gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 21:08:42

گۈلەن ئاكادېمىيىسىدە لېكسىيە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك دوستلار


گۈلەن ئاكادېمىيىسى 2013-يىللىق تۇنجى لېكسىيەنى باشلىماقچى. تېمىسى "پەرزەنتىڭىزگە لازىملىق ئۈچ خىسلەت". لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ. لېكسىيە ئورنى قەشقەر شەھەر پەن تېخنىكا سارىيى بىرىنجى قەۋەت. لېكسىيە ۋاقتى 20-يانۋار چۈشتىن سەھەر سائەت توققۇز. ئۆزىنى ۋە ئائىلىسىنى سۆيگۈچىلەرنىڭ بىزگە مىھمان بولۇشىنى، لېكسىيەمىزگە ئاۋاز قوشىشىنى ئارمان قىلىمىز.


ھۆرمەت بىلەن: گۈلەن ئاكادېمىيىسى.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 22:00:30

مۇبارەك بولسۇن، سىنغا ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلا. بىزمۇ خەۋەردار بوپ قالايلى.

koqahawiri1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 22:15:45

17-چىسلاغا بىيجىڭغا بىلەت ئىلىپ بولغان ۋاقىتقا توغرا كىلىپ قالغىنىنى كۆرمامدىغان،ئۆتكەنكىسىمۇ بىر ئىشلارغا دوقال بولۇپ مەھرۇم قاپتىم. \"\"

totem يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 22:54:51

سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە مۇمكىن بۇلارمىدۇ؟...



ھەر خىل ئۇنۋىرسىتلاردىن ھۈكۈمەت قوللىغان لېكسىيە سۆزلەيدىغانلار يۇرت-يۇرتلارغا بېرىپ نۇتۇقلارنى سۆزلەش ئەۋىج ئىلىۋاتىىدۇ.



سىنئالغۇسىنى كۆرۈشكە تەقەززامىز.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 23:15:15

چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز ئوخشىمامدۇ؟

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 08:57:23

ئۆتكەندە بىر يەسلىگە بېرىپ، پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئاتا-ئانىلارنىڭ كاللىسىنى ئېچىش كېرەكلىنى ھېس قىلىپ، قۇرغۇچىسىغا بىر مۇنچە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىپ يېنىپ كەلگەن ئىدىم. كىيىن ئاڭلىسام شۇندا قىپتىمىش، ئۈنۈمى قانداق بولدى بىلمىدىم.

بىزدەك بارالمايدىغانلار ئۈچۈن چۇقۇم تور يۈزىدە تارقاتساڭلار{:90:}

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 10:19:32

ئۈرۈمچىدە سۆزلىگەن بولسا بىرنەچچە يېقىن بۇرادىرىمنى ئېلىپ باراتتىم !!

heqqani يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 13:12:09

ياخشى ئش ئىكەن،ئەمما بىلگۇم كەلدى:ئاكادىمىيە-دىگەن ئاتالغۇ سەل چوڭ كىلەمدۇ قانداق ؟ياكى ئۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئاكادىمىيە دىگەن نىمە؟بىلىشكە بولارمۇ؟ -بۇ سەمىمى سۇئال.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 13:15:24

ئىچكىرىدىكىلەر-----ئۇيغۇرلىقىڭىز ئېسىڭىزدە بولسۇن

ماۋۇ تىمىنى ئەخلەت دەپ ئىنكاس يېزىپ بىردەمدىلا ئەخلەتخانىغا تاشلاپتۇ بەزىلەر...

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 16:39:53

گۈلەن ئاكادېمىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 16:45:05

گۈلەن: قۇتادغۇبىلىك سۆھبەتلىرى نىڭ خاترىسىنى كۆرسەك بولاتتى.

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 19:35:54



ئاجايىپ ياخشى بوپتۇ، قەۋت خوش بولدۇم، بىلەت سېتلامدۇ ياكى ،ھەقسزىمۇ ؟. (ئەگەر بىلەت سېتلسا ئالدىن زاكاس قىلىپ قوياي..)

بىر قانچە دوستۇمغا ھەم خەۋەر بېرىپ قويدۇم...ئورۇن يەتمەي قالماس ھە...

birdil يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 08:50:23

بەك بەلەن ئىش بولۇپتۇ. ياخشى بىر لېكسىيىگە قاتنىشىش 100 پارچە نەزەرىيە كىتابىنى ئوقۇغاندىن ياخشىمىكىن دەيمەن. چۈنكى، لېكسىيە ئادەمگە ئۇنۋىرسال تەربىيە بېرىدۇ، ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە تەپەككۇرىنى غىدىقلايدۇ.

birdil يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 08:51:30

سىن فىلىمىگە تەقەززامىز.

maQak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:39:46

مېنىڭمۇ ئوتتەك قاتناشقۇم بار .

maQak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 20:46:56

مېنىڭمۇ ئوتتەك قاتناشقۇم بار .{:92:}   {:92:}

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 10:49:45

خۇدا خالىسا بۇ قىتىمقىسىغىمۇ قاتنىشىمەن..
بەت: [1]
: گۈلەن ئاكادېمىيىسىدە لېكسىيە