قەرز ئىگىلىرىنى ئىزدەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، ئوبدان تۇرغانسىلەر؟
ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەپ يۈرگەن ئىككى كىشى بار ئىدى، مېنىڭ بۇلارغا ئازدۇر- كۆپتۇر بېرىشىم بار ئىدى. ئۆز ئالدىمغا ئىزدەشلىرىم نەتىجىسىز بولغانلىقى تۈپەيلى، مۇنبەردىكى قەدىردانلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى ئويلاشتىم. ياردىمىڭلارغا ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقمەن. بولسا ئۇزۇنىغا توققۇز يىل، قىسقىسىغا بەش يىل بولغان مۇشۇ قەرزلەر ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇلۇپ، مەندىن بىر ساقىت بولۇپ كەتسە ئىدى.
1- كىشى:
ئىسمى- ئامىنە، فامىلىسىنى بىلمەيمەن، يۇرتى قۇمۇلدىن. 2002- يىلى بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ گېرمان تىلى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كەلگەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەدە خىزمەت قىلىۋاتقىنى ماڭا ئېنىق ئەمەس. ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە بىرەيلەن بۇ قىزغا بېرىپ قويۇشنى ھاۋالە قىلغان پۇل سوممىسىنى خاتا ئاڭلىۋالغان (ئۇنتۇپ قالغان) تۈپەيلى ئۇنىڭغا قەرزدار بولۇپ قالغىنىمنى كېيىن بىلدىم. مەنچە كۆپچىلىكنىڭ ياردىمىدە ئۇنى تېپىش بەك تەسكە چۈشمەسلىكى مۈمكىن.
2- كىشى:
ئىسم- فامىلىسى- زەينۇرە مەمەت، 2008- يىلى بۇ قىز خاڭجۇدا شەخسىي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن مەزگىلدە تونۇشۇپ قالغان ۋە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئازراق پۇلى مەندە قالغان. يامان بولغىنى بۇ قىز شۇ چاغدا ماڭا قالدۇرغان يانفون نومۇرى ئاللىبۇرۇن توختاپ كەتكەن، "ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىمىزنىڭ نومۇرى" دەپ بەرگەن نومۇرنى بولسا ئۆلچەملىك تىلدا سۆزلەشنىمۇ بىلمەيدىغان خەنزۇ ئالىدۇ. بۇ قىز ھەققىدە بىلىدىغىنىممۇ بەكلا ئاز- يولدىشى دوللارچىلىق قىلىمشكەن، ئەر- ئايال تىپىك دۆڭكۆۋرۈكلەردىن. زەينۇرە ئۆزى ئېگىز، ئورۇق، ئۆڭى قارىراق، چىرايلىق قىز، يېشى 35تىن چوڭ ئەمەس.
بۇندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئىككى قىزى بارلىقىنى بىلىدىكەنمەن. ئۇزۇندىن بېرى ئۇنى كۆپ ئىزدىگەن بولساممۇ تاپالماي كەلدىم.
بۇندىن باشقا سورايدىغىنىم، ئۇلارنى زادى تاپالمىدىم دەيلى، مۇشۇنداق ئىگىسى تېپىلمىغان قەرزنىڭ شەرىئەتتىكى ھۆكۈمى نېمە؟ ئاڭلىسام ئىگىسى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سەدىقە- زاكات قىلسىمۇ قوبۇل بولمايدىكەن. قەرزدىن خالاس بولۇشنىڭ باشقا ئاماللىرى بارمۇ؟
ياردىمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ:
كەمىنە دىلرۇبا
ئۇنداق قىلماي تېپىشىپ بېرىڭلار، 人肉搜索 قىلىۋاتىمەن. بولسا مەن ئۈرۈمچىدىن كەتكۈچە مۇشۇ ئىشنى پۈتتۈرىۋېتىپ كېتەي.
ئادەم دېگەن مۇشۇنداق بولسا دەيمەن! تۇمۇر دىگەننى قىززىغدا سوقىدىغان ئىشتى....... پۇلنى ماڭا بىرىپ قۇيۇپ كېتىڭە ، مەن تېپىپ تاپشۇرۇپ بىرەي ،قىزلارغا پۇل قايتۇرۇشقا ئامراق مەن .

تېلىفوندىكى گېپىدىن قارىسام ئۇ پۇلنى چوڭلار بېقىپ بېرىۋاتقان بالىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلىدەك قىلىدۇ

ئاچامدىن ئاڭلىشىمچە كىشىنىڭ ھەققى قىيامەتتە بوينىغا زەھەرلىك يىلان بولۇپ چىرمىشىدىكەن، نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق! ئاللاھ ساقلىسۇن كىشىنىڭ ھەققىدىن...
9- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭ باشقىلاردىن ئالىدىغان 2000 سوم پۇلۇم باتتى، لېكىن ئۇ پۇلنى سورىسام ھېلى قايتۇرىمىز ھېلى قايتۇرمايمىز دەپ بىر يىل بولدى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمىغىلى. راستىمنى دېسەم، ئۆزى بىلىپ يېنىغا پۇل كىرگەندە قايتۇرۇپ بېرە دەپ ئويلىغان، ھازىرغىچە جىم. بىرسىدىن بىر نەرسە سوراشقا بەك ئۆچلۈكۈم... ئۇلار قايتۇرۇپ بەرسە ئىئانە قىلىۋېتەيمىكىن، بەرىبىر رازى بولۇپ قايتۇرمايدىغان چىراي.
ئاچامدىن ئاڭلىشىمچە كىشىنىڭ ھەققى قىيامەتتە بوينىغا زەھەرلىك يىلان بولۇپ چىرمىشىدىكەن، نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق! ئاللاھ ساقلىسۇن كىشىنىڭ ھەققىدىن...
ئەگەر بىرسىدە ئېلىشىڭىز بولۇپ،قارشى تەرەپ ئۇنتۇپ قالغان بولسا،سىز ئۇنتۇپ قالمىغان ھالەتتە ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن سۈيلىمىسىڭىز سىز گۇناھكار بولىسىز.
ئەسكەرتىش گۇناھ ئەمەس.خىجىل بولىدىغان ئىشمۇ ئەمەس.
ئۇلارغا ئەسكەرتىش بەرگەن، لېكىن بىرسى قايتۇرمايمىز دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتكەن، يەنە بىر قىز قايتۇرمىساق بولمايدۇ دەپ يېنىغا پۇل كىرگەندە قايتۇرماقچى بولغان، ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى جىمجىت. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن نېمە قىلىشنى بىلەلمىدىم راستلا. مەن سورىمىسام ماڭا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېرىپ سورىغان شۇ، لېكىن ئەمدى يەنە بارىمەنما، مۇشۇ ئىشنى ئويلىساملا بىئارام بولىمەن.
12- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇلارغا ئەسكەرتىش بەرگەن، لېكىن بىرسى قايتۇرمايمىز دەپ كېسىپ ئېيتىۋەتكەن، يەنە بىر قىز قايتۇرمىساق بولمايدۇ دەپ يېنىغا پۇل كىرگەندە قايتۇرماقچى بولغان، ھازىر بىر يىلدىن ئاشتى جىمجىت. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مەن نېمە قىلىشنى بىلەلمىدىم راستلا. مەن سورىمىسام ماڭا گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بېرىپ سورىغان شۇ، لېكىن ئەمدى يەنە بارىمەنما، مۇشۇ ئىشنى ئويلىساملا بىئارام بولىمەن.![]()
سوتقا ئەرز قىلىڭ. بۇ يىلدىن باشلاپ، تۈزىتىلگەن ھەق- تەلەپ دەۋا قانۇنىدىكى بەلگۈلىمىلەرگە ئاساسەن، تۈۋەن سوممىلىق(14مىڭدىن تۆۋەن، لىكىن شىنجاڭنىڭ قانچە تىخى ئۇقىمىدىم) دېلۇلارنى سوت مەھكىمىسى سوت ئاچماستىنلا، ئىككى تەرەپنى چاقىرىپ، مۇرەسسە قىلىپ ، بىر دەرىجىلىك سوت بىلەنلا ئاخىرلاشتۇرماقچى .
ۋۇججججۇن ....... پو...........

9- قەۋەتتىكى فائىزە034نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭ باشقىلاردىن ئالىدىغان 2000 سوم پۇلۇم باتتى، لېكىن ئۇ پۇلنى سورىسام ھېلى قايتۇرىمىز ھېلى قايتۇرمايمىز دەپ بىر يىل بولدى بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمىغىلى. راستىمنى دېسەم، ئۆزى بىلىپ يېنىغا پۇل كىرگەندە قايتۇرۇپ بېرە دەپ ئويلىغان، ھازىرغىچە جىم. بىرسىدىن بىر نەرسە سوراشقا بەك ئۆچلۈكۈم... ئۇلار قايتۇرۇپ بەرسە ئىئانە قىلىۋېتەيمىكىن، بەرىبىر رازى بولۇپ قايتۇرمايدىغان چىراي.
ئاچامدىن ئاڭلىشىمچە كىشىنىڭ ھەققى قىيامەتتە بوينىغا زەھەرلىك يىلان بولۇپ چىرمىشىدىكەن، نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق! ئاللاھ ساقلىسۇن كىشىنىڭ ھەققىدىن...



كونا دۇڭكۆۋرۈكلەرنى تاپماق تەس بولۇپ كەتتى، بىزمۇ ئۆلۈم-يىتىملىرىمىز بولسا،كونا قوشنىلارنى تاپالماي كۆپ بويۇن قىسىدىغان بولۇپ قالدۇق، بىر چاغلاردا زەينۇرە، زەرىپە دەپ قىزلار بولدىغان، زەرىپە شىئەندە ئوقىغان، مەن ئەتە مەھەللىگە چۈشىمەن،ئىككىنچى دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلدىكى كوچىدا بىر قورۇ بار، ئويمانلىق مەسچىدنىڭ يېنىدا، شۇ قورودا ساناقلىق كونىلار بار، ئامالىنى قېلىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقاي! شەھلاغا رەھمەت.
ئېسىمدە قېلىشىچە ئۇ زەينۇرە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان، خاڭجۇغا بېرىپ تىجارەت قىلىشتىن ئىلگىرى شياۋشىمېندىكى توپ تارقىتىش بازارلىرىنىڭ بىرىدە ئىشلەپتىكەن.
بولسا بىر تېپىلىپ قالسا ئىدى. باغداش تورىغا چىقىرىپ بېقىڭ، باغداش تورىدا قومۇللۇقلار كۆپ، 1-كىشىنى تونۇيدىغانلار چوققۇم چىقىپ قالىدۇ. ئەسما خانىم، ئۆزىڭىز بىر ئامال قىلىپ ئاۋۇ داپشاقتىن پۇلىڭىزنى ئالسىڭىز، ئاندىن ھېكايىڭىزنى بىر ئاڭلىساق. مېنىڭ ئەتراپىمدىمۇ بەك جىق، ئاساسەن بالىلىرىنى مەكتەپكە، خىزمەتكە دېگەندەك ئارقا ئىشىك بىلەن قويۇلۇپ كەتكەنلەر.