sherari007 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 01:25:53

ئۈچ خىل نەشىردىكىwin8 نىڭ ۋاقتى ئۆتتى~!~!

win8 نىڭ ئىستىمالچىلار كۆرۈش نەشىرىنى ئىشلىتۋاتقانلار دىققەت!~!.
1-ئاينىڭ 16-كۈندىكى خەۋەردە دىيىلىشىچە، 2012-يىلى مىكرو سوفىت شىركىتى
تارقاتقان ئۈچ خىل نۇسخدىكى ئىستىمالچىلار كۆرۈش نەشىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. بۇ
خىل نەشىرنى قاچىلغان كومپىيۇتېرلار توختىماستىن قايتا قوزغىلىدۇ، تاكى
ھەقىقى نەشىرىنى قاچىلغانغا قەدەر. شۇڭا كومپىيۇتېرىڭىزدىكى ماتېرىياللارنى
زاپاسلىۋىلىشنى ئۇنتۇماڭ.

يەنى ھەقىقى نەشىردىكى win8 تارقىتىلىشتىن بۇرۇن تارقاتقان Windows 8
Developer Preview(ئىجادىيەتچىلەر كۆرۈش نەشىرى)نەشىرى، Consumer
Preview(ئىستىمالچىلار كۆرۈش نەشىرى)نەشىرى شۇنداقلا Release
Preview(تارقاتقۇچىلار كۆرۈش نەشىرى)نەشىرى قاتارلىق ئۈچ خىل نۇسخىدىكى
سىناق نەشىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى توشىدۇ. بۇ خىل
نەشىرنى ئىشلىتۋاتقان ئابۇنتلار «دەرھال windows نى
قايتا قاچىلاڭ(立即重新安装windows)، سىز ئىشلىتۋاتقان سىناق نۇسخىدىكى سىستىمنىڭ
ئىشلىتىش ئىجازەتنامە ۋاقتى توشتى.كومپىيۇتېرىڭىز بىر سائەتتىن كىيىن
ئاپتۇماتىك ئۆچىدۇ.ئاندىن ھەر ئىككى سائەتتە بىر قىتىم قايتا قوزغىلىدۇ، بۇ
ھالەت ھەقىقى نەشىرنى قاچىلغاندا ئاندىن توختايدۇ.»
دىگەندەك ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ.


ئەگەر سىزمۇ يۇقىردا دىيىلگەن سىناق نەشىردىكى سىستىمىنى ئىشلىتۋاتقان
بولسىڭىز 1-ئاينىڭ 31-كۈنگىچە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەقىقى نەشىرنى سىتۋىلىڭ.



مەنبە: قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 14:36:04

ئوبدان گەپ، ۋاقىت ئاز قالدى باللا، سېتىۋالمىغانلار تېزدىن سېتىۋېلىڭلار.

birgaday يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:07:00

مەندە ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىش ئىتىبار نۇمۇرى باتتى،98يۈەنلىك.ھەقىقى نەشىرىنى سېتىۋېلىشنى ئويلاۋاتقان تورداشلارغا بىرەي!

ali120 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:17:19

ماڭابىرەمسىز ماڭا لازىمتى ئىلخەت ئادىرسىم qinar2011@live.com بىرئىلىپ بولغان يەنە بىرنى زاپاس ئىلىپ قويايدىگەن

birgaday يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:43:41

3- قەۋەتتىكى ali120نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭابىرەمسىز ماڭا لازىمتى ئىلخەت ئادىرسىم qinar2011@live.com بىرئىلىپ بولغان يەنە بىرنى زاپاس ئىلىپ قويايدىگەن

bulidu,ketti emise.

birgaday يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:45:03

ئىۋەتىپ بولدۇم،تەكشۈرۇپ بېقىڭ

ali120 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:56:20

رەھمەت تاپشۇرۇپ ئالدىم ئىنىمغا بىرنى ئىلىپ بىرەيدىسەمwindows8نى چۈشەنمەيدۇ قانداق قىلسام بولا

ali120 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 09:45:27

يەنە بارمىدۇئۇكامغا ئىلىپ بىرەي دىگەن qinar2011@live.com ئىككى بولسىمۇ مەيلى

juxkun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-20 14:56:08

بىز ھەقىقىي نەشىردىكى يۇمشاق دىتالنى سېتىۋالساق ، ئۇنى پەقەت بىرلا كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولامدۇ ياكى خالىغان كومپيۇتېرغا قاچىلىغىلى بولامدۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-26 23:12:32

ۋاقىتنى تەڭشەپ قايتا قوزغىلىشنى ئالدىغىلى بولامدىكەن؟ تەجرىبە قىلىپ باققانلار بارمۇ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-1 14:43:29

ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قانداق چۈشۈرىمىز،قانداق قاچىلايمىز؟كىم جاۋاب بېرىدۇ؟
بەت: [1]
: ئۈچ خىل نەشىردىكىwin8 نىڭ ۋاقتى ئۆتتى~!~!