koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 18:46:03

قەدىمدە «چىغتاي تىلى» دەپ بىر تىل بولغانمۇ؟

يېقىندىن بۇيان قەدىمكى كىتاپلارغا، بولۇپمۇ تارىخىي كىتاپلارغا قىزىقىپ قالدىم. ئۆزەمنىڭ خاھىشى بويىچە، كىتاپلاردىكى ئاتالغۇلارغا ئالاھىدە ئېتىبارىمنى ئاغدۇردۇم. كىتاپلاردىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، كونا كىتاپلارنىڭ ھېچقانداق يېرىدە «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» دەيدىغان بىرەر ئاتالغۇنى پەقەت ئۇچراتمىدىم، پەقەت ئۇچراتقىنىم «تۈركىي / تۈركى تىل» دېگەن ئاتالغۇ بولدى.


گەپنى باشقا ياندۇرۇپ كەلسەك، غەرب تىلشۇناسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركى تىلنى ھازىرقى تۈرك تىلىدىن پەرقلەندۈرۈش ۋە تەتقىقاتىغا ئاسان بولۇشى ئۈچۈنلا، «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» دەپ نام قويغانلىقى، ئاندىن بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز بۇ نامنى ئېسىل بىلىپ، ھازىرقى كىتاپلىرىمىزغا سۆرەپ كىرگىنى ئېنىق.


دېمەك، ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا  «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» نامىدا بىرەر تىل مەۋجۇت بولمىغان ئىكەن، بىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئاشۇنداق ئاتايمىز؟ نېمە ئۈچۈن ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئاتاپ كېلىۋاتقان «تۈركىي / تۈركى تىل»  دېگەن نامنى تاشلىۋېتىمىز؟



كونا كىتاپلاردا يەنە، ھازىرقى شىزاڭ رايونىنى «تىبەت» دەپ ئاتايدىكەن، تارىخىي رەشىدىدە شۇنداق ئاتىغان، مەزكۇر كىتاپ بۇنىڭدىن 500 يىل مۇقەددەم يېزىلغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئېنگلىز تىلى تېخى تولۇق پىشمىغان، ھەمدە بېرتانىيە ئارىلىدىن سىرتقا تۈزۈك تارالمىغان ئەھۋالدا ئىدى. مېنىڭچە بولسا، «تىبەت» سۆزى تۈركلەر ئارقىلىق ئېنگلىزلارغا كۆچكەن، ئاندىن ئېنگلىزلاردىن بىز قايتا ئۆگىنىۋالغان ئاتالغۇ بولۇشى مۇمكىن. مەزكۇر كىتاپتا يەنە، تىبەتتە ياشايدىغانلارنى «تۈبۈت» دەپ ئالغان، بۇ بەلكىم ھازىرقى زاڭزۇلارنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن.



تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ھازىرقى بىز ئاتاپ كېلىۋاتقان «چىغىتاي / چاغاتاي تىلى» نى قەدىمكى تىلىمىز بويىچە  «تۈركىي / تۈركى تىل» دەپ ئەسلىگە قايتۇرۇپ ئاتاشقا بولامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىرلىشىپ باقساق!؟



ئەسكەرتىش: «تۈركىي / تۈركى تىل» سۆزى ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈرك تىلى بىلەن ئۇقۇم خاتالىق كېلىپ چىقمامدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، «تۈرك تىلى» بىلەن «تۈركى تىل»نىڭ يېزىلىشىدىمۇ پەرق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى تۈركىيە تۈرك تىلىنىڭ قەدىمكىسىنى «ئوسمانلى تىلى» دەپ ئاتىشاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكىسىنى بولسا، «تۈركى تىل» دەپ ئاتىشاتتى.





UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:03:00

بىز ئاتىغان ئىسىم ئەمەس ، ئەينى ۋاقىتتا ئاتالمىش‹چاغاتاي تىلى› قوللىنىۋاتقان كىشىلەر ئۆز تىلىنى ھەرگىزمۇ چاغاتاي تىلى دەپ ئاتمىغان بولىشى مۇمكىن. يەنىلا شۇ ئاتا-بوۋىمىز ئىشلەتكەن‹تۈركى تىل›دەپ ئاتىغاندۇ. شۇ ئاتالمىش بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار پەرىقلەندۈرىمىز(بەلكىم باشقا ئىشتۇ)دەپ ئاتاپ ئومۇملىشىپ قالغانلا يېرى بار. تىبەتمۇ شۇنداق. خەنزۇچىدىن زاڭزۇ،شىزاڭ دەپ قۇبۇل قىلغانلا يېرىمىز بار. ئاشۇلارنىڭ يىللار ئۆتۈپ ئايلار ئۆتۈپ ئومۇملىشىپ كۆنۈپ قالغان ،كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دەيدىغان يەرگە كەپ قالغان يېرى بار.

تۈركى تىلنى چاغاتاي تىلى دەپ ئاتاش ھەقىقەتەن نۇمۇس . خەلقئارا دېگەن سۆزنىڭمۇ 国际گە ماس ئىشلىتىشىمۇ خاتا بولسىمۇ ئومۇملىشىپ قالغان يېرى بار. شۇنىڭغا ئوخشاش.

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:26:01

ئاشۇ گەپلەرنى ئاڭلىسام مىنىڭ قۇلىقىمغىمۇ غەلىتە ئاڭلىنىدۇ.تارىخىمىزغا بىر نەرسە سۈركەپ قويغاندەكلا.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:52:10

توۋا، ئىككى ئاي ئىزدىنىش ئېچىلمىدى. ئەمدى ئېچىلىدىغان بوپتىكەن، ئىنكاس يوللىساملا ئۆچۈۋېلىۋاتىدۇيا!

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:53:04

چاغاتاي تىلى-قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەن،14-ئەسىردىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە،شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ.خوش، ئۇ ئۇيغۇر تىلى ئىكەنۇ،نېمە ئۈچۈن «چاغاتاي تىلى»دەپ ئاتىلىدۇ؟بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ مۇنداق بىر ئورتاق كۆز قارىشى بار:ئۇ بولسىمۇ،ئۆز زامانىسىدىكى چاغاتاي ئۇلۇسىدا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نامى ئادەتتە ئۆزلىرىنىڭ قەبىلە ناملىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئاتالغاندىن باشقا، «چاغاتاي خاننىڭ پۇقرالىرى»دېگەن مەنىدە ئومۇملاشتۇرۇپ «چاغاتايلار(خۇددى ئوسمان ئىمپىريىسى زامانىدىكى تۈركلەر «ئوسمانىيلار »دەپ ئاتالغانغا ئوخشاش) دەپمۇ ئاتالغان،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تىللىرىنى بولسا، ئەرەب-پارس تىللىرىغا قارشى ھالدا «تۈركىي تىل»، «چاغاتاي تۈركچىسى »، «چاغاتاي تىلى » دەپ ئاتاشقان. ئىلىم ئەھلىلىرى كېيىنچە ئاشۇ «چاغاتاي تىلى» دېگەن ئورتاق ئاتالغۇنى ئىشلىتىشنى كۆپرەك ئادەت قىلغان، دېگەندىن ئىبارەت.



جاھان تۈركۈلوگلىرى ئارىسىدا يۈكسەك شۆھرەتكە ئىگە ئالىم شەمسىدىن سامى ئۆزىنىڭ يۇقىرى ئىناۋەتلىك ئەسىرى « قامۇسۇل ئەئلام »دا : «قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىيەتتە ئەڭ ئالدىغا كەتكەن خەلق بولۇپ، بۇلارنىڭ تىلى تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئەدەبىي تىل ئىدى،چاغاتاي خان ھاكىميەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ‹چاغاتاي تىلى›دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان»دېگەن. (ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانىينىڭ «چاغاتاي تىلىدىن ئۇمۇمىي بايان ناملىق كىتابىدىن)



دېمەك، بىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي تىلى »دېگەن ئاتالغۇ يۇقىرىقىدەك تارىخىي شارائىتتا بارلىققا كەلگەن. بۇ ئاتالغۇنى بەزىلەر « يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى»دېگەن ئاتالغۇ بىلەنمۇ ئاتاپ باققان. لېكىن بۇ خىل ئاتاش، «چاغاتاي تىلى»نىڭ ئىشلىتىلىش دەۋرى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. يېقىنقى زامان دېگىنىمىز، 17-ئەسىرنىڭ مابەينىنى كۆرسىتىدۇ.لېكىن چاغاتاي تىلى 14-ئەسىردىن باشلاپ قوللىنىلغان. ئۇستاز ئابدۇرۇپ پولات مۇئەللىم، بۇ ئاتالغۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى » دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. بۇنداق بولغاندا بۇ تىلنىڭ ئىشلىتىلگەن ۋاقتى (يەنى چاغاتاي ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋر ) مىللەت تەۋەلىكى (ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكى) ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ، دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ كۆز قاراش ھازىر ئاساسەن ئومۇملىشىپ قالدى. ئۇ يۇقىرىدا كۆرستىپ ئۆتكەن ئەسىرىدە «چاغاتاي تىلى» دېگەن ئاتالغۇنى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ:

بىرىنچى، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى »دېگەن ئاتالغۇ «چاغاتاي تىلى»دېگەن ئاتالغۇدىن چۈشىنىشلىك.

ئىككىنچى، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»دېگەن ئاتالغۇ «يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئاتالغۇغا قارىغاندا ئىخچام بولۇشتىن تاشقىرى يەنە ئېنىق دەۋر ئۇقۇمىغا ئىگە.

ئۈچىنچى، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»دېسەك، تىل ئەھلىلىرى ئەزەلدىن ئاتاپ ئادەتلىنىپ كەلگەن «چاغاتاي تىلى»دېگەن ئاتالغۇمۇ يوقىلىپ كەتمەيدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:54:37

دېمەك قىسقا ئىنكاس يوللىسام ماڭىدىكەن. بىر ماقالەم بار ئىدى يۇقىرىقى تېمىدا، زادىلا ئىنكاس قىلىپ يوللىيالمىدىم.

peshpayi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:11:36

4-قەۋەتتىكى بۇرادەرنىڭ گىپىنى قوللايمەن .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:21:37

«تۈركىي / تۈركى تىل» سۆزى ھازىرقى تۈركىيەدىكى تۈرك تىلى بىلەن ئۇقۇم خاتالىق كېلىپ چىقمامدۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. بۇ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ، «تۈرك تىلى» بىلەن «تۈركى تىل»نىڭ يېزىلىشىدىمۇ پەرق بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىرقى تۈركىيە تۈرك تىلىنىڭ قەدىمكىسىنى «ئوسمانلى تىلى» دەپ ئاتىشاتتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكىسىنى بولسا، «تۈركى تىل» دەپ ئاتىشاتتى.







------------------------------------------------------------

مېڭىڭىز ئىنتايىن پاكىز خەنسۇچە يۇيۇلۇپتۇ.

خەنسۇچە تۈرك دېگەن ئىسىمنى ئەمەس مېنىڭ پەرھات تۇرسۇن دېگەن تامامەن شىخسىي ئىسمىمنىمۇ بىر نەچچىگە پارچىلاپ، بۆلگۈنچىلىك قىلىدۇ. پالاتى.تۇېېېېېېرشۇن دەمدۇ، پائېېېېېېېېېېېېېېېېېرخاتى تۇېرشۇن دەمدۇ... ئىشقىلىپ مېنى پەرھات تۇرسۇن دېيەلمەيدۇ. سىزدەك ئۇلۇغ خەنسۇ خەلقىگە ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى ھېچكىمنىڭ ئىسمىنى توغرا دىيەلمەيدىغان گاچا تىلىغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن مەن ئۆزۈمنى پارچىلاپ، تۈنۈگۈن كونسۇل كوچىسىدا تاماق يېگەن پالاتى.تۇېېېېېېرشۇن، ئەتىگەن ئدارىسىغا بارغان پائېېېېېېېېېېېېېېېېېرخاتى تۇېرشۇن، ھازىر ئىنكاس يېزىۋاتقان پالئېېېېېېېېېېېېېېېېېخاتى تۇېرشۇن دېسەم بولامدۇ؟

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 07:51:26

lopnuri@ ئەپەندى

ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكانى ئەپەندى ھازىرقى زاماندىكى شەخىس. ئول زات تۈركى تىلنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملاردىندۇر، شۇڭا ئابدۇرۇپ پولات تەكلىماكات ئەپەندىگە ھۆرمىتىم زور.

لېكىن بىز ھازىر بەزى نەرسىلەرنىڭ ناملىرىنى قەدىمكى ئاتاش ئۇسۇلى بويىچە ئەينەن ئاتىماي، ئۆزىمىزنىڭ خاھىشى بويىچە ئاتاۋاتىمىز. يەنى ھازىرقى زامان نۇقتىسىدا تۇرۇپ، قەدىمكى نەرسىلەرگە خاھىشىمىزچە ئىسىم قويىۋاتىمىز. ئۆزبەكلەر ئاتالمىش چاغاتاي تىلىنى «ئەسكى ئۆزبەك تىلى» دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئاشۇ تىل بارلىققا كەلگەن ۋاقىتتا، ئۆزبەكلەر تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى، بۇ گەپنى ئۆزبەكلەرگە دېسە ئەلۋەتتە غۇرۇرى كۆتۈرمەيدۇ. لېكىن ئافغانىستاندىكى ئۆزبەكلەر ھازىر تۈركى تىل نۇسخىسىدىكى يېزىقنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

تۈركى تىل ھەقىقەتەنمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، بۇنىڭ پىشۋاسى ھەزىرىتى ئەلشىر نەۋائى بولۇپ، ئول زاتنى تارىخىي رەشىدى دېيىلگەن كىتاپتا «ئۇيغۇر باخشىنىڭ ئوغلى» دەپ تەسۋىرلىگەن. بۇ يەدىكى «باخشى» دېگەن سۆزىنىڭ ئەينى چاغدىكى مەنىسى «ئۇقۇمۇشلۇق كىشى» دېگەنلىك بولۇپ، ھازىرقى «زىيالى» دىگەن سۆزگە ئۇددۇلراق كېلىپ قالىدۇ. باخشىلار ئادەتتە ئۇيغۇرلاردىن كۆپ چىقىدۇ، ئۇلار ھەر قايسى پادىشاھلىق ۋە سۇلالىلەردە ۋەزىرلىك، پۈتۈكچىلىك ۋە كاتىپلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ.

«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەن سۆزمۇ يېڭىدىن پەيدا بولغان نام. پەيدا بولغىنىغا ئاران نەچچە يىل بولدى، 50 - 60 يىل بۇرۇن «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتىلاتتى، 70- 80 يىل بۇرۇن «شەرق تۈركچىسى» دەپ ئاتىلاتتى، 100- 500 يىل بۇرۇن «تۈركى تىل» دەپ ئاتالدى. ئاتىلىۋاتقىنىغا 400- 500 يىل بولغان «تۈركى تىل» دېگەن نامنى تاشلىۋېتىپ، پەيدا بولغىنىغا نەچچە يىل بولغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دېگەنگە بەك ئېسلىۋالغانغا ھەيرانمەن.

مۇشۇ تاپنىڭ ئۆزىدە، پەقەت 100 يىل بۇرۇن يېزىلغان خالىغان بىر كىتاپتىكى «چاغاتاي تىلى» دېگەن بىرەر ئاتالغۇلا مېنى قايىل قىلالايدۇ. لېكىن مېنىڭ كۆرگىنىم ساپلا «تۈركى تىل» دېگەن ئاتالغۇ بولدى. مەن بۇ خىل ئەمەلىيەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ رەت قىلالمايمەن.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 08:06:23

لوپنۇرى بورادەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئورۇنلۇق.

چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇم بىلەن تۈركى تىلى دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنا دائىرىسى ئوخشاش ئەمەس. يەنى تۈركى تىلى دىگەن ئۇقۇم چوڭ ئۇقۇم، چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇم كىچىك ئۇقۇم بولۇپ، چاغاتاي تىلى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسەتسە، تۈركى تىلى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئورنىغا تۈرۈكىي تىلى دىگەن ئۇقۇمنى دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

تىما يازغۇچى بورادەر، سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بولۇپمۇ قارا خانىلار(ھەم قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى)، چاغاتاي خانلىغى، سەئىدىيە خانلىغى، خوجىلار دەۋرى تارخىلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىڭىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 08:16:32

9- قەۋەتتىكى qarabegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لوپنۇرى بورادەرنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئورۇنلۇق.

چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇم بىلەن تۈركى تىلى دىگەن ئۇقۇمنىڭ مەنا دائىرىسى ئوخشاش ئەمەس. يەنى تۈركى تىلى دىگەن ئۇقۇم چوڭ ئۇقۇم، چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇم كىچىك ئۇقۇم بولۇپ، چاغاتاي تىلى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسەتسە، تۈركى تىلى ئۇيغۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تۈركى مىللەتلەرنىڭ تىلللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئورنىغا تۈرۈكىي تىلى دىگەن ئۇقۇمنى دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

تىما يازغۇچى بورادەر، سىزنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى بولۇپمۇ قارا خانىلار(ھەم قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى)، چاغاتاي خانلىغى، سەئىدىيە خانلىغى، خوجىلار دەۋرى تارخىلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرىڭىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

رەھمەت بۇرادەر!


مەن دەل سىز تەۋسىيە قىلۋاتقان تېمىلار ھەققىدىكى كونا كىتاپلار ئىچىدە تۇرۇپ مۇشۇ يازمىنى يوللاۋاتىمەن. ئەگەر سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىڭىز چوڭقۇر بولسا ئىدى، ئىنكاسىڭىز باشقىچە بولۇر ئىدى.

باشقىلارنىڭ دەپ بەرگىنىگە ياكى يېزىپ بەرگىنىگە قارىماي، كونا كىتاپلارنى شەخسەن كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 09:42:19

بۇ خۇددى « يېڭى تاش قوراللار دەۋرى » دىگەندەك بىر ئىلمىي ئاكادىمىۋىي نام ، گەرچە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكىلەر ئۆزلىرىنى شۇ نام بىلەن ئاتىمىغان بولسىمۇ ، تۈركىي بىلەن تۈرك نىڭ نامىنى ئۈستىدىكى تورداشلار ئورۇنلۇق چۈشەندۈرۈپتۇ .



ئەمما مېنى قىزىقتۇرىدىغان مۇنداق بىر مەسىلە مەۋجۇت ، رۇسچە مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە ( مەشھۇر تۈركولوگ ئا . ن . سامايلوۋىچ 1920-يىللىرى ) قىرىمدا ياشايدىغان « قىرىمچاقلار » دىيىلىدىغان بىر ئېتنىك گرۇپپا مەۋجۇت ، ئۇلارنىڭ تىلى قىرىم تاتارلىرى بىەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ ، بەلكىم قىپچاق تۈركۈمىگە تەۋە بولىشى مۈمكىن ، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىنى и срэль балалары « بىز ئىسرائىل بالالارى » بىز يەھۇدىمىز دەيدىكەن ۋە بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ روھىي ۋەتىنىنى ھازىرقى ئىسرائىلىيە دەپ قارايدىكەن . مانا مۇشۇ كىشىلەر تاكى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئۆز تىلىنى ئۆزلىرى « چاغاتاي تىلى » دەپ خاتىرىلىگەن . بۇلار بەلكىم مۇشۇ يەر شارىدا ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتىغان ئەڭ يېقىنقى قوۋم بولىشى مۈمكىن ... ئالىملار بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ خازار مەدىنىيەت چەمبىرىگىگە تەۋە دەپ تەتقىق قىلغان ...



بۇ مەسىلىلەرنى ھىسسىيات ھاياجان نۇقتىسىدىن ئەمەس ئىلمىي نۇقتىدىن تۈركولوگلار تىلشۇناسلار كەسپ ئىگىلىرى چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى زۆرۈر . ئاڭلىشىمچە ھازىر « چاغاتاي تىلى » بىلىدىغان ئىلىم ئىگىلىرى ئىنتايىن ئەتىۋارلىنارمىش . خاتىرىلىنىشىچە خارەزىم تۈرك شاھنىڭ ئوردىسىدىن ئالتۇن ئوردا خانلىقى ، مىسىر مەملۇكىي خانلىقى ۋە ھىندىستاننىڭ موغۇل خانلىق ئوردىلىرىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دىپلوماتىيە رەسمىي تىلى قاتارىدا ئلچەملىك ئىشلىتىلگەن . بۇ ھەقتە يۇقۇرىدىكى Mollamushuk ئەپەندىنىڭ سېستىمىلىق ماقالىسىنى ئوقۇپ باقساق بولاتتى .


qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 09:48:42

رەھمەت بۇرادەر!



مەن دەل سىز تەۋسىيە قىلۋاتقان تېمىلار ھەققىدىكى كونا كىتاپلار ئىچىدە تۇرۇپ مۇشۇ يازمىنى يوللاۋاتىمەن. ئەگەر سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتىڭىز چوڭقۇر بولسا ئىدى، ئىنكاسىڭىز باشقىچە بولۇر ئىدى.

باشقىلارنىڭ دەپ بەرگىنىگە ياكى يېزىپ بەرگىنىگە قارىماي، كونا كىتاپلارنى شەخسەن كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.

-------------------------------------------------------------------------------------------

ئوغلۇم!

تەنە-پەنىڭىزنى ئاچا-ماچىڭىزغا قىلىپ بېرىپ، ئاۋۋال تىمىڭىزنى چۈشۈنۈشلۈك يېزىپ مەقسىدىڭىزنى تولۇق ئىپادىلەڭ، ئاندىن ئۇنى دىنىڭ، بۇنى دىمىدىڭ دەڭ. بۇنداق يىتىق ئىشتاندىن ھۇشۇ قوپقاندەك، تۇيقسىزلام چاغاتاي تىلى دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئورنىغا تۈركىي تىلى دىگەن ئۇقۇمنى دەسسىتىمەن دىسىڭىز، يا بۇ سىزنىڭ شەخسى ئىشىڭىز بولمىسا، يا سىز ئەشۇنداق ھوقۇقلۇق ئادەم بولمىسىڭىز، بۇنىڭغا ياق دىمەي نىمە دەيدۇ؟ «باشقىلارنىڭ دەپ بەرگىنىگە ياكى يېزىپ بەرگىنىگە قارىماي» دىگەن سۆزنى ئىشلىتىپسىز، سىز ئەشۇ كونا كىتاپلار ئىچىدە تۇرۇپ تىما يوللىغاندا دەل باشقىلارنىڭ دەپ بەرگىنى ياكى يېزىپ بەرگىنىگە ئاساسلانغانسىز؟ ياكى ئۇنىڭغىمۇ ئاساسلانماي، كونا كىتاپلار ئىچىگە خۇددى ئاشقا چىۋىن چۈشكەندەلا چۈشتىڭىزمۇ-يە؟

مالىم بىزگە ھەر دائىم «سۆزلىگەن ۋاقتىڭلاردا، كۆپۈنچە ھاللاردا، ئۆز مەقسىتىڭلارنى قانداق چۈشەندۈرسەڭلار شۇنىڭغا يارىشا جاۋاپ چىقىدۇ» دەپ تەلىم بېرەتتى. شۇڭا سىزمۇ بونىڭدىن كېيىن چالا گەپكە مۇكەممەل جاۋاپ تەلەپ قىلىدىغان تەتۈرلۈكنى قىلماڭ-ھە موندىكەم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 10:06:37

tarim@ ئەپەندىنىڭ پىكىرىنى ئورۇنلۇق دەپ قارايمەن. بارلىق تۈركى، تۈركىي ۋە تۈركمەن دېگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسى «تۈرك»نى ئۆزىگە يىلتىز قىلغان. لېكىن مەسىلە شۇكى، 100 يىل ۋە بۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن «چاغاتاي تىلى» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغان بىرەر ئاتالغۇ بارمۇ؟

durak@ ئەپەندى ياخشى بىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. قىرىمچاقلارنىڭ ئۆز تىلىنى «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئەينەن كونا يازمىدىن ئارىيە ياكى نەقىل كۆرسەك بەك ياخشى بولاتتى.



qarabeg@ مۇنازىرىدە ئاغزىنى بۇزۇش مۇناپىقنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر، ئاللاھ مۇناپىقلارغا لەنەت قىلغاي.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 11:26:57

3- قەۋەتتىكى Mollamushukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

توۋا، ئىككى ئاي ئىزدىنىش ئېچىلمىدى. ئەمدى ئېچىلىدىغان بوپتىكەن، ئىنكاس يوللىساملا ئۆچۈۋېلىۋاتىدۇيا!

نىمىلەرنى دەيدىغانسىز،  ئىككى ئاينىڭ ياقى مەن ئۇخلاپ قالغاندا  ئېچىلماس بۇلۇپ قالسا قانداقكىنتاڭ، كۈندۈزى پۈتۈنلەي نورمالغۇ.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 12:06:07

ئەگەر «چاغاتاي»نى قوشۇپ ئاتاش زۆرۈر بولسا، «چاغاتاي تۈركچەسى» دەپ ئاتىغان بولسا، «چاغاتاي تىلى» ياكى «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دىگەنگە قارىغاندا ئۇقۇم دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ ۋە ئېنىق بولار ئىدى. ئەمما ««چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاش، پەقەت باشقا تۇرك قېرىداشلىرىمىزدىن بىزنى تىل جەھەتتە پەرقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. ئەمەلىيەتتە «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دىمەك، بۇ تىلنىڭ تۇرك دۇنياسىدا بىر مەزگىل ئورتاق ئەدەبىي تىل بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقىنى يوققا چىقىرىدۇ. تېخى يۈز يىللار ئىلگىرى قازان باسمىسىدىكى تاتار، ئۆزبەك، تۇرك... يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىنى قەشقەردىكى ساۋاتلىق ئۇيغۇر ئوقۇپ، ساۋاتسىز ئۇيغۇر ئاڭلاپ چۈشىنەلەيتى.
بەت: [1] 2
: قەدىمدە «چىغتاي تىلى» دەپ بىر تىل بولغانمۇ؟