uqkur01 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 01:45:57

ئۇچقۇر تور دېسكا مۇلازىمەت تور بېكىتى ئېچىلدى!

ئۇچقۇر تور دېسكىسى ئۇزاقتىن بۇيان ئۇيغۇر تور بەتچىلىك ساھەسىدىكى تور ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور دېسكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەرنىڭ يوقلىقىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن قۇرۇلغان تۇنجى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تور دېسكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەت ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تور بېكىتىمىز ئەزالىق تۈزۈمى يولغا قويغان بولۇپ ، بېكىتىمىزگە ئەزا بولسىڭىز نۇرغۇن مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولالايسىز . تور بېكىتىمىزدە سىز ئىشلەتكەن بوشلۇقلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز تەمىنلەنگەن . تەمىنلىگەن بوشلۇققا چەكلىمە قويۇلمىغان ، يوللىغان ھۆججەتلىرىڭىز مەڭگۈ ھەقسىز ساقلىندۇ . بۇندىن باشقا يوللىغان ھۆججەتلىرىڭىزنى خالىغان ۋاقىتتا باشقا دوستلىرىڭىزغا ياكى توراداشلارغا تەمىنلەپ ئورتاقلاشسىڭىز بولىدۇ شۇنداقلا ئاشكارلاشقا بولمايدىغان ھۆججەتلىرىڭىزنى مەخپى بەلگىلەپ قويسىڭىز باشقىلار چۈشۈرەلمەيدۇ . تور دۇنياسىدىن ئورتاق پايدىلىنىشقا پايدىلىق بولىشى ۋە ئەزالارنىڭ يوللىغان ھۆججەتلىرىنىڭ بىكارغا كەتمەسلىكى ئۈچۈن تور بېكىتىمىز بېكەتكە قويۇلغان ئېلان كىرىمىنى ئەزالارغا بۆلۈپ بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغان . سىز ھۆججەتنى يوللاشتىن بۇرۇن ئەزا بولغان بولسىڭىز يوللىغان ھۆججەتلىرىڭىز باشقىلار تەرىپىدىن چۈشۈرۈلسە سىزگە ماس نۇمۇر قوشۇپ بېرىلىدۇ ، ئاخىردا بۇ نۇمۇرلارنى پۇلغا ئالماشتۇرۇش شەكلىدە سىزنىڭ ھېساباتىڭىزغا ئۇرۇپ بېرىمىز تەشىۋىقاتقا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن ئەزالار بېكەتنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق ئەزا تەرەققى قىلدۇرسا ماس ھالدا مۇكاپات بېرىلىدۇ ، بۇ مۇكاپات ھەرگىزمۇ سىز تونۇشتۇرغان ئەزانىڭ كىرىمدىن تۇتۇلمايدۇ . ئەگەر ئىشلىتىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا يولۇقسىڭىز ياكى چۈشىنەلمىگەن جايلار بولسا بېكەت ياردەم سەھپىسىنى كۆرۈڭ ياكى بېكەت باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭ . تور دۇنياسىدىكى كۈنلىرىڭىزنىڭ خۇشال ئۆتۈشىگە تىلەكداشمىز !


http://www.uqkur.cn

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 10:22:24

مۇبارەك بولسۇن! !

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 22:49:56

قارىسامغۇ خېلى ياخشى تۇرىدۇ،بىرەر مەزگىلدىن كىيىن تاقىلىپ قالماسلىغىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!!
بەت: [1]
: ئۇچقۇر تور دېسكا مۇلازىمەت تور بېكىتى ئېچىلدى!