم بولۇش بەك مۈشكۈل بولۇۋاتقاندا ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇڭ، كۆڭۈل ئاغرىقىنى تامامەن ئۇنتۇپ كېتىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، بەزىدە سىزگە ئىنتايىن زور بېسىم ۋە يۈك بولۇپمۇ قالىدۇ.
كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنىڭ تېز يىغىلىپ كۆز ئالدىڭىزدا ئاشكارىلىنىشى سىلەرنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسىنى بەلگىلەپمۇ قويىدۇ. ئەر – خوتۇنلار ئۆزئارا تەسەللى تېپىشنى ۋە قوللاشقا ئېرىشىشنى قايتىدىن باشلايدۇ. «ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن سىزنى چاقىرغان چاغدا سىز بەك ئالدىراش ئىكەنسىز. شۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت قىلىۋاتقان چېغىڭىزدا دەخلى قىلمايدىغان بولدۇم»، «مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىزدىن ئېھتىياجلىق نەرسەمگە ئېرىشەلەيدىغىنىمغا كۆزۈم يەتتى»، «شۇنچە ئۇزاقتىن بېرى مېنى چۈشىنەلمەيلا كەلدىڭىز، شۇڭا ئىچكى دۇنيايىمدىن سىز بىلەن بىرگە بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىشقا پېتىنالمىدىم.»
كۆڭلۈڭلار بىر – بىرىڭلاردىن ئازار يەپ بىر مەھەل جەڭگى – جېدەل قىلىشقاندىن كېيىن، ھېسسىياتىڭلارنى قايتىدىن جەم قىلالىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېسىڭلاردا بولسۇن، بىر – بىرىڭلاردىن تايانچسىز قېلىش، نەچچە كۈنلەپ ماي تارتىشىپ يۈرۈش، ئۆي ئىشلىرىنى تەڭ قىلىش...ۋەھاكازالار قەلبىڭلارنىڭ قايتىدىن جەم بولغانلىقى ھېسابلانمايدۇ، بەلكى تۇرمۇشنىڭ داۋاملىشىشىدىنلا ئىبارەت. تېخى بېسىلىپ بولمىغان كۆڭۈل ئاغرىقى، ھەل قىلىنماي قالغان مەسىلە ھەر ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلىنىڭ تۇراقلىشىشىغا بېسىم ۋە جىددىيلىك ئېلىپ كېلىدۇ. نەتىجىدە ئىككىلىڭلار بىر – بىرىڭلاردىن تەسەللى ئىزدىمەس بولۇپ قالىسىلەر – دە، بىر – بىرىڭلاردىن چەتنەيدىغان بولىسىلەر.
كۆڭۈل ئازار يەپ ئازابلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، قانداق قىلغاندا ياخشىلىشىپ قالغىلى بولىدۇ؟ قېنى، بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ئەستە تۇتۇڭ: بىرىچىسى، پەرۋەردىگار كۆڭلۈڭدە ئازابلانغانلىقنىڭ كۆلەڭگىسى قالمىسۇن، بولۇپمۇ غەزەپنى چىقىرىۋەت دەپ ناھايىتى ئېنىق ئاگاھلاندۇرغان. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە ئەر – خوتۇن ئىككىڭلار قەلب دەرۋازاڭلارنى بىر – بىرىڭلارغا داغدام ئېچىپ ھېسسىيات ئالماشتۇرۇڭلار، مەسىلىنى ھەرگىز ئەتىگە سۆرىمەڭلار. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ تەكلىپى؛ ئىككىنچىسى، ئىككىڭلار ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ، ئىشنىڭ سەۋەب – نەتىجىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىڭلار. بۇ قېتىمقى نىكاھ جېڭىدە ئۆزۈڭلارنىڭ قانداق رول ئالغانلىقىڭلارنى ئوبدان بىلىۋېلىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ قىلغان – ئەتكىنىڭلارنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىشمۇ يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشنىڭ داۋاملىشىۋېرىشىنى توسۇپ قېلىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى توقۇنۇشتا قىلغىنىڭلارنىڭ توغرا – خاتا بولغانلىقىدىن كۆپ مۇھىم تۇرىدىغانلىقى ئېسىڭلاردا بولسۇن؛ ئۈچىنچىسى، كۆڭلۈڭلاردىكى غەزەپ ۋە چۈشكۈنلۈكلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئازاب ۋە ئېھتىياجىڭلاردىن تەڭ بەھرىمەن بولۇڭلار. ھەر ئىككىڭلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنى قەدىرلەيدىغانلىقىڭلاردىن ئىبارەت بۇ بىر مۇھىم پاكىتنى ئەستىن چىقارماڭلار، چۈنكى ھېچقايسىڭلار ئازار يېيىشنى ياكى قارشى تەرەپنىڭ دىلىغا ئازار بېرىشنى خالىمايسىلەر؛ تۆتىنچىسى، بۇ قېتىمقى جەڭگى – جېدەل تىلغا ئېلىنغان چاغدا، ناھايىتى سىلىق – سىپايە سۆزلەر بىلەن پاراڭلىشىڭلار، بىر – بىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، بىر – بىرىڭلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ مەدەت بېرەلەيدىغان سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىڭلار. بۇ ئۇسۇل ئىنتايىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ، ھەر ئىككىڭلارغا ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەتنىڭ مۇستەھكەملىكىنى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
ئەل قاتارى بىر كىتابتىن ئېلىندى.
نىمانداق يۇمشاق بالا بۇ ئاخۇنجان دىگەن

باللارنىڭ قىز بالا دەپ ئويلاپ قېلىشى بىكار ئەمەسكەن باشتىن ئۆتكۈزمىگەنلەر بىلمەيدۇ- دە...
ياخشى تېما. ساقلىۋالاي جۇمۇ، ياخشى گەپلەركەن
1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانداق يۇمشاق بالا بۇ ئاخۇنجان دىگەن![]()
باللارنىڭ قىز بالا دەپ ئويلاپ قېلىشى بىكار ئەمەسكەن
زىيالى بۇرادەر، چارچىغان بولساڭلار، ئارام ئېلىڭلار. بولمىسا، تېتىقسىز ئىنكاس يازماڭلار.
كەمىنە ئاخۇنجان ناھايىتى نورمال ۋە راۋۇرۇس ئوغۇل بالا. \"مەن ئەر\" دەپ ئەتراپىمدىكى ئەرلىكىمنى ھېس قىلغان پەرىروي سەنەملەر ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىمنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۆزۈم تەھرىرلىگەن بىر ئەسەر ئىدى بۇ. مۇنبەرگە لايىق كۆرۈپ يوللىغان. مەنبەنىمۇ غۇۋا ئەسكەرتكەن ئىدىم.
ئەسەر ھەققىدە گېپىڭلار بولسا، ئېيتىڭلار، پىكىرلىشىمىز. ئىغۋا ۋە ھاقارەتنى كۆتۈرگۈچىلىكىم يوق.
مەن تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى ‹قەبىلىلەرنىڭ بىرلىششى ›دەپ كۆرۋىلىپ ئوقۇپ چۈشۈپ كىتىپ تىمەن ،،،، {:92:}
زىيالى چاقچاق قىلىپ يېزىپتىكەن، بىز ما ئىككىلىڭلارغا ئامراق، چاقچاقنى دەپ گەپ تەگىشىپ يۈرمەڭلار ھە

{:92:}
بەت:
[1]