sama يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 11:00:57

win8نى چۈشۈرۈش ئادرىسى؟[ياردەم]




ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن ئۆتكەن ھەپتە ئىناۋەت كارتىسى ئارقىلىق 248 يۈەنلىك win8 نىڭ كەسپى نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم، ماڭا SN نومۇرى ئەۋەتىپ بېرىلگەندىن كېيىن، سېستىمىدا win8 نى چۈشۈرۈش ئىزچىل تاماملانماي كەلدى، ھەمدە يېقىننىڭ ياقى خاتالىق كۆرۈلدى دېگەن ئۇچۇر بىلەن چۈشۈرۈشكە ئامال بولمايۋاتىدۇ. توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ 64 بىتلىق نۇسخىسىنى تېپىپ چۈشۈرگەن ئىدىم، قاچىلانماي قالدى، قارىسام، مەن ئىشىلتىۋاتقان win8 نىڭ سىناق نۇسخىسى 32 بىتلىق ئىكەن.


مەقسەت شۇكى، 32 بىتلىق win8 نىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەرسەڭلار بوپتىكەن!

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 12:52:49

مۇنبەرنىڭ سول تەرىپىنىڭ چوققىسىغا win8ياردەم رايونى دەپ بىر تېما ئېچىپ قويسا بوپتىكەن باشقۇرغۇچىلار،ئېچىقلىقلا تۇرسا.بارلىق مەسىلىلەرنى شۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويسا،مۇتەخەسىسلەرمۇ شۇ يەرگە

پات پات قاراپ تۇرسا.پۈتۈن مەسىلىلەرنى شۇ يەردە مەركەزلەشتۈرسە.

يېڭى تېما قىلىپ يوللىغان بىلەن بەزى مەسىلىلەر جىددىيراق بولىدىكەن،تېما قاچان تەستىقلىنىپ بولغۇچە ۋاقىت كېتىدىكەن.

بەزى مەسىلىلەرگە يولۇققانلار يېڭى تېما يېزىشنى ئاۋارىچىلىق كۆردىكەن،بۇنداق شارائىتتا شۇ تېمىغا كىرىپ ئىنكاس شەكلىدە يازسىلا ،مۇتەخەسىسلەر تېگىشلىك جاۋابنى بەرسىلا بولاتتى.

بۇنداق بىر تېما بىر تېمىدىن قىلسا،كۈچ چېچىلىپ كېتىدىكەن.باشقۇرغۇچىلار ئويلىنىپ بېقىڭلار.

talmas يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 13:38:30

http://msdn.itellyou.cn

سول تەرەپ  操作系统 ئىچىدىن چۈشۈرمەكچى بۇلغان سېستىمىنىڭ تۈرىنى تاللايسىز،مەسلەن win 8.ئىچىدىن شۇخىل سېستىمىنىڭ نۇسخىسىنى تاللايسىز .مەسلەن سىزنىڭ نۇمۇرىڭىز ئائىلە نۇسىخسىنىڭمۇ ؟ياكى كارخانا ،كەسپى نۇسخىمۇ؟ياكى ،،،.دىگەندەك


مەن قاراپ باقسام ئىنگىلىسچىسىنىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسى باركەن .   win 8بىرىچىسى كەن بىلمىدىم قانداق نۇسخىكىن بۇ .ئىككىنچىسى enterprise كارخانا نۇسخىسىكەن .ئۈچىنچىسى pro بۇ كەسپى نۇسخىنىڭ قىسقارتىلمىسىغۇ دەيمەن. نۇمۇرىڭىزنىڭ قايسىغا ماس كىلدىغىننى بىلۋىلىپ،كەينىدىكى 32،64 دىگەنگە دىققەت قىلىپ قۇيۇپ  چۈشىرەرسىز!!!!

sama يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:36:36

سىز تەمىنلىگەن ئادرىستا win 8 نىڭ كەسپى نۇسخىسى يوقكەن، ھەم 32 بىتلىقىمۇ باردەك ئەمەس، ئۇندىن باشقا يوللانغان ۋاقىتلىرىغان قارىسام، ئەڭ ئاخىرقىسىمۇ 2012-8-15تە يوللىنىپتىكەن ...

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:49:16

32 بىتلىق نۇسخىسىنى بۇ يەردىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ :


http://pan.baidu.com/share/link?shareid=165475&uk=3389017422


مەخپىي نومۇرى : dxn4


بۇ ھېلىقى Win8 نىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچىنى سېتىۋالىدىغان دىتالدىن چۈشۈرۈپ ياسىۋالغان ISO ھۆججىتى .

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:49:59

مەنمۇ 2كۈننىڭ ياقى مۇشۇ چۈشۈرۈش ئىشى بىلەن ئاۋارە بولىۋاتىمەن،مېنىڭ مەسىلەم دەل سىزنىڭ ئەكسىچە.32بىتلىقنى قاچىلاپتىمەن،ئەمما كومپيۇتىرىمغا ماس كېلىدىغىنى 64بىتلىقى ئىكەنتۇق،توردىن ئىزدىدىم ھەم 8سائەت ۋاقتىمنى چىقىرىپ چۈشۈرۈپمۇباقتىم.ئەمما ھازىر تورلاردىكى چۈشۈرۈشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەسپى نۇسخىسىغا يېڭىلىغىلى بولمايدىكەن،مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ مەسلىھەتى بولسا قايسى بىتلىقىنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ئالدى بىلەن ۋىن7ياكى ۋىستا ،ئېكسپى دېگەنلەرنىڭ 32 ياكى64لىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئاندىن مىكروسوفت ئورگان تورى تەمىنلىگەن يېڭىلاش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ ئاپتوماتىك قاچىلاڭ دەيدۇ.ۋەياكى 32بىتلىق سېستىما قاچىلانغان باشقا كومپيۇتىردىن ۋىن8نى چۈشۈرۈپ ئۇنى ئورناتماي دېسكىغا كۆچۈرىۋېلىپ ئاندىن كومپيۇتىرىڭىزغا قاچىلاڭ دەيدۇ،ئىشقىلىپ سەل ئاۋارىچىلىق ئىشكەن بۇ

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:52:51

Abdiweli سىز بەرگەن ئادرىستا 64لىكى يوقمىدۇ؟ئۇ ئادرىسقا مەخپى نومۇر كېتىدىكەنغۇ؟


Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:59:42

64 بىتلىقىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ ! بۇمۇ ئۆزەم چۈشۈرۈپ ياساپ قويغان ISO ھۆججەت :

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=193401&uk=3389017422

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 15:00:54

6- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Abdiweli سىز بەرگەن ئادرىستا 64لىكى يوقمىدۇ؟ئۇ ئادرىسقا مەخپى نومۇر كېتىدىكەنغۇ؟




مەخپىي نومۇرىنى يېزىپ قويدۇم ! ئەمدى قاراپ بېقىڭ !

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 15:21:51

رەھمەت جۇمۇAbdiweli بۇرادەر،ناھايىتى چوڭ باش ئاغرىقتىن بىرنى ھەل قىلدىڭىز \"\"

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 15:52:33

9- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت جۇمۇAbdiweli بۇرادەر،ناھايىتى چوڭ باش ئاغرىقتىن بىرنى ھەل قىلدىڭىز \"\"


\"\"\"\"\"\"\"\"\"\"

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 17:14:53

رەھمەت جۇمۇ سىلەرگە، تەرتىپ نۇمۇرىنى سېتىۋېلىپ بولغان،قاچىلاش ھۆججىتىنى نەدىن تاپارمەن دەپ باش ئاغرىپ تۇرغاندا ھەجەپ بەلەن ئىش بولدى.... \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 17:46:33

ئابدۇۋەلى ئەپەندىم تەمىنلىگەن ئادرستىن مەنمۇ چۈشۈرۈشنى باشلىۋەتتىم، تۈنۈگۈندىن بىرى بىلىك، ئىزدىنىشلەردە مۇشۇ ئىشقا قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ ئالالماي يۈرگەن ئىدىم.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 19:32:47

32 ۋە 64 لىكنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى چۈشۈرۈپ بولدۇم، چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئىككىلىسىنىڭ سىغىمى ئوخشاشلا 2097153KB تۇرىدۇ، بۇ قانداق گەپ ئەمدى، سىز تەمىنلىگەن مەنبەدە 32لىكنىڭ سىغىمى 64لىكنىڭ سىغىمىدىن كىچىكرەك تۇراتتى.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 20:24:19

64 بىتلىك http://kuai.xunlei.com/d/RVRBDKDQHYDE

Sha1:A87C4AA85D55CD83BAE9160560D1CB3319DD675C





32 بىتلىك http://kuai.xunlei.com/d/RTOUWGJZQCGE  

Sha1:0C4A168E37E38EFB59E8844353B2535017CBC587

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:55:52

كومپيۇتېردا لۈكچەك ئەپلەر بولسا يوقىتىپ سىناپ كۆرۈڭ!.. مەسىلەن 360، كومپيۇتېر غوجىدارى، پالانى بىخەتەر تور كۆرگۈچ قاتارلىقلار..

sama يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 13:53:38

رەھمەت بۇرادەرلەر، ئابدۇۋەلى ۋە يۇلغۇن ئەۋەتكەن ئادرسىنىڭ ھەرئىككىسىنى چۈشىرىۋاتىمەن، بۇلار مەن چۈشىرىۋاتقان بەشىنچى win8، ئاللاھ بۇ قېتىم ئاسانلىق بەرگەي!

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 22:36:49

مەن پەقەت ۋە پەقەت مىكروسوفت تەمىنلىگەن ئادرېستىنلا چۈشۈرىمەن، سۈرئەت ئاستا بولسىمۇ...
بەت: [1]
: win8نى چۈشۈرۈش ئادرىسى؟[ياردەم]