Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 23:40:22

[باچكا] ئىزدىنىشتا باش سۈرەتنى مۇنداق يوللايسىز

ئاۋال ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ باش سۈرەت ساقلاش مۇندەرىجە ئادرىسىنى قالدۇراي:


http://www.izdinix.com/images/face/Uploads/


قەدەم باسقۇچى ئېنىق مۇنداق:


1. «باش شەكلى ئادرىسى» رامكىسىدىكى مەزمۇننى ئۆچۈرۈپ «تاپشۇرۇش» نى باسىسىز.


2. «باش شەكلى» بېتىدە، «رەسىم ھۆججىتىنى يوللاش» رامكىسىدىن پايدىلىنىپ، كومپيۇتېرىڭىزدىكى رەسىمنى تاللاپ، «يوللاش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، سەل ساقلايسىز. «يوللاش مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى» دىگەن خەت كۆرۈنگەندە، تۈۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، رەسىمنىڭ ئەسلى نامىغا چېسلا- ۋاقىت قوشۇلۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۇنى بىراق تاللاپ كۆچۈرۈۋالىسىز.




3. ئىككى خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشى مۇمكىن: بىرى، رەسىم يوللىنىپ بولۇپلا دەرھال ئۈستۈنكى رامكىغا ئاپتوماتىك چىقسا، «تاپشۇرۇش» نى باسسىڭىزلا پۈتىدۇ، تەكشۈرۈۋېلىڭ. ئىككىنچىسى، رەسىم يوللىنىپ بولۇپ، ئۈستۈنكى رامكىغا چىقمىسا، بىر مىنۇت ساقلاپمۇ قەتئىي چىقمىسا، ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ باش سۈرەت ساقلاش ئادرىسى كەينىگە شۇ يېڭى نامنى قوشۇپ، ئاندىن پۈتۈن ئادرىسنى «باش شەكلى ئادرىسى» رامكىسىغا چاپلاپ «تاپشۇرۇش» نى باسىسىز. 3- قەدەمنىڭ ئاخىرقى جۈملىسى بويىچە تەكشۈرۈپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ.


مەسىلەن: سىزنىڭ ھۆججەت نامىڭىز Robots.jpg بولسا، تولۇق ئادرىس مۇنداق بولىدۇ:


http://www.izdinix.com/images/face/Uploads/20130114012453Robots.jpg


بۇ ئادرىسنى تور كۆرگۈدە قۇرۇق بەتكە يېزىپ ئاچسىڭىز كۆرۈنسىلا،
ئادرىسنى ئىشلىتىشكە تامامەن بولىدۇ. كۆرۈنمىسە، رەسىم توغرا يوللانمىغان
بولىدۇ.



4. باش شەكلى ئادرىسىنى خاتىرە دەپتەرگە چاپلاپ بىرەر ئىشەنچىلىك جايغا ساقلاپ قويۇڭ. كېيىنچە لازىم بولىدۇ.



بۇ ئاساسەن ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. بولماي قالسا، 1- قەدەمدىن باشلاپ قايتا سىناڭ. جەزمەن بولىدۇ. مەن مۇشۇنى يېزىپ بولغۇچە مۈشۈك بىلەن ماشىنا قولنى ئالماشتۇرۇپ سىناپ بولۇپ يازدىم. ھەم 4- قەدەمنىڭ ياردىمى بويىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدىم.


تۈۋەندىكى ئىككى ئادرىسنى ياقتۇرغانلار ئىشلىتىڭلار.


http://www.izdinix.com/images/face/Uploads/20130114125826Cat.jpg




http://www.izdinix.com/images/face/Uploads/20130114012453Robots.jpg


RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 01:40:22

قايسى دەرىجىدىكى ئەزالارنىڭ باش سۆرەت ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بۇلىدۇ ؟ مىنىڭ ئۇنداق ھوقۇقۇم يوقمىش ! \"\"

naprat2009 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 07:19:47

ھازىرقى مۇھىم مەسىلە باش سۈرەت ئەمەس، مۇنبەرنىڭ نورمال ئېچىلىشى، باش بەتنىڭ ئېچىلىشى «مۇمكىن ئەمەس» دېگەنلا بوپ قالدى، ئاساسەن ئىلكان مۇنبەر ئۇلىنىشىدىن تېمىغا كىرىپ كۆرۈۋاتىمەن.

بىرەر تېمىنى ئاخىرىغىچە مۇنازىرە قىلغىلى بولمىدى، ئەتىسىلا ئېچىلماس بوپ قېلىۋاتىدۇ...باشقا تور بەتلەر ھەل قىلىپ بولدى، سىلەر نېمىشقا ھېلىغىچە ھەل قىلمايسىلەر؟

ozugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 09:42:45

ھەر قېتىم ئۆزھال يازغان تېما ياكى ئىنكاس قاتناشتۇرغان تېمىنى ئاچسا، ئۆزھالنىڭ باش رەسىمى ئالدى بىلەن ئىكرانغا لىق بىرئېچىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تېما رەسمى ئېچىلىدۇ . ( ياكى مېنىڭكىدە شۇنداقمۇ ؟، تور كۆرگۈچۈم: Internet Explorer 8) شۇڭا ئۆزھال ۋە باشقا تورداشلارمۇ باش رەسىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىر تەكشۈرۈپ باقسا...

bitalay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 09:50:16


3- قەۋەتتىكى ozughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەر قېتىم ئۆزھال يازغان تېما ياكى ئىنكاس قاتناشتۇرغان تېمىنى ئاچسا، ئۆزھالنىڭ باش رەسىمى ئالدى بىلەن ئىكرانغا لىق بىرئېچىلغاندىن كېيىن، ئاندىن تېما رەسمى ئېچىلىدۇ . ( ياكى مېنىڭكىدە شۇنداقمۇ ؟، تور كۆرگۈچۈم: Internet Explorer 8) شۇڭا ئۆزھال ۋە باشقا تورداشلارمۇ باش رەسىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى بىر تەكشۈرۈپ باقسا...



مىنڭكىدىمۇ شۇندا ئۆزھالكامنىڭ باش رەسىمى ئىكرانغا لىققىدە ئىچىلغاندىن كىيىن ئاندىن تىما نورمال كۆرۈندۇ!




hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 11:05:32

بىرىنچى باسقۇچتا ئېيتىلغىنى بويىچە قىلسام «سىزنىڭ پەقەت بار رەسىملەرنى تاللاش ھوقوقىڭىز بار دەپ چىقتى». ئۇنىڭ ئۈستىگە «رەسىم يوللاش رامكىسى» دەپ بىرەر جاي چىقمىدى. دەرىجەم توشمامدىكىن دېسەم باشقا يۈزباشلىرىمۇ ئۆزگەرتەلەپتۇ بولمىسا.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 11:23:19

5- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرىنچى باسقۇچتا ئېيتىلغىنى بويىچە قىلسام «سىزنىڭ پەقەت بار رەسىملەرنى تاللاش ھوقوقىڭىز بار دەپ چىقتى». ئۇنىڭ ئۈستىگە «رەسىم يوللاش رامكىسى» دەپ بىرەر جاي چىقمىدى. دەرىجەم توشمامدىكىن دېسەم باشقا يۈزباشلىرىمۇ ئۆزگەرتەلەپتۇ بولمىسا.

يولۋاس ئۆلتۈرەلەيدىغان يۈز بېشى بىر تۇرسا ، مەنمۇ يۈز بېشى دەپلا رەسىم ئۆزگەرتكىلى بولمىغىدەك . \"\"

سەۋىر - تاقەت بىلەن ئىزدىنىش پىروگىراممىسىنىڭ يېڭىلىنىشىنى كۈتۈشتىن باشقا چارە يوق .\"\"

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 11:31:56

مىنىڭكىدە باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش دىگەن كۆزبەكمۇ چىقمىدى...پەقەت توربىكەت باش بېتىلا ئېچىلىپ مەخسۇس مۇنبەر بېتى ئېچىلمىسا مەشغۇلات قىلغىلى بولمامدۇ يا؟

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 11:32:13

مىنىڭكىدە باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش دىگەن كۆزنەكمۇ چىقمىدى...پەقەت توربىكەت باش بېتىلا ئېچىلىپ مەخسۇس مۇنبەر بېتى ئېچىلمىسا مەشغۇلات قىلغىلى بولمامدۇ يا؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 16:10:11

باشقۇرغۇچىلار بىلەن بىزگە ئوخشاش ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھوقۇقى ئوخشاش بولمىغاچقا باچكىنىڭ كۆرگەن بېتى بىلەن بىزنىڭ ئوخشىمايدۇ . باچكىنىڭ بۇ تېمىسى ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىلىرىغىلا ماس كېلىدىكەن .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 17:27:04

كۆپچىلىككە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقتىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز . يېقىندا بۇ چەكلمە ۋە مۇنبەر پىروگىراممىسىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلار تۈزۈتىلىدۇ .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 22:17:19

10- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆپچىلىككە كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقتىن سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز . يېقىندا بۇ چەكلمە ۋە مۇنبەر پىروگىراممىسىدا كۆرۈلگەن خاتالىقلار تۈزۈتىلىدۇ .



كەچۈردۇق. رەھمەت!\"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 22:21:59

ئۇنداق ئاسان كەچۈرمەيمەن مەن

ئۈزەم ئېچىپ قويغان تېمىغا ئۈزەم كىرەلمەيۋاتىمەن \"\"

بىرمە قىلىڭلارچۇ ھەي

نىمە بۇ

پىنھان

بولمىسا مىنىڭ ئايپىرىمنى چەكلەپلىۋېتىڭلارچۇ

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 17:01:13

مۇھىمى قوشۇمچە رەسىم چىقىرىش، قوشۇمچە ھۆججەت قوشۇش ئىدى.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 22:43:57

يېڭى ئەزا ئىزدىنىشقا باش سۈرەت يوللىيالمىسا، باشقا يەرگە يوللىسىمۇ بولىدىغۇ، ئادرىسىنى چاپلىسىلا ئىش پۈتىدۇ.

باش سۈرىتىنى چىقىرالمىغان يېڭى ئەزالار www.outlook.com دىن خەت ساندۇق ئېلىڭلارچۇ، ئۇنىڭ SkyDrive سىغا بىر كىرىپ، ئورتاق دىگەن مۇندەرىجە ئاستىغا باش سۈرىتىڭلارنى يوللاپ، ئۇ رەسىمنىڭ كۆرۈش ھالىتدە ئۈستىدە «دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈش» دەپ بۇيرۇق بار، شۇنى چېكىپ، رەسىم ئايرىم ئېچىلغاندا، خاسلىقىدىن ئەسلى ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ، باش رەسىم ئادرىسىغا چاپلىساڭلار بولىدۇ.


patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-17 22:19:18

باش سۈرەتنىمۇ ئالماشتۇرغىلى بۇلىدىكەن...تەشكىلگە رەھمەت! \"\"

LastSmile يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:46:27

14- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يېڭى ئەزا ئىزدىنىشقا باش سۈرەت يوللىيالمىسا، باشقا يەرگە يوللىسىمۇ بولىدىغۇ، ئادرىسىنى چاپلىسىلا ئىش پۈتىدۇ.

باش سۈرىتىنى چىقىرالمىغان يېڭى ئەزالار www.outlook.com دىن خەت ساندۇق ئېلىڭلارچۇ، ئۇنىڭ SkyDrive سىغا بىر كىرىپ، ئورتاق دىگەن مۇندەرىجە ئاستىغا باش سۈرىتىڭلارنى يوللاپ، ئۇ رەسىمنىڭ كۆرۈش ھالىتدە ئۈستىدە «دەسلەپكى نۇسخىسىنى كۆرۈش» دەپ بۇيرۇق بار، شۇنى چېكىپ، رەسىم ئايرىم ئېچىلغاندا، خاسلىقىدىن ئەسلى ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ، باش رەسىم ئادرىسىغا چاپلىساڭلار بولىدۇ.






مېنىڭ شۇ ئاىرىسنى يوللاش ھوقۇقۇممۇ يوقكەن، پەقەت ۋە پەقەت سۈكۈتتىكى رەسىملەرنىلا تاللىيالايدىكەنمەن

LastSmile يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:49:21

5- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرىنچى باسقۇچتا ئېيتىلغىنى بويىچە قىلسام «سىزنىڭ پەقەت بار رەسىملەرنى تاللاش ھوقوقىڭىز بار دەپ چىقتى». ئۇنىڭ ئۈستىگە «رەسىم يوللاش رامكىسى» دەپ بىرەر جاي چىقمىدى. دەرىجەم توشمامدىكىن دېسەم باشقا يۈزباشلىرىمۇ ئۆزگەرتەلەپتۇ بولمىسا.



مەنمۇ تولا ھەپىلىشىپ ئۆزگەرتەلمىدىم. سىزنىڭكىدەك چىقىۋالدى

xatmen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 12:05:47

بەت: [1]
: [باچكا] ئىزدىنىشتا باش سۈرەتنى مۇنداق يوللايسىز