yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 16:18:46

ئەقىللىق پەرزەنتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن

ئەقىللىق پەرزەنتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن


تۆۋەندىكى خەتنى ئاۋال ئۆزىڭىز ئوقۇپ بېقىپ، ئاندىن مەن ئوقۇپ بېرەي:


file:///F:/图片/100NIKON/DSCN0704.JPG


file:///F:/图片/100NIKON/DSCN0705.JPG


ئەمدى مەن ئوقۇپ بېرەي:


ياقۇپجان باي دادامغا سالام خەت


ياخشىمۇسىز، مىجەزىڭىز قانداق؟ ئىلتەرىش ئۇكام 1 ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ؟ سىزنى خاپا قىلدىمۇ؟ نوزۇگۇم ئاچام 2 ياخشىمۇ؟ سومكىسىنى ئەكەتمەپتۇ. ئىمتاھاندا يۈز 100 نومۇر ئالدىمۇ؟ مەن ئىمتاھاننى ياخشى بەردىم. بەك ئاسان ئىكەن. مېنىڭ ئۇكام ئاغرىپ قالغان، ھازىر ساقايدى.


بېيجىڭ چىرايلىقمىكەن؟ 3 ئاچام بىلەن مېنى بېيجىڭغا ئاپىرامسىز؟ سىز ئاپارمىسىڭىز ئاچام بىلەن ئىككىمىز ياخشى ئوقۇپ، ئايروپىلاندا ئۇچۇپ بارىمىز. ئاچام چوڭ بولغاندا ياخشى ئۆگىنىپ ئايغا چىقىمەن دەيدۇ، مەنمۇ ئايغا چىقىمەن، ئايغا چىققاندا ئايروپىلان بىلەن چىقىپ، كەلگەندە سېھىرگەرلىك قىلىپ پويىزدا قايتىمىز 4.


قىزىڭىز گۈلزىرە


ئورغاق ئايغا ئولتۇردۇم،


ئاي بولدى كىچىك كېمەم.


كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى،


كۆك ئارا كېزىپ ھەردەم.



1 بۇ خەتتىكى ئىلتەرىش مېنىڭ ئوغلۇم، بالامنىڭ كىچىگى؛


2 نوزۇگۇم قىزىم، بالىنىڭ چوڭى.


3 بېيجىڭدا بىر يىللىق ئوقۇشقا بېرىپ تەتىلگە قايتىپ كەلدىم.


4 خاررى پوتىرنىڭ كىنولىرىنى سەت كۆرۈپ قويىدۇ، بۇ يەردە باغلانما تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ.



ئىزاھ: بۇ جىيەن قىزىم گۈلزىرەنىڭ ماڭا يازغان خېتى، گۈلزىرەخان باشلانغۇچ 1- يىللىقتا ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ خېتى سەترەك بولسىمۇ، مۇشۇنداق چۈچۈك سالام خەتلەرنى يېزىشقا ماھىر، يەنە بوۋا- مومىسىغا ئاتاپ شېئىر قاتالايدۇ.


بۇ خەتنى 7 ياشلىق گۈلزىرەخان نوزۇگۇم قىزىمدىن ئەۋەتىپتىكەن، ھېلىلا تاپشۇرۇۋېلىپ، كۈلۈپ كەتتىم، ھەم ناھايىتى زوقلاندىم، كىم قزىلىرىمىزنى- پەرزەنتلىرىمىزنى ئايغا چىقالمايدۇ دەيدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ ئارزۇ- ئارمانىنى ئۇلۇغ ئاللاھىمىز ھاسىل قىلغاي.







بەت: [1]
: ئەقىللىق پەرزەنتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن