ئۆي زىننەتلەپ باقتىم
ئۆزۈم ياقتۇرغان ئۆي شەكلىگە ئاساسەن ئۆينى زىننەتلەپ باقتىم.
مەن رامكىغا ئېلىپ قويغان دەل مەن زىننەتلىگەن ئۆينىڭ تەكشىلىكتىكى قۇرلۇش سېخىمىسى
جەمئىيى ئوخشىمايدىغان تۆت بۇلۇڭدىن كۆرسەتتىم. ئاساسەن ئپىادىلەيدىغان رايون تاماق يەيدىغان يەر ۋە مېھمانخانا.
ئەمدىكى زىننەتلىگەندىكى كۆرنۈشلەر. ئەسىلى ئېنىقلىقتىكى رەسىملەر، ھېچقانداق قىسمىدىم. ھەم تامغا ئۇرمىدىم. سودىغا ئىشلەتمەڭلار. ئىشلەتكۈڭلار كەلسە مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ قىلساڭلار بولىدۇ.
كارىدوردىن مېھمانخانىغا قارىغاندىكى كۆرنۈش . مەھمۇد قەشقىرىنىڭ رەسىمنى ئاممىۋى سورۇن بولغاچ چىقىرىپ قويدۇم. ئەسلىي ئۆزۈمنىڭ رەسىمى بار ئىدى. توغرا چۈشىنەرسىلەر.
ئاشخانىدىكى ئورۇندۇقتىن مېھمانخانىغا قارىغاندىكى كۆرۈنۈش
مېھمانخانىدىكى سافادىن ئاشخانىغا قارىغاندىكى كۆرنۈش
مېھمانخانىدىكى سافادىن تېلۋىزورغا قارىغاندىكى كۆرۈنۈش
ئىككى ئۈستەل يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇشى بەك تەبئىي تەڭشىلىپتۇ، تام، ئېشىك ياغاچلىرى، مىۋە، سافا، چىراقلارمۇ شۇنداق ئىنچىكە ئىشلەنسە، سىزىق بىر دەرىجە كۆپەيتىلسە، گىلەمنىڭ تېخىمۇ ئېنىق رەسىمى چاپلانسا كۆرگەن ئادەم ئۇقالمىغۇدەك. تېمىنى تەھرىرلىيەلىگەن بولسام رەسىمنى تەڭ نىسبەتتە قىسۋىتەركەنمەن. باچكا سىز شۇنداق قىلىپ قويالامسىز. 1024 768 قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ.ياغاچنىڭ سىلىقلىق دەرىجىسى بەك ناچار چىقىپ قالدى. ئاران تەستە رەندېىرلىگەچكە ھەممىسى ئوخشاش بولسۇن دەپ چىېقىلمىغان. ھەم بەزى يەردە نۇر پارتىلاپ كەتكەي يەر بار(

@baqka@ پىنھانبايغا رەھمەت. تەھرىرلەپ قويۇپسىز. يېڭى ئالغان ئۆيۈمگە ئىشلەتسەم بولغىدەك. {:92:}
مېھمانخانا ئۆينىڭ دەرىزە تەرەپتىكى لوڭقا تىزغان يەرگە كىتاپ تىزىدىغان قىلسا لاۋزا بوپ قالارمۇ؟سافادا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرۈشكە ئەپچىل قىلىپ.

بۇنى مەن ھېچنىمىدىن دورىماي، كاللام بىلەن ئويلاپلا قىلىپ قويغان نەرسە. ئۇيغۇر مىمارچىلىقى بولۇپمۇ ياغاچچىلىقى ھەرگىىزمۇ ئاددى ئەمەس ،مودىللاشمۇ قول تۇتىدىغان ئىش. بۇ ئۆي ھەم مىللىيچە(ئۇيغۇرچە) ، ياۋروپا ھەم ھازىرقى زامان ئېلىمىنتلىرى بار. تېلۋىزور بىلەن ئاۋۇ ئۇزۇن قارا جازا ھازىرقى زامان ئېلىمنتلىرى بولسا ياغاچتا قىلغان ئىسلام ئەگمىللىرى، ئاشخانا ئىشىكىدىكى نەقىشلەر مىللىچىگە تەۋە، سافا ،ئورۇندۇق، تېلفونلار ياۋروپانىڭ. مەن ئەڭ بەك ئىشلىگەن يەر ئاشخانا ئىشىكى. ئوردىدەكلا چىقىپتۇ بۇ ئۆي كىرسەم ئەيمىنىپ تەمتىرەپ قالىدىغان چىراي نەچچە پۇل كىتىدۇ؟

ئۆيگە پول باسماي ، چىنە قىش باسسا بەك چىرايلىق چىقامدۇ نېمە...؟ تېلۋىزۇر بار رەسىم ئېنق كۆرۈنمەپتىكەن، كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ كۆردۇم... بەك پەيزى بوپتۇ...
ئومۇمىي ئۆي بېزك رەڭ تۇيغۇسى ئادەمنى بىر خىل ئېغىر، سوغۇقراق ھېس قىلدۇرامدۇ-قانداق...؟
بولسا ئېغىر كۆرمەي...سۇس كۆك ، بلەن ئاق رەڭلەرنى بىر تۆكۈپ يوللاپ باقسڭىز... مەنمۇ ئۆزەمنىڭ بىرقېتىم كۆرگەندىكى تۇيغۇسىغا ئاساسەن بايقىغانلىرىمنى يېزىپ قۇياي.
1.سىز زىننەتلىگېنى قۇرۇلۇش سىخىمىسىدىكى سىز رامكىغا ئالمىغان ئۆي دەل شۇكەن {:90:} .
2.بۇ ئۆي ماڭا ئۇسلۇپ جەھەتتە 15 يىللار ئىلگىركى ئۇمۇملاشقان ئۇسلۇپتەك تۇيغۇ بەردى،بىزەك شەكىللىرى بىر قەدەر چوڭ، ئەمەلي پايدىلنىش قىممىتى تۆۋەن،بۇلۇپمۇ مېھمانخان،كارىدۇر.مىھمانخانا بالكونى ئىسراپ بوپ كېتىپتۇ.
3.مىھمانخانا ئۆيدىكى تىلۋۇزۇر ۋە قارا ئۈستەل بىلەن ئارقىدىكى ‹ئىسلامى ئەگمىلىرى› پەقەتلا ماسلاشمىغاندەك تۇيغۇ بەردى،بۇلۇپمۇ ماتىريال جەھەتتىن.
4.ئاشخانا ئىشىكى ئەتراپىنى قاپلاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ يا؟
5.يەرگە ياتقۇزغان چىنە خىشنىڭ رەڭگى ياخمىدى، چىۋىن قۇنۋالسىمۇ بايقىماق تەسكەن

مېنىڭچە ئۇمۇمى جەھەتتىن 35 ياشلاردىن ھالقىغان ئادەملەرگە ماس كەلگۈدەك ئۆي بوپتۇ. ھەممە نەرسىگە كۈچەپتىكەنسىز، لېكىن شۇ بىر چاپلىما رەسىمگە كۈچىمەپسىز

ئەمما لېكىن ئاۋۇ ئوتتۇرىدىكى ئۈستەلنىڭ رەڭگى بەك بەلەن چىقىپتۇ. @samsak@
مەنمۇ ئىنكاسىڭىزغا قارىتا بىرنىمىلەرنى يېزىپ باقاي
1. يۇقارقى سېخمىدىكى ئۆيلەر ئۆز ئارا سېمىتىرىك شۇنىڭغا قايسىسنى تاللىسا ئوخشاش.
2. مەن بۇنى ئامال بار چوڭ سۈپەت چىقىراي دەپ تىرىشتىم. ئۇنداق ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە تىقماق قىلىپ بېزەشنى ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن. مەن ياغاچنىڭ نەقىشىنى ئۇنچە مۇرەككەپ ئىشلەپ كەتمىدىم.
3.مېنىڭچە تېلۋىزور ئاشۇنداق بولسا ئەڭ پەيزى بولىدۇ. ئەمدىكى ئاستىدىكى جازىغا كەلسەك ئۇ ياقتۇرشنىڭ ئوخشىماسلىقدىكى مەسىلە. تېلۋىزور بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ ئۇمۇمىي جەھەتتىن ماسلىشىشى تۇيغۇسى بار.(ئەلۋەتتە بۇ گۈزەللىك قارىشىمىزدىكى پەرق مەسىلىسى)
4.ئاشخانا ئىشىكى ئەتىراپىنى قاپلاش دېگەننى چۈشىنپ كەتمىدىم. مەن يورۇقلۇقنىڭ ئۆتۈشى ياخشى بولسۇن دەپ ئەينەك ئىشلەتكەن. ئەلۋەتتە ئەينەكنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىگە ياقتۇرشىڭىزغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ. يەنى يېرىم سۈزۈك ئەينەك ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىۋېىرىدۇ.
5.مەن بىرقەدەر 纹理(ئاشۇنداق سىدام سىزىقلا بار)سى كۈچلۈك نەقىشلىك چىنىگە ئامراق. بۇمۇ ياقتۇرشىڭىزغا ئاساسەن تاللىسىڭىز بولىدۇ.
35 ياشتىكىلەرگە ماس كەلگۈدەك دېگەننى توغرا پەرەز قىلىپسىز. مەن مۇشۇنداق سەل چوڭ سۈپەترەك لاھىيلەرگە ئامراق ئىكەنمەن.
@atella@
سىز خېلە رەڭ چۈشىندىغاندەك قىلىسىز. توغرا ئېيتتىڭىز ئەسلىي ھاسىلاپ چىققاندىكى رەسىمدە پۈتۈن رەسىم سېرىققا مايىل بولۇپ ئىنتايىن ئىسسق كۆرۈنەتتى. تامغىمۇ سېرىق رەڭدىكى قەغەز ئىشلەتكەش GI تۈپەيلى يەنى ۋاستىلىك يورۇتۇشنىڭ تەسىرى بىلەن پۈتكۈل رەسىم سېرىققا مايىل ئىدى. مەن فوتوشوپتا سېرىق رەڭنى فىلتىرلەپ ئاق ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇمۇ بەلكىم قايسىنى ياقتۇرش ياقتۇرماسلىق مەسىلىسى بولىشى مۇمكىن. مەن ئىسققا قارىغاندا سوغۇقنى بەكرەك ياقتۇردىكەنمەن.
لىڭگىنىڭ شەكلى تازا توغرا ئەمەسقۇ ، رەسمىي ئۆلچەملىك سىزىلىش ئۇسۇلى باتتى بوممىسا ماڭا قىشلىق ئۆيدەك تەسىر بەردى. پەردىسىنى ئالماشتۇرۇپمۇ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش.
لېكىنزە، بۇ لايىھە ھەم مىللىيچە ھەم زامانىۋىي چىقىپتۇ.
ناھايىتى يېقىن كەلگۈسىدە سىزنى ئىزدەشنى قارار قىلدىم. (ئىنشائاللاھ) ھەممىڭلار نېمە مىنىڭ ئۆيۈمگە ئوخشايدۇ دەپ كېتىپ بارسىلەنغۇ، بېيىپ كېتىپ بارىدۇ جۇمۇ زادى {:92:} ئوينىڭ قۇرۇلمىسى ماڭا ياقتى، قارىسام 152 چاسامىتىر كەلگۇدەك، بولۇپمۇ 2.10 كەڭلىكتىكى كارىدۇر بەكلا ئازادە چىقىپتۇ. لېكىن ئاشخانا بەكلا كىچىك، تاماقلىنىلىدىغان يەرمۇ ئانچە چوڭ ئەمەس، مەنچە بولسا بۇ ئىككى يەر يەنە ئازراق چوڭ بولسا.
بىزەكچىلىك كە ئىشلىتىلگەن رەڭ ئاۋۇ ساپا ياكى ئۇستەلنىڭ رەڭگىدەڭ چىلان رەڭ بولسا دەپ قالدىم.

مەنچىمۇ بۇ ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ ،
مەسلىھەت : ئاۋۇ يالغان گۈلنىڭ ئورنىغا راست گۈل ئىشلەتسىڭىز ، سالامەتلىك مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا .
چىنە خىشنىڭ ئورنىغا رەڭگىنى ماسلاشتۇرغان ھالدا پول باسسىڭىز قانداق بولا faith
رەسىملىرىڭدىن بىرنى كۆرەلىگەن بولسام ئۆلەي ئاداش
