ئىنتىل شىركىتى قەغەز تاختا كومپىيۇتېر ياساپ چىقتى~[تەرجىمە]
ئىنتىل شىركىتى CESيىغىنىدا يۇمشاق «قەغەز تاختا كومپىيۇتېر» PaperTab نى ئوتتۇرىغا چىقاردى خەۋەردە دىيىلىشىچە، سەنشىڭ شىركىتى شەكىل ئۆزگەرتەلەيدىغان يان تېلېفون ئېكىرانى ئىشلەپچىقارماقچىكەن. ھازىرئىنتىل شىركىتى ئەنگىليىدىكى Plastic Logicۋەكانادادىكى Queen`s University نىڭ HumanMedia Lab بىلەن ھەمكارلىشىپ CES (دۇنيابويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى سودا يىغىنى)چوڭ يىغىنىدا بىر خىل قەغەزگە ئوخشاش نىپىز، يۆگەشكە بولىدىغان تاختا كومپىيۇتېرPaperTab نى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ![]() بۇ خىل تاختا كومپىيۇتېرغا 10.7سۇڭ چوڭلۇقتىكى سۇلياۋ سىزىمچان ئېكران ، intelcore i5 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئېكراندا پەقەت بىرلا ئەپ كۆرسىتەلەيدۇ. لىكىن كۆپ «قەغەز تاختا كومپىيۇتېر» كۈچلۈك ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ،ئىككى قەغەز تاختا كومپىيۇتېر يىنىك تىگىشسىلا، ئۆز ئارا ھۆججەت يوللاشقا، ئېلخەت ئەۋەتىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭىدىن باشقا كۆپ ئىكراننى بىر يەرگە ئەكىلىپ تېخىمۇ چوڭ ئىكران تەشكىللىگىلىمۇ بولىدۇ. ![]() يۇقارقى سىندىن قارىغاندا،نۆۋەتتە بۇ خىل تاختا كومپىيۇتېرنى سىم ئارقىلىق ئۇلاپ قويۇپ مەشغۇلات قىلىشقابولدىكەن، شۇغىنىسى ئېكران رەڭلىك كۆرسىتەلمەيدۇ ھەم ئىنكاسمۇ بىر قەدەر ئاستىراق.نۆۋەتتە بۇ مەھسۇلات دەسلەپكى تەتقىقات مەزگىلدە بولغاچقا، ياسىغۇچى تەرەپ بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازارغا سىلىنىش ۋاقتى ۋە تەننەرخى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تىخى ئاشكارلىمىغان، بەلكىم بۇنىڭغا خىلى ۋاقىت كىتىشى مومكىن. بىراق بۇ خىل نىپىز قەغەز تاختا كومپىيۇتېر كەلگۈسىدە تاختا كومپىيۇتېرلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى بولۇپ قىلىشى مومكىن. |
مەنبە: قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرى http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4382

بەت:
[1]