mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 23:43:35

ھالال win8 نى ھارام قىلىپ سالدىم.[تېخنىكا]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .


مەن 12-ئايدا windows 8 نى 248 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم http://shop.edu.cn/ مۇشۇ توربەتتىن،


كىيىن مۇۋاپپەقىيەتلىك قاچىلاپ ھەم ئاكتىپلاپ ئىشلەتكەن ئىدىم، نورمال ئىشلەۋاتاتتى.


بۆگۈن كومپىيوتىرىمنىڭ cpu سى بىلەن ئانا تاختىسىنى ئالماشتۇرۇپ قايتا قاچىلىسام نورمال قاچىلاندى لېكىن ئاكتىپلانماي تۇرىۋالدى،«بۇنىڭدىن بۇرۇن بىرنەچچە قېتىم قايتا قاچىلىغان ئىدىم نورمال بولغان» microsoft قىمۇ تېلفۇن ئۇرۇپ سىناپ باقتىم ئۇلار نىڭ دىيىشىچە مەن سېتىۋالغان سىستىمىنى ئورگان بېتىدىن سېتىۋالغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرەلمەيدىكەن، شۇڭا ماڭا ياردەم قىلالماشمىس.


ئەتتىگەندىن بېرى تور ئارىلاپ ھېچ بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالمىدىم.


ئەمدى مۇشۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردىن ئۆتكەن بولسا ھەل قىلىش چارىسى چىقىپ قالار دىگەن ئۈمىدتە.


خاتالىق ئۇچۇرى مۇنداق:

错误代码:0xc004c008


PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 00:16:50

ئالە شەنى ، مەنمۇ قاچىلاشتىن قۇرقۇپ تۇرىمەن ماۋۇ سىستىمىنى . ناۋادا قاتتىق دىسكا ئالمادىس رەھمەتلىك بۇپ كەتسە قانداق قىلارمەن دەپ .

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 00:48:55

سېستېمىنى قايتا قاچىلاپ قايتىدىن ئاكتىپلاڭ.

مەنغۇ cpuئالماشتۇرمىغان،ئاساسىي تاختىنى ئالماشتۇرغاندا ئاكتىپلانماي تۇرۋالغان.كېيىن قايتا قاچىلسام ئاكتىپلانغان.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 07:00:46

دېمەك ئورگان بېتىدىن سېتىۋېلىش كېرېككەن شۇنداقمۇ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 07:01:54

ئەگەر سېتىۋالغان تور بېكەت بىلەن ئالاقىلاشسىڭىزچۇ

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 08:58:13

بۇ ئىش ئانچە چوڭ ئىشمۇ ئەمەس، چۇنكى سىزنىڭ 3 دېتالىڭىز ئالماشتۇرۇلغاندىلا ئاندىن ئاكتىپلاش ئەمەس قاچىلىغىلىمۇ بولمايدۇ، يەنى ئاساسى تاختا،مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، قاتتىق دىسكا تەڭلا ئالماشتۇرۇلسا ئاندىن ،مىكروسوفت بىلەن ئالاقىلىشىسىز،شۇنىڭدىمۇ ئورگان تەرەپتىن سېتىۋىلىشىڭىز شەرت قىلىنىدۇ.

مەنمۇ ئورگان تەرەپتىن سېتىۋالغان،ئارادا ئاساسى تاختام كاردىن چىقىپ ئالماشتۇردۇم،قاچىلاش،ئاكتىپلاش بىمالال راۋان بولدى،سۇئال-سوراقمۇ بولمىدى.  {:92:}

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 09:06:33

ئەمدى قانداق قىلىشىمنى راستلا بىلەلمىدىم.

كومپىيوتىرىمنىڭ بۇرۇنقى سەپلىمىسى سەل تۈۋەن ئىدى شۇڭا ئالماشتۇرغان ئىدىم ئەمدى بۇرۇنقى ئانا تاختىنى سالسام ئەسلىگە كىلەرمۇ؟

كومپىيوتىرىمنىڭ ئالماشتۇرۇلغان سەپلىمىلىرى ئاساسىي تاختا ئىچكى ساقلىغۇچ cpu دىن ئىبارەن ئۈچ دانە زاپچاس ئىدى.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 09:40:45

http://answers.microsoft.com/zh-hans/Site/PageNotFound?path=zh-hans%2Fwindows%2Fforum%2Fwindows_8-ime%2Fwindows-8%2F

ھازىر ماۋۇ توربەتكە چىقىرىپ قويدۇم سۇئالىمنى.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 09:51:34

ئاخىرى مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاكتىپلىدىم \"\" \"\"

8008301832 بۇ نۇمۇرغا تېلفۇن ئېلىپ ئەھۋالنى دىسەم ئاخشام ئۇلار مىنىڭ قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق سېتىۋالغانلىقىمنى جەزىملەشتۈرەلمىگەنلىكىنى ئېيتىپ ئاكتىپلاپ بەرمىگەن ئىدى.

ھازىر قايتا تېلفۇن قىلسام بىر قىزچاق ئالدى«ئاخشام بىر ئوغۇل بالا ئالغان ئىدى، گىپىمگىمۇ ئانچە ئىرەن قىلمىغان»

شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزچاققا ئەھۋالنى دىسەم قانداق ئۇسۇلدا سېتىۋالغان دەيدۇ، مەن بۇنى http://shop.edu.cn مۇشۇ توردىن سېتىۋالغانلىقىمنى ئېيتتىم ئۇ قىزچاق بىردەمدىن كىيىن بىرقاتار نۇمۇرلارنى دەپ بەردى«مەنمۇ ئالدىدا ئۇنىڭغا كومپىيوتىرىمدا كۆرۈنگەن نۇمۇرلارنى دەپ بەرگەن ئىدىم.» شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزچاق دەپ بەرگەن نۇمۇرلارنمى بىر-بىرلەپ كومپىيوتىرىمنىڭ كىرگۈزىدىغان يېرىگە كىرگۈزسەم 激活 دىگەن كونوپكا يۇرىدى شۇنى بېسىۋىدىم سىستىما مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاكتىپلاندى، ئۇ قىزچاق بۇ سىستىمىنى بىرلا ۋاقىتتا پەقەت بىرلا كومپىيوتىرغا قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە يەنە باشقا سورايدىغان مەسىلە بار يوقلىقىنى سورىدى، مەن يوق دىسەم ئۇ تېلفۇننى قويىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تېلفۇننى قويىۋەتتىم-دە بۇ خەتنى بۇ يەرگە يازدىم.

Misaljan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 19:06:53

مەن بۈگۈن windows 8 نى سېتۋېلىپ قاچىلىغان ئىدىم بىراق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك مەسىللەر بايقىلىپ قالدى .

1. windows 8 نى قاچىلاپ بولۇپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن Internet Explorer قوزغالماي تۇرۋالدى . تورغا چىقىشقا ئىمكانىيەت قىلالمىدىم.

2. ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى قاچىلىغاندىن كېيىن خەت نۇسخىلىرىغۇ نورمال بولدى بىراق سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىگە ئايلىنىشقا تېگىشلىك بەزىبىر كۆزنەكلىرى يەنىلا شۇ پېتىم تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسەتكىلى بولامدۇ؟

ئىلگىرى windows 8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار بولساڭلار مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ماڭا ئازىراق يول كۆرسەتكەن بولساڭلا.

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:04:41

Misaljan ناۋادا سېسىتمىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ كوك كوت نۇمۇرىمنى قېتىۋېلىڭ مەن چىرايلىق قىلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى ھەم فونتلارنى يوللاپ بىرەي

چ چ -----------928021205

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:04:41

Misaljan ناۋادا سېسىتمىنىڭ خېتىنى چىرايلىق قىلماقچى بولسىڭىز مىنىڭ كوك كوت نۇمۇرىمنى قېتىۋېلىڭ مەن چىرايلىق قىلىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى ھەم فونتلارنى يوللاپ بىرەي

چ چ -----------928021205

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:12:38

ئەپسۇس ،خاتا ھەم ئارتۇق يوللىنىپ كىتىپتۇ يا تەھرىرلىگىلى ياكى ئۈچۈرگىلى بولمىدى

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 21:15:50

دىدىمغۇ، مىكروسوفتتىن باشقا بېكەتتىن سېتىۋالساڭلار، ئېخەتنى قانداق ئادرىستا ئەۋەتىدىكەن دەپ..

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 21:57:14

13- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىدىمغۇ، مىكروسوفتتىن باشقا بېكەتتىن سېتىۋالساڭلار، ئېخەتنى قانداق ئادرىستا ئەۋەتىدىكەن دەپ..

مەن Microsoft تىن سېتىۋېلىپ باقمىدىم، لېكىن مەن سېتىۋالغان توربەتتىن مۇنداق مەزمۇندا كىلىدىكەن.




校园先锋 <studenthero.ch@shop.edu.cn>  


XX月XX日 (X 天前)








发送至 我









图片没有显示。 显示以下图片 - 始终显示来自studenthero.ch@shop.edu.cn的图片







校园先锋




亲爱的XXXXXXXXXXXXXXXX,您好!

感谢您加入赛尔校园先锋并购买产品,以下是您购买产品的详细信息:


产品名称: Microsoft Windows 8 专业版


产品密钥: XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX-XXXXX




(请您妥善保管产品密钥,如果不慎丢失,您可以登录http://shop.edu.cn,进入会员中心→已购软件→点击“重发密钥”,密钥将重新发到您的注册邮箱中。如有任何问题请致电: 400-676-7170 (周一至周五 X:XX-XX:XX, 节假日除外),或发邮件至service@shop.edu.cn



安装方法:请您按以下步骤完成升级安装Windows 8 专业版

1. 确保电脑配置符合安装要求,查看配置要求;

2. 下载Windows8-Websetup,点击此处下载;

(如果上述文字点击无效,请把下面网页地址复制到浏览器地址栏中打开:

http://download.shop.edu.cn/Microsoft/W8DL/websetup.html)

如果您还无法下载Windows8-Websetup,请点击这里索取客户端介质。

3. 运行Windows8-Websetup.exe,按照程序提示下载安装Windows 8。




订单编号:XXXXXXXXXXXXXXXXXX


付款日期:XXXX-XX-XX XX:XX:XX



购买者姓名:XXXXXXXX


购买者帐号:XXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


身份证号:XXXXXXXXXXXXXXXXXXXX


电话号码:86-XXX-XXXXXXXXXXXX



校园先锋的产品仅限于中国内地高校学生或教师群体购买、使用,不得进行出售、转让、拍卖等交易行为,如经查证有倒卖的现象,您购买产品的密钥将有可能被回收,我们保留追究其法律责任的权利。感谢您使用正版软件!

此为系统邮件,请勿回复

您在购买过程中有任何疑问,请查阅 帮助中心 或联系客服电话:400-676-7170 (周一至周五 X:XX-XX:XX, 节假日除外)。

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 21:57:50

قايتا يوللىنىپ كىتىپتۇ.


ئىشقىلىپ يۇقارقىدەك ئۇچۇر كىلىدىكەن.


Microsoft تىن paypal ئارقىلىق سېتىۋالغانلارنىڭكىنىمۇ بىر كۆرسەك بۇلىتتى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 22:03:03

9- قەۋەتتىكى Misaljanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن بۈگۈن windows 8 نى سېتۋېلىپ قاچىلىغان ئىدىم بىراق قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق بىر نەچچە تۈرلۈك مەسىللەر بايقىلىپ قالدى .

1. windows 8 نى قاچىلاپ بولۇپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن Internet Explorer قوزغالماي تۇرۋالدى . تورغا چىقىشقا ئىمكانىيەت قىلالمىدىم.

2. ئۇيغۇرچە تىل بولىغىنى قاچىلىغاندىن كېيىن خەت نۇسخىلىرىغۇ نورمال بولدى بىراق سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىگە ئايلىنىشقا تېگىشلىك بەزىبىر كۆزنەكلىرى يەنىلا شۇ پېتىم تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرسەتكىلى بولامدۇ؟

ئىلگىرى windows 8 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقانلار بولساڭلار مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە ماڭا ئازىراق يول كۆرسەتكەن بولساڭلا.



windows 8 نىڭ سىستېما خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىش

Kulke يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 23:27:27

15- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قايتا يوللىنىپ كىتىپتۇ.


ئىشقىلىپ يۇقارقىدەك ئۇچۇر كىلىدىكەن.


Microsoft تىن paypal ئارقىلىق سېتىۋالغانلارنىڭكىنىمۇ بىر كۆرسەك بۇلىتتى.



مەن ئىزچىل شۇ پايپال ئارقىلىق سېتىۋالىمەن ۋە سېتىۋېلىپ بېرىمەن باشقىلارغا. ھازىرغىچە ئالغان 60 قا يېقىن تورداشقا شۇ پايپالدىن ئېلىشىپ بەردىم. ئېلىش ئۇسۇلى قۇتياردا بار. ئۇنىڭدىن (سېتىۋېلىش ياردەمچىسىدىن دېمەكچى) ئالسا بەكرەك ئىشەنچىلىك دەپ ئويلايمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:01:32

مەنمۇ xx@shop.baqka.com دەپلا ئارىدىن نەچچە مو پايدا ئېلىپ ئوننى سېتىۋىتەيمىكى.. \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 22:16:28

15- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل Microsoft تىن paypal ئارقىلىق سېتىۋالغانلارنىڭكىنىمۇ بىر كۆرسەك بۇلىتتى.

ئەۋەتكۈچى ئادرىسى مۇشۇنداق شەكىلدە (ئېكىسنى ئۆزەم ئالماشتۇرۇۋەتتىم)، ماڭا ئەڭ لازىمى كەينىدىكى مىكروسوفت دىگەن خەتنى كۆرۈشۈم كېرەك:

Store.STOR.xx.xx.EN.xxx.xxx.xx.xx.xx.xx.xx@css.one.microsoft.com


بەت: [1] 2
: ھالال win8 نى ھارام قىلىپ سالدىم.[تېخنىكا]