Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:38:05

Office 2013 كۆرۈش نۇسخىسىنى قاچىلاڭ


Windows 8 نى قاچىلىغاندىن كېيىن بەلكىم ئوغرى نەشىردىكى Office نى خالىماي دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن كەم تۇرغانلار بولۇشى مۇمكىن. Office 2013 ئىشلەتكۈچىلەر ئالدىن كۆرۈش نۇسخىسى Windows 8 گە خېلى يارىشىدۇ.


2013 نەشىرى بولسا Windows8 ئۇسلۇبى بىلەن ئىمكانقەدەر بىردەكلىكنى ساقلايدۇ، يەنى ھەتتا ARM ئىشلىگۈچ سەپلەنگەن RT نەشىردىكى Win8 ياكى Windows Phone8 بولغاندىمۇ ئورتاق يۈزلۈك ئىشلىتىدىغان بولغاچ، خۇددى Win8 نىڭ ئاددىي تۇغىدەك، ئانچە رەڭدار ئەمەس، ئەپنىڭ ئىجرا بولۇش سۈرئىتى تېز، سىغىمغا تەلىپى تۈۋەن، توك سەرپىياتى تۈۋەن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قىلىدۇ.




چۈشۈرۈش ئادرىسى:


http://www.microsoft.com/china/office/preview?WT.mc_id=ODC_Intl_ODC_Preview  دىكى «سىناپ ئىشلىتىش» نى چېكىڭ


چۈشۈرۈش ئادرىسى:


http://www.microsoft.com/office/preview/en/try-office-preview





چۈشۈرۈش جەريانىغا سەل ساقلايسىز



قاچىلاش ئاخىرىدا، بىر قىسقا سىن ئۇنى تونۇشتۇرىدۇ.




ئارقىدىنلا، ئەگەر سىز Windows 8 نى ئۆزىڭىزنىڭ مىكروسوفت ھېساۋاتىدا كىرىپ ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ھېساۋات نامىڭىزدا Office قا كىرىدىكەن.




نىمە ئۈچۈن ئەمدى Office قىمۇ خەت ساندۇقىغا كىرگەندەك ھېساۋات بىلەن كىرىشنىڭ نىمە پايدىسى بار، دىگەندە، ھۆججەت ساقلىغاندا مىكروسوفتنىڭ ئاسمان دېسكىسى SkyDrive بوشلۇقىمۇ ساقلاش ئورنى تاللاش دائىرىسىدە بولىدىكەن. مۇرەككەپلەشكەن ئىشلار ئۆزىگە لايىق قولايلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ. يەنى، بىر ھېساۋاتنى تەڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۈستەل كومپيۇتېرىڭىز، ياندىن ئايرىمايدىغان ئەقىللىق تېلېفۇنىڭىز، كۆتىرىپ يۈرىدىغان خاتىرە كومپيۇتېرىڭىز قاتارلىقلار تورغا ئۇلانغان ھامان، سىز بىر ھۆججىتىڭىزنى بۇ ئۈچ خىل ئۈسكۈنىڭىزنىڭ قايسىسغا ساقلىغانلىقىڭىز ھەققىدە باش قاتۇرمايسىز.  7 گېگالىق ھەقسىز بوشلۇق ئىشخانا ھۆججەتلىرىگە يېتىپ ئاشمامدۇ؟




بۇ كۆزنەك چىققاندا قاچىلاش تامام بولغان بولىدۇ، Word ۋە Exel قاتارلىقلارنى دەرھال ئىشلىتەلەيسىز.




بىراق توردىن يەنە بىر قىسىم ماتىرىيىاللىرىنى تولۇقلاپ چۈشۈرىدىكەن، بەلكىم ھەر خىل ئەندىزە- شەكىل قاتارلىلار بولسا كېرەك. ھەمدە خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن، تور سائەتلەپ ئۈزۈلمەسلىكى كېرەكتەك قىلىدۇ. ئالدىراش ئىش بولمىسا، بۇ تولۇق چۈشۈپ بولغاندا ئاندىن ئەپلەرنى قوزغىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.




ئىللىق ۋورد




Word قوزغالغاندىن كېيىن، ھۆججەت ئاچىدىغان سۈكۈتتىكى پروگرامما قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىمىزنى سورايدۇ




بۇ Word. بۇيرۇق ئۈچۈن كۇنۇپكا تاختىسىدىن تېز كۇنۇپكا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، Alt نى بېسىپ تۇرۇپ ماس ھەرپ كۇنۇپكىسىنى باسساق بولدۇ.




ئەگەر سىز word قاتارلىقلارنىڭ بىرىدە ھۆججەتنى تۇنجى قېتىم SkyDrive غا ساقلىغىنىڭىزدا، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئۇنىڭ يەرلىك ئۇچ ئەپىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاشنى قوزغىتىدۇ، ساقلاش ئورنىنى  C رايوندىن باشقا رايونغا قىسقۇچ قۇرۇپ كۆرسىتىپ بېرىڭ. سىز خالىغان ھۆججەتنى بۇ مۇندەرىجە ئاستىغا ساقلىسىڭىز، ئۇ دەرھال تور دېسكىغا ماس قەدەملەشتۈرۈشنى باشلايدۇ.


SkyDrive نىڭ ئۇقتۇرۇش رايونىدىكى سىنبەلگىسى ۋە ئۇ ئارقىلىق يەرلىك دېسكىدىكى مۇندەرىجىنى ئېچىش:





Windows 8 دە  ئۇيغۇر تىلى مەشغۇلات سىستېمىسغا ئۆزلىشىپ بولغاچقا. word قا «ئۇي» كىرگۈزگۈچنى تاللاپ خەت يازغان ھامان، سېرىق رامكىدا ئەسكەرتىش چىقىپ، Word ئۈچۈن ئۇيغۇرچە تىل بولاقنى ئىزدەشكە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ، بۇ تىل بولاق ئېلان قىلىنغاندا چوقۇم ئاسماندىن دوپپا ياغىدۇ!!..



ئۇيغۇرچە سىستېمىدا قوزغىتىلغان سىناق نۇسخىدىكى word نىڭ سىتون يۆنىلىشى بۇرۇنقى سولدىن ئوڭغا ئۆزگەرمەيدىغان كەمچىلىكنى تۈزەتكەن بولۇپ، ئوڭدىن سولغا بۆلۈنىدۇ، ئوقۇش ھالىتىدىمۇ كۆپ بەتلىك ھۆججەتلا بولسا ئوڭدىن سولغا بەت كۆرسىتىدۇ. پەقەت، PageUp ۋە PageDown كۇنۇپكىسى بىزگە نىسبەتەن تەتۈر ئىشلەيدىكەن.




بۇ PowerPoint نىڭ قوزغىلىشى:




كىم بىلسۇن، مەن تېخى بىرمۇ ھۆججەت ئېچىپ كۆرمىگەن تۇرسام، سول تەرەپتە كۆرۈلگەن ھۆججەتلەر نامى چىقىپ تۇرىدۇ، ئەسلىدە، SkyDrive دا Office ھۆججەتلىرنى WebApp ئارقىلىق كۆرگەن بولساقمۇ ھېساۋاتىمىز ئارقىلىق خاتىرلىنىپ ماڭىدىكەن، بومۇ بىر يېڭىلىق ئوخشايدۇ.




Office ئائىلىسىنىڭ 7 نەپەر سىناق ئەزاسى:


qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 07:45:01

چۈشۈرۈش، قاچىلاش قاتارلىق جەھەتلەردە سەل تېڭىرقىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا، باچكا بوردەرنىڭ بۇ خالىسانە ئەمگەكلىرىدىن كۆپ مەمنۇن بولاۋاتىمەن!

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 09:16:39

يەنە بىرگە، كۆپ بەت كۆرۈش ۋە كۆپ سىتونغا بۆلۈشتە، يۆنىلىشنىڭ ئوڭدىن سولغا بولۇپ قالغانلىقىغا كۆنۈپ قېلىڭلار.

Relax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 10:30:03

چۈشۈرىۋاتىدۇ. \"\"

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 11:25:50

مىنىڭ سېستىمام 8 ئىدى،مەن چۇشۇرەلمىدىم..چۇشۇرۇش باسقۇچىدىن ئۆتەلمىدىم..نىمە ئىشتۇ بۇ ئەمدى؟

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 11:29:15

چۈشۈرۈپ قويۇپ، كېيىن قاچىلاشقا بولمامدۇ نېمە؟ چۈشمەي تۇرۇپلا قاچىلايمەن دەيدا؟

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 11:42:45

ئەمدى چۇشتى..

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 20:42:08

تېمىنى كىچىككىنە يېڭىلاپ قويدۇم.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 12:04:31

بۇ نۇسخۇسىنى قانچە ئۇزۇن ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟
بەت: [1]
: Office 2013 كۆرۈش نۇسخىسىنى قاچىلاڭ