Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 16:07:33

تولغىما ئۇسۇل ناخشىلىرىدىن (Rock and Roll)(摇滚)

تولغىما ئۇسۇل Rock and Roll بولسا 1940-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا ئامېرىكدا بارلىققا كەلگەن مۇزىكا ئۇسلۇبى بۇلۇپ،50-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ پۇتۇن دۇنيا مىقياسىدا مودا بۇلۇشقا باشلىغان.  Rock and Roll ئۇسلۇبىنىڭ جانلىق دادىل ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ياشلارنىڭ ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولغان.60-70يىللاردا يۇقىرى پەللىگە چىققان.  


مەن بىلدىغان ۋەكىل خارەكتىرلىك ئانسامبىللاردىن:


Bon Jovi   ,Nirvana(涅槃)枪炮乐队 Guns n" Roses ،The Beatles甲壳虫



تۆۋەندىكىسى تام كرۇز باش رول ئالغان تولغىما مۇزىكا يىللىرى  دىگەن فىلىمدىكى  بون جوۋىنىڭ ناخشسى (Wanted Dead Or Alive) ئۆلۈك ياكى تىرىك بۇلاي تۇتۇشقا بۇيرۇق چىقىرلغانمەن . ۋە   Guns n" Rosesنىڭ  (Paradise City) جەننەتەك شەھەر.. ياڭراتقۇنىڭ نوچىسىنى بولمىسا تىڭشىغۇچنىڭ ئېسىلى بىلەن ئەڭ يۇقىرى ئاۋازدا (ماشىنا ياكى يالغۇز ئۆيدە)







zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 22:16:25

بون جوۋىنىڭ keep the faithدېگەن ناخشىسى بىلەن miracleدېگەن ناخشىسىنى سەت ئاڭلاپ قوياتتۇق داشۆدە.


ئۈستىدىكى keep the faith




ماۋۇmiracle



توم كرۇزنىڭ ئا كىنوسى ئەخلەت جۇمۇ باللا،كۆرۈپ سامماڭلار

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:34:51

فىلىمنىڭ نامىنى كۆرۈپلا ئېسىمگە جېرارد باتلىر بىلەن توم خاردىي چىقىدىغان RocknRolla كەلدى كارامەت قارا يۇمۇر كىنو.

بۇ دۇنيادا بىر نەچچە رىجىسسور بار مەن ھەرقانداق بىر يېڭى كىنوسىنى چوقۇم كۆرىدىغان بولغان، مەسىلەن كرىستوفىر نولەن، كۋىنتىن تارانتىنو، ستىۋىن سىپيېلبېرگ، كون ئاكا ئۇكىلار، مارتىن سكورسېزى، جېيمىس كەمىرون، رومان پولىنىسكى، دېيۋىد فىنچىر، ۋۇدىي ئەلىن، ستىۋىن سودېربېرگ، لى ئەن، ھەم مۇشۇ فىلىمنىڭ رىجىسسورى گاي رىچىي. مۇشۇ سوغۇق چىيراي برىتلار ئادەمنى بەكلا ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ دىسە...

---

مۇناسىۋەتسىز گەپ قىپ قويدۇم. كرۇزكامنىڭ بۇ فىلىمىنى تەۋسىيە قىلمايمەن ھەم ئۆزەممۇ كۆرمىدىم ھازىرغىچە. بۇنداق كېلىشكەن ئادەم ناخشا ئېيتىپ يبرمەي شۇ action روللارغىلا چىقسىلا بولىدۇ. رولنى مەيلى قانچىلىك ياخشى ئېلىۋەتسۇن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتى ئۇنىڭ نۇقسانسىز يۈزىدىن ئايرىلالماي قېلىپ ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان باھا ھامان ئادىل بولماي قالىدىكەن...

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 00:35:29

توم كرۇزمۇ خىيالىغا كەلگەننى قىپ باقىدىغان ئاداشكەن.ئىشتىنىدىن قوڭىنى ئېچىپ قويۇپ.ھامىنى تاماشىبىنلىرى بولغاندىكىن كەڭ كۇشادە قانداق تېمىنى ئوينىغۇسى كەلسە ئوينىۋېرىدىكەن.ئۇنىڭ ئورنىدا شارۇك ياكى ئامىر ئاشۇنداق

كىنو ئىشلەيدىغان بولسا ھىندىلار بېشىغا بەسەي ئاتىدۇ.بىر ئۆمۈر بىر قېپىلنىڭ ئىچىدىن چىقالماي يۈرگىنى يۈرگەن.توم كرۇزنىڭ ئورنىدا بولغان بولسا ئۇلارمۇ ھەر خىل ھەر ياڭزا تىپتىكى كىنولارنى

ئىشلىگەن بولاتتى.ئامىرخانغۇ شارۇكتىن جىق نوچى.ھىندىلار كۆرۈپ كۆنمەيدىغان «دەريا بويىدىكى كىر يۇيغۇچى»«ئۆلۈۋېلىش نەق مەيدانى»لارنىمۇ ئىزدىنىپ ئىشلەپ باقتى،ئىشقىلىپ بەك ئۈمىدۋار نېمە جۇمۇ ئامىرخان.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 00:43:02

مەن ئېغىرمىتالدىن زەھەرلەنگەندەك قىلىمەن \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 01:09:44

摇滚乐 نى  تولغىما ئۇسۇل دەپ ئېلىش خاتا ،تولغىما ئۇسۇل  نامى ئەرەپلارنىڭ بەل تولغاش ئۇسۇلىغا ماس كېلىدىغان ئىسىم ، شۇڭا ماۋۇ 摇滚 گە باشقا ئىسىم قويساڭلار ............................. ئ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 01:24:20

روك دىسەك بولىۋېرەتتى ئەسلى

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 01:39:33

ئىشقىلىپ تولغىما ئۇسۇل دەپ ئېلىش خاتا ،تولغىما ئۇسۇل دىسە ئەرەپلەرنىڭ  ھىلىقى ئۇسۇلى بىلەن تەڭ بولۇپ قالىدىكەن بۇ ئاتالغۇ .

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 11:55:28

  چىقتىمۇ


چىقمىسا  


Don\"t Cry


يەنە بىرى



The Unforgiven

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:06:00

مەن شۇ acdc نىڭ(ئىغىر مىتال) ، لىنكولىن باغچىسىنىڭ(پۇنىك) مۇشۇلارنىڭكىنى جىق ئاڭلايمەنكەن ، بولمىسا شۇ جەز ، rnb ، popلا ئاڭلايمەن

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:13:34

ھە راس ئىغى مىتالچى گىرمان جەڭ ماشىنىسىنىمۇ خىلى بەك ئاڭلايمەن ،ئادەتتە مۇشۇ ماشىنا ھەيدىگەندە روك ئاڭلىسىڭىز سۈرەت ئاشۇرۇپ ھەيدەپ پاكەن تۆلەشكە پايدىسى بار ، ئىغىرراق بولغاندا بىۋاستە قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىڭىز شەرىت

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 19:51:33

تولغىما ئۇسۇل دەپ ئېلىشىڭىزغا ھەيران قالدىم.



كەنجى بۇرۇن بىزگە مۇنبەردە ئېنگىلىزچە ئۆگىتىدىغان كەنجى شۇمۇ.



تولغىما ئۇسۇل دېگەن گەپ نەدىن كەلدى؟ 摇滚 بىلەن 摇摆 نى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن كەلدىمۇ؟

ۋاھالەنكى ياۋبەي دېگەن ئەركتېكىنكامنىڭ دېگىنىدەكمۇ ئەمەس بەلكى بۇ خىل مۇزىكىلار swing dance music دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدىغان 50-يىللاردا مودا بولغان ئېقىم شۇدۇ؟

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 20:32:36

دوختۇر باش ئاغرىتىدىغان دورا بارمۇ دىسە مۇشۇنداق ناخشا مۇزىكىلارنى كۈندە بەش مىنۇت ئاڭلىسىڭىز بېشىڭىز ئاغرىيدۇ 10 مىنۇت ئاڭلىسىڭىز كومپىيوتىرنى ئۆچۈرۈپ مىڭىنى ئارام ئالدۇرمىسىڭىز بېشىڭىز قىيىپ قۇسقۇڭىز كىلىدۇ دىگەن ناخشىلار مۇشۇنداق بۇلىدىكەن ئەسلىدە ! \"\"

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 13:34:05

摇滚 نىمە دەپ تەرجىمە قىلىشنى بىلمەي ئويغۇر سوفت لۇغىتىدىن ئىزدىسەم تولغىما ئۇسۇل دەپ چىقىرىپ بەردى..

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-13 14:21:34

روك دەۋەتسىلا ھەممە چۈشىنىدىغان بوپ كەتتىغۇ
بەت: [1]
: تولغىما ئۇسۇل ناخشىلىرىدىن (Rock and Roll)(摇滚)