GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 07:36:30

180 مىڭ سومدىن ئاشقان پۇل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


ئۆتكەندە ۋاپادارىم يازغان 180 مىڭ سوم يىغىشقا ئاتلاندىم دېگەن تىمىدىكى مۇراجەتنامە ئېگىسىگە يىتەرلىك پۇل يىغىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى توختىتىۋەتكەن. شۇ ئارلىقتابىر قىسىم قېرىنداشلار مېنىڭ ئالىپاي ھېسابىم ئارقىلىق شۇ سىڭلىمىزغا ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى بىلدۈرگەنىدى. ئالىپايدا يىغىلغان جەمئى پۇل 1034.80 يۈەن (بىر مىڭ ئوتتۇز تۆت يۈەن سەككىز مو) بولۇپ، ئاشقان بۇ پۇلنى «بىر سوم»غا قوشۇپ ئوقۇشسىز ئىنى-سىڭىللارغا ئىشلىتىشنىمۇ ئويلاشقان، لېكىن پۇل ئىگىلىرىنىڭ بۇ پۇلنى بىر ئاغرىققا ئاتاپ يوللىغانلىقىنى ئەلا بىلىپ، پۇلنىڭ نەق جايىغا تىگىشى ئۈچۈن بۇ پۇلنى «مۇرادجاننىڭ مۇراجەتنامىسى»دىكى ئىنىمىزغا يوللاپ بېرىشنى توغرا كۆردۇق.


بۇ پۇل ئاللا خالىسا بۈگۈن مۇرادجاننىڭ تېمىسىدا قالدۇرۇلغان يېزا-ئىگىلىك بانكىسىنىڭ ھېسابىغا ئاغدۇرىلىدۇ. پۇل ئىگىسىنىڭ خەۋەردار بولۇپ قېلىشىنى سورايمىز ۋە رازى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


قېرىندىشىنىڭ يىغىسىغا تەڭ يىغلىغان بارلىق قېرىنداشلارغا ھۆرمىتىمنى ۋە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!



مۇرادجاننىڭ مۇراجەتنامىسى: http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=51847

format يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:36:19

دىمەك 180مىڭ سوم يىغىلىپ بولدىما؟

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 11:10:49

paypal دىن بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققىگە خېلى كۆپ دوللار تۇتۇپ قالىدۇ. مۇشۇ دوللارن تىجەپ قىلىش ئۈچۈن توردىن Windows 8 سېتىۋالالمايۋاتقانلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلساق قانداق؟



يېقىندىن بۇيان بەزى تورداشلار paypal ھېساباتىغا پۇل لىقلىيالماي Windows 8 نىڭ دۇرۇس نەشرىنى سېتىۋالالمايۋاتىدۇ، مۇمكىن بولسا شۇنداق ھاجەتمەن تورداشلارغا سىز paypal دىكى پۇلنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ كارتىڭىزغا خەلق پۇلى ئۇرۇپ بەرسە، ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى بولاتتى.



مۇشۇنداق بولغاندا بانكا ئارا پۇل ئاغدۇرۇشقا كېتىدىغان رەسمىيەت ھەققى قىيىنچىلىقى بار مۇرادجانغا تېگەتتى.

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 12:04:54

مۇرادجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەن يەتكۈزۈپ قوياي ! رەھمەد قېرىندىشىم !

imtiyaz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 12:05:03

مۇرادجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە مەن يەتكۈزۈپ قوياي ! رەھمەد قېرىندىشىم !

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:05:05

ئۇ قىز ئوپىراتسىيە قىلىپ بولۇندى .ھازىر نورمال داۋالىنشى باسقۇچىدا ئىكەن .

بورتالادىكى ھەر قايسى مەسچىتلەردىن 40000 سومغا يېقىن پۇل چۈشتىمىكىن ، مەن ئەۋەتكن 9295سوم ۋە ئوقۇتقۇچسىغا تاپشۇرغان 1470 سوم ،جەمىئىي 10865 سوم ،ئاندىن مەكتىۋىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە بورتالادىكى باشقا ساھەلەردىن يىغىلىپ بىۋاستە يەتكۈزۈلگەن ،توردىن بىۋاستە شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بېرىلگەن پۇللار بىلەن بۇ قىزنىڭ مۇراجىتى تېزلا ھەل بولدى .

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:15:05

2- قەۋەتتىكى Saralikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

paypal دىن بانكا كارتىسىغا پۇل يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققىگە خېلى كۆپ دوللار تۇتۇپ قالىدۇ. مۇشۇ دوللارن تىجەپ قىلىش ئۈچۈن توردىن Windows 8 سېتىۋالالمايۋاتقانلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلساق قانداق؟



يېقىندىن بۇيان بەزى تورداشلار paypal ھېساباتىغا پۇل لىقلىيالماي Windows 8 نىڭ دۇرۇس نەشرىنى سېتىۋالالمايۋاتىدۇ، مۇمكىن بولسا شۇنداق ھاجەتمەن تورداشلارغا سىز paypal دىكى پۇلنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، ئۇلار سىزنىڭ كارتىڭىزغا خەلق پۇلى ئۇرۇپ بەرسە، ھەر ئىككى تەرەپكە ياخشى بولاتتى.



مۇشۇنداق بولغاندا بانكا ئارا پۇل ئاغدۇرۇشقا كېتىدىغان رەسمىيەت ھەققى قىيىنچىلىقى بار مۇرادجانغا تېگەتتى.

goodluckنىڭ دىگىنى ئالىپاي،پايپال ئەمەس!!

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:20:10

5- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇ قىز ئوپىراتسىيە قىلىپ بولۇندى .ھازىر نورمال داۋالىنشى باسقۇچىدا ئىكەن .

بورتالادىكى ھەر قايسى مەسچىتلەردىن 40000 سومغا يېقىن پۇل چۈشتىمىكىن ، مەن ئەۋەتكن 9295سوم ۋە ئوقۇتقۇچسىغا تاپشۇرغان 1470 سوم ،جەمىئىي 10865 سوم ،ئاندىن مەكتىۋىدىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ۋە بورتالادىكى باشقا ساھەلەردىن يىغىلىپ بىۋاستە يەتكۈزۈلگەن ،توردىن بىۋاستە شۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ بېرىلگەن پۇللار بىلەن بۇ قىزنىڭ مۇراجىتى تېزلا ھەل بولدى .

بورتالا خەلقىگە كۆز تەگمىسۇن. بىر-بىرىگە يەنىمۇ مېھرى-مۇھەببەتلىك قىلسۇن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:57:02

مەندىكى 1034.80 يۈەننى 1100 يۈەن قىلىپ ATM دىن ماڭدۇرسام، 100 كوينى پەقەت تونىماي تۇرىۋالدى، ئالماشتۇرىۋىرەي دىسەم كەيمىندە ئۆچرەت ئۇزۇن شۇڭا 1000 سومنى ماڭدۇرىۋەتتىم، 5 سومنى رەسمىيەتكە تۇتۇپ قالدى بولغاي. شۇنداق قىلىپ 34.80 سوم مەندە قەرز قالدى.
بەت: [1]
: 180 مىڭ سومدىن ئاشقان پۇل