ماسىنا سېتىۋىلىش توغۇرسىدا دوستلاردىن مەسلىھەت
ئەسسالام تورداشلار ،ياخشى تۇرۇۋاتامسىلەر؟يىقىندا ماشىنىغا ئېھتىياجىم چۈشۈپ ،10تۈمەننىڭ ئاستىدىكى قوش يېقىلغۇلۇق(زاۋۇتتىن چىقىشى) ماشىنىدىن بىرنى ئالاي دىدىم.لېكىن قايسىسىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى .چىداملىق ئىكىنلىگىنى بىلەلمەي قالدىم.بولسا دۇستلارنىڭ سەمىمىي مەسلىھەت بېرىشىنى ئۇمىد قىلىمەن . ئىزدىنىش ياردەم سوراش مۇنبىرىلا بوپ قالدىغۇ؟ تايىنى قالمىدىمۇ نېمە؟ ئۇيغۇر ماشىنا تورىhttp://www.uycar.com/forum.php
1- قەۋەتتىكى ALFA07نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىزدىنىش ياردەم سوراش مۇنبىرىلا بوپ قالدىغۇ؟ تايىنى قالمىدىمۇ نېمە؟
ئۇندا دېمىسىلە ئاكا، بىلمىگەننى شۇندا مەسلىھەت بىلەن قىلسا ھېچ زىيىنى يوق، ئىزدىنىشنىڭ مۇشۇ يېرى ئادەمنى خوش قىلىدۇ، بىلگەننى ئايىمايدۇ، ئىجىل. بىرسى يازغان ھېكايىنى، يەنە بىرسى يازغان بىز بىلەن ئالاقىسى بولمىغان دۇنيا خەۋەرلىرىنىلا ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتمەيلى، تۇرمۇشىمىزغا ئەمەلى پايدىلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋالغان ياخشى، بىرسى مەسلىھەت سورايدۇ، شۇ بانىدا باشقا بىلمىگەنلەر بىلۋالدۇ دېگەن گەپ.

ئەگەر بولمىسا سۇزۇكى،نىسسان سېتۋىلىپ قوش يېقلغۇغا ئۆزگەرتكەي... خۇدا ساقلسا چاتاق چىقمايدۇ... تورداشلارغا كۆپ رەھمەت.
9- قەۋەتتىكى atellaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
زاۋۇتتىن قوش يېقلغۇلۇق چىققان باھانىڭ 100 مىڭنىڭ تۆۋەنىدە بېردىغنمۇ بارمۇ ؟ بولسا مەنمۇ ئاڭلاپ قالاي...
ئەگەر بولمىسا سۇزۇكى،نىسسان سېتۋىلىپ قوش يېقلغۇغا ئۆزگەرتكەي... خۇدا ساقلسا چاتاق چىقمايدۇ...
سىتروئىن C-ELYSEE ئاپتوموبىلى دەل قوش يېقىلغۇلۇق. باھاسى 84000 يۈەن ئەتراپىدا.
مەنزىل ئۇيغۇر ماشىنا تورى،تەپسىلاتى:http://uycar.com/thread-2854-1-4.html
7- قەۋەتتىكى paul912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمكەش ماشىنا بازىرىدا نۇرغۇن كىشىلەر ماشىننىڭ يىڭىسىنىڭ باھا چۈشۈش ئەھۋالىنى ئۇقمايدىكەن، يىڭى چىققان سانتانانىمۇ ئويلىشىپ بىقىڭ،سۈپىتى،ماي سەرپىياتىمۇ ،باھاسىمۇ مۇۋاپىق.
يېڭى چىققان سانتانانى بازارغا سېپبولدىما ؟ باھاسى نەچچە ئەتراپىدا ؟ ھېلىقى پاسسات شەكلىدە ئۆزگەرتكىنىنى دەۋاتقانسىز ؟ تورنى مالتىلاپ باقسام يېڭى سانتانانى ئىشلىتىپ باققانلار تۈزۈك ياخشى پارىڭىنى قىلماپتۇ ، قارىغاندا تازا پىششىپ يېتىلمىگەندەك قىلىدۇ http://www.autohome.com.cn/2922/
بۇ بەتتىن يىڭى چىققان سانتانانىڭ تەپسىلاتىنى كۆرۈپ بىقىڭ. زاۋۇتتىن قوش يېقىلغۇلۇق چىقدىغان ماشنا پەقەتلا سىتروننڭلا بار. باھاسى 72000دىن 88000غىچە .65لىك گاز تۇڭى بىلەن چىقىدۇ .
بەت:
[1]