sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 15:23:38

كوچا سەنئىتى توغرىسىدا ياردەم

گەپنى قىسقىلا يازاي :


سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر قانچىمىز ( مۇزىكا چالىدىغان ، ناخشا ئىيتىدىغان ، رەسىم سىزىدىغان ) ئادەم ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ئاۋات يولدا مۇزىكا چىلىپ ، ئاندىن رەسسامىمىز سىزغان رەسىمنى سېتىپ دېگەندەك جەمىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى. ئەلۋەتتە  شۇ چۈشكەن پۇلنى مەلۇم بىر ئاجىزغا بىرىمىز...


ئەمدى سىلەردىن سورىماقچى بولغىنىم :



ئۆتكەندە خەلقئارا بازار ئەتراپىدا بىر بالا ئاكاردىيون چىلىپ ئولتۇرۇپتىكەن ... ئەگەر بىزمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىلساق

مەيلى قەيەردە بولسۇن ، قانۇن - قائىدە دەيمىز شۇلارغا دەخلىسى بارمۇ ؟ رەسمىيەت ئىلىش زۆرۈرمۇ ؟ زۆرۈر بولسا

قانداق قەيەردىن ئالىمىز ؟



يەنە ياخشى تەكلىپ - پىكىر بولسا بەرسەڭلار ...

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 12:58:05

مىنىڭ مەسلىھەتىم .



1- بۇنداق قىلساڭلار نىيەت توغرا بىلەنمۇ كۈلكىگە قالىسلەر . كوچىدا ئويۇن قويۇش ئادەمنى ئازاپلايدىغان بىر ئىش شۇڭا ئاچچىق يۇتىۋىلشىڭلار مۈمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ سۇغۇقتا بۇ ياخشى تاللاش ئەمەس .

2- ئامال قىلىپ داڭلىق چولپانلارنى خالىسانە بۇ ئىشقا قاتناشتۇرۇپ بىلەت سېتىپ كىرگەن كىرىمنى ئىئانە قىلساڭلار ئىشلار ھۈرمىتىڭلار بىلەن بۇلىدۇ ھەم بىلەتتىن كىرگەن كىرىم جىقراق بۇلىدۇ . رەسىمىنى دەل شۇ مەيداندا باھا تالاشتۇرۇپ ساتساڭلار بۇلىدۇ .

3- ئامال قىلىپ زالدىن بىرنى ھەل قىلىپ شۇ يەردە ئويۇن قويساڭلار بىلەتمۇ مۇۋاپىق بولسا بۇ قارا قىشتا چوقۇم خىرىدارلىق بىر كېچىلىك بۇلىدۇ . بۇ ئىشنى دىسەڭلار ۋە تالانىتىڭلارنى ئاشكارە قىلساڭلار سىلەرگە ياردەم قولىنى سۈنمايدىغان ھىچقانداق ئۇيغۇر يوق . گىپىمنى ئويلىشىپ بېقىڭلار . تەكلىپ قىلساڭلار مانا مەن ئىككى ناخشا ئىيتىپ دەل مەيداننىڭ ئۈزىدە سىلەرنىڭ بۇ خالىس نىيتىڭلارنى تاماششبىنلارغا يەتكۇزۇش ئارقىلىق بىلەتتىن باشقا ئىئانە قىلىشقا ئۈندەشتە بەلگىلىك رول ئويناپ قىلىشىم مۈمكىن .

terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-1-14 22:04:28

ئۆزھالنىڭ پىكىرى ناھايتى ئورۇنلۇق .شۇنداق كېچىلىك ئورۇنلاشتۇرۇساڭلار ھەر قايسى بىكەتلەردە چوقۇم تەشۋىق قىلىپ بىرىدۇ .
بەت: [1]
: كوچا سەنئىتى توغرىسىدا ياردەم