Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 00:19:27

17u.cn قاراقچىمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك ئەزىزلەر.


مەن بۇندىن 2 ئايچە بۇرۇن http://www.17u.cn دىن، ئۆيۈمدىكى تور ئارقىلىق  2100 يۇەنگە، ئىككى كىشىلىك، ئۈرۈمچىدىن ۋۇخەنگە بارىدىغان ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋالغان ئىدىم، ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن، بۇ بىلەت بىلەن ئايرۇپىلانغا چىقالمايدىغانلىقىم ئايان بولدى. سەۋەبىي مۇنداق:


بېلەت سېتىۋىلىش كۆزنىكىگە ئىسىم يازىدىغان چاغدا ئىسىمنى كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ خەنزۇچە يازسام كېيىنكى كۆزنەككە ئۆتمىدى، سەۋەبىنى پەقەت بىلەلمىدىم، ئىسىمنى ئۆلچەملىك لاتىنچە(پىنيىنچە ئەمەس) يېزىۋىدىم، كۆزنەك راۋانلا ئالمىشىپ، پۇل مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتتى. http://www.12306.cn دىن نۇرغۇن قېتىم پويۇز بېلىتى سېتىۋالدىم، ئىسىم يازىدىغان يەرگە ئۆلچەملىك لاتىنچە يازسام، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئىدى، مەيلى ئىچكىرىدە، مەيلى دىيارىمىزدا بىلەتنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ، پويۇزغا راۋان چىقالىغان بولغاچ، ئايرۇپىلان بېلىتىنىڭ ئوڭۇشسىز بولىشىنى خىيالىمغا كەلتۈرمەپتىمەن، http://www.17u.cn نىڭ مۇلازىمەت تېلفۇنىغا تېلفۇن قىلدۇق، ئايرىدىرۇمغا تېلاۇن قىلدۇق، ھەممىسى بىردەك بىلەتتىكى ئىسىم خەنزۇچە بولمىسا بولمايدىغانلىقىنى، بىلەتنى قايتۇرىۋىتىشىمنى ئېيتتى، ئامالسىز http://www.17u.cn نىڭ ئۆزىدە قايتۇرسام 1200.00 يۇەن قايتىدىغانلىق ئۇچۇرى چىقتى، 900.00 يۇەن بۇلاڭچىغا كەتكەت بولدى، ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان يېرىم ھازىرغىچە بۇ پۇللار كارتامغا قايتىپ كەلمەي، ھازىر مۇنداق ئۇچۇر تۇرىدۇ: (您的现金券余额: ¥1000 (已激活 ئەسلى قايتۇرۇشقا تىگىشلىك پۇلدىن 3 ئاينىڭياقى 200.00 يۇەنمۇ خوراپ بكېتىپتۇ، يەنە بىر مەزگىل ئۆتسە ئاۋۇ بىرمىڭ يۇەنمۇ يوق بولىدىغان ئوخشايدۇ، مەن قانداق قىلغاندا ئاۋۇ قاراقچىلاردىن مىڭ يۇەن پۇلۇمنى قايتۇرىۋالالايمەن؟ بۇنداق ئىشقا يولۇققان ئەزىزلەر بولسا، تەجرىبەڭلەردىن ساۋاق بېرىشىڭلەرنى ئۈمىت قىلىمەن.



نۆۋىتىدە دەپ ئۆتۈپ كەتسەم، ئىسىمدىكى خەنزۇچە خەت سانى 12دىن ئېشىپ كەتكەندە، بۇ ئىسىملىك كىشى ئايرۇپىلانغا چىقالمايدىكەن، ۋۇخەندىن قايتىشتا جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىتىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى(كىملىك) بىلەن جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىتى تۇپرىقىدا ئۇچۇشنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىگە ئىرىشەلمىدۇق. «ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك» دېگەن بۇ پەرماننىڭ ۋەزنى بىلەن ئىسىملىرىمىزنى توغرا ئىپادىلەشكە ناقابىل خەتنى سېلىشتۇرۇپ، بەزى پۇقرالارغا «خەتنى ئاساس قىلىش» كېرەك دەيدىغان بەلگىلىمە يوق بولغىيتى دەپ قالدىم.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:32:03

نۆۋىتىدە دەپ ئۆتۈپ كەتسەم، ئىسىمدىكى خەنزۇچە خەت سانى 12دىن ئېشىپ كەتكەندە، بۇ ئىسىملىك كىشى ئايرۇپىلانغا چىقالمايدىكەن، ۋۇخەندىن قايتىشتا جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىتىنىڭ پۇقرالىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى(كىملىك) بىلەن جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىتى تۇپرىقىدا ئۇچۇشنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىگە ئىرىشەلمىدۇق.



مانداق گەپ بار دەڭلار تېخى  {:107:}

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:37:39

ئايرۇپلان بىلىتى ئالغاندا خەنچە ئىسمىنىڭ ئوتتۇردىكى چىكىت قويۇلمايدۇ ،



مەن مۇشۇنچىلىك بىلىمەن.ئىشلىرىڭىز ئوڭ بولسۇن..

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:48:55

2- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئايرۇپلان بىلىتى ئالغاندا خەنچە ئىسمىنىڭ ئوتتۇردىكى چىكىت قويۇلمايدۇ .

شۇنداق، توغرا دېدىڭىز.

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 09:19:25

مەن تاۋباودىن ياكى www.qunar.comماۋۇ بىكەتتىن ئالىمەن.ساختا چىقىپ باقمىدى..

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 09:45:46

مەن ئايرۇپىلان بىلەتنى پەقەت ۋە پەقەت دوستۇمنىڭ دۇكىنىدىنلا ئالىمەن،توردىن بىلەن سىتىۋىلىپ باقمىدىم.سەۋەبى سىز ئۇچرىغاندەك ئىشقا ئۇچراپ قالماي دەپ.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 09:47:11

1-سى چېكىت قويۇلمايدۇ.

2- ئىسىمنىڭ خەت سانى مانچىدىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكەن قىسىمى ئاپتۇماتىك چۈشۈپ قالاتتى. 12 خەتنىڭ ھەممىنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى.

لېكىن سىزنىڭ لاتىنچە ئىسىم بىلەن ئالالىغىنىڭىز مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 10:31:47

6- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1-سى چېكىت قويۇلمايدۇ.

2- ئىسىمنىڭ خەت سانى مانچىدىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكەن قىسىمى ئاپتۇماتىك چۈشۈپ قالاتتى. 12 خەتنىڭ ھەممىنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى.

لېكىن سىزنىڭ لاتىنچە ئىسىم بىلەن ئالالىغىنىڭىز مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.



پويۇز بېلىتىنى نەچچە رەت شۇنداق ئالغان ئىدىم، مەسىلە كۆرۈلمىگەن، بىلەت ئۆلچەملىك لاتىنچە يېزىلىشى بىلەن بېسىلىپ چىقىپتىكەن.


ئايرۇپىلان بېلىتىنى ئاۋۇ قاراقچى توردىنمۇ، ئىچكىرىدىكى مەخسۇس ئايرۇپىلان بېلىتى ساتىدىغان جايدىنمۇ خەنزۇچە كىرگۈزۈپ ئېلىشقا ئامال بولمىدى، بىلەت ساتقۇچى خادىم بىرقانچە جايغا تېلفۇن قىلىپمۇ ئامال قىلالماي، كىملىك بىلەن پۇلۇمنى قولۇمغا قايتۇرۇپ بەردى، توردىن لاتىنچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ پويۇز بېلىتى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم، سەپەر ىاتىرىسى يېزىش ئويۇم بار ئىدى پۇرسەت بولماي قالدى. ئاللاھ خالىسا تەتىل ئىچىدە يېزىپ قىلىشىم مۇمكىن.


ئاۋۇ ئامان قالغان پۇلنى قانداق قايتۇرۇپ كىلىش ھەققىدە يارىدەم قىلساڭلار بولاتتى. مەن كۆرسەتكەن توربەتتە تېلاۇن نۇمۇرىمۇ باركەن، خەنزۇ تىلىغا پىششىق تورداشلار تېلېفۇن قىلىپ سوراپ بەرسەڭلەرمۇ بولاتتى.

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 14:57:31

بۇ تور بېكەت بولىدىغۇ ! ھازىرغىچە 4 قېتىم بېلەت ئالدىم بۇ تور بېكەتتىن ، ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى . بىراق ئايروپىلان بېلىتىدە لاتىنچە يېزىلىشى پەقەت پاسپورت ئىشلەتكەنلەرگىلا ماس كىلىدىغۇ دەيمەن ، كىملىك ئىشلەتسە چوقۇم خەنزۇچە يازمىسا بولمايدىكەن .

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 16:35:14

لاتىنچىنىڭ گېپىنى قىلماڭلار جۇمۇ. مەنمۇ ئىسمىمنى لاتىنچە يازدىم دەپ 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن قۇرۇق قالدىم.

google ھىساباتىمغا ئىسمىمنى لاتىنچە يېزىپتىكەنمەن، بانكىدىكى پۇل ئالىدىغان يەردە ئىسمىڭ توغرا ئەمەسكەن، كىملىكتىكى خەنزۇچە ئىسمىڭنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى بويچە بولمىسا بولمايدۇ دەپ ئۇنمىدى. مەسلەن: alip دەپ يازماي alipu دەپ يازىدىكەنمىز.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 17:39:53

9- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

لاتىنچىنىڭ گېپىنى قىلماڭلار جۇمۇ. مەنمۇ ئىسمىمنى لاتىنچە يازدىم دەپ 200 ئامېرىكا دوللىرىدىن قۇرۇق قالدىم.

google ھىساباتىمغا ئىسمىمنى لاتىنچە يېزىپتىكەنمەن، بانكىدىكى پۇل ئالىدىغان يەردە ئىسمىڭ توغرا ئەمەسكەن، كىملىكتىكى خەنزۇچە ئىسمىڭنىڭ پىنيىنچە يېزىلىشى بويچە بولمىسا بولمايدۇ دەپ ئۇنمىدى. مەسلەن: alip دەپ يازماي alipu دەپ يازىدىكەنمىز.

ئاپتونۇم رايۇن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك قۇرۇلتاينىڭ ئازسانلىق مىللەت ۋەكىللىرى ئۆزىنىڭ ئىسىم، نام ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، نامىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، توغرا ئىزىغا سالسا بولاتتى، نام - ھوقۇق مەنپەتىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلىش قانۇنغا خىلاپ تۇرۇپ يەنە بۇ ئىش تۈزۈتۈلمەيۋاتىدۇ، خەنزۇچە يازغاندا توغرا ئىپادىلەپ يېزىشقا ئامال يوق، بۇ خەنزۇ يېزىقىدىكى ئاجىزلىق، بۇنى توغرا چۈشۈنىمىز، ئەمما خەنزۇچە يېزىق بىلەن يازمىغاندا ئۇنى يەنە خەنزۇچە تەلەپپۇز بويىچە يېزىشقا مەجبۇرلاش، گويا كونتاكىنتىنى توبىي دەيسەن دېگەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 23:11:00

ئىسىمدە قېلىشىشىچە 10خەتتىن ئوشۇق بولسا توردىن ئالغىلى بولمايدۇ،قايسى توربەتتىن ئالسىڭىز ئوخشاش ئۆتمەيدۇ.چوقۇم ئايروپىلان بېلىتى ساتىدىغان يەردىن ئېلىشىڭىز كىرەك،بۇ ئۇلارنىڭ تور سېستىمىسىدىكى بىر يىتەرسىزلىك!!!

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-7 17:29:12

6- قەۋەتتىكى rockنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1-سى چېكىت قويۇلمايدۇ.

2- ئىسىمنىڭ خەت سانى مانچىدىن ئېشىپ كەتسە ئېشىپ كەتكەن قىسىمى ئاپتۇماتىك چۈشۈپ قالاتتى. 12 خەتنىڭ ھەممىنى تولدۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى.

مەن بىر دوستۇمغىمۇ ئاشۇ توربەتتىن، ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۇچۇشقا 3 دانە بىلەت زاكاس قىلىپ بەرگەنتىم، ئىسملىرىنىڭ ئايىغىدىكى بىر، ئىككىدىن خەت پاتمىدى(پاتمىغان 1، 2 دىن خەتنى كىرگۈزمىگەندىلا ئاندىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى)، بىراق دوستۇمنىڭ ئىسمىنىڭ ئايىغىدىكى پاتمىغان مۇشۇ، بىر ئىككى خەت سەۋەپلىك، جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيتى بەرگەن قانۇنلۇق كىملىك بىلەن جۇڭگۇ زىمىنىدا ئايرۇپىلانغا چېقالماي، نەچچە مىڭ يۇەن پۇل زىيان بولۇپ كېتەرمۇ دەپ ئەندىشىدە قالدىم(ھەسرەتلىنىۋاتقان چىراي). ئىسىم ئاخرىدىكى پاتمىغان بىردىن، ئىككىگىچە خەتنى كىرگۈزەلمىگەن خاتالىق ئەسلىدە بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس ئىدى، خاتالىق دۆلەت رەھبىرىنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىش كېرەك دېگەن تەلىمىگە ئەمەل قىلماي پروگرامما تۈزگەنلەردە ئىدى. شۇڭا، كىملىك نۇمۇرى توغرا بولسىلا، جۇڭگۇ پۇقراسى ئۆز دۆۋلىتى جۇڭگۇدا بىر، ئىككى خەت سەۋەپلىك ئايرۇپىلانغا چىقالمىسا، بۇ ئادەتتكى ئىش سانالماسلىقى لازىم ئىدى، دائىرىلەر بۇنى تىزدىن ھەل قىلمىقى لازىمتى.


  بۇ مەسىلىدە زادى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ؟ نەچچە ئەسىرلىك تارىخى ئاساسى بولغان ئىسىم ئىگىلىرىدىمۇ؟ جۇڭگۇدىكى بارلىق پۇقرالارنى نەزەردىن سىرتتا قويماي پروگرامما تۈزمىگەن كىشىلەردىمۇ؟ كاللىسى ماشىنىلىپ كەتكەن ئايرۇپىلان خادىملىرىدىمۇ؟ زادى كىمدە؟


3 بىلەتنىڭ 2سىدە ئاخىرقى بىر خەت پاتمىدى، بىرسىدە ئىككى خەت پاتمىدى، بۇلار پايتەختتىن  ئۈرۈمچىگە كەلمەكچىتى، بۇلار قانداق قىلغاندا ئاشۇ 3 بىلەت ئارقىلىق ئايرۇپىلانغا چىقالايدۇ؟ ناۋادا چىقالمىسا، قۇتلان ئەپەندىمگە ئوخشاش نەچچە مىڭ سوم پۇلنى زىيان تارتىپ كېتەرمۇ؟

بەت: [1]
: 17u.cn قاراقچىمۇ؟