tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 16:21:24

كىتاب تەۋسىيە قىلامدۇق!

كىتاب تەۋسىيە قىلامدۇق!



كۆپىنچە كىشىلەر تاڭ سەھەردە، كاللىنىڭ ئۇچۇق چاغلىرىدا كىنو كۆرمەسلىكى،
بۇنداق چاغلاردا شۇ كۈنننىڭ مۇھىم- مۇھىم ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قىلىشى، ھالقىلىق،
كاللا كېتىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كىنو دېگەننى چارچىغاندا، ئىش- ئوقەتلەرنى تۈگىتىپ
ئاخشىمى ئۆيدە بولغاندا كۆرىشى، كىنو كۆرۈشنى بىر خىل دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش دەپ
قارىشى مۇمكىن.


مۇشۇنداق قاتتىق سوغۇق بولۇپ، بىرەر مۇھىم ئىش بولمىسا ئادەمنىڭ سىرىتقا
چىققۇسىمۇ كەلمەيدىغان كۈنلەردە ئىزدىنىشلىقلار ئىرىنمەي- زىرىكمەي ئولتۇرۇپ
يوللاپ، تەۋسىيە قىلغان ياخشى كىنولار ئادەمگە تازا ياقىدىكەن. ئەمما، بەزىدە كىشىنىڭ
ھەر قانچە ياخشى كىنو بولسىمۇ كۆرگۈسى كەلمەيدىغان ياكى كىنو كۆرۈشكە نامۇۋاپىق
چاغلار بولىدىكەن. بولۇپمۇ، شەنبە- يەكشەنبە، تەتىل كۈنلىرى ئەتىگەنكى كاللىنىڭ
سەگەك ۋاقىتلىرىدا، قىلاي دېسىمۇ مۇھىم
ئىشى بولمىغان چاغلىرىدا كىنو كۆرۈش تازا قاملاشمىغان ئىش بولىدىكەن. ئەمدى،
بۇنداق ۋاقىتتا، مەزمۇنى ئەنە شۇ رەڭدار ئېسىل كىنولاردىن قېلىشمۇغۇدەك كىتابلار
بولسا ئوقۇشقا تازا لايىق ئىكەن. كىتاب ئوقۇش پەقەت بىلىم ئېلىش ئۈچۈنلا بولماستىن
يەنە ھۇزۇرلىنىش، ھارغىنلىقنى تۈگىتىش، كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئەلۋەتتە.
تۆۋەندە، ئەتىگىنى ئۇخلىماي، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەن، قاق سەھەردە(قاغا پوق
يىمەستە) كىنو ۋارقىرتىشنى ياقتۇرمايدىغانلارغا(ئەلۋەتتە باشقىلارمۇ بار جۇمۇ!)
ئۆزۈم ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ياخشى كىتابلاردىن بىر قانچىنى تەۋسىيە
قىلىمەن:


(1) شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى


بۇ تارىخى كىتاب 1300 بەتلىكتىن ئارتۇق بولۇپ، مەرھۇم ئاتاقلىق تارىخچى
ئەنۋەر بايتۇر(تارىخى ھەمىدىنى نەشىرگە تەييارلىغان كىشى) ئەپەندى بىلەن خەيرىنىسا
سىدىق يازغان، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخى
ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەرگەن كىتاب. ئوقىسىڭىز رايونىمىزدىكى
مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ئالاقىدار قانائەتلەنگۈدەك بىلىملەرگە ئېگە بولىسىز.


(2) مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ قايتا ئورنىتىلىشى


بۇ كىتابنى ئامېرىكىلىق سەيمىل خانتىڭتون يازغان. ئابدۇرېھىم دۆلەت، ئادىل ئابدۇقادىرلار تەرجىمە
قىلغان. بەلكىم بۇ كىتابنى ئىزدىنىشتىكى نۇرغۇن تورداشلار ئوقۇغان بولسا كېرەك.


مەن بۇ كىتابنى تۆت يىلنىڭ ئالدىدا تاساددىپىي پۇرسەتتە ئۇچرىتىپ قالغان ۋە
دادام ئايدا ئەۋەتىدىغان 400 يۈەن تۇرمۇش پۇلۇمدىن ئۈچ كۈن ئىقتىساد قىلىپ 25 يۈەن
يىغىپ سېتىۋالغان، ھەمدە قۇرۇق ناننى غاجاپ ئولتۇرۇپ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن
ئوقۇغان ۋە خېلى كۆپ بىر نېمىلەرنى ھېس قىلغان ئىدىم. ئۆز ۋاقتىدا ئەسلى بۇ
كىتابنى سېتىۋېلىش ئويۇم يوق ئىدى. لېكىن، ۋاراقلاپ كۆرسەم ئابدۇقادىر جالالىدىن
كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن(ئۇ چاغلاردا ئا. جالالىدىننىڭ ماقالىلىرىنى ياقتۇرۇپ
ئوقۇيتتىم) ۋە كىتابنىڭ بىر يەرلىرىدە خېلى ياخشى، ئادەمنى قايىل قىلىدىغان سۆز- جۈملىلەرنى
كۆرۈپ قالغان ئىدىم. شۇندىن بىرى بۇ كىتابنى ساقلاپ كېلىۋاتىمەن، تېخى بەزىدە شۇ
چاغدا سىزىپ قويغان يەرلەرنى قايتا- قايتا ئوقۇپ قويىمەن.


(3) يەھۇدىلارنىڭ سىرى


«يەھۇدىلارنىڭ سىرى»نىڭ ئەسلى يازغۇچىسى خې شيۇڭفېي(خەنزۇ)،
تەرجىمە قىلغۇچىلار ئەبەيدۇللا ئاقۇپ، مۇختار ھوشۇر، ئابدۇللا روزى.


گەرچە يەھۇدىلارغا نۇرغۇن كىشىلەر ئۆچ بولسىمۇ،
يەھۇدىلارنى پەس دەپ قارىسىمۇ، ئەمما، ئۇ خەقنىڭ بىر قىسىم يەرلىرىنى ئۆگىنىشكە
ئەرزىيدۇ. مەزكۇر كىتابتا يەھۇدىلارنىڭ قانداق قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقى، قانداقسىگە
يوقالغان تىلىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلىگەنلىكى، دۇنيادىكى داڭلىق يەھۇدى بايلىرى،
ئالىملىرى توغرىسىدا، شۇنداقلا ئىسرائىيلىيەنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ...قاتارلىق نۇرغۇن مەلۇماتلار بار. ئىشقىلىپ ساقلىمىسىمۇ بىر
ئوقۇشقا، ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان كىتاب.


(4) تارىمنىڭ يۈرىكى ئوت


بۇ كىتابنى ئۆمەرجان ئىمىن كېرىيە ناھىيەسىدىكى «دەريا
بۇيى» دېيىلىدىغان بىر يەرنى ئەمەلىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يازغان.
كىتابنىڭ بېشىغا دوكتۇر ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت نېمىشقا
ئۆچمەيدۇ؟» ماۋزۇسىدا كىرىش سۆز يېزىپ بەرگەن ۋە كىرىش سۆزىدە « <تارىمنىڭ
يۈرىكى ئوت> » ناملىق ئەسەر دەريا بۇيىدىن ئىبارەت بۇ كۆزنەك ئارقىلىق بىزنى
تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى كەسكىن
پىكىر يۈرگۈزۈشكە دەۋەت قىلىدۇ. بىزگە يەنە ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان، ئەمما، ۋاز
كېچىشكە ئەسلا بولمايدىغان بۇرۇچ تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.» دەپ يازغان.


(5) مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بىر قىسىم
ھېكايە- پوۋسىتلىرى


مەمتىمىن ھوشۇر 90- يىللاردا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى
ئارىسىدا زور شۆھرەتكە ئېگە بولغان داڭلىق يازغۇچى، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان
يازغۇچىلىرىنىڭ تونۇلغان ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ «ساراڭ»، «قىرلىق ئىستاكان»،
«ئالتۇن چىشلىق ئىت» قاتارلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە، تىلى ئاددى، قىزىقارلىق،
چۈشىنىشلىك «ساراڭ تىپىدىكى ھېكايىلىرى» ۋە «سالام، ھېسام ئاكا» دېگەندەك پوۋسىتلىرىنىڭ
مەزمۇنى چوڭقۇر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىنتايىن قىزىقارلىق. «ئۈچ ئەخمەق»، «قىساسكار
چىۋىن»گە ئوخشاش كومىدىيەلىك كىنولارنى كۆرۈپ قانغۇچە كۈلگەن سىز، مەن تىلغا
ئالغان يۇقىرىقى ھېكايە- پوۋسىتلارنى ئوقۇغاندا، ئىشىنىمەنكى، شۇ فىلىملەرنى
كۆرگەندە ھۇزۇرلانغاندەك ھۇزۇرلىنىسىز، كۈلگەندەك كۈلىسىز.


ھە راسىت! مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىنىڭ
«سالچىلار» ناملىق رومانى نەشىر
قىلىنماقچىمىشكەن. نەشىر قىلىنغانمىدۇ؟؟؟


(6) يىلتىز


ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچى، مەشھۇر يازغۇچى ئالېكىس خالېي يازغان « يىلتىز» ناملىق رومان ئەينى يىللاردا
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەسلىنى ئەسلەش، يىلتىزىنى ئىزدەش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان.



ئالېكىس
خالېي 1976 - يىلى نەشىر قىلىنغان بۇ رومانىنى يېزىش ئۈچۈن 12 يىل ئىزدەنگەن ،


تارىخنىڭ
ھەقىقىي قىياپىتىنى يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئافرىقا، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق يەرلەردە
ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان،نۇرغۇن ئارىخىپ ۋە ماتېرىيال باشقۇرۇش
ئورۇنلىرىغا بېرىپ ماتېرىيال كۆرگەن، ئەنگىلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئەينى يىللاردىكى
نېگىر قۇللارنى يۆتكەپ سېتىشقا ئائىت خاتىرە - ھۆججەتلەرنى تېپىپ ئوقۇغان . «يىلتىز»
نەسەبنامە خارەكتېرلىك رومان بولسىمۇ ، ئاپتور ئۇنى يېزىشتا نوقۇل تار دائىرە بىلەنلا
چەكلىنىپ قالمىغان، بەلكى ئىنتايىن كەڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا بىر نەسەبنىڭ
ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىنى، بىر جەمەت كىشىلىرىنىڭ ئافرىقىدىكى ئەركىن تۇرمۇشى،
ئامېرىكىدىكى ئېچىنىشلىق قۇللۇق تۇرمۇشى ۋە ئاخىرىدا ئەركىنلىككە ئېرىشىش جەريانىنى
ئىنچىكە ھەم بەكمۇ تەسىرلىك تەسۋىرلىگەن . پۈتكۈل ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان
ئىجتىمائىي بەخىتسىزلىكلىرى ، مىللىي ئىزدىنىشلىرى ، خورلۇققا ، ھاقارەتكە تولغان ھايۋان
كەبى تۇرمۇشى؛ ئىنسانىي ھوقۇقى ، تاللاش ئەركىنلىكى بولمىغان ئېچىنىشلىق تەقدىرى؛
قۇللۇقنىڭ قارا زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ، ئىنسانىي ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى
مۇجەسسەملەنگەن بۇ تارىخىي روماننىڭ ئېلان قىلىنىشى چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە كەڭ
ئىجتىمائىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇپ قالغان .


سىز
ئۆزىڭىزنىڭ قان- قېرىنداش ئەجدادلىرى توغرىسىدا قانچىلىك بىلىسىز؟ ئۆزىڭىزنىڭ بەش
ئەۋلاد ئاتا- بۇۋىلىرىڭىزنى دەپ بېرەلەمسىز؟ مېنىڭچە دەپ بېرەلەىدىغانلار
ساناقلىقلا.


ئەجداد-
ئەۋلادلار ئارىسىدىكى تۇغانچىلىقنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلەمسىز؟


نېمىلا
بولمىسۇن، «يىلتىز»نى بىر ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.



(7)
ھازىرقى بالىلار كارامەت


«ھازىرقى بالىلار
كارامەت» (
şimdiki
çocuklar harıka
) ناملىق بالىلار ئەسىرىنى تۈركىيەلىك داڭلىق يازغۇچى ئەزىز نەسىن
چۈچۈك، ئاددى بالىلار تىلىدا، بالىلار
ۋەقەلىكىنى يازغان بولۇپ، گەرچە ئاددىي- ئاددىي ئىش- ۋەقەلەرنى يازغان بولسىمۇ
ئەمما، تىلى بەك ئاددى ھەم ئىنتايىن قىزىقارلىق، بەزى تەپسىلاتلار ئادەمنى قاتتىق
ئويلاندۇرىدۇ. قىسقىسى، تۈركچە
بىلىدىغانلار تۈركچە ئەسلى نۇسخىسىنى، تۈركچە بىلمەيدىغانلار ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى
ئۆيىڭىزدە مەشنىڭ(ياكى پارنىڭ) يېنىدا ئولتۇرۇپ باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بالىلىرىڭىزغا ئوقۇپ بەرسىڭىز بالىلىرىڭىز تازا كۈلىدۇ،
خۇش بولىدۇ. سىزمۇ ھەم شۇنداق بولىسىز ئەلۋەتتە. ئۇ چاغدىكى تۇيغۇ... ۋاھ...!


مېنىڭ دەماللىققا ئېسىمگە كەلگەن ياخشى
كىتابلار مۇشۇنچىلىك. قالغىنىنى يەنە
دەرمەن.



قېنى، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ياخشى
كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىڭلار، بولسا كۆپرەك تەۋسىيە قىلىپ بۇ «كىتاب تېمىسىنى» بىر
قىزىتايلىچۇ...


zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 16:09:22

«سالچىلار»توغرىلىق ھېچكىم گەپ قىلماپتىغۇ؟قاچانراق چىقىدىغىنى توغرىلىق ئۇجۇر-بۇجۇرىنى بىلىدىغانلار يوقمۇ؟«ئىلى دەرياسى»نىڭ قايسىبىر سانىدا پارچە بېرىپتىكەن.

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 11:16:57

‹‹ئەخمەق ۋىلسۇن››نى ناھايىتى ناچار تەرجىمە قىپتىكەن. مەن بەك تەستە قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقۇدۇم. تەرجىمە دىگەننىمۇ قىلالايدىغان ئادەم قىلمىسا بىكاركەن جۇمۇ \"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 12:06:47

43- قەۋەتتىكى karguli612نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خالىد ھۇسەيننىڭ:لەگلەگ ئۇچۇرغۇچى بالا،جېن ئوستـيىننىڭ:تەكەببۇلۇق ۋە ئادەۋەت قاتارلىقلار. بۇ يازغۇچىلارنىڭ باشقا كىتاپلىرىنىمۇ شۇنداق ئوقۇغۇم بار.

بۇلۇپمۇ «لەگلەگ ئوچۇرغۇچى بالا» نىڭ ئاپتۇرى ھەم تەرجىماننىڭ سۆز قابىليىتگە بەكمۇ قايىل بولدۇم،بىرئولتۇرىشىمدا تۇگەتكەن ئىدىم بۇ كىتاپنى.



ئەمىسە بۇ يازغۇچىنىڭ يەنە بىر ئەسىرىنى ئوقۇپ بېقىڭ. ئوخشاش تەسىرلىك.


A Thousand Splendid Sunsناملىق بۇ كىتاپ \"لەگلەك ئۇچۇرغىچى\"دىن كېيىنلا يېزىلغان بولۇپ ناھايىتى بازارلىق كىتاپلارنىڭ بىرسى بولغان ئەينى چاغدا.ئۇيغۇرچە \"مىڭلىغان قۇياش\" دەپ ئالغىنىنى كۆرگەنتىم بىرسىنىڭ ئۇيغۇرچە ماقالىسىدا.


espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 12:09:26

25- قەۋەتتىكى murat001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مويەننىڭ 丰乳肥臀 ‹‹تولغان كۆكسى ،كېلىشكەن ساغرا›› جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ كارتىنىسىكەن...كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ...



بۇ كىتاپنىڭ سىنارىيە ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى 10 مىليونگە سېتىۋاپتۇ، كېلەر يىلى كىنوسى ئىشلىنىدىكەن.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 00:52:39

گراف مونتې-كرىستونى بىر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇۋەتتىم؛ ھوزۇرلاندىم. بۇ مەن ئەڭ تېز ئوقۇپ تۈگەتكەن كىتاب بوپتۇ.


ئەڭ كۆپ تەكرار ئوقۇغۇنۇم، يەنى ئۈچ قېتىم ئوقۇغىنىم: \"يۈز يىل غېرىبلىق\"


ئىككى قېتىمدىن تەپسىلى ئوقۇپ تۈگەتكەنلىرىم: \"جىنايەت ۋە جازا\"؛ \"بوۋارى خانىم\"؛ \"تىرىلىش\"، \"خارلانغانلار\"نى قايتا ئوقۇماقچى بولۇۋاتىمەن، \"ئۆلۈك يانچىلار\"نىڭ تىلىمۇ ناھايىتى گۈزەل... يېنىك...


ھازىرچە شۇ ئەدەبى ئەسەرلەردىن باشقىسىغا ئېشىنالمايۋاتىمەن... نوچى كىنو بولمىغان چاغدا بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇل، ھوزۇرلىنىشقا...\"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 01:00:19

«پارما مۇناستېرى»نى يېرىملاشتۇرۇپ قويدۇم؛ دوستويېۋسكىنىڭ «ئەخمەق»نى باشلاپ قويدۇم؛ «ھاقارەت ۋە رىيازەت»نى تۈگەتتىم. جېيىن ئوستىننىڭ «تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت»نىمۇ باشلاپ قويدۇم... \"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 01:18:52

چارلىز دىككېنىسنىڭ ئىككى شەھەر ھەققىدە ھېكايىسى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ قويدى. شەۋكەت سىدىقىنىڭ ئاللانىڭ زېمىنى ناملىق رومانىنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاپ شۇنداق جىقكەن، ئايپەتتە شېكىسپېرنىڭ 43 درامىسىغا ئائىت ئەپنى چۈشۈرۈپ، ئېنگلىزچىنى بىلمىگەچكە ئوقۇيالمىدىم. بۇ درامىلار ئۇيغۇرچە چىقسا بولاتتى...

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 06:39:01

3- قەۋەتتىكى Afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چارلىز دىككېنىسنىڭ ئىككى شەھەر ھەققىدە ھېكايىسى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ قويدى. شەۋكەت سىدىقىنىڭ ئاللانىڭ زېمىنى ناملىق رومانىنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاپ شۇنداق جىقكەن، ئايپەتتە شېكىسپېرنىڭ 43 درامىسىغا ئائىت ئەپنى چۈشۈرۈپ، ئېنگلىزچىنى بىلمىگەچكە ئوقۇيالمىدىم. بۇ درامىلار ئۇيغۇرچە چىقسا بولاتتى...


Burun bir yerde Shakespeare Sonnetlirining uyghurche terjimisini kögendek qilghan. Ismini bilemsiz?

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 06:40:38

2- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

. جېيىن ئوستىننىڭ «تەكەببۇرلۇق ۋە ئاداۋەت»نىمۇ باشلاپ قويدۇم... \"\"

Jane Austinning eserliri Uyghurchigha terjime qilindima?

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 07:36:35

ئەزىز نەسىننىڭ ھازىرقى بالىلار كارامەت دىگەن ئەسىرىنى ياش ۋاقتىمدا ئوقوغان،ماڭا شۇنداق ياققان ئىدى.كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.كىندول ئالغاندىن بىرى خىلى كىتاب ئوقويدىغان بولۇپ قالدىم، BBCتىزغان دۇنياغا داڭلىق 100رومان دىگەن رومانلار توپلاملىرىنى مارافونچە ئوقوۋاتىمەن.اللە خالىسا ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقىمەن ،بۇمۇ كىتاب ئوقويدىغان ياخشى ۋاقىت.كىتاب ئوقوشقا ئامراق دوسلارنىڭ كىندولدىن بىرنى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

taxtapan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 08:22:09

6- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەزىز نەسىننىڭ ھازىرقى بالىلار كارامەت دىگەن ئەسىرىنى ياش ۋاقتىمدا ئوقوغان،ماڭا شۇنداق ياققان ئىدى.كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.كىندول ئالغاندىن بىرى خىلى كىتاب ئوقويدىغان بولۇپ قالدىم، BBCتىزغان دۇنياغا داڭلىق 100رومان دىگەن رومانلار توپلاملىرىنى مارافونچە ئوقوۋاتىمەن.اللە خالىسا ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقىمەن ،بۇمۇ كىتاب ئوقويدىغان ياخشى ۋاقىت.كىتاب ئوقوشقا ئامراق دوسلارنىڭ كىندولدىن بىرنى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.



izchilar@، بۇرادەر، كىندول دېگەن نېمە نەرسە ئۇ؟ ئۆزرىلەر.

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:11:54


6- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەزىز نەسىننىڭ ھازىرقى بالىلار كارامەت دىگەن ئەسىرىنى ياش ۋاقتىمدا ئوقوغان،ماڭا شۇنداق ياققان ئىدى.كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن.كىندول ئالغاندىن بىرى خىلى كىتاب ئوقويدىغان بولۇپ قالدىم، BBCتىزغان دۇنياغا داڭلىق 100رومان دىگەن رومانلار توپلاملىرىنى مارافونچە ئوقوۋاتىمەن.اللە خالىسا ئۈچ كۈنلۈك سەپەرگە چىقىمەن ،بۇمۇ كىتاب ئوقويدىغان ياخشى ۋاقىت.كىتاب ئوقوشقا ئامراق دوسلارنىڭ كىندولدىن بىرنى ئىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.



ماڭىمۇ كىندولنىڭ كۆزگە ئەكىس تەسىر بەرمەيدىغان ئىلىكتىرونلۇق قەغەز ئىقتىدارى بەكلا ياراپ كەتكەنتى،ئىكرانى بەئەينى گىزىتقىلا ئوخشايدىكەن، بۇ چەتئىەللىكلەركىتاپ ئوقۇشتىكى ساغلام ھالەتنى كۆزدە تۇتقانمۇ قانداق،ھەتتا كەچتە كىتاب ئوقۇيدىغانغا چىراغنىمۇ لايىھەلەپ قويماپتۇ.مەن يىقىندا كىندول3دىن بىرنى ئالاي دىگەن،تاۋباۋدىن ئالسام ئىشەنچلىكمىدۇ؟سىز قاندىقىنى ئالغان؟ئىشلەتكەندىن كىيىنكى تەسىراتىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز،




dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:39:41

نۇر مۇھەممەت توختىنىڭ ئەسەرلىرنىمۇ ئۇقۇپ قۇيۇڭلارئۇقۇمىغان بولساڭلار,(شەھلا كۆز)بىلەن(قارىلغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا)نى بىر ئۇقۇپ ئاندىن چەتئەل يازغۇچىلىرنىڭ ئەسەلىرى توغرۇلۇق پاراڭ قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرسىلەر.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:47:43

ئۆتكەندە كىندول 4 نى مۇشۇ مۇنبەردىكى بىر قىرىندىشىمىزغا ساتقان ئىدىم.كىيىن ئايفوندا كىتاب كۆرۈش ئەپسىز بىلىنىپ يىڭى چىققان كىندول5دىنلا بىرنى ئالدىم.كىندولنى ئالسىڭىز ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك.

ماۋۇ ئاددرىسقا كىرسەڭلار كىندولغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بار:



https://uyghur-archive.com/izdinix/(F(QgLxuyHK3JqpDJKaqxA9eMs9kx9OIkwZfXiClVICaRWBlWlgN_r8FzuJWJLHms8qEv1lMV_uSvaDejV6hTAHGY66c9X15RlEuDKvt4216ig1))/forum.php?mod=viewthread&tid=46622

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:48:32

فرانىز كافكا -قەلئە....

جىيىن ئوستىن -سۆيۈملۈك دۈشمەن .

..جىنايەت ۋە جازا ....

سېللىنگىر..قارانچۇق ..

جاڭ يۆرەن-ئەقىدە

جۇۋىلىق خانىم .تۈركىيە يازغۇچىسى ئىدى ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم.

ئورخان پامۇكنىڭكىنى تاپالىساملا ئوقۇپتىمەن...





مەن ئەدەبىي ئەسەرنىلا تەۋسىيە قىلدىكەنمە \"\"

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:49:57

@afiyfiy كىتاب دېگەننى بىر كىشىلىك ئوقۇپ قويىدىكەنسىزغۇ! سىز تىلغا ئالغان كىتابلارنىڭ بىرىنىمۇ ئوقۇپ باقمىغان ئىكەنمەن.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 10:51:46

9- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نۇر مۇھەممەت توختىنىڭ ئەسەرلىرنىمۇ ئۇقۇپ قۇيۇڭلارئۇقۇمىغان بولساڭلار,(شەھلا كۆز)بىلەن(قارىلغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا)نى بىر ئۇقۇپ ئاندىن چەتئەل يازغۇچىلىرنىڭ ئەسەلىرى توغرۇلۇق پاراڭ قىلساڭلارمۇ ئۈلگۈرسىلەر.



«قارلىغاچ ئۇۋا سالغان ئايۋاندا» مەن نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئوقۇغان. بۇ يازغۇچىمىزمۇ ھېكايىنى ئۇبدان يازىدۇ.

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 11:02:16

ئاننا كارىننانىڭ كىنوسىنى كۆرىۋەتكەننىڭياقى كىتاۋىنى ئوقۇغۇم كەلمەي قېلىۋاتىدۇ



ساۋادىم چىققاندا تۇنجى بوپ ‹‹3-ئىمپىرىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتىنى›› ئوقۇپتىكەنمەن ،.چۈنكى ئىككى قىسىملىق بۇ كىتاپنىڭ مۇقاۋىسىدىكى گېتلىرىنىڭ سۈرلۈك سىزما باش سۈرىتى ۋە قېلىن قېلىن 2 توملۇق كىتاپ ماڭا بەكلا ھەيۋەت بىلىنەتتىئوقۇغان بىلەن مەندە ئۇنى ھەزىم قىلغۇدەك كاللا بولسۇنمۇ ئۇ ۋاقىتتا ئاران 5 ياشتىدە ،،،كىيىنمىڭ بىر كىچە نى ئوقۇدۇم ،،ھازىرغىچە ئامراق شۇ كىچە رىۋايەتلىرىگە ....

كىيىن مارك تىۋىننىڭ ..ھېلىقى بىر فانتازىيە يازغۇچىسىنىڭ .ئەزىز نەسىننىڭ ، ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،، ‹‹جىقلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن›، كىتاپلىرىنى ئوقۇپتىمەن ،تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە كىتاپ دۆۋىسى ئىچىدە ئۆتۈپتىمەن......ئۇچرىغاننى ئوقۇپلا \"\"

ئېسىمدە قېلىشىچە 2003-2001 يىللىرىمۇ ناھىينىڭ كىتاپخانىسىدە پۈتۈنلەي چەتئەلنىڭ .رومانلىرى يولداشلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنىڭ رەسىملىك كىتاپچىلىرى جىقتى .ھازىر ئانچە ئۇچرىمامدۇ ...نۇرغۇن مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ رەسىملىك كىتاپچىلىرىنى ئوقۇغانتىم



..مەدەنىيەتلەر توقۇنىشىنى 4 يىل بولدى تۈگىتەلمىدىم{:92:}

سىز قانداق تۈگەتكەنسىز ..قولۇمغا ئالساملا ئۇيقۇ باسىدۇ



ھازىر تاللاپ ئوقۇۋاتىمەن.شېئېر ،ئەدەبىي ئەسەرلەرنىلا ئوقۇۋاتىمەن ،شۇڭا تەۋسىيە قىلغىنىممۇ شۇنداق بوپ قالدى ،

tashadem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 11:05:37

3- قەۋەتتىكى Afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چارلىز دىككېنىسنىڭ ئىككى شەھەر ھەققىدە ھېكايىسى فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرسىتىپ قويدى. شەۋكەت سىدىقىنىڭ ئاللانىڭ زېمىنى ناملىق رومانىنى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئوقۇيدىغان كىتاپ شۇنداق جىقكەن، ئايپەتتە شېكىسپېرنىڭ 43 درامىسىغا ئائىت ئەپنى چۈشۈرۈپ، ئېنگلىزچىنى بىلمىگەچكە ئوقۇيالمىدىم. بۇ درامىلار ئۇيغۇرچە چىقسا بولاتتى...




بۇرادەر شىكسىپىرنىڭ تىراگىدىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى چىققان ئەخمەت ئىمىن تەرجىمە قىلغان كېيىن ئىنگىلىزچە ئۈگەنگەندىن كېيىن ئوقۇپ سىلىشتۇرۇپ باقسام يامان ئەمەس تەرجىمە قىلىنىپتىكەن. شېكسىپىر سونىتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىسىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىنغان ئۇمۇ بار
بەت: [1] 2 3 4 5
: كىتاب تەۋسىيە قىلامدۇق!