ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 21:14:22

2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى

2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى







تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(15.01.2013) خەۋىرى:

قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، سۈرگۈن ھەققىدە يېزىلغان بىر ھېكايە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.

«خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» بۇ يىل ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق جەمئىي توققۇز دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلدى.

قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە 20 ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى.

يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيئىتى، 20 ئەسەر ئىچىدىن 5 نى تاللاپ باھالاش ئېلىپ باردى.

ئاق مەسچىت تاۋرىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن لېنېرا مەمەتوۋانىڭ «ئۈمىد» ناملىق ھېكايىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

500 دوللار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەمەتوۋ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سۈرگۈن قىلىنغانلار  بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېكايىدە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا ئائىلىلىرى سۈرگۈن قىلىنغان بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.

سەۋىل زارېچنايانىڭ «سەن قاتىل ئەمەس» ناملىق ھېكايىسى ئىككىنچىلىككە، ئىسا ئابدۇراخماننىڭ «كۆيدۈرمە يۈرەك» ناملىق ھېكايىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

خەلقئارا مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى، مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «مەھمۇد كاشغەرى يىلى» ئېلان قىلىنغان 2008-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=211213f4-2c13-4602-a399-4a606821ab80

★★★★★

totem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 22:49:53

ھېكايىلەرنى توردا كۆرۈشكە نىسىپ بۇلار-ھە؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 09:26:39

ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچىلارنىڭمۇ خەۋىرى بارمۇ بۇ مۇسابىقىدىن؟

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 16:36:31

ئۇلارنىڭ ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار ھەر بىرىگە بىردىن دوپپا ئىۋەتەي.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 19:52:35

مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەرنى رىتا1028 ياكى دىلارا ھەدىمىز تەمىنلەپ بېرەلەرمىكى...

yaghlaqar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 14:47:49

مۇندامۇ مۇسابىقىلەر بارمىكەن؟
بەت: [1]
: 2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى