Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 00:44:47

(بىلىك) كۇۋانت دۇنياسىغا كىرىش


كۇۋانت سۆزى ئېنگىلىزچىدىكى <<quanta>> (كۇۋانتا) دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، مىقتارچە دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۇۋانت گەرچە بۇندىن يۈزيىللار ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ بىر قەدەر ئابىستاركىتنىلىقى، رىياللىقتا ئۇيغۇنسىز كۆرۈنىدىغان بەزى زىدىيەتلىك پەلسەپىلىرى بىلەن يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە ناتونۇش بولۇپ تۇرماقتا. بولۇپمۇ، ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ۋە تەتقىقات ساھەلىرىگە تولىمۇ يىراقتا تۇرغان بىزگە نىسبەتەن كۇۋانت ئۇقۇمى بەك تونۇش ئەمەس. ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا كۇۋانت ئۇقۇمى مىكىرو دۇنياغا كىرگەندە ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلايدىغان فىزىكىلىق ئۇقۇم. كىلاسسىك فىزىكىدا جىسىملارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ۋە تەسىرلىشىش قانۇنىيەتلىرىنى نىيوتۇن ۋە ماكسىۋېل تەڭىلىمىللىرى بىلەن؛ ئىسسىقلىق ۋە يورۇقلۇق ھادىسلىرىنى كىلاسسىك سىتاتىستىكا ۋە دولقۇن تەڭلىمىللىرى بىلەن ھەل قىلغان بولسا، بۇ مۆتىۋەر قانۇنلار ھەل قىلالمايدىغان بەزى غەيرى پاكىتلار كۇۋانت ئۇقۇمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەپ بولغان ئىدى. كىيىن، كۇۋانت قانۇنلىرى فىزىكىدا مىكىرو دۇنيادىكى زەرىچىلەرنىڭ ھەرىكەت ۋە تەسىرلىشىش قانۇنىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ بىرىدىغانلىقى ئېنىق بولدى.


ئەمسە نىمە ئۈچۈن كۇۋانت بىلىمىگە ئېھتىياجلىق بولىمىز؟ قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا كۇۋانت بىلىملىرى زامانىۋى تېىنىكا ۋە ئېنژىنىرلىق ساھەلىرىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسى بىلىم بولۇپ قالدى. كۇۋانت پىرىنسىپلىرىنىڭ تېخىكىدا قوللىنىلىش ئىستىقبالى پارلاق! ھازىرقى كۇۋانتقا قىزىقىپ قالغان بىر ئوقۇغۇچى كەلگۈسىدە ياراملىق بىلىم ئادىمى ۋە ئېنژىنىر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن...


ئەلبەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئېنژىنىر ۋە بىلىم ئادىمى بولۇپ كىتىشى ناتايىن، لىكىن ھېچ بولمىغاندا بىلىملەر گىرەلىشىپ كىتىۋاتقان مۇشۇنداق زاماندا بۇ ئەڭ جۇشقۇن تەرەققى قىلىۋاتقان پەلسەپىيىۋى بىلىملەرنى بىلىپ قويۇش بىزگە زەرەر قىلمىسا كىرەك، ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ تەسسەۋۇرىمىزنى بېيىتىشى مۇمكىن.


بۇ ئاممىباپ يازمىدا كىلاسسىك فىزىكىدىكى(ۋە پۈتۈن تەبىئەت پەلسەپىسىدىكى) ئەڭ مۇھىم ئىككى ئۇقۇم ماسسا ۋە زەرەت ئۇقۇمىدىن چىقىپ تۇرۇپ، كىلاسسىك فىزىكىنى ئەڭ ئاددى تىللار بىلەن ئەسلەپ ئۆتىمىز. مۇشۇنىڭدىن چىقىش قىلىپ، كۇۋانت فىزىكىسى بىلەن ئاددىيچە تونۇشۇپ ئۆتىمىز. بۇنىڭدا كۇۋانت ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخىدىن باشلاپ، كۇۋانت پىرىنسىپلىرىدىكى بەزى زىدىيەتلەرنى ھىكايە شەكىلدە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ئاخىرىدا كۇۋانت پىرىنسىپلىرىنىڭ زامانىۋى تېخنىكىلاردا قوللىنىشلىرىدىن بىر قانچە مىسال كەلتۈرۈپ يازمىغا خاتىمە بىرىمىز.


بۇ يازما ئاساسەن بىر پۈتۈن فىزىكىنى يىغىنچاقلىغان ئاساستا كۇۋانت فىزىكىسى تونۇشتۇرۇلدى. ئۆز بىلىمنىڭ ئۆز ئانا تىلدا ئىپادىلەنمىسى بولغاچقا تولۇق ئوقۇپ چىققان كىشىگە نۇرغۇن بىلىم ۋە زوق بىرەلەيدۇ دەپ ئىشىنىمەن! ۋاقىت ئىتىبارى بىلەن بۇ يازما بەزى كەمچىلىك ۋە خاتالىقلاردىن خالى بولالماسلىقى تەبى. بۇ ساھەدىكى ئۇستازلار ۋە دوستلارنىڭ تۈزۈتۈش ۋە تولۇقلاش پىكىرلىرىنى بىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ يازمىنى چۈشىنەلىگەنلىك چۈشىنەلمىگەنلىك ھەققىدە پىكىردە بولۇشىنى سورايمەن!


(بۇ ھەقتە سۇئاللار بولسا قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ ھەمدە يازما پۈتكەندە مەن ۋە باشقا دوستلار بىللە جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىمىز....)



كىلاسسىك فىزىكىدا ماسسا ۋە زەرەت


ماسسا


گېپىمىزنى ماسسا ئۇقۇمىدىن باشلايلى. ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىدە ماسسىغا ‹‹جىسم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددىنىڭ ئاز-كۆپلىكى›› دەپ ئېنىقىما بېرىلگەن. مۇشۇ بويىنچە چۈشەنگەندە، ئوخشاش ھەجىمدىكى جىسىم تەركىۋىدە ماددا قانچە كۆپ بولسا، نەرسىنىڭ ماسسىسى شۇنچە چوڭ بولىىدۇ دىگەن گەپ چىقىدۇ. بىز كۆپىنچە ئېغىرلىق بىلەن ماسسا ئۇقۇمىنى ئارلاشتۇرۇپ قويىمىز، لىكىن ئىككىسى پەرىقلىق ئۇقۇملار، ئېغىرلىق بولسا جىسىمنىڭ ماسسىسى پەيدا قىلغان كۈچتىن ئىبارەت.

ئۇنداقتا كۈچ دىگەن نىمە؟ ئات ھارۋېنى كۈچ بىلەن تارتقاندا ھارىۋا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ، ئاتنىڭ كۈچى ھارىۋېنىڭ ھەرىكىتىگە سەۋەپ بولدى. پۇتبۇلچى توپنى تەپسە توپ قاڭقىپ ئۇچۇپ چىقىدۇ، دىمەك توپنىڭ ھەرىكىتىگە پۇتبۇلچىنىڭ تېپىشى يەنى كۈچ چۈشۈرىشى سەۋەپ بولدى، يەر قوياش ئەتىراپىدا ئايلىنىدۇ، قوياشنىڭ يەرنى تارتىش كۈچى يەرنىڭ قوياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشىغا سەۋەپ بولدى،...دىمەك مۇشۇنداق مىساللارغا قاراپ، كۈچ بولسا جىسىمدا ھەرىكەت پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ دەپ ئېنىقلىما بەرسەك بولارمۇ؟ يەنە باشقا مىساللارغا قاراپ باقايلى: چۆچۈپ كەتكەن ئات ھارىۋېنى سۆرەپ شەھەر ئىچىدە قالايمىقان چېپىپ كىتىۋاتقاندا بەستلىك بىر پالىۋان چىقىپ ھارىۋېنى تۇتىۋېلىپ، ئاتنى توختاتتى، ئۇچۇپ كەلگەن توپنى يەنە بىر پۇتبۇلچى پۇت بىلەن توسۇپ توختاتتى، ياكى تېپىپ توپنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى، يەر قوياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلۋاتقاندا ئايلانما ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشى ھەرۋاقىت ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ... مۇشۇ مىساللارغا قاراپ كۈچكە جىسىم ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان سەۋەپ دەپ ئېنىقلىما بېرىشكە بولىدۇ.نىيوتۇننىڭ بىرىنچى قانۇنىدا شۇنداق دىيىلگەن: ‹‹كۈچ بولسا جىسىم ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ بولۇپ، جىسىمغا تەسىر قىلغان يىغىدى كۈچ نۆل بولسا جىسم تىنچ ياكى تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.››ئەمەلىيەتتە كۈچ تەسىرىگە ئۇچىرىمايدىغان جىسىم مەۋجۇت ئەمەس، ھەمدە مۇتلەق تىنىچ ھالەتتە تۇرىدىغان جىسىم مەۋجۇت ئەمەس، پەقەت جىسىمغا بىرنەچچە كۈچ تەسىر قىىۋاتقان بولسا يۆنىلىشى قارمۇقارشى، چامىسى ئوخشاش بولغان كۈچلەر بىر بىرىنىڭ تەسىرىنى يوق قىلىدۇ ھەمدا جىسىمدا نىسپىي تەڭپۇڭلۇق ھالەتنى ساقلايدۇ. دىمەك تىنىچ دىگەن ئۇقۇمنى تەڭپۇڭ ھالەت دەپ چۈشەنسەك خاتالاشمايمىز. ئۇلارنىڭ جىسىمغا نىسپەتەن ئۈنۈمى نۆلگە تەڭ بولدۇ.


ھەرىكەت دىگەن ئۇقۇم نىسپىي مەنادا بولۇپ، كۆزەتكۈچىگە نىسبەتەن جىسىمنىڭ ئورۇنىنىڭ ئۆزگۈرىشى ھەرىكەت دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك كۈچ جىسىمنى ھەرىكەت قىلدۇرىدىغان ياكى ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان سەۋەپ. كۈچ بىلەن ھەرىكەتنىڭ (ياكى ھالەت ئۆزگۈرۈشنىڭ) ئاددى لوگىكىلىق مۇناسىۋېتى بولسانىيوتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنى: «جىسىمغا تەسىر قىلغان كۈچ جىسىم ھەرىكەت ھالەت ئۆزگۈرىشىگە ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، كۈچ ماسسا بىلەن ھەرىكەت تىزلىك ئۆزگۈرىشىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولىدۇ.» ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يەردەa تىزلىك ئۆزگۈرىشىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتار بولۇپ تىزلىنىش دىيىلىدۇ. دىمەك، جىسىم ماسسىسى بىلەن ھەرىكەت ۋە كۈچ بۇ يەردە باغلاندى. نىيوتۇننىڭ ئىككىنچى قانۇنىنى ماتېماتىكىلىق ئىپادە بىلەن مۇنداق ئىبادىلەيمىز:


F=ma




يەنە بىر مىسال كەلتۈرەيلى: قولىمىزدىكى ۋاسكىتپۇلنى تامغا قارىتىپ ئاتساق، تامدىن قاڭقىپ يېنىپ كىلىدۇ. بۇ جەرىياندا توپ بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئۇچۇپ چىقىپ كەتتى ھەمدە مەلۇم كۈچ بىلەن تامغا سوقۇلغاندىن كىيىن تامنىڭ توپقا بەرگەن ئەكىس تەسىر كۈچىنىڭ تۈرۈتكىسىدە بىزگە قاراپ ئۇچۇپ كەلدى... دىمەك ھەرقانداق بىر جىسم كۈچ تەسىرىگە ئۇچىراش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى بىلەن تەسىرلىشىۋاتقان يەنە بىر جىسىمغا ئوخشاش چامىدىكى ۋە قارمۇ-قارشى يۆلىنىشتىكى كۈچنى بىرىدۇ. تەسىر كۈچ ۋە ئەكىس تەسىر كۈچ ھەر ۋاقىت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بىرى پەيدا بولغان ھامان يەنە بىرى يەيدا بولىدۇ. بۇ بىر جۈپ قارمۇ قارشى كۈچ بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان تەڭپۇڭ كۈچلەردىن پەرىقلىق بولۇپ، تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۈچ بىر جىسىمغا تەسىر قىلسا تەسىر ۋە ئەكىس تەسىر كۈچ تەسىرلىشىۋاتقان ئىككى جىسىمغا ئوخشاش ۋاقىتتا تەسىر قىلىدۇ. تەسىر ۋە ئەكىس تەسىر كۈچنىيوتۇننىڭ ئۈچىنچى قانۇنىدا شۇنداق بايان قىلىنىدۇ:«جىسىملار ئۇچىرىغان تەسىر كۈچ ۋە ئەكىس تەسىر كۈچنىڭ چامىسى تەڭ، يۆنىلىشلىرى قارمۇ-قارشى بولۇپ، بىر تۈز سىزىق ئۈستىدە تەسىر قىلىشىدۇ.»



كىلاسسىك مېخانىكا ئاساسەن نىيوتۇننىڭ ھەرىكەت قانۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچ قانۇنى بىلەن كىچىكى يەر يۈزىدىكى زەرىچىلەردىن تارتىپ، يەرشارىدىن ھالقىپ قوياش سىستىمىسى ۋە پىلانىتلارنىڭ ھەرىكىتىنى تەسۋېرلىگىلى بولىدۇ. فىزىكىغا كەڭ دائېرىدىن ماددىلارنىڭ ھەرىكىتىنى ۋە ئۆز-ئارا تەسىرلىشىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن دىسەك، ماددا ھەرىكىتىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقدارلاردىن، تىزلىك، تىزلىنىش، ۋاقىت؛ ئۆز-ئارا تەسىرنى ئىپادىلەيدىغان فىزىلىلىق مىقدارلاردىن، كۈچ ۋە ئېنىرگىيە ھەمدە ماددىنىڭ كۆپ-ئازلىقىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتار، ماسسا بىلەن ماكىرو دۇنيادىكى بارلىق فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى ئىپادىلەپ چىققىلى بولىدۇ. بۇ قانۇنىيەتلەرنى لوگىكىلىق باغلىنىش- ماتېماتىكىلىق فورمىلا (تەڭلىمە ياكى ئىپادە) بىلەن تەسۋېرلىگەندىن كىيىن ماتېماتىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ماددىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈش ۋە ياكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكى ھەرىكەت ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم چىقارغىلى بولىدۇ! بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن، توپ- زەمبىرەك، باشقۇرىلىدىغان بومبا، سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش ۋە ھاكازالار...



What happens when the gravitational force disappears? | Effects of disappearance of gravitational force


رىۋايەتلەردە، نىيوتۇن ئالما دەرىخى تۈۋىدە ئولتۇرغاندا بېشىغا چۈشكەن بىر تال ئالمىدىن ئېلىھاملىنىپ، بۇنىڭ سەۋەپ-نەتىجە قانۇنىيتىھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە باشلايدۇ. «ئەجەبا ئالما ھېچ سەۋەپسىز يەرگە چۈشەرمۇ؟...» دىگەن ئوي بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئالمىنىڭ بولسا يەرنىڭ تارتىش كۈچى تۈرۈتكىسىدە يەرگە چۈشىدىغانلىقىنى، يەر ئالمىنىلا ئۆزىگە تارتىپ قالماستىن يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى تارتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەتتا ئاينىڭ يەرنى، يەرنىڭ قوياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىشى ئۆز-ئارا تارتىش كۈچىدىن بولغان دەپ، <<ئاخىرىدا ئالەملىك تارتىش كۈچى>> نى بايقىدى. ئالەملىك تارتىش كۈچى ئالەمدىكى ماسسىغا ئىگە ھەرقانداق جىسىم ئارىللىرىدا بولىدىغان تارتىش كۈچىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ماتىماتىكىلىق فورمىلاسىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادە ئەتتى:


F = G frac{m_1 m_2}{r^2}




   بۇ يەردە ئىككى جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى تارتىش كۈچى ئۇلارنىڭ ماسسىللىرىنىڭ سەۋەبىدىن بولدى دەپ قارىساق بولىدۇ. دىمەك، ماسسا بولغانىكەن كۈچ ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، كۈچ بولغانىكەن ماددا ئېنىرگىيەگە ئىگە دىسەك بولىدۇ. چۈنكى ئېنىرگىيە ئىش قىلىدىغان (يەنى ماددىنىڭ ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان) كۈچتىن ئىبارەت. فىزىكىدا ئېنىرگىيە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر فىزىكىلىق مىقتار. دىمەك فىزىكىدا ماددىنىڭ ياكى ماددىلار سېستىمىسىنىڭ ئېنىرگىيەسى بىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان فىزىكىلىق مىقتاردۇر. كىلاسسىك فىزىكىدا ماددىلار سىستىمىسىنىڭ ئومۇمى ئېنىرگىيەسى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت ۋە پوتېنسىيال ئېنىرگىيەلىرىنىڭ يىغىندىسى بولغان خامىلتون مىقتارى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ماتېماتىكىلىق ئىپادىسى تۆۋەندىكىدەك:




H=T+V




بۇ يەردە Tھەرىكەت ئېنىرگىيە، V بولسا پوتېنسىيال ئېنىرگىيەنى ئىپادىلەيدۇ. جىسىم ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىق سەۋەپتىن ھەرىكەت ئېنىرگىيەسىگە ئېگە بولىدۇ. چۈنكى ھەرىكەتنى توختۇتۇش ياكى ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ لازىم بولىدۇ. پوتېنسىيا ئېنىرگىيەسى بولسا تارتىش كۈچىگە ئوخشاش كۈچ مەيدانىدا ياكى پىرژۇۇنىلارغا ئوخشاش ئېلاستىك (يەنى ئەسلىگە كېلىش ) كۈچىگە ئېگە نەرسىلەردە بولىدىغان كۈچتىن ئىبارەت. بۇ يەردە ھامان كۈچ بىلەن ئېنىرگىيە ئوخشاش مەنادا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئىككىسى ئوخشاشمىغان فىزىكىلىق مىقتارلاردۇر. كۈچكە ھەرىكەت قوشۇلۇق ئاندىن ئېنىرگىيە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كۈچنىڭ بىرلىكى N(نىيوتۇن) بولسا, كۈچ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغان مۇساپە m(مېتىر) بولسا ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكى N.m(نىيوتۇن. مېتىر) بولىدۇ، دىمەك ماتېماتىكىدا ئېنىرگىيە كۈچ بىلەن يۆتكىلىشنىڭ كۆپەيتمىسىدۇر. ئېنىرگىيەنىڭ باشقا بىر بىرلىكى بولۇپ خەلىقئارا بىرلىككە كەلگەن بىرلىك جول(J) ياكى ئېلىكترون ۋولت(eV).





جول ئىسسىقلىقنى تەتقىق قىلغۇچى مەشھور فىزىكا ئالىمى جول نىڭ نامى بىلەن بېرىلگەن. فىزىكىدا ئىسسىقلىق ماددىلارنىڭ قالايمىغاق ھەرىكەت جىددىيلىكىنى ئىپادىلەيدىغان فىزىكىلىق مىقتار. بۇ يەردە نىمە ئۈچۈن ئېنىرگىيەنى سۆزلەپ كېلىپ ئىسسىقلىق ئوتتۇرىغا چىقىپ قالدى؟ ئەمەلىيەتتە ئىسسىقلىق جسىمىنى تۈزگۈچى ماددىلارنىڭ شىددەتلىك ھەرىكەت قىلىشىنىڭ مەسھۇلىدۇر. بىر تال تۆمۈرنى بازغانلاپ، ئۇنى تۇتساق ناھايىتى قىززىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز، ئىككى نەرسىنى بىر-بىرىگە سۈركىسەك ئۇلار قىززىيدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا كىشلەر ياغاچلارنى بىر بىرىگە سۈركەپ ئوت چىقىراتتى...






فىزىكا ئالىمى جول ئىسسىقلىق بىلەن تاشقى ئېنىرگىيەنى باغلايدىغان مۇنداق مەشھور تەجىربىنى ئىشلىگەن: بىر دانە مېخانىكىلىق قۇرۇلما چاقپەلەك بىلەن سۇنى قۇچۇپ ئىسسىتىپ، مېخانىكىنىڭ ئىسسىقلىق ئېففىكتىنى ھېسابلاپ چىققان. رەسىمدە تەجىربە قۇرۇلمىسى كۆرسىتىلدى.





ئىسسىقىق ھادىسلىرى ئەمەلىيەتتە ماددىلار سېستىمىسىنىڭ مىكرولۇق ھەرىكەت ھالەتلىرىنىڭ ئىپادىسىدۇر. قالايمىقانلىق ۋە جىددىيلىك ئىسسىقلىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. فىزىكىنىڭ ئىسسىقلىق ھادىسلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان تارمان پېنى تېرمودېنامىكا (مەنىسى: ئىسسىقىلىق ھەرىكىتى) تېمپۇراتۇرا، ئىنتروپىيە، ئىچكى ئېنىرگىيە،... قاتارلىق فېزىكىلىق مىقتارلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ماتېماتىلىلىق باغلىنىش فورمۇلالىرى ھەمدە تېرمودىنامىكىنىڭ ئۈچ قانۇنى بىلەن بارلىق كىلاسسىك ئىسسىقلىق ھادىسلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.


تېرمودىنامىكىنىڭ ئۈچ قانۇنى تۆۋەندىكىدەك:

تېرمودىنامىكىنىڭ بىرىنچى قانۇنى: پۈتۈن ئالەمنىڭ توپلام ئېنىررگىيەسى مۇقىم بولۇپ، ئېنىرگىيە ، ماددا ئارىسىدا ئۆتۈشۈپ، بىر خىل شەكىلدىن، يەنە بىرخىل شەكىلگە ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ پىرىنسىپ، ئېنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تېرمودىنامىكىنىڭ ئىككىنچى قانۇنى: ئىسسىقلىق ھامان يۇقىرى تېمپۇراتۇرىلىق جىسىمدىن تۆۋەن تېمپۇراتۇرىلىق جىسىمغا يۆتكىلىدۇ. ئىسسىقلىق ئېنىرگىيە يۆتكىلىشى بىر يۆلىنىشلىك بولۇپ، تەتۈر يۆلىنىشلىك يۆتكىلىش يۈز بەرمەيدۇ.

تېرمودىنامىكىنىڭ ئۈچىنچى قانۇنى: ئەگەر ئاتوم، مولىكولىلارنىڭ ئىسسىقلىق ھەرىكەتلىرى توختۇتۇلسا مۇتلەق تېمپۇراتۇرىغا ئېرىشكىنى بولىدۇ. مۇتلەك تېمپۇراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 273.15 سىلتسىيە گىرادۇس بولۇپ 0 كىلىۋىن مۇتلەق تېمپۇراتۇرا دەپ ئاتىلىدۇ.

كىشىلەرنىڭ تېرمودىنامىكا ۋە ئىسسىقلىق ھادسلىرى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل، پارماشىنىسى، پاراۋۇز،... قاتارلىقلارنى كەشىپ قىلىپ سانائەت ئېىنقىلاۋىنى قوزغىدى...





داۋامى: زەرەت

Ay^Tugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 03:53:40

ساقلىۋالاي.

ئەلا \"\"

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 06:41:59

كۇۋانت توغرىسىدا كىم تېما يازار دەپ ئويلىغان ئىدىم ، داۋاملاشتۇرغايسىز .

ئەلا

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 09:17:02

چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ، داۋاملىق ھە.... \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 09:31:27

2- قەۋەتتىكى ziltarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۇۋانت توغرىسىدا كىم تېما يازار دەپ ئويلىغان ئىدىم ، داۋاملاشتۇرغايسىز .

ئەلا



سەن كۋانتنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسە؟ \"\"


فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسە ئاداش ئۇ\"\"

curious يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 13:50:05

ياخشى تېما يوللاپسىز، ھەم جىق ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، ھارمىغايسىز!

تۈۋەندىكى نۇقتىدا ‹ئېنىرگىيە› بىلەن ‹ئىش› ئوقۇمىنى سەل ئارلاشتۇرۋىتىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟

‹كۈچنىڭ بىرلىكى N(نىيوتۇن) بولسا, كۈچ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغان مۇساپە m(مېتىر) بولسا ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكى N.m(نىيوتۇن. مېتىر) بولىدۇ، دىمەك ماتېماتىكىدا ئېنىرگىيە كۈچ بىلەن يۆتلىشنىڭ كۆپەيتمىسىدۇر.›

curious يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 14:01:14

بەزى كەسپى ئاتالغۇلارنى نىمە ئۈچۈن ئۆلچەملىك ئالمىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم، مەسلەن، ‹كۇۋانت› دىگەنى فىزىكا لوغىتىدە ‹كىۋانت› دەپ ئالىدۇ، بەلكىم سىز ئېنگلىزچە تەلەپپۇزى بۇيىچە ئالغان ئوخشايسىز.

ئەسەرنى مېنىڭچە ناھايتى ياخشى باشلاپسىز، لېكىن ئاخىرقى قىسمىدا ‹ئېنىرگىيە›، ‹ئىش ئىشلەش›، ۋە ‹ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش› ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت تازا ئېنىق شەرھىلەنمەپتۇ.

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 14:25:27

5- قەۋەتتىكى curiousنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى تېما يوللاپسىز، ھەم جىق ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، ھارمىغايسىز!

تۈۋەندىكى نۇقتىدا ‹ئېنىرگىيە› بىلەن ‹ئىش› ئوقۇمىنى سەل ئارلاشتۇرۋىتىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟

‹كۈچنىڭ بىرلىكى N(نىيوتۇن) بولسا, كۈچ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغان مۇساپە m(مېتىر) بولسا ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكى N.m(نىيوتۇن. مېتىر) بولىدۇ، دىمەك ماتېماتىكىدا ئېنىرگىيە كۈچ بىلەن يۆتلىشنىڭ كۆپەيتمىسىدۇر.›

ئىنكاسىڭزدكى بىر گەپ يامان قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتى\"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 14:26:02

ئېسىل تېما ، بىلىك يوللىغان سىنمىكىن تازا ئېسىمدە يوق . ئۈمىد غەنى نىمە دەيدۇ دىگەن تېمىدا يوللانغان ئىنكاس . شۇ سىندا كىۋانىت نەزەرىيەسىنى بەك ياخشى چۈشەندۈرۈپتىكەن . كىنو تەرجىمە قىلىدىغان باللا ئاشۇ سىننىمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ قويغان بولساڭلار ساۋاپ ئىش بولاتتى .



ئەفىفىي قۇرئانغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تېمىدا گىئولوگ قۇرئان ئوقىسا ، تاغلارنى قوزۇق قىلىپ قاقتۇق دىگەن ئايەتلەرگە ، بىئولوگ قۇرئان ئوقىسا ئادەمنىڭ ئانا قورسىقىدىكى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن ئايەتلەرگە باشقىلارغا قارغاندا كۆپرەك دىققەت قىلىدۇ دەپ بىر ئىنكاس يېزىپتىكەن .



مەن تازا خىيالى ئادەم بولغاچقا ، يۇقۇردا تىلغا ئالغان كىۋانىت توغرىسىدىكى سىننى كۆرۈپ ، ئىلىكتىرونلارنىڭ ھەركەت جەريانىغا بەكرەك قىزىققان . ئىزدىنىشتىكى فىلادىلفىيە سىنىقى دىگەن تېما بەزى تورداشلارنىڭ ئېسىدە بار ھەقەچان ، كىۋانىت نەزەرىيەسىدىكى بىلگىلى بولماسلىق ئۇقۇمى مۇشۇ فىلادىلفىيە سىنىقىنى نەزىرىيەۋى ئاساس بىلەن تەمىنلىيەلەمدىكىن دىگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم .{:92:}

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 16:13:36

تېرمودىنامىكىنىڭ نۆلىنچى قانۇنى: ئەگەر ئىككى سېستىما ئىچىدىكى ھەر بىرى ئۈچىنچى بىر سېستىما بىلەن ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىق ھالىتىدە تۇرسا ، ئۇنداقتا ئۇ ئىككى سېستىمىمۇ چۇقۇم ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىق ھالىتىدە تۇرىدۇ .

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 21:09:56

بىلىك بىلەن ئوغۇزنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئىشقىلىپ يېقىننىڭياقى بىكار بولسام ئانچە مۇنچە كۇۋانت فىزىكىسى توغرىسىدا ماتىرىيال كۆرىدىغان بوپ قالغانتىم.

بىلىك ئىلىمنىڭ زاكىتىنى ئوبدان ئايرىۋاتىدۇ.

ھورۇنلۇق قىلماي ئەلانى جىقراق بېسىڭلار باللار

dilara يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 21:43:53

تېمىڭىزنى ئەلا باھالىدىم.

بىزنىڭ بىر ئوقۇتقۇچى: «پەرىشتىلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۋانت نەزىرىيىسى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ» دېگەنتى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 22:02:01

زەرەت




فىزىكىدىكى يەنە بىر مۇھىم مىقتار زەرەتتىن ئىبارەت. ئۇيغۇر تىلىدىكى زەررەت ئۇقۇمى «زەررە» دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەپ تىلىدىن كىرگەن سۆز زەررە ناھايىتى كىچىك دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئېنگىلىز تىلىدا بولسا charge (چارج) دىيىلىدۇ... نىمىلا دىيىلمىسۇن، زەرەت ئۇقۇمى كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەرگە ناتونۇش بولمىسا كىرەك.كاۋچۇكياكى پىلاستىك تاياقچىنى تېرىگە ياكى يۇڭغا سۈركەپ، كىچىك پارچە قەغەز ياكى چاچلارغا ئوخشاش يېنىك نەرسىلەرگە يېقىنلاشتۇرساق ئۇلارنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى كۆرىمىز. بۇنى بىز ئۇلار قارمۇ-قارشى زەرەتلەنگەنلىكتىن بىر-بىرىنى تارتىشىدۇ دەپ چۈشەندۈرىمىز. ھازىرچە بىز ئىنچىكىلەپ چۈشەندۈرەلەيدېغىنىمىز، ماددىلارنى تۈزگۈچى ئاتوملار مەنپى زەرەتلىك ئېلىكترونلار بىلەن مۇسپەت زەرەتلىك ئاتوم يادروسىدىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، جىسىملار بىر-بىرىگە سۈركەلگەندە، جىسىم يۈزىدىكى ئېلىكترونلار نىڭ بىر قىسمى يەنە بىر جىسىمغا كۆچكەنلىكتىن قارشى جىسىم قىسمەن ھالدا مەنپى زەرتلىنىدۇ، ئۆزى بولسا قىسمەن مەنپى زەرەتنى يوقاتقانلىقتىن مۇسپەت زەرەتلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى جىسىم ئوتتۇرىسىدا تارتىشىش يۈز بېرىدۇ. زەرەتنىڭ ماھىيىتى نامەلۇم، لىكىن فىزىكىدا ئۇنى ماددىنىڭ بىر خۇسۇسىيتى سۈپىتىدە ئېنىقلىما بىرىدۇ.





ماسسىغا ئوخشاش زەرەتمۇ جىسىم ھەرىكەت ھالىتىدە ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ، يەنى كۈچ پەيدا قىلالايدۇ. دىمەك بۇ يەردە زەرەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھاسىل قىلغان ئېنىرگىيە مەۋجۇت. زەرەتلەر ھاسىل قىلغان تەسىر كۈچ كولۇن قانۇنى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. كولۇن قانۇنىنىڭ بايانىچە، زەرەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەسىر كۈچ ئۇلارنىڭ كۆپەيتمىسىگە ئوڭ تاناسىپ، ئارلىقلىرىغا تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. ئوخشاش زەرەتلەر تېپىشىدۇ، ھەرخىل زەرەتلەر تارتىشىدۇ. ماتېماتىلىكىق فورمۇلاسى:      




بۇ فورمىلا ئالەملىك تارتىش كۈچىگە ئوخشاش بولۇپ، ماسسىلارنىڭ ئورىنىغا زەرەت مىقتارلىرىنى قويساق، تارتىش تۇراقلىقىنى ئۆزگەرتسەك كولۇن قانۇنىغا ئېرىشىمىز، لىكىن زەرەت ئىككى خىل بولغانلىقى ئۈچۈن تارتىشىش ۋە تېپىشى كۈچى مەۋجۇت.(ئەگەر ھازىزقى زامان نەزەرىيە فىزىكىسىدا ئوتتىرىغا چىققان قاراڭغۇ ماددا مەنپى ماسسىغا ئىگە بولسا، قاراڭغۇ ماددا بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدا تېپىشىش كۈچى مەۋجۇت دەپ قاراشقا بولىدۇ! شۇنداق بولغاندا زەرەت ئىككى خىل بولغاندەك ماسسىمۇ ئىككى خىل بولىشى مۇمكىن. يازغۇچى تەسەۋۇرى)




زەرەت ئەتىراپىغا كۈچ مەيدانى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇنى بىز زەرەت ھاسىل قىلغان مەيداننىڭ پوتېنسىيالى دەيىز. بۇ مەيدانغا قويۇلغا ن ھەرقانداق زەرەت مەيدان كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ،-دە مەيدانغا قويۇلغان زەرەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتى ئۆزگۈرىدۇ، تىنىچ قويۇلغان بولسا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ، ھەرىكەت قىلىپ كىرگەن بولسا تىزلىنىش ھاسىل قىلىدۇ...








دىمەك زەرەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن بىر پوتېنسىيال لازىم بولىدىكەن. ئۇ ھالدا زەرەتلەرنىڭ شۇ پوتېنسىيالنىڭ تۈرتكىسىدە بىر يۆلىنىشكە تەرتىپلىك ئېقىشى بىز بىلىدىغان توك ئېقىمىدىن ئىبارەت. بىز ماددىنىڭ ئاتوملاردىن تۈزىلىدىغانلىقىنى، ئاتوملارنىڭ بولسا (مۇسپەت زەرەتلىك) يادرونى ئايلىنىپ تۇرىدىغان مەنپى زەرەتلىك ئېلىكترونلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق، شۇ ئېلىكترونلارئەگەر سىرىتقى پوتېنسىيالنىڭ تەسىرىدە موقىم يۆلىنىشتە ھەرىكەتلىنىشكە باشلىسا ماددىدا توك ئۆتۈشۈش ھادىسسى يۈز بىرىدۇ. ئەلبەتتە ھەرقانداق جىسىمدىن توك ياخشى ئۆتىۋەرمەيدۇ، بەزى جىسىملاردىن ياخش توك ئۆتىدۇ، بۇلارنى بىز ئۆتكۈزگۈچ دەيمىز، بەزى جىسىملاردىن قىسمەن توك ئۆتىدۇ، بۇلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەردۇر، بەزى جىسىملار ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت توك ئۆتكۈزمەيدۇ، بۇلارنى بىز ئېزىلياتورلار دەيمىز. نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدىغانلىقى كىيىن كۇۋانت فىزىكىسىنى سۆزلىگەندە قىستۇرۇپ ئۆتىمىز...




مىتاللار ياخشى ئۆتكۈزگۈچلەردۇر. مىتال سىملاردىن توك ئۆتىۋاتقان ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەتىراپىدا ماگنىت مەيدانى شەكىللىنىدىغانلىقىنى 1820– يىلى ئورېسىتېد تەجىربە ئىشلەۋېتىپ تاسادىبى بايقىدى، ھەمدە ماگنىتىزىم بىلەن ئېلىكتىرنىڭ ماھىيەتتە بىر- بىرىدىن ئايرىلماس قوشماقلار ئىكەنلىكى شۇنىڭدىن باشلاپ ئېنىقلاندى. ماگنىت ئەمەلىيەتتە ئېلىكترونلارنىڭ ئۆزئوقىدا ئايلىنىپ تۇرىشىنىڭ ماكرولۇق ئىپادىسى ئىدى. بەزى جىسىملارنىڭ ماگنىتلىق بولىشىمۇ جىسىم يۈزىدىكى ئېلىكترونلارنىڭ بىر يۆلىنىشتە تەرتىپلىك ئايلىنىپ تۇرىشىدىن ئىبارەت، بۇ جىسىمنىڭ ئاتوم تۈزىلىشىگە باغلىق ئىدى...








ئېلىكتىر توكىنىڭ ماگنىت بىلەن باغلىنىشى، يەنى تەسىرلىشى بايقالغاندىن كىيىن كىشىلەر ئېلىكتىر ماتورىنى كەشىپ قىلدى. ئۆزگۈرىۋاتقان توك ماگنىت مەيدانىنى ھاسىل قىلالىغان ئىكەن، بۇنىڭ ئەكسى يەنى ئۆزگۈرىۋتقان ماگنىت مەيدانى توكنى شەكىللەندۈرەمدۇ قانداق؟ ئامپېر مۇشۇ پىكىر بىلەن كىيىن ماگنىت مەيدانىنىڭ ئۆزگۈرىشى توكنى شەلىللەندۈرىدىغانلىقىنى بايقىدى، ھەمدە كىشىلەرنىڭ باتارىيەدىن قۇتۇلۇپ، توك ھاسىل قىلىدىغان گېنىراتورنى كەشىپ قىلىشىغا سەۋەپ بولدى. گېنىراتور دەل ئېلىكتىر ماتورىنىڭ ئەكسى ئىدى، بىرى توك ئارقىلىق ئايلانسا، يەنە بىرى ئايلىنىشتىن توك چىقىراتتى...




\"\"




شۇنداق قىلىپ، ئېلىكتىر بىلەن ماگنىت ئۇقۇمى ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتتى. كىشىلەر توك ئارقىلىق ماگنىت ھاسىل قىلدى، ماگنىتلادىن پايدىلىنىپ توك بەرپا قىلىدى. كىشىلەر گېنىراتوردىن توك پەايدا قىلىشنى بىلىۋالغاندىن كىيىن، توكنى لامپۇچكا يورىتىش ئۈچۈنلا قوللىنىپ قالماستىن نۇرغۇن تارماق ساھەلەر تەرەققىي قىلىپ چىقتى، ئېلىكتىرچىلىك راۋاجلاندى، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ماشىنىلار، زاۋۇت فابىرىكىلار مەيدانغا كەلدى. سىملىق تېلىفۇن ۋە تىلگىراف كەشىپ قىلىندى.














تېلگىرافنىڭ كەشىپ قىلىنىشى، ئېلىكتىر ۋە ماگنىتنىڭ يالغۇز ئۆتكۈزگۈچ توك سىملىرىدا ياكى جىسىم ئۆزىدىلا بولۇپ قالماستىن بوشلۇق، ھاۋادىمۇ تارقىلىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرەتتى. ئېلىكتىر- ماگنىت دولقۇنى تارقىدىغان توك زەنجىرى ئانتېنا ياسالدى، ھەمدە ئېلىكتىر-ماگنىت قۇۋىتىنى ئېلىكتىر زەنجىرىدىن بوشلۇققا، بوشلۇقتىن ئېلىكتىر زەنجىرىگە يۆتكەش ئەمەلگە ئاشتى، ھەمدە رادىيو كەشىپ قىلىندى، كىيىنچە تېلھوزۇر كەشىپ قىلىندى، ھازىرقى زاماندا بولسا قول تېلفۇنلىرىنى كەڭ كۇشادە ئىشلەتمەكتىمىز،... مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىكتىر- ماگنىت دولقۇنلىرى بولۇپ،فىزىكا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ تۆھپىسىدۇر!









ئۇنداقتا ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنى قانداق شەكىللىنىدۇ ۋە قانداق تارقىلىدۇ؟ ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ئېلىكتىر زەنجىرىدىكىئېندوكسىيلىك ئۆزگۈرۈشچان توك، ئەتىراپىدا ئۆزگۈرۈشچان ماگنىت مەيدانى تارقىتىدۇ، بۇ ماگنىت مەيدانىمۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرغانلىقتىن ئەتىراپىغا يەنە ئۆزگۈرۈشچان ئېلىكتىر مەيدانىنى ھاسىل قىلىدۇ، ۋە مۇشۇنداق زەنجىرسىمان ھالەتتە داۋام قىلىپ بوشلۇققا تارقىلىدۇ. ئوبرازلىق قىلىپ ئېىيتساق، پۇلاڭلاپ تۇرغان ئۇزۇن زەنجىرلەر بولسا،زەنجىرنىڭ بىرھالقىسى ئېلىكتىر مەيدانى، قۇشنا ھالقىسى ماگنىت مەيدانى، ئۇنىڭ قوشنىسى يەنە ماگنىت مەيدانى،... مانا مۇشۇنداق داۋام ئەتكەننۇرغۇن زەنجىرلەرنىڭ بوشلۇقتا پۇلاڭلاپ تۇرىشىنى ئېلىكتىر- ماگنىت مەيدانى ياكى دولقۇنى دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق بولىدۇ. كىينچە كۇۋانت ئۇقۇمىنى ئۆگەنگەندىن كىيىن بۇ پۇلاڭلاپ تۇرغان زەنجىر ھالقىللىرىنىڭ فوتونلار ئىكەنلىكىنى ئۆگىنىمىز...




1861-يىلدىن 1862- يىلغىچە ئارلىقتا ماكسىۋېل مۇشۇ يەرگىچە كەلگەن ئېلىكتىر- ماگنىت ھادىسلىرىنى نەزەرىيە جەھەتتىن يىغىنچاقلاپ ، ئېلىكتىر- ماگنىت قانۇنىيەتلىرىنىڭ ماتېماتىكىلىق ئىپادىسى ماكسىۋېل تەڭلىمىللىرىنى يېزىپ چىقتى.ماكسىۋېل تەڭلىمىللىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:








ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنلىرىنىڭ ۋاكومدا تارقىلىش تىزلىكىنىڭ نۇر تىزلىكى بويىنچە تارقىلىدىغانلىقى ھېساپلاپ چىقىلدى.




مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئېلىكتىر- ماگنىتىزىم بىلەن يورۇقلۇقنىڭ ماھىيەتتە بىر نەرسە ئىكەنلىكى كىشىلەرگە ئايدىڭ بولۇۇشقا باشلىدى. (يورۇقلۇق ھەققىدە كۆپ توختالمايمىز، يورۇقلۇق ھەققىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن « نۇر دىگەن نىمە ؟» دىگەن يازمىغا قارالسۇن!)ئەمەلىيەتتە يورۇقلۇق بولسا مەلۇم تەۋرىنىش چاستوتىسى دائېرىسىدىكى ئېلىكتىر-ماگنىت دولقۇنلىرىدىن ئىبارەتتۇر. ئىنسان كۆزىگە رەڭگارەڭ بولۇپ كۆرۈنىدىغان ماددى دۇنيا قىزىل نۇردىن بىنەپشە نۇرغىچە بولغان دائېرىدىكى چاستوتىدىكى دولقۇنلارنىڭ كۆز ئارقىلىق مېڭىدە ئەكىس ئېتىشىدىن ئىبارەتتۇر...




يورۇقلۇقنى ئىلگىرى نىيوتۇن زەرىچىلەر قارىغان ئېدى. بىراق يورۇقلۇقنىڭ دىفىراكسىيە(يەنى يورۇقلۇقنىڭ توسالغۇلاردىن ھالقىپ ئۆتىشى) ۋە ئېنىتىرفىرىنسىيە(يەنى، چاستوتسى ئوخشاش ئىككى يورۇقلۇق مەنبەسىدىن تارقالغان نۇر تەسىرلىشىپ، يورۇق، خىرە ئىزلارنى شەكىللەندۈرىشى). شۇنداق بولغاچقا كىشىلەر يورۇقلۇقنى دولقۇن دەپ قارىدى. باشقا دولقۇنلارنىڭ تارقىلىشى ئۈچۈن چوقۇم بىر مۇھىت كىتەتتى. مەسىلەن، سۇ دولقۇنلىرى سۇدا تارقىلىدۇ، ئاۋاز دولقۇنلىرى ماددا ۋە ھاۋادا تارقىلىدۇ. ئەمسە يورۇقلۇق قانداق مۇھىتتا تارقىلىشى كىرەك؟















ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەرether «ئېسېر» دىگەن مەۋھۇم ماددىنى تەسسەۋۋۇر قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇ ماددا پۈتۈن ئالەمگە تارقالغان، نۇر مۇشۇ ماددا ئىچىدە تارقىلىدۇ دەپ قارىدى... فىزىكىدا، ھەرقانداق بىر نەزەرىيە ياكى تەسسەۋۋۇر ئوتتۇرىغا قويۇلسا ئۇنى چوقۇم ئىسپاتلاپ چىقىشقا توغرا كىلىدۇ. 1887-يىلى مايكېلسون ۋە مورلېي ئاتالمىش ئېسېرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن مەشھور بىر تەجىربە ئىشلىدى. تەجىربە يەرشارىنىڭ ئېسېر ماددىسىغا نىسپەتەن نىسپى ھەرىكىتىنى ئۆلچىمەكچى بولدى، لىكىن نەتىجىدە ئاتالمىش ئېسېرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى. ئېسېرنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى ئىسپاتلىغان ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپ لورىنتىز ئالماشتۇرىشى ئىدى بولۇپ، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە 1905-يىلى ئالبېرت ئېنىشتىيىن جىسىملار نۇر تىزلىكىگە يىقىن بىر تىزلىكتە ھەرىكەت قىلسا جىسىم ھەجىمى قورۇلۇپ،كىچىكلەش ۋە ماسسىسى چوڭىيىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى ھېساپلاپ چىقىپ «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» نى ئوتتۇرىغا قويدى. نىسپىيلىك نەزەرىيىسى كىلاسسىك فىزىكىغا تامامەن ئوخشىمايدىغان نەزەرىيە بولۇپ، كىلاسسىك فىزىكىدا ماددىلارنىڭ ھەجىمى ۋە ماسسىسى ھەرىكەت جەرىيانىدا ئۆزگەرمەيدۇ، ئۆزگىرىشچان مىقتار پەقەت جىسىملارنىڭ تىزلىكى ۋە ئورۇنى؛ ئەكسىچە تارمەنىلىك نىسپىيلىك نەزەرىيسىدە جىسىملارنىڭ ئەڭ چوڭ تىزلىكى تۇراقلىق بولۇپ، بۇ تۇراقلىق تىزلىككە يەتكەنسىرى ماسسا چوڭىيىپ كىتەتتى.بۇنىڭ نەتىجىسدە ماددىلارنىڭ «تىنىچ ماسسىسى» دىگەن ئۇقۇم ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئېنىشتىيىن تەرىپىدىن داڭلىق «ماسسا-ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇشۇ، تەڭلىمە دەل يادىرو بومبىسىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئىدى...








نىسپىيلىك نەزەرىيىسىمۇ كۇۋانت نەزەرىيىسى بىلەن تەڭ دىگۈدەك ئوتتۇرىغا چىققان يېپيىڭى بىر نەزەرىيە بولۇپ، پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى كىلاسسىك فىزىكا نەزەرىيەلىرىنىڭ كەمچىللىكلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتاتقان شۇنداق بىر مەزگىلدە ئوتتۇرىغا چىقتى. نىسپىيلىك نەزەرىيسى ناھايىتى ئابىستىراكىت ۋە كەڭ مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەلكى ئۇنىڭ ھەققىدە يەنە بىر سۈرە ئۇزۇن ھىكايىلەرنى ئاڭلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ!




قىسقىچە يىغىنچاقلىساق، كىلاسسىك فىزىكا تەجىربىلەر ۋە پەلسەپىيىۋى پىكىرلەرنىڭ نەتىجىىدە زەنجىرسىمان ھالدا تەرەققىي قىلىپ، مۇشۇ ھالەتكە كەلدى. كىشىلەرنىڭ ماھىيەت ھەققىدىكى ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلىرى، تەبىئەت پەلسەپىسىنى شۇنداق ئەنئەنىگە ئېگە قىلدىكى، ئويلانغانسىرى تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ تۇردى، ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار يېڭى- يېڭى تېخنىكىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ تۇردى، ھەمدە شۇنىڭ تۈرىتكىسىدە ئىنسانلار ھاياتىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەر مەيدانغا كەلدى، تېخنىكا تەرەققىياتى سانائەت دەۋرى، ئېلىكتىر دەۋرى، ئاتوم دەۋرى ۋە ئۇچۇر دەۋرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مانا ھازىرقى كۇۋانت دەۋرىگە قەدەم يولغىلى خېلى زامان بولدى. بۈگۈنكىئۇچۇر يېڭىلىقلىرى شىددەت بىلەن ئارتىپ تۇرىۋاتقان، سىكونتىغا يېڭى-يىڭى تېخنىكىلار مەيدانغا كىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىكى ھەرقانداق تەجىربىخانا ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىدا تەتقىق قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك تۈمەن پەن-تېخنىكا تەتقىقاتلىرى پايدىلانماي تۇرالمايدىغان نەزەرىيە كۇۋانت ئۇقۇمىنى ھازىرقى زامان تېخنىكا مۇسابىقىسى دەۋرىدە بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك! ھېچبولمىغاندا «كۇۋانت دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئالغا بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاپ بىرەلىسەك، زاماننىڭ كەينىدە قالمىغان ساۋاتلىق ئادەم ھېساپلىنىمىز! ( بىر ئاز ئاشۇرىۋەتكەن بولىشىم مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە كۇۋانت نەزەرىيسىنى بىلمەيدىغانلارمۇ نۇرغۇن، ھەم پەن-تېخنىكىنىڭ ھەممە ساھەسىگە تەڭ ئىشلىتىلمەيدۇ، لىكىن ھازىرقى تېخنىكا يۈزلىنىشىدە كۇۋانت نەزەرىيىسى كەم بولسا بولمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر كۇۋانت نەزەرىيەسىنىڭ دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئۈزۈل- كىسىل ئۆزگەرتىۋېتىشىگە ئىشىنىپ، تەتقىقاتىنى داۋام قىلماقتا... ئەگەر ئۇلار ئىشەنگەن كۇۋانت كومپىيوتىرى مەيدانغا كىلىپ قالسا، تەرەققىياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز، ھازىرقى كومپۇتېرلىرىڭىز، ھېچنىمىگە ئىشلىمەيدىغان ئەسكى داسقا ئايلىنىڭ قېلىشى مۇمكىن! )






kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 22:09:50

كىۋانتنى مىقدارچە دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئۇقۇم دەپسىز. ئۇنداقتا كىۋانت دىگەن شۇنداق ئېھتىياج ئۈچۈن ئالىملار تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ئاتالغۇمۇ ياكى ئەمەلى بار نەرسىمۇ.ئاتوم ئەڭ كىچىك ماددا بىرلىكى ئەمەس ئەلۋەتتە ئاتوم يادروسى پىروتون بىلەن نىيتروندىن تەشكىل قىلىنىدۇ، شۇ پىروتون بىلەن نىيترونمۇ كىۋانتمۇ ياكى كىۋاكمۇ شۇنداق نەرسىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ دەپ كۆرگەنتىم بىر يەردە.

كىېچىكىدە مۇشۇ ئاتوم يادروسىنى ئايلىنىپ ئېلىكتىرونلار ئايلىنىدۇ. چوڭ جەھەتتە قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزنى پىلانىتلار ئايلىنىدۇ. ئوخشاشلىق ھە.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 22:29:10

@curious،

ئېنىرگىيەگە باشتىلا ئىش قىلىدىغان كۈچ دەپ ئېنىقلىما بەرگەنتۇق. ئىش بىلەن ئېنىرگىيە ئوخشاش ئۈنۈمگە ئىگە ئىككى فىزىكىلىق مىقتار. ئادەتتە بىز ئېنىرگىيەنى ماتېماتىكىلىق ھىسابلاشلاردا كۈچ بىلەن ئورۇن يۆتكىلىشىنىڭ كۆپەيتمىسى قىلىپ ئالىمىز...

فىزىكا لوغىتىگە كىۋانت دەپ كىرگۈزگەن بولسا ئۇنى ئۆزگەرتىش كىرەككەن. كۇۋانت ئېنگىلىزچىدىن كىرگەن كەسپى كەلىمە بولغاچقا ئەينەن ئوقۇلىشى بويىنچە ئالساق كۇۋانت دىيىشىمىز كىرەك. ئەگەر تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە مىقتارچە دىسەك بولىدۇ مېنىڭچە.

@kuyaxoghli نىڭ سۇئالىغا كەلسەك، كۇۋانت كىيىن يازمىنىڭ داۋامىدىن بىلىسىز، بىر نەرسە ئەمەس پەقەت مىكرو زەرىچىلەرنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى تەسۋېرلەش ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەن فىزىكىلىق نەزەرىيە ئۇقۇمى. نىمە ئۈچۈن كۇۋانت دەپ قويۇلغانلىقىنى يازمىنىڭ داۋامىدىن بىلىسىز، ئېنىرگىيە، مەسىلەن قوياش نۇرى ئەڭ كىچىك ئېنىرگىيە مىقتارچىلىرىدىن تۈزۈلىدى. بۇ مىقتارچىلار يەككە فوتونلارنىڭ ئېنىرگىيەسىگە تەڭ بولىدۇ. ئېنىرگىيەدىن باشقا ھەرىكەت، ھالەتلەرمۇ مىكرو دۇنيادا كۇۋانتلىشىدۇ، يەنى ئەڭ كىچىك مىقتارچىلىشىدۇ...

@kurax007 نىڭ تولۇقلىمىسىغا تەشەككۈر!


alparabi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 22:30:22

كۆپ ئەجىر قىلىپ ئىدىتلاپ يېزىلغان ماقالە بوپتۇ

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 04:26:07



@bilig:

مەنچە يەنىلا ئۆلچەملەشكەن كۋانىت سۆزىنى ئىشلىتەيلى. سەۋەب: بىرىگە بۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىزچىسى تاقلىقتاquantum، كۆپلۈكتە quanta دەپ يىزىلىدۇ، ئامىركىچە ئىنگىلىز تىلى تەلەپپۇزىدا كۋانتىم (kwa:ntəm) بويىچە بولىدۇ. ئورتاق تەلەپپۇزدىمۇ (ˈkwɒntəm) بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى ئو تەلەپپۇزى ئەمەس، بەلكى ئو بىلەن ئا نىڭ ئارىسىدىكى ئالاھىدە تاۋۇش بويىچە بولىدۇ، يەنى ئۆزبەك تىلىدىكى ئانا سۆزىدىكى \"ئا/ئو\" بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ. دىمەك ئەسلىسىگە يىقىن تەلەپپۇز قىلىمىز دىسەك كۋانتىم بويىچە ئالساق بولىدۇ. يەنە بىرىگە، بىزگە كۆپ پەننى ئاتالغۇلار رۇسلاردىن كىرگەن، رۇسلارغا بەزى ئاتالغۇلار نىمىسچىدىن كىرگەن. ھىسابتا بىزنىڭ پەننى تەللەپۇزىمىز سەل رۇسچىغا ئوخشاپ كىتىدۇ، لىكىن بۇنى خاتا دىيىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. مىسالەن تۇزغا ئارلاشتۇرىدىغان يودنى نىمىسچە نەق يود دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ، پەرىزىمچە رۇسلارغا نىمىسلاردىن كىرگەن، ئىنگىلىزچە ئايودايىن دەيمىز. ئەگەر بۇنداق ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسىنى تۈزىتىمىز دىسەك بىرمۇنچە قالايمىقانچىلىق چىقىپ، قىلغان ئىشىمىز تىل-يېزىق جەمئىيتىنىڭ قىلۋاتقان ئىشلىرىدىن پەرقى بولماي قالىدۇ، شۇڭا پىكرىم ئۆلچەملەشمىگەن، يىڭى چىققان ئاتالغۇلارغا باشقىچە، تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ بولغان ئاتالغۇلارغا يەنە باشقىچە قارىساق دىگەن ئۈمىدتىمەن.



ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!



@arislanmemet



ئۇ گەپلىنى مەن دىگەن ئىدىم. لىكىن ھازىرغىچە سادا يوق. ئىزدىنىشتا فىلىم تەرجىمە قىلۋاتقان بالىلار بار دەپ ئويلىغان ئىدىم، تونۇشلىرىڭلار بولسا دەپ قويغان بولساڭلار، پۇلنى بىز چىقارىساق، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن بولسا.



@kuyaxoghli



بۇ يەردە ئىككى ئاتالغۇ بار، پەرقى بەك چوڭ. بىرى كۋانت سۆزى، بۇ بىلىگ چۈشەندۈرگەندەك بىر خىل مىقدار، كۆپىنچە ئىنىرگىيە دىگەندەك فىزىكىلىق ئۇقۇملارنىڭ مىقدارىنى ئىپادىلەشتە ئىشلىتىمىز. بۇنى ئاددى قىلىپ تۇربىدا چۈشۈۋاتقان سۇ بىلەن ئىپادىلىسەكمۇ بولىدۇ، ئەگەر سۇ (ئىنىرگىيە ياكى باشقا فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلەرگە مىسال) ئەگەر تامچىلاپ چۈشسە، ھەر بىر تامچىنى كۋانىت دەيمىز، يەنى سۇ كۋانىتلاپ چۈشكەن بولىدۇ. ئەگەر سۇ توختىماي ئىقىپ چۈشسە ئۇ چاغدا كۋانىت سۆزىنى ئىشلىتەلمەيمىز، ئۈزۈكلۈك يوق. قۇياش نۇرى فوتونلاردىن ئىبارەت، ھەر بىر فوتون بىر كۋانىت بولىدۇ. بۇنى يەنە ئېلېكتېر ئىلمىدىكى ئانالوگ سىگنال بىلەن رەقەملىك سىگنال پەرقىگە ئوخشاتساقمۇ بولىدۇ. رەقەملىك سىگنال ئۈزۈك-ئۈزۈك پارچىلاردىن تۈزۈلىدۇ، شۇڭا بۇنى كۋانىت دۇنياسىغا ئوخشاتساق بولىدۇ. كۋانىت دىمەك ئۈزۈكلۈك دىمەك، ياكى پۈتۈن ئەمەس، پارچىلار.



كۋانىت ئۇقۇمىغا يىقىن كىلىدىغان يەنە بىر ئۇقۇم كۋارك، بۇنى بىلىگ ئالدىنقى يازمىسىدا چۈشەندۈرگەن. ئاتوم يادرۇسى نېيترون ۋە پروتوندىن تۈزۈلىدۇ، بۇ ئىككىسى يەنە داۋاملىق كۋاركقا بۆلىنىدۇ. كۋارك يەنە بۆلىنەمدۇ ھازىرچە بىلمەيمىز، ھىسابتا ماددىنى تۈزىدىغان ئاساسى بىرلىك كۋارك بىلەن ئېلېكترون (ئېلېكترون ھەم لېپتوننىڭ بىر تۈرى) دىسەك خاتالاشمايمىز. كۋارك دېمەك ماددىنى تۈزىدىغان ئاساسى زەررىچىنىڭ بىرى.



كۋانىت ھادىسىلىرىنى ماتېماتېكا بىلەن چۈشەندۈرەلەيمىز، يەنى ئېھتىماللىق ئۇقۇمى بىلەن مودىل ياساپ بۇ غەلىتە ھادىسىنى چۈشەندۈرەلەيمىز، لىكىن فىزىكىسىنى چۈشەنمىدۇق. ئەمەلىيەتتە كۆپ ئىشلاردا فورمۇلاغا سىلۋىلىش ئاسان بولغان بىلەن، ھەققى مەنىسىنى چۈشەندۈرۈش كۆپ تەس بولىدۇ.



ماتېماتېكىدا تەرتىپسىزلىك نەزەريىسى (Chaos theory، 混沌)دەپ بىر نەرسە بار، ئاساسلىقى ھەرقانداق قالايمىقان ياكى تەرتىپسىز ھادىسىنىڭمۇ قانۇنيىتى بار، يەنى ئوخشىمىغان ئۆلچەملەردە تەرتىپلىك ياكى تەرتىپسىز كۆرىنىدۇ دەيدۇ. بۇ نەزەريىنى قار كىرىستالىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرۈشكىمۇ ئىشلىتىدۇ، بەزىلەر بۇ نەزەريىنى پايچىك بازىرىغا، ھەتتا جەمئىيەتتىكى مەسىلىلەرگىمۇ ئىشلەتسە بولىدۇ دەيدۇ. يىقىندا قارا ئاققۇ نەزەريىسى بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بۇ كىتاب دۇنيادا خىلى داڭىق قازانغان كىتاب ئىكەن، كىيىنچە كىتابىنى ئوقۇپ بولۇپ بىر تېما يازاي دەۋاتىمەن، بەلكىم مەن يازغىچە بىرەرىڭلار چىقىپ يىزۋىتىشىڭلار مۇمكىن. بۇ نەزەريىنىڭ ئاساسى قىسمى:

ئەسلى ئاققۇ چوقۇم ئاق بولۇشى كېرەك، ئادەملەر بىلىدىغان ئاققۇنىڭ ھەممىسى ئاق. لېكىن ئاۋۇسترالىيەدە قارا ئاققۇ بايقالغاندا كىشىلەر تازا دەمالىققا قوبۇل قىلالماي قالغان. كۆپ ئىشلاردا بەزى نەرسىلەرنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمىز، مەسىلەن مەلۇم شېركەتكە مەبلەغ سىلىشنىڭ نەتىجىسى قانداق بولۇشى مۇمكىن دىگەندەك. لىكىن ۋاقتى كەلگەندە يۈز بىرىدىغان ھادىسە ھىچكىم ئويلاپ باقمىغان نەتىجە بولۇپ چىقىدۇ. يەنى ئېھتىماللىقنى بىلەلمەيمىز، يەكى بىز بىشىمىزدىن ئۆتكۈزمىگەن، شۇڭا ئالدىن بىلىش ئىمكانىيىتىمىز يوق. بۇ ئاپتور 11-سىنتەبىر ۋەقەسىنىمۇ، ھەم 2008-يىلدىكى ئىقتىسادى كىرىزىسنىمۇ مۇشۇ نەزەرىيە بويىچە چۈشەندۈرىدىكەن. ياپوندىكى فۇكۇشىمادا يۈز بەرگەن ھادىسىنىمۇ بۇ نەزەرىيە بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدىكەن مەنچە، يەنى، ئەسلى شۇنداق ھادىسىلەر بولغاندا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئويلىشىلغان بولىدۇ، ھەم داۋاملىق سىناق قىلىنىپ، مانۋېر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. لىكىن شۇنداق بىر ھادىسە بولغاندا بىز ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بىرىدۇ. دىمەكچى، ھازىرقى بىر ئىزىغا چۈشۈپ قالغان بىخەتەرلىك سىناقلىرى، بانكا-كارخانىلاردىكى بىسىم سىناقلىرى (stress test) يەنىلا يېتەرلىك ئەمەس.



بۇ نەزەرىيىنى كۋانىت نەزەريىسى بىلەنمۇ باغلىغىلى بولىدىكەن دەپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە ئېلېكتروننىڭ ھەركىتىمۇ دەل شۇنداق. قارا ئاققۇ نەزەريىسى دىگىچە، كۋانىت نەزەريىسىنىڭ باشقا ساھەلەردە ئىشلىنىشى دەپلا چۈشەنسەك بولامدۇ قانداق؟ قىزىققۇچىلار بولسا بىر مۇنازىرلىشىشكە ئەرزىگۈدەك تېمىكەن.



كىتاب ئۇچۇرى:

http://www.amazon.com/The-Black-Swan-Improbable-Robustness/dp/081297381X/ref=dp_ob_title_bk



ئاپتور:

ناسىم نىكولاس تالىب

http://www.fooledbyrandomness.com/

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 08:59:08

رەھمەت!

بىزلەر مانا مۇشۇنداق ئىجادى ماقالىلارغا ئەڭ ئىھتىياجلىق، ئىزدىنىش تورى بۇ تۇردىكى ماقالىلارنى ياخشى ساقلىشى، كۆپلەپ تارقىتىشى كىرەك.

بەزى رەسىملەر كورۇنمەپتۇ، ھەممە قىستۇرما رەسىملەرنى ئىزدىنىشنىڭ ئوزىنىڭ بوشلىقىغا قويساق، قېنى ماۋۇ تېخنىكلار! @pinhan@baqka

curious يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 13:51:49

7- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى curiousنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى تېما يوللاپسىز، ھەم جىق ئەجىر سىڭدۈرۈپسىز، ھارمىغايسىز!

تۈۋەندىكى نۇقتىدا ‹ئېنىرگىيە› بىلەن ‹ئىش› ئوقۇمىنى سەل ئارلاشتۇرۋىتىپ قالدىڭىزمۇ قانداق؟

‹كۈچنىڭ بىرلىكى N(نىيوتۇن) بولسا, كۈچ تەسىرىدە ھەرىكەت قىلغان مۇساپە m(مېتىر) بولسا ئېنىرگىيەنىڭ بىرلىكى N.m(نىيوتۇن. مېتىر) بولىدۇ، دىمەك ماتېماتىكىدا ئېنىرگىيە كۈچ بىلەن يۆتلىشنىڭ كۆپەيتمىسىدۇر.›

ئىنكاسىڭزدكى بىر گەپ يامان قىزىق تۇيۇلۇپ كەتتى\"\"

مەن ئۆزەم قايتا-قايتا ئوقۇپمۇ بايقىيالماي قالدىم. كۆرسىتىپ بەرمەمسىز؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 13:55:53

@oghuzkbقېرىندېشىم،

ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت! مەن كۇۋانت دەپ يېزىۋىرەي، چۈنكى باشتىن تارتىپ شۇنداق يېزىپ كەلدىم، ئەمدى بۇ ئىزچىللىقنى ئۆزگەرتمەي. باشقىلار توغرا چۈشەنسۇن...

ئايرىمچە، بۇ كەلىمىنى تۈركچىدىمۇ KUANT ياكى بەزىدە KUVANT دەپ ئالىدۇ ھەم شۇنداق ئوقۇيدۇ. تۈركى تىللارغا تەۋە بولغان تىلىمىزدا ئۈچ بوغۇملۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن بۇ كەلىمىنى يېزىش ۋە تەلەپپۇز قىلىشقا توغرا كەلسە كۇۋانتۇم دىسەك ھېچ زەرەر يوق، چۈنكى تىلىمىزدا بىر بوغۇم چوقۇم بىر سوزۇق تاۋۇشتىن تەركىپ تېپىشى كىرەك. ئەگەر ‹‹كۋانتۇم›› دەپ ئالساق ‹‹ك›› بىلەن ‹‹ۋ›› ئوتتۇرىسىدا بىر سوزۇق تاۋۇش كىلىشى شەرت، ئۇنىڭغا ‹‹ئى›› نى قوشۇپ ‹‹كىۋانتۇم›› دىسەك ئەسلى تەلەپپۇزدىن كۆپ يىراقلاپ كىتىدۇ. ئەگەر چەتتىن كىرگەن سۆز دەپ ئەسلى بويىنچە ئالدۇق دىسەكمۇ ئۇنى سىز دىگەندەك ئامېركىچە ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا ‹‹كۋو(ا)نتۇم›› دىسەك بولىدۇ، ھالبۇكى تىلىمىزدا ‹‹و›› بىلەن ‹‹ا›› نىڭ ئوتتۇرىدا كىلىدىغان تەلەپپۇز يوق، ئۆزبىكچىدە بار لىكىن...
بەت: [1] 2 3
: (بىلىك) كۇۋانت دۇنياسىغا كىرىش