ماشىنانى گاز يىقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىش .[تېخنىكا]
ئەسسلام ئەلەيكۇمتۇرداشلار مەن يىرىم يىل ئىلگىرى 现代 苏纳塔8ماشىندىن بىرنى سىتىۋالغان ھەر ھالدا يامان ئەمەس .ئەمما شەھەر ئىچىدە كۆپرەك ھەيدىگەچكىمۇ ماينى سۇدەك ئىچىپ قۇيىدۇ.ئۇزۇن يۇلدا ھەر ھالدا بۇلۇپ قۇيىدۇ .ھازىر مۇساپە 10مىڭغائاز قالدى ،گاز يىقىلغۇسا ئۆزگەرتسەمماشىنىغاتەسىرى قانداق بۇلار دەپئىكىلنىپ قالدىم ، بۇھەقتە تەجىربىسى بارلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقساق دەيمەنكۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە ..
ئاكامنڭ 2.0 لىك بىر سوناتاسى بار ئىدى، ماينى كىلومتىرىغا 1 كويدىن چۈشمەي يەيتى... سۇيۇقلاندرۇرۇلغان گازغا ئۆزگەرتىپ ئايدىن كىينلا ھەر خىل كاشىللار كۆرۈلۈپ پەقەت ئارام بەرمىدى...ئەڭ ياخشىسى كەسپ ئگللىرىدىن ياخشراق مەسلىھەت ئېلىپ بولۇپ ئۆزگەرتىڭ... بۈگۈن توردا مۇشۇ ماشىنىغا كۆزۈم چۈشۈپ ئالاي دەپ ئۇيلىغانتىم،قارىسام سۈرئەت ئۆزگەرىتكۈچىسى ساپلا ئاپتۇماتىك خوتكەن. بۇ ماشىننىڭ سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچىسى cvt ئەمەسمۇ؟
مىنىڭچە تېخنىكىسى ياخشىراق ئورۇندا تەبئىي گاز ئورناتسا ياخشى،بولمىسا ماي بىلەن ھەيدىسە چىقىم كۆپ كىتىدىكەن بۇ ماشىنىغا.ئەمما شەكلى ۋە باشقا ئىقتىدارلىرى ماڭا بەكلا ياراپ قالدى،ئىقتىسادى ئەھۋالىمغىمۇ ماس كىلىدىكەن.
مەن ئىككىنجى قول ماشىنا ئالغان نەچچى كۇندە بىر قېتىم يىگىرمە نەچچە كويلۇق گاز قاچىلايمەن ھېچقانداق چاتاق يوققۇ
راس بەزى يەردە ئاجىز گاز كۇشلۇك گاز دەپ ئايرىلدىكەن مېنىڭ تۇرۇشلۇق جايىمغا كۇشلۇك گاز يېقىن تەلىيىمگە

ئۈرۈمچىدە ئەگەر يىلدا 10 مىڭ كىلومىتىردىن ئارتۇق ماڭمىسا گازغا ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق. باشقا جايلاردا ئازراق پايدىسى بولىشى مۈمكىن. ئاز ماڭسا كەتكەن رىمونت-ئاسراش ھەققى تىجىگەن ماي پۇلى بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ.
خاتىرجەم ئالماشتۇرىۋېرىڭ، دادام بىلەن ئۇكام بىر يىل بۇرۇنلا ئالماشتۇرغانىدى، ھېچبىر بولمايدىغان يېرىنى بىلمىدۇققۇ. بىرىنىڭ دالا ئاپتوموبىلى، يەنە بىرىنىڭ ئادەتتىكىسىدىن ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىزنىڭ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى گازغا ئالماشتۇرۇۋەتتى. ماي بىلەن گازنى تەڭلا قاچىلايدىكەنسىز، گاز بولغاندا مايدىن ئىككى يېرىم ھەسسە ئاز خىراجەت كېتىدىكەن.
بۇنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان خەتەرلىك يېرى، يازدا بەك يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا ئازراق غەم قىلىپ قالىدىكەنسىز، گاز ئورنىتىلغان يەرگە سوۋۇتۇش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بۇنىمۇ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىكەن. گاز تۇڭى ئادەتتە كەينى يۈك-تاق قاچىلايدىغان يەرگە ئورنىتىلىدىكەن.
بۇ ئىزدىنىشتا ئالىي تېخنىكلار بار ئىدى، سۈكۈتتە ئىكەن. مەن شۇ بىلەرمەنلىك قىلىپ تەجرىبەمنى سۆزلەپ قويدۇمغۇ؟!

============================================================================
بىر ئىشنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ .قەشقەر ، ئاتۇش تەرەپنىڭ تەبئى گازنى نىمە ئۈچۈن باشقا جايدىكى ماشنىلارتەڭشەتمىسە كۆيدۈرمەيدۇ .بولمىسا ئۇخىشاش تەبئى گاز . ياردەم سورايدىغان نەرسىگە ياردەم دەپ قىستۇرۇپ قويىلى [تېخنىكا]دېمەي. پۇل يېتەرلىك بولسا يەنىلا ماي ياخشىغۇ، بىر تېلۋېزىيە پىروگىراممىسدا ماي زەرەرىچە ھالىتىدە كۆيگەچكە پورشىننىڭ ئىشلىتلىشى ئۇزۇن بولۇدۇ، گاز كۆيگەندە بولسا پورشىندا قۇرۇق سۈركىلىش بولۇپ ماشىننىڭ ئۆمىرى قىسقىرايدۇ دېدىمۇ شۇنداق بىر يادىمدا قاپتۇ.
بەت:
[1]