qaynam يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 12:24:41

ئۆي سېتىۋېلىشتا مەسلىھەت بەرسەڭلار

سالام تورداشلار :


كۆزنى يۇمۇچ ئاچقۇچە ئىزدىنىشنىڭ 8 يىللىق ئەزاسىغا ئايلىنىپتىمەن ، ئۆگەنگەن بىلگەنلىرىممۇ ئاز ، لىكىن بىلمەيدىغانلىرىمۇ ئاز ئەمەس .


شۇڭا ئىزدىنىشتىكىلەرنى ئۆز ۋە تۇرمۇشقا خېلى ئىپى بار دەپ ، ئۆي سېتىۋېلىشتىكى مەسلىھەتىمنى سورىماقچى ، شۇڭا ئۇستاز تورداشلارنىڭ 5 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ مەزكۇر تىمىنى تۇللۇق ئوقۇپ ، يەنە 5 مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى مەسلىھەت سۈپىتىدە يوللاپ باقسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن .



مەن **** شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 2012-يىلى قۇبۇل قىلىنغان كەسپى شىتات ساقچىسى، ھازىرقى نۇرمال مائاشىم 3000 سومنىڭ ئۈستىدە ، ئايلىق ئولتۇراق فوندىمغا 328  يۈەن ئەتراپىدا پۇل كىرىدۇ .



مەخسەت :


يېقىندا شەھرىمىزنىڭ مەلۇم ئورنىدىن سېلىنىپ بولغان ، ئەمما ئاچقۇچ ئۆي ئىگىسىگە تاپشۇرلۇش باسقۇچىدىكى 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ئۆينى ، ئەسلى ئۆي ئىگىسىدىن سېتۋېلىش  نىيىتىگە كەلگەن ، لىكىن مەندە ئۇنچىلىك نەق پۇل ، يۇقرى بولغاندا 40 مىڭ ئەتراپىدا چىقىرالايمەن .


شۇڭلاشقا ، مەزكۇر ئۆينى سېتىۋېلىشتا بانكىدىن ئۆي ئىگىسىگە نەق پۇلنى  بانكا بىرىپ تۇرۇپ ، مىنىڭ ئۆي فوندۇم بىلەن مائاشىمنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى تۇتۇپ قالىدىغان كەسىپلىرى بارمدۇ ؟


بولسا قەدەم باسقۇچلىرى قانداق ؟ قايسى ئورۇندىن قانداق قەدەم باسقۇچلارنى باسىمەن ؟



ئەگەر بۇ ئۆينى سېتىۋالماي ، يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئولتۇراق ئۆيگە بۆلەككە بۆلۈپ پۇل تۆلەش ( دەيكۈەن ) بۇيۇنچە ئىش كۆرسەم ، قانداق قەدەم باسقۇچ ۋە رەسمىيەتلەرنى بىرىجىرىمەن ، مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلىھەت بەرسەڭلار .

katang يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 15:13:16

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

مېنىڭچە بولغاندا شەھەرنىڭ سىرتىراق تەرپى بولسىمۇ زىمىن ئىلىپ ئۆي سالسىلا ياكى سىتىۋالسىلا ،يولى كاتاڭ قولايسىز بولسىمۇ ئالتۇن قوزۇق ھەم ئالتۇن قورۇق بولىدۇ ............

دىۋاندىلا ئاتىكاچىلىق قىلغان بولسام ئەپۇ قىلۋىتەلا ~~~~~~~~

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:10:01

گەپ ئۇ ئۆينىڭ قانداق ئۆيلىكىدە، يەنى تاۋار ئۆي بولسا ئايرىم، ئەرزان-قولايلىق ئۆي بولسا ياكى ئىدارە-جەمئىيەتلەر پۇل يىغىشىپ سالغان ئۆي بولسا ئايرىم سىياسەت بار.



مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆي پۇلىنى تاپشۇرۇپلا ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىنى ئالالايدىغان ئۆي بولسا سىز قىرىق مىڭنى تاپشۇرۇپ، ئۆي سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، شۇنى توختام ئارقىلىق ئۆينى ئۆزىڭىزنىڭ نامىغا ئۆتكۈزەلەيسىز، ئاندىن شۇ رەسمىيەتلەرنى كۆتۈرۈپ بانكىغان بېرىپ، قەرز بېجىرەلەيسىز، بانكا ئۆي پۇلىنىڭ قالغان قىسمىنى سىزگە ئۆيىنى ساتقان ئادەمگە تۆلەپ ، ئاندىن بۇ پۇلنىڭ ئۆسۈمى بىلەن قوشۇپ سىزنىڭ ھەر ئايلىق مائاشىڭىزدىن تۇتىۋالىدۇ؛(بۇ يەردە يەنە بىر ئىش ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىدىكى ئىسىمنى سىزنىڭ ئىسمىڭىزغا ئۆزگەرتكەندە، ئۆينىڭ بازاردىكى نورمال باھاسىنىڭ مەلۇم پىرسەنتى بويىچە پۇل تۆلەيسىز، ئۆي-مۈلۈك ئىدارىسى يىغىدۇ)



ئەگەر ئۆي تاۋار ئۆي بولماي قانۇندا 15 يىلغىچە سېتىش چەكلەنگەن ئۆي بولسا، سىز 200 مىڭنى نەق تۆلىسىڭىزمۇ بۇ ئۆينى ئۆزىڭىزنىڭ نامىغا قوندۇرالمايسىز، شۇڭا بانكىمۇ سىزگە قەرز بەرمەيدۇ، ھەم ئۆي سېتىش توختامىنىمۇ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزەلمەيسىز، شۇڭا ئۇ ئۆي سىزنىڭ بولمايدۇ، ئەگەر بىرنەچچە يىلغىچە ئۆينىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتسە ئۆي ئىگىسى چىدىماسلىق قىلىپ سىزنى قوغلاپ چىقىرىشى مۇمكىن، پەقەت ئۇنىڭ ئىنسابىغا باغلىق.

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:16:47

ئەگەر يېڭىدىن سېلىنىۋاتقان ئۆي ئالىمەن دېسىڭىز، ئولتۇراق ئۆي فوندى قەرزى بىلەن بۆلەككە بۆلۈپ پۇل تۆلەش، بۇ پۈتۈنلەي ئىككى ئايرىم ئىش، ئۆينى قەرزگە ئالغاننى ئاڭلىدىم، بۆلەككە بۆلۈپ پۇل تۆلىگەننى تېخى ئاڭلىمىدىم، بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ماشىنا ئېلىش تېخى يېڭىدىن پەيدا بولدىغۇ دەيمەن.



ئەمدى ئالىدىغىنىڭىز قەرز بولسا، ئۇ چاغدا بىرمۇنچە پۇلنى كۆتۈرۈپ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىگە بارسىڭىز، ئۇلار قەدەم-باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي ئۆگىتىدۇ، ئۆي پۇلىدىن باشقا يەنە تۆلەيدىغان بىرمۇنچە باج-سېلىقلار بار، لېكىن يۇقىرىدا دېگەندەك ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسىگە ئىسىم قوندۇرۇش ئۈچۈن ئون نەچچە مىڭ تۆلەپ يۈرمەيسىز، يېڭى ئۆينىڭ پايدىسى مۇشۇ يەردە.



ئەگەر شتاتلىق ساقچى بولسىڭىز ئۆمرىڭىزدە بىر قېتىم قولايلىق-ئەرزان ئۆي سېتىۋېلىش پۇرسىتىڭىز بار، مۇشۇنى ئوبدان ئىشلىتىڭ، ھەم بۇرۇن ئۆي ئالمىغانلارغا توختام بېجىنىمۇ يېرىم باھادا ھېسابلايدۇ.



ھازىر نامىڭىزدا باشقا ئۆي يوقتۇ؟

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:53:14

كەسپى شىتات ساقچىسى دىگەن قانداق گەپ ئۇ؟ كەنىت ساقچىسى  شۇما؟

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 20:16:58

joshua,namimda tehi oy yok

azharbag,diginigiz togra

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 21:58:18

نامىڭىزدا ئۆي يوق بولسا، ئەڭ ياخشىسسى ئەرزان-قولايلىق ئۆي سېتىۋېلىڭ، بولمىسا بىرىنچى قېتىمدا قىممەت ئۆي ئېلىۋالسىڭىز، بىر ئۆمۈر ئەمدى ئەرزان ئۆي ئالالمايسىز، سىياسەت شۇنداق.

خەقتىن ئالغان نىمكەش ھېسابىدىكى ئۆيىڭىز قانچە ئەرزان بولسىمۇ بەرىبىر تاۋار ئۆي قاتارىغا كىرىدۇ.

ئەرزان-قولايلىق ئۆي گەرچە ھەرتەرەپتىن ياخشىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، بىرىنچىدىن، ھە دېگەندە تەگمەيدۇ، نومۇر قويۇپ، شەرتىڭىز توشسا ئاندىن ئۆي تېگىدۇ؛ ئىككىنچىدىن 15 يىلغىچە ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى بېجىرىپ بېرىلمەيدۇ، دېمەك شۇنىڭغىچە ساتالمايسىز، شۇڭا بۇ ئۆينىمۇ ئويلىشىپ ئېلىش كېرەك.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:46:40

arzan kulaylik oy dihanni quxinal midim

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 10:47:49

jizifang digan xumu ya
بەت: [1]
: ئۆي سېتىۋېلىشتا مەسلىھەت بەرسەڭلار