zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 04:18:23

ناخشىمۇ ئاڭلاڭ،ئېلانمۇ كۆرۈڭ

ئىزدىنىشقىغۇ ئېلان بېرىشنى بىھۇدە ئىش دەپ ئويلاتتىم،چۈنكى خىيالىمدا بۇ يەردىكىلەرنىڭ توققۇزى تەلدەك،ۋىن 8 دىن باشقا ھېچنىمىگە ھاجىتى چۈشمەيدىغاندەك.سەنئەتكە دائىر ئېلان - ئۇچۇلارنى تېخىمۇ شۇنداق دەپ ئويلايتتىم.خۇددى بۇ يەردىكىلەر ناخشا مۇزىكا بىلەن خوشى يوقتەك،خوشى بولسىمۇ چەتنىڭكىنى يا ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭكىنىلا ئاڭلايدىغاندەك،ياش بالىلارنىڭكىنى ئاڭلىمايدىغاندەك؛كەسپىم بولغان ئېلانچىلىققا ئائىت ئۇچۇلار،ئەسەرلىرىمنى چىقىرىپ يۇمشاق ئېلان بېرىپ باقاي دەپمۇ ئويلىغانتىم،لېكىن كارخانىچىلار كۆپ ئەمەستەك،يارىغانلارغا يارىسىمۇ،نۇرغۇن ئادەمگە خوشياقمايدىغاندەك،ئىش چىقسىمۇ ۋىۋىسكا بىلەن ئىسىم كارتىسىلا لايىھىلەپ،جاننى ئۇپراتماي دەپ ئۇنىمۇ قىلمىدىم.بىراق بۈگۈنكى ماۋۇ ئېلاننى بەرگۈم كەپقالدى.بۇ كۆكتېكىن شىركىتى(ئىدارەمنى ئاشكارىلىۋېتەييا)مەلۇم بېكەتلىرىنى ھۆددىگە ئالغان،زامانىۋى مودا ناخشىلارنى ياخشى ئىجاد قىلىدىغان،نەق مەيدان كەيپىيات يارىتىىش ئىقتىدارى خېلى يۇقىرى بولغان ياش ناخشىچىمىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ،بەزى قىزلار بەك ۋاي دەيدىغان كەمتىرانە ناخشىچىمىز ھەزرەتئەلى،ئاۋازىنىڭ تورى بار ئىستىقباللىق ناخشىچى ئادىلە سىدىق،كۆپ قىرلىق ياش ئاكتىيور مەمەتجان ئابدۇقادىر قاتارلىقلار باش روللارنى ئالىدىغان،پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ سەييارە قويۇلىدىغان 2013-يىللىق ياش چولپانلار سەنئەت كېچىلىكى ئىدى.ئەلۋەتتە بىر نەرسە ياكى بىر ناخشىچى ھەممە ئادەمگە ياراپ كېتىشى ناتايىن،يېرىمى ياقتۇرسا يېرىمى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن،بىراق رىكلامنى كۆرۈپ ،شۇ ئارتىسلارنىڭ بىرەرسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بولسىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىڭىز ۋە بۇنىڭ تەسىرىدە كېچىلىككە قاتنىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس.


ئېلاننى مۇشۇنچىلىك بېرەي.ياقتۇرۇشمىسىلىمۇ تىللاپ ياكى غەيۋەت قىلىشىپ كېتىشمىگەيلا.سىلىگە ياقمىغىنى باشقىنى خۇش قىلالىشى مۇمكىن.



كېچىلىك 20-چېسلا قارامايدىن باشلىنىپ،كورلا،بۈگۈر،لوپنۇرلاردا قانات يايىدۇ،ئاندىن ئاقسۇ،خوتەن،ئاتۇش،قەشقەر دىيارلىرىنى كېزىپ،ئىلى ۋادىلىرىنى بويلايدۇ.جىق پۇلىڭىزنى ئېلىۋالمايمىز،تۇرۇشلۇق جايىڭىزغا قاراپ،بېلەتنى ھەر خىل باھادا ساتىمىز.كونكېرت قويۇلۇش ۋاقتى،بېلەت باھاسى،ئورنى قاتارلىق ئۇچۇلار www.koktekin.com غا چىقسىڭىز كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ.بايىنغولىندىكى قېرىنداشلار ۋاقتىدا ئا تور پونكىتىغا قونۇپ تەپسىلاتىنى كۆرۈۋالغايسىزلەر...



نەپ بولمىسا سۇمۇ دۆڭگە ئاقمايدۇ دەپتىكەن،مەن ناخشا بەرسەم ئويۇنغا كىرمىسەڭلارمۇ،ئويۇن خەۋىرىنى"سەنئەتخۇمار"يېقىن -يورۇقلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويارسىلەر.قەلبلەر ماكان زامانىنى تېپىپ ئۇچراشسۇن...


يەنە كونا پەدىدە كونا ناخشىلاردىن سۇنىمەن.سۇنۇش ئۇسۇلىمۇ كونا پەدىدە،ئاستىغا ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى قالدۇرۇپ قويىسىز.ماڭا خوشيېقىپ خوشياقماي ئەۋەتكىلى تۇرىمەن.بىراق باشقا يەردىن تاپاي دېسىڭىز قىينىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.



نېمە ناخشا ئىكەنلىكىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا بىلىسىلەر."تېپىش تەس بولغان كونا ناخشىلارنى ئەۋەتىدۇ"دەپ ئويلاپ ئولتۇرساڭلار بولىدۇ.رەھمەت!

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 07:47:03

ahmedyusuf@outlook.com

yaxar0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 09:14:10

qqyakp@hotmail.com

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 09:28:01

ئاغىنەم قارامايدا نەدە قويىسىلەر؟ 20-چېسلا ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولۇپ كەتكەندۇ ئەمدى؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 09:32:19

مەنمۇ سېنىڭ قاتارىڭدا ئادىلە سىدىقنىڭ ناخشىلىرىدىن بىرەرنى يوللىغاچ تۇراي، گەرچە ئۆزەم يانفوندا تارتقان بولساممۇ خىجىل بولماي يوللاۋېرەي، ئەگەر ئادىلە ئۆزى كېلىپ \"پۇلغا ئاڭلايدىغان نەرسىنى بىكارلىق قىلىۋېتىپسەن\" دېسە ئۆچۈرىۋېتىمەن:



kapitan3067 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 09:36:22

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر(ھەر ئىككى قۇلۇم) 1483665212@qq.com/

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 09:54:34

esim0998@126.com

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:05:57

ئىم،ئىزدىنىشنىڭ كونا ئەزاسىدە ھەرنە دېگەن بىلەن،ئىزدىنىشلىقلارنىڭ خۇي پەيلىنى ئوبدان چۈشۈنۈپ قويىدۇدە لېكىن.{:92:}

مەنمۇ ئېلخەت ئادرىسىمنى قالدۇرۇپ قويمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمىدى.252816018@QQ.com رەھمەت،تاپشۇرىۋالغان ناخشىلاردىن سۆيۈنۈپ كەتسەم ئويۇن ئەترىتى خوتەنگە كەلگەندە ئۆيدىكىلەرنى،دوست بۇرادەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ قايناپ كېلىشىم مۇمكىن.{:92:}

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ كېچىلىكى قانداق بوپ كەتتى؟كۆرگەنلەر بارمۇ؟نەق مەيدان چالىمىز دەپ پو ئېتىۋاتاتتى،قانداق بولدى قىزىدىمۇ؟

farwana يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:32:05

ياخشى بوپتۇ ، ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن .





568684474@qq.com

=================

ئۈستىدىكى ئىنكاسقا : ئابدۇللانىڭ كېچىلىكىگە باردۇق ، 31- چىسلا 107.4 رادىيو چاستوتىسىدا بىۋاسىتە ئاڭلىتىلدى . ئابدۇللا مىكروفوننى تۇتۇپ ‹رادىيو ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېڭى يىلىنى بىرلىكتە تەبرىكلەيلى› دەپ مىكروفوننى تاماشىبىنلارغا تۇتقانتى ھەممىمىز توۋلاشتۇق . يېڭى ناخشلارمۇ خېلى باركەن ، كونا ناخشىلارنىڭ يېڭىچە ئورۇنلىنىشىمۇ باركەن . بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىش ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن نەق مەيداندا ئورۇنلاش ئوخشايدۇ . ئەلۋەتتە نەق مەيدان ئورۇنداش ئۈچۈن جىق مەبلەغ ۋە جىق جەريان كېتىدۇ . ئابدۇللا يەنىلا بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ بۇ جەھەتتە .

پىلاستىنكىسى قاچان چىقاركىن

pahir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:43:02

سىلىنى ئاۋارە قىلامىزمۇ \"\"

dilxatr@126.com

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:57:21

مانا ئىزدىنىشمۇ ئەمدى ناخشا ئۇسۇل ماكانى دىگەن نامغا ماسلاشقىلى تۇرۇپتۇ !ئىزدەپ تاپالمىغان مەسچىلىكتە ياكى پەسچىلىكتە ئېيتقان پەلپەتىش ناخشىلارنى‹‹ ئىزدىنىشتىن تېپىڭ ››دەپ ئېلان بەرسەك بولغۇدەك !

adwokat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:58:53

ياخشى. مەدەنىيەت-سەنئەت بازىرى قىزىپ تۇرسا، خۇش بولىمىز... كۆرەلمىسەكمۇ...

ئەمدى، قاملاشمىغانراق سوئالدىن بىرنى سوراي: مۇشۇنداق ئاشكارا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ تاختا ئېلانلىرىنى كۆپ كۆردۇق، ھەممىسى دېمىگەندىمۇ، 90% تىن يۇقۇرىلىرى ئوخشاش بىر قىلىپتا: قاتنىشىدىغان سەنئەتكارلار مافىياچىلاردەك ئۈستىگە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىدىكەن. ئاستىغا ئۇ-بۇ دېگەندەك قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلىرى بېرىلىدىكەن. يەنە كېلىپ، رەك ئۇسلۇبىمۇ قارىماققا ئوخشاشلا، ئىملا خاتالىقلىرى بىلەن بىرگە( يۇقۇرىدىكىسىدىمۇ خاتالىق بار. بايقىدىڭىزمۇ؟). دېمەكچى، تاختا ئېلان( خەنچە بۇنى海报 دەيدىكەن)نى باشقىچەرەك لايىھەلىگىلى بولمامدۇ؟ مەسىلەن، سەنئەتچىلەر تاختىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تىزىلسا، چۈشەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدا بېرىلسە، ياكى، سەنئەتچىلەر ئۇنداق دەستىلەنگەن تەخسىدەك، كۆزنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ تۇرىۋالماي، باشقىچە شەكىلدە تىزىلسا... دېمەكچى، مۇشۇ كىچىككىنە نەرسىدىمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىجادىيلىق بولمايۋاتقانلىقىغا، ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ مەيدانغا چىقىۋەرگىنىگە شەخسەن مەن ھەيران. كەسىپ ئەھلىلىرى مۇشۇنىڭغا بىر نەرسە دەڭلار. ياكى بۇنىڭدا باشقىچە قانۇنىيەت بارمۇ؟ ئاشۇنداقلا ئىشلەنسە تەسىر كۈچى چوڭ بولىدۇ؟ لايىھەسى ئاسان توختايدۇ؟ ئەرزان؟ باشلىقنىڭ كۆرسەتمىسى؟

ئىزاھات: ئاۋۇ گەپلىرىم بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىگە ياكى سەنئەتچىلەرگە مۇناسىۋەتسىز. مۆرىتى كەپتىكەن، دېيىلىپ كەتتى.

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 11:07:43

tanhatikin@126.com

sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 11:24:20

4267015@qq.com

elikhan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 11:31:26

elikhan@qq.comئاۋارە قىلىدىغان بولدوم.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 11:55:29

11- قەۋەتتىكى adwokatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى. مەدەنىيەت-سەنئەت بازىرى قىزىپ تۇرسا، خۇش بولىمىز... كۆرەلمىسەكمۇ...

ئەمدى، قاملاشمىغانراق سوئالدىن بىرنى سوراي: مۇشۇنداق ئاشكارا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ تاختا ئېلانلىرىنى كۆپ كۆردۇق، ھەممىسى دېمىگەندىمۇ، 90% تىن يۇقۇرىلىرى ئوخشاش بىر قىلىپتا: قاتنىشىدىغان سەنئەتكارلار مافىياچىلاردەك ئۈستىگە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىدىكەن. ئاستىغا ئۇ-بۇ دېگەندەك قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلىرى بېرىلىدىكەن. يەنە كېلىپ، رەك ئۇسلۇبىمۇ قارىماققا ئوخشاشلا، ئىملا خاتالىقلىرى بىلەن بىرگە( يۇقۇرىدىكىسىدىمۇ خاتالىق بار. بايقىدىڭىزمۇ؟). دېمەكچى، تاختا ئېلان( خەنچە بۇنى海报 دەيدىكەن)نى باشقىچەرەك لايىھەلىگىلى بولمامدۇ؟ مەسىلەن، سەنئەتچىلەر تاختىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تىزىلسا، چۈشەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدا بېرىلسە، ياكى، سەنئەتچىلەر ئۇنداق دەستىلەنگەن تەخسىدەك، كۆزنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ تۇرىۋالماي، باشقىچە شەكىلدە تىزىلسا... دېمەكچى، مۇشۇ كىچىككىنە نەرسىدىمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىجادىيلىق بولمايۋاتقانلىقىغا، ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ مەيدانغا چىقىۋەرگىنىگە شەخسەن مەن ھەيران. كەسىپ ئەھلىلىرى مۇشۇنىڭغا بىر نەرسە دەڭلار. ياكى بۇنىڭدا باشقىچە قانۇنىيەت بارمۇ؟ ئاشۇنداقلا ئىشلەنسە تەسىر كۈچى چوڭ بولىدۇ؟ لايىھەسى ئاسان توختايدۇ؟ ئەرزان؟ باشلىقنىڭ كۆرسەتمىسى؟

ئىزاھات: ئاۋۇ گەپلىرىم بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىگە ياكى سەنئەتچىلەرگە مۇناسىۋەتسىز. مۆرىتى كەپتىكەن، دېيىلىپ كەتتى.


بۇلاردا شۇ پوستىرنى(تەشۋىقات قەغىزى) لايىھە قىلدىغانغا بىر psd قېلىپى بارمىكىن دەيمە. ھەممە پوستىرلار (تەشۋىقات قەغىزى) بىرلا قېلىپلىق. ئۈستىگە ئادەملەرنى تىزىدۇ دولايمىفاسولاشىغا . ئاندىن تېگىدە داڭلىقلارنىڭ ئىسمىدىن باشلاپ داڭقى چىقۋاتقانلارنىڭ ئىسمىغىچە تامام.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 12:13:35

11- قەۋەتتىكى adwokatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ياخشى. مەدەنىيەت-سەنئەت بازىرى قىزىپ تۇرسا، خۇش بولىمىز... كۆرەلمىسەكمۇ...

ئەمدى، قاملاشمىغانراق سوئالدىن بىرنى سوراي: مۇشۇنداق ئاشكارا ئۆتكۈزىلىدىغان سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ تاختا ئېلانلىرىنى كۆپ كۆردۇق، ھەممىسى دېمىگەندىمۇ، 90% تىن يۇقۇرىلىرى ئوخشاش بىر قىلىپتا: قاتنىشىدىغان سەنئەتكارلار مافىياچىلاردەك ئۈستىگە ئارقىمۇ-ئارقا تىزىلىدىكەن. ئاستىغا ئۇ-بۇ دېگەندەك قىسقىچە چۈشەندۈرۈشلىرى بېرىلىدىكەن. يەنە كېلىپ، رەك ئۇسلۇبىمۇ قارىماققا ئوخشاشلا، ئىملا خاتالىقلىرى بىلەن بىرگە( يۇقۇرىدىكىسىدىمۇ خاتالىق بار. بايقىدىڭىزمۇ؟). دېمەكچى، تاختا ئېلان( خەنچە بۇنى海报 دەيدىكەن)نى باشقىچەرەك لايىھەلىگىلى بولمامدۇ؟ مەسىلەن، سەنئەتچىلەر تاختىنىڭ گىرۋەكلىرىگە تىزىلسا، چۈشەندۈرۈش ئوتتۇرىسىدا بېرىلسە، ياكى، سەنئەتچىلەر ئۇنداق دەستىلەنگەن تەخسىدەك، كۆزنىڭ بالىخانىسىغا قاراپ تۇرىۋالماي، باشقىچە شەكىلدە تىزىلسا... دېمەكچى، مۇشۇ كىچىككىنە نەرسىدىمۇ تۈزۈكرەك بىر ئىجادىيلىق بولمايۋاتقانلىقىغا، ئوخشاش بىر نەرسىنىڭ مەيدانغا چىقىۋەرگىنىگە شەخسەن مەن ھەيران. كەسىپ ئەھلىلىرى مۇشۇنىڭغا بىر نەرسە دەڭلار. ياكى بۇنىڭدا باشقىچە قانۇنىيەت بارمۇ؟ ئاشۇنداقلا ئىشلەنسە تەسىر كۈچى چوڭ بولىدۇ؟ لايىھەسى ئاسان توختايدۇ؟ ئەرزان؟ باشلىقنىڭ كۆرسەتمىسى؟

ئىزاھات: ئاۋۇ گەپلىرىم بۇ قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكىگە ياكى سەنئەتچىلەرگە مۇناسىۋەتسىز. مۆرىتى كەپتىكەن، دېيىلىپ كەتتى.



كاللىسى ئۇچۇقلىرى لايىھىلەرنى يىڭىچە ئۇسلۇپتا ، ئىجادىي قىلىلى دىسەك   \"ماقۇل\" دەيدۇ ...


ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر \" مانىڭغا ئوخشاپ قىلىپ بىرىسەن\" دەپ تۇرىۋالىدۇ ...


مەنمۇ سەنئەت يۇرتىنىڭ بىر ئېلان ۋارىقىنى لايىھىلەپ بەرگەن ، باشقىچە قىلىلى دىسەم ، ياق مۇشۇنداق


تىزىسە دەپ پىرامىدا شەكىلدە ....... ھەي ...


بىز كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى نەزەردە تۇتمايمىز ، پەقەت ئۆزىمىزگە يارىسىلا بولدى ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ياخشى چىقتى دەپ قارالسا ، بىزنىڭ سەنئەت قارىشىمىزغا ماس كەلسىلا بولدى ، ھەرگىزمۇ


كۆپ ساندىكى كىشىلەرنى نەزەردە تۇتمايمىز. لايىھىگۈچىلەر ئاشۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشى ئۈچۈن ئەسەر لايىھىلەيدۇ ... لىكىن ھازىر ئاشۇ بىر كىشىگىلا لايىھىلەپ بىرىدىغان بوپ قالدى ...


تۈپىدىكىسى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھە لىكىن ...

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 12:14:25

ئۈرۈمچىدىمۇ قويسا بولاتتى .... ھەممىسى مەن ياقتۇردىغان باللىكەن . بۇ ئويۇننى كۆرىمىز دەپ قارامايغا چىقىمىزمۇ ئەمدى .

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 13:22:24

10- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مانا ئىزدىنىشمۇ ئەمدى ناخشا ئۇسۇل ماكانى دىگەن نامغا ماسلاشقىلى تۇرۇپتۇ !ئىزدەپ تاپالمىغان مەسچىلىكتە ياكى پەسچىلىكتە ئېيتقان پەلپەتىش ناخشىلارنى‹‹ ئىزدىنىشتىن تېپىڭ ››دەپ ئېلان بەرسەك بولغۇدەك !



بىرەر ئاي تاماق يېيەلمىگۈدەك گەپتىن ئىككى شىڭگىل قىلاي دېدىم،-يۇ ،ئۆزلەنى دورىماي توختاپ قالدىم.پەلىپەتىش ئادەمگە ئەستايىدىل گەپ قىلىش ساراڭلىق بولسىمۇ،تېگىشلىك جاۋابنى بېرىپ قوياي .


بىرىنچىدىن،ئىزدىنىشقا قاراپ ھېچكىم ناخشا ئۇسۇل ماكانى دېمەيدۇ،چۈنكى ناخشا ئۇسۇلنىڭ پۈتۈن مۇنبەر مەزمۇنىدا تۇتقان ئورنى ناھايىتى كىچىك.ئىككىنچىدىن،مەن ناخشىنى ئىزدىنىشقا يوللىمىدىم،مۇنبەردىكى تونۇش،ناتونۇش ئەل ئاغىنىلەرگە يوللىدىم.\"ئىزدىنىش\"تىن تاپقىلى بولمايدۇ .ئۈچىنچىدىن مەن يوللايدىغان ناخشىلارخەلق ناخشىلىرى ۋە 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان تېكىستى ساغلام،مۇزىكىسى ئاھاڭدار،ئورۇنلىشى يېقىملىق ئېسىل ئاممىباپ ناخشىلار،سىلىدەك؟؟؟؟؟ئادەملەر ئەمەس، ساق ئادەملەر ساق تۇرۇپ ئېيتقان قارىسىلا...


بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ بىر گېپى بولىدىغان\"بىر ئىشلارغا مۈشۈكتەك كۆزىنى يۇمۇۋالىدىغان،خىيالىغا كەلگەن ئىشنى قىلىپ،ئاغزىغا كەلگەننى سۆزلەيدىغان،پەلىپەتىش ئىنسانلارنى 变态دېسەك بولىدۇ،ئۇلارنى نورمال ئادەم قاتارىدا ساناش ئەقىلسىزلىك\"دەپ.ئۆزلە ھەر ھالدا كومپىيوتېر ئىشلىتىپ،خەت باسالايدىكەنلا.ھازىرچە نورمال ئادەم ساناپ تۇراي.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 13:26:21

3- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاغىنەم قارامايدا نەدە قويىسىلەر؟ 20-چېسلا ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولۇپ كەتكەندۇ ئەمدى؟



جەرەنبۇلاق تىياتىرخانىسىدا ئاداش.20-چېسلا يەنە بىر يەكشەنبە كۈنى.
بەت: [1] 2
: ناخشىمۇ ئاڭلاڭ،ئېلانمۇ كۆرۈڭ