خىزمەت سىنى دەپ
خىزمەت سىنى دەپ...
ياغاچ يەيدىغان قۇرۇتتەك ،
مىنى غاجىلاپ ،
ئارام بەرمەيدۇ ئۈلۈمتۈك خىزمەت .
بىر-بىرىدىن بىزار بۇلۇشقان بىر توپ ئادەمنىڭ ،
يالغان كۈلكىگە سىڭىشىپ كەتكەن بىر جۈپ كۆزىدىن ،
ئىزدېسەڭ يوقتۇر قىلچە مۇھەببەت ،
ئۆز-ئارا يوقتۇر سەمىمىي ھۆرمەت .
بۇلۇڭ-پۇچقاقتىن مارىلاپ تۆھمەت ...
ئارانلا تۇرغان باشلىق چاقىرسا خۇمارى باردەك ،
ئۆزگىنى چېقىپ ، ئەركىلەپ بېقىپ جاننى باقماقلىق ،
بىزدە بۇ خىزمەت ، بىزدە بۇ ئامەت ، مانا بۇ كارامەت..
خىزمەت !
ئادەم سىياقىدىكى ھېرە باشلىقنىڭ ،
پىشقان ئۈزۈمنى تاللاپ چاققىندەك ،
ئۇيەر- بۇيەردىن موك-موك چېقىۋېلىپ ،
جېنىڭنى ئېلىپ يېنىڭدا قويۇپ ،
ئاچچىقى كەلسە تېرەڭنى سويۇپ ،
پۇخادىن چىقىدۇ سىنى ئوخشۇتۇپ ،
...........................
ئۆز سايەڭدنىمۇ ئۈركۈپ ياشىماق ،
ئۆزى بىر دوزاخ !!
خىزمەت .
مىنى باشقۇرغان ئاشۇ باشلىقىم ،
بەئەينى بىر ھازازۇل خۇتۇن .
سەمىمىي ئەرگىمۇ ئىشەنمەيدىغان ،
ياكى ئۇنى چۈشەنمەيدىغان .
خىزمەت سىنى دەپ ،
قايسى كۈنى ئۇيقۇغا قېنىپ ئۆتىمەن .
خۇشال چىقىپ ئۆيۈمدىن كەچتە نىمىشقا ؟
قاپىقىم تۈرۈلۈپ قايتىپ كېتىمەن !
خىزمەت سىنى دەپ ،
كەچتىم جاناندىن ،
كەچتىم بالامدىن ،
كەچتىم كالامدىن ،
كەچتىم كاللامدىن ،
كەچتىم ھەممە – ھەممىدىن ،
ناتۇنۇش بىرى تېپىۋالدى ،
جەسىتىمنى سىنىڭ كوچاڭدىن .
يۇيۇپ تارىشىپ قىلىشىپ خىزمەت ،
يەنە شۇ خىزمەت ،
بارار جايىم بولسىمۇ ئاخىرەت ،
تۈگىمەپتۇ يەنە شۇ خىزمەت ...
خىزمەت سىنى دەپ ،
30 كۈن ئىشلەپ ،
يېتىپ- قۇپ قىشلاپ ،
ئەجرىمگە لايىق ئاقچى ئالالماي ،
قايتتىم ئۆيۈمگە تاماكام چىشلەپ .
خىزمەت سىنى دەپ ،
ھەسەتخور، چېقىمچى ، دارىتما چاقچاق ،
ياسالما كۈلكە ، تۈلكىدەك ھىجاق ،
ئەقىللىق دوستۇمنىڭ ئىغۋالىرىغا ،
جېنىمدىن ئۆتسىمۇ چىداپ كەپتىمەن .
خىزمەت سىنى دەپ ،
كىملەرنىدۇ ئاكا دەپتىمەن .
چۇمۇقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ،
ھەممە جايدا چاپان يېپتىمەن .
قولى بولۇپ ئەۋرەتلىرىنى ،
ئۇچۇق قالسا يېپىپ كەپتىمەن .
قورقۇپ تۈگۈلۈپ گاھى مۈكىۋېلىپ ،
ئەپنى تاپقاندا باشلىق يېنىغا ،
غىپپىدە ئۆتىۋېلىپ ،
ئەمەت ئەسكى دەپ تازا چېقىۋېلىپ ،
ياشاۋاتىمەن ، ياشاۋاتىمەن سىنى دەپ خىزمەت .
خىزمەت سىنى دەپ ،
ۋاقىت بىلەن قېيدىشىپ قالدىم .
سېنىڭ ئۈچۈن چاكارلىق قىلىپ ،
جىرىڭلاپ بىزار قىلغان ئاشۇ سائەتنى ،
پارە –پارە قىلغۇم كېلىدۇ .
.....................
تارتىشىپ شۇنچە خۇتۇن-بالامغا ،
ئىسسق ھور چىقىپ تۇرغان تائامغا ،
ئوڭ-تەتۈر كىيىپ بۆكنى كاللامغا ،
ھاسىراپ كەلسەم شۇ ئىشخانامغا ،
كېچىكتىڭ دەپ يۈگرەپ چىقىپتۇ ،
يوقلىمىچى ئۈڭۈپ ئالدىمغا .
ئىمزايىمنى قويدۇرۇپ دەرھال ،
چىكىت ئۇردى يەنە يۈز سومغا .
شۇنچە جىرىڭلاپ رولى بولمىغان ئاشۇ سائەتنى ،
پارە-پارە قىلغۇم كېلىدۇ .
خىزمەت سىنى دەپ ،
قىسقا كەلدى پېقىرنىڭ قولى ،
يانچۇقىدا بولمىغاچ پۇلى .
زامانغا باقماي ، ئىشلىرى ئاقماي ،
ئەجەپ تار كەلدى ماڭغان شۇ يولى .
خىزمەت سىنى دەپ ،
توقلانمىسا باشلىقنىڭ گېلى ،
تومپايمىسا يانچۇقى يېنى ،
چاپارمەنلىك قىلمىساڭ تېخى ،
يۈرىۋېرىسەن ئۆسمەي شۇ پېتى .
باشلىقىم ئېيتتى : ئۇچۇقتىن-ئۇچۇق ،
ماڭا ئىگىلمەي ياشايمەن دېسەڭ ،
ساڭا بىر ئۆمۈر ياخشى پۇرسەت يوق !
خىزمەتسىز شەنبە ،
بىر گۈزەل جانان ،
ھەممە-ھەممنى تەقەززا قىلغان .
بىر كۈن بولسىمۇ ئاشۇ خىزمەتتىن ،
ئۆزىمىزنى ئازاد قىلدىغان .
بىللە يۈرۈشۈپ ، بىللە كۈلۈشۈپ ،
ئويلىغان سۆزۈڭنى ئەندىكمەي تۇرۇپ ،
خۇتۇن-بالاڭغا دىيەلەيدىغان ...
سۈيۈملۈك شەنبە ،
پەقەت سەن بىلەن ،
ۋالاقتەككۈردىن(كۆلەڭگۈلەردىن) خالىي ياشايمەن .
نىجىس خىزمەتتىن بىر كۈن بولسىمۇ ئىستىپا بىرىپ ،
ئۆزۈمگە لايىق خانە ياسايمەن .
خىزمەتسىز شەنبە ،
سەن بىر ئۇلۇغ كۈن .
ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرنى كۆرەلەيدىغان ،
قېنىپ – قېنىپ سۆيەلەيدىغان ....
يولدا رەقىپلەر ياساپ كەتتىمىكىن دىسەم رەپ ئوينايدىغان باللا ئەل قاتارى مۇزىكا قۇشۇپ ناخشا قىلىۋەتسە نوچى تېكىستكەندۇق يۈرەكتىكى نەق گەپلەر ئۆز ئەينى يېزىلىپتۇ....ئەلا كەتتى... ئەگەردە پاسپورتىم بولغان بولسا خىزمەتنى تاشلىۋىتىپ ,دۇنيانى ئايلىنىپ ساياھەت قىلىپ ياشاپ باقاتتىم بىر مەزگىل.... پاسپورت دىگەنمۇ ماگىزىنلاردا ساتىدىغان نەرسىدۇ .. {:106:} يوۋ\"\"\"\"\"\"\"مەندەكلا يېزىپسىلە جۇما
7- قەۋەتتىكى jahan-arkisiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يوۋ\"\"\"\"\"\"\"مەندەكلا يېزىپسىلە جۇما
شۇ,سىلىنىڭ ئىلھامىڭلا ماڭا كەپ قالغان گەپ...
خىزمەت سېنى دەپ ئاللا،كەچتىم جاھاندىن،
باشىمنى قويدۇم ئاللا، ئاستانىلەرگە.