layike يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 18:12:08

ئىززەت بىگوۋىچنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [كۆچۈرۈلمە]

ئىززەت بىگوۋىچ 1925 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى بوسنىيەنىڭ ساماچ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن، كىچىك ياشتا ئائىلىسىدە دىنىي تەربىيە ئالغان، 1945 ـ يىلى تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان. 1946 ـ يىلى ياش مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان دېگەن «جىنايەت» بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 5 ـ يىل تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن ھوقۇقشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە، يەنە بىر تەرەپتىن دىنىي ساھەدە ئىلىم ئۆگەنگەن. بوسنىيەدە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا نەشىر قىلىنىدىغان تۈرلۈك گېزىت ـ ژۇرناللاردا ماقالە يازغان. كۆپ قىسمىنى تۈرمىدە يازغان ۋە 1980 ـ يىلى نەشىر قىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان «غەرب ۋە شەرق ئوتتۇرىسىدا ئىسلام» ناملىق كىتابى، ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرى ئۇنىڭ ھەسەن ئەل بەننا، سەييىد قۇتۇپ، مەۋدۇدىلارنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدۇ. 1983 ـ يىلى 1970 ـ يىلى نەشىر قىلىنغان بىر كىتابىدا «مۇسۇلمانلارنى تەشكىلاتلىنىشقا چاقىرغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 14 ـ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. 1988 ـ يىلى خەلقئارادىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يۇگۇسلاۋىيەنىڭ گومران بولىشى ئالدىدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن. 1990 ـ يىلى قۇرۇلغان «دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيىسى» نىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1990 ـ يىلى 11 ـ ئايدىكى سايلامدا بوسنىيەنىڭ تۈنجى دۆلەت رەئىسى بولىدۇ. 1992 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى ياۋرۇپا بىرلىكى بوسنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى تۇنۇيدۇ ۋە شۇ كۈنى بوسنىيە ئۇرۇشى باشلىندۇ. 1992 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنىدىن 1995 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىگىچە داۋاملاشقان ئۇرۇشتا 200 مىڭ بوشناق خەلقى شېھىد بولۇپ، ئىككى مىليون خەلق يۇرتىدىن ئايرىلىپ سەرگەردان بولۇش بەدىلىگە بوسنىيە مۇستەقىل بولىدۇ. 1996 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىكى سايلامدا ئىززەت بىگوۋىچ ئىككىنچى قېتىم دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1998 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 13 ـ 14 ـ كۈنىدىكى سايلامدا بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلىنىدۇ. ئۇ ياش ۋاقتىدا باشلاتقان ئىنقىلابىي ھەرىكىتىنى، يوق بولۇش گىردابىغا كەلگەن مىللىتىنى ئىسلام مەدەنىيىتى ئارقىلىق ساقلاپ قېلىشقائۇرۇندى. ئۇ يېقىن تارىخىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلاردىن بىرىدۇر.ئىززەت بىگوۋىچ كۈرەش تارىخى ۋە سىياسىي ھاياتى بىلەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئىدى.ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن ئۆرنەك بولغان مۇتەپەككۇر داھىي ئىززەت بىگوۋىچ 2003 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى 78 يېشىدا ساراي بوسنا دوختۇر خانىسىدا ۋاپات بولغان.

مەزكۇر تەرجىمھال توردىن يېغىپ ساقلانغان بۇلۇپ .ئەسلى تەييارلاپ تورغا يوللۇغۇچىغا ،ئاللاھ تىن تىنىچلىك ۋە ئاسايىشلىق تىلەيمىز .





ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 19:01:15

\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 20:39:20

بوسنىيە ئۇرۇشى .......................\"\"يېرىمكۈنرەسىميوللىسام..............\"\"

turumtay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-15 10:24:14

ئالىئا ئىززەتبىگوۋىچ(ئىززەتبىك+و+ۋىچ)
بەت: [1]
: ئىززەت بىگوۋىچنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى [كۆچۈرۈلمە]