hvsniya يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 07:44:00

بەخىتسىزلىككە يولۇققاندا

بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغاندا




ئەسسالامو ئەلەيكۇم



كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغاندىكى ئىنكاسلىرىنىتۆت دەرىجىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.

ئاپتورى: شەيىخ مۇھەممەد ئىبىن سالىھ ئەل ئۇسەيمىين

بىرىنچى دەرىجە: خاپا بولۇش

   خاپا بولۇشنىڭ شەكىللىرى ھەرخىل بولىدۇ.

بىرىنچى خىلى:بەزىلەر بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ئىچ-ئىچىدىن خاپا بولىدۇ، خۇددى ئاللاھنىڭ بويرىقىغا نارازى بولغاندەك ئاللاھقا زارلىندۇ.بۇنداق قىلىش ئەمىليەتتە ھارام ھىساپلىنىدۇ، ھەتتا كۇفىرلىققا ئېلىپ بارىدۇ.   ئاللاھ ئېيتقاندەك:

«بەزىلەر ئاللاھقا شەك-شۉۈبھى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.يەنى تۇراقسىز ھالدا ئىبادەت قىلىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭعا ياخشىلىق يەتسە، دىندا تۇرىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭعا بەختسىزلىك يەتسە، دىندىن يىنىۋالىدۇ.مۇنداق ئادەم مۇنافىق بولىدۇ.ئاللاھقا دىلى بىلەن ئەمەس، پەقەت تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ.ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان تارتىدۇ، بۇ روشەن زىياندۇر.»22:11



ئىككىنچى خىلى: بەزىلەر ئېغىزى ئارقىلىق خاپىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. مەسىلەن، ئۇلار ئۆز خاپىلىقىغا سەۋەب بولغۇچىغا ھالاك بولسۇن دەپ دۇئا قىلىدۇ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش دۇئالارنى قىلىدۇ. بۇمۇ ھارام ھىساپلىنىدۇ.

ئۈچىنچى خىلى:خاپىلىقىنى پۇت-قوللىرى بىلەن ئىپادىلەش. مەسىلەن، يۈزىگە كاچاتلاش، كىيم كىچەكلىرىنى يىرتىش، چاچلىرىنى يۇلۇش ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ھەممىسى سەبىر قىلمىغانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ھارام ھىساپلىنىدۇ. قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا سەبىر قىلىش ۋاجىپتۇر.

    ئىككىنچى دەرىجە: سەبىر قىلىش

خۇددى بىر شائىر ئېيتقاندەك:« سەبىرخۇددى بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزىدەك تەمى ئاچچىق مىۋىسى ھەسەلدىنمۇ تاتلىق.»

بىر ئادەمگە مۇشكىلات يەتكەندە، بۇ ئۇنىڭغا ئېغىر كىلىدۇ،ئۇ بۇنداق بولىشىنى خالىمىسىمۇ، بەرداشلىق بېرىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئىمانى ئۇنى بەرداشلىق بېرىشكە، ئاچچىقلانماسلىققائۈندەيدۇ.

شۇڭلاشقا مۇشكىلات يەتكەن ۋاقىت بىلەن يەتمىگەن ۋاقىت ئۇنىڭغا نىسبەتەن پەرىقلىق بولىدۇ. سەبىر قىلىش ۋاجىب، چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى سەبىر قىلىشقا بويرۇپ مۇنداق دەيدۇ:«سەبىر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەبىر قىلعۇچىلار بىلەن بىللەدۇر.»8:46

    ئۈچىنچى دەرىجە: مۇشكىلاتلارغا خوشال بولۇش

بىر ئادەم ئۆزىگەكەلگەن مۇشكىلاتلارغا خۇرسەن بولسا، ھەم بۇ مۇشكىلاتلارنىڭ يۈزبېرىش ۋە بەرمەسلىكى ئۇ ئادەمگە نىسبەتەن ئوخشاش بولسا، ئۇ بۇ مۇشكىلاتلاردىن قىلچە قىيىنچىلىق ھىس قىلمايدۇ.ئەڭ توغرا بولغان كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغاندا،ئەگەر بىر ئادەم مۇشكۈلچىلىكنى ھار ئېلىپ ئۇنىڭغا بەرداشلىق بەرمىسە، بۇ مۇستەھەب بولىدۇ، ۋاجىب بولمايدۇ.بۇ ئىككى دەرىجىنىڭ پەرقى ناھايىتى روشەن. ئالدىنقىسىدا مۇشكىلات يۈز بېرىش بەرمەسلىك بىراۋغا قىلچە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، ئەكسىچە ئۇنى خوشال قىلىدۇ. ئىككىنچى دەرىجىدە بولسا مۇشكىلاتلار بىراۋغا ئېغىر كىلىدۇ، لېكىن ئۇ بۇنىڭغا سەبىر قىلىدۇ.

تۆتىنچى دەرىجە: شۈكۈر قىلىش، مىننەتدار بولۇش

بۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ھىسابلىندۇ. بىراۋ ئاللاھقا مۇشۇ مۇشكىلاتلار ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇ مۇشكىلاتلارئۆزىنىڭ گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇھەم ياخشى ئەمەللەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقاندەك:

«مۇسۇلمانلارغا يەتكەن ھەر بىر مۇشكىلات ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرم قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال تىكەن كىرىپ كەتكەنچىلىك مۇشكىلات بولسىمۇ، شۇنداق قىلىدۇ.»

تەرجىمە قىلغۇچى ئۆزۈم.

قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسدىن پايدىلىندى.

مەنبە: www.shareislam.com
بەت: [1]
: بەخىتسىزلىككە يولۇققاندا