bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:26:16

يىڭنەئاسقۇ ۋە بىرقىسىم تېرە كېسەللىكلىرى توغىرسىدا (ياردەم)

كىچىك مەزگىللىرىمدە ماڭا پەقەت يىڭنەسقۇ چىقمايتتى ،باشقا بالىلارغا يىڭناسقۇ چىقسا ئانىلىرى شەپكە،بۆكىلىرىدىن يىڭنەساڭگىللىتىپ ئىسىپ قويسا ھەۋەس قىلىپ كىتەتتىم ،مانا< تىلىسەك تاپارسەن >دەپ كىچىكلىكتە چىقمىغان بۇ كېسەل ئەر يەتكەندە يىل ئاتلاپ ماڭا ھەمرا بولۋاتىدۇ .چوپچوڭ بولۇپ قالغاندا سەت تۇردىكەن ئاغىنىلەر<قالايمىقان يەرگە ئاز قارىساڭ بولمامدۇ>دەپ مازاق قلىپ قويىدۇ،<قارىغانغا چىقسا ما ئىچكىردىكى ئەركەك زاتىنى يار بىسىپ كىتەر بولغىيتتى >دەپ قايتۇرۇمەن لېكىن يەنىلا خىجىلچىلىق...

تۇنجى قېتىم چىققاندىمۇ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپتە چىققان تازا ئىسىمدە يوق لېكىن ماۋۇ ئالىي مەكتەپكە چىققانىڭياقى ھەر يىلدا كامىدا بىردىن بولمىسا ئىككىدىن چىقىدۇ ،تېخى ئونىنچى ئايدىلا ئۈرۈمچىگە يۇزدۇرانە ئىمتىھانغا بارغاندا چىققان ،مانا تۈنۈگۈن ئەتتىگەندىلار قىزىرىپ چىقىپتۇ،دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئاندىن مۇنچىغا چىقىپ تەييارلىق قىلدىم ،چۈنكى ئەتە ئۈگۈن مونچا ئەمەس ئۈزنىمۇ يۇغىلى بولماسمىكىن .بۈگۈن ئەتتىگەن تۈنۈگۈنكى سوپۇننىڭ تەسىرىمىكىن كۆزۈمنى ئاچالمىدىم سىيپاشتۇرۇپ توكنى يېقىپ ئەينەككەت قارىسام تېگى كۆكۈرۈپ كۆزنى يىپىپ كىتىپتۇ .كۆزۈمنى ئويۇپ ئىلۋەتكىم كىلىپ كەتتى،ئىچىقم سىقىلىپ...

خوش....ئەمدىكى سوئال ،

يىڭناسقۇ زادى قانداق كېسەل؟

قانداق ئالدىنى ئىلىش كېرەك؟

قاندا داۋالىنىش،نىمىلەردىن پەرز تۇتۇش كېرەك؟

يىڭنە ئىسىپ داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بارمۇ، تىبابەتتە قانداق قارايدۇ؟


ئالدىرىماڭلار تېخى تۈگىمىدى پېقىرنى كىسەل بېسىۋالدى ،بۈگۈن چۈشتە ئۇخلاپ ئويغانسام يوتام بىر خىل ئاغرىيدۇ قاراپ باقسام تېگى قاتتىق بىر يارا چىقۋاپتۇ،بۇنىڭ ھىلقى ئېتى چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ،ئەمما بۇنىڭ  ئالدىدا ئاۋۇ يىڭنە ئاسقۇ بىلەن بىللە ھەمرا بولدىغان ھەرخىل تىرە كېسەللىرى ماۋۇ شەھەرگە كەلگەننىڭياقى يىلدا ھەمرا ،بىردەم قورسىقىمغا چىقۋاتقان ،بىردەم پۇتۇمغا ،بىردەم خەققە دىگىلى بولمايدىغان يەرگە چىقۋاتقان ،ئەمما لېكىن سەت ئىچىم سىقىلدى .ئونىنچى ئايدا ئۈرۈمچىگە بارغاندىمۇ يىڭناسىقۇنى ئۇزۇتۇپ گەجگەمگە قىرىشتۇرۇپ چىققان بىر كىسەلنى كۈتۈۋالغان.كىيىم يۇيغاندا ئۇگاق سوپۇندىن كۆرۈپ سۇيىقىغائاملاشتۇرپ باقتىم، ھەر قېتىم قايناقسۇغا بىسىپ يۇيۇپ باقتىم.ما شەھەردە قوياش يوق بولمىسا ئاپتاپقىمۇ سالا  بولغىيتتۇم. ئەمما زادى قۇتۇلالمىدىم.

ئانام دائىم قېنىڭ بۇزۇلۇپتۇ ئوكۇل سالغىزۋەت دەيدۇ ،ھازىر دوختۇرلار بارغانلا كىسەلگە ئوكۇل بىرىۋەرمەيدىكەن.مانا كۆزنىڭ دەردىنى تارتالماس ما ئوقەت ئادەمنى بىئارام قىلغىلى تۇردى .

يەنە سوئال

تىرە كېسەللىرى زادى نېمىشقا چىقىدۇ ؟ئانام دىگەندەك قان بۇزۇلغانلىقتىمۇ؟

ماۋۇ ئېتى چىرايلىققا نېمىلەردىن پەرز تۇتىمەن؟


---------------------------------------


ئاخىردا بىر پاراڭ قىلىپ بېرەي.

چارشەنبە كۈنى كۆزۈمگە يارا چىقىپ قالغاندا مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا كىرسەم سىستىرا قىز< تەلىيىڭىز باركەن بۈگۈن مەخسۇس كۆز كېسەللىكلىرى كۆرىمىز >دەيدۇ،

بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تېرەمنى كۆرسەتكىلى كىرسەم يەنە شۇ قىز < يەنە تەلىيىڭىزگە بۈگۈن تېرە كېسەللىرى مەخسۇس كۆرۈلىدۇ>دەيدۇ .دورا -ئوكۇلنى ئىلىپ بولۇپ < خىنىم ئەتە نەنى كۆرىسلەر >دەپ سورىسام.

<نېمە بولدى >دەيدۇ،

<ئىدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قوياي>دىسەم،

<يەنىلا تەلىيىڭىز باركەن ئەتە ئاياللار كېسەللىكلىرى كۆرىمىز >دەيدۇ.


------------------------------------------


بىر كۆزنى قىسىم يەكچەشمدەك ئولتۇرۇپ تاققا تۇققا جۆيلۈپ ۋاقتىڭلارنى ئىلىپ قويدۇم ،خاپا بولماي ئا سۇئالغا بىي جاۋاب بېرىۋېتىڭلار ھەكىملەر.بىر بىلىپ قالايلى....

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:48:03

قان تەكشۈرۈتۈپ بېقىڭ، جىگەر خىزمىتىنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ. مەن لازا ئاچچىقسۇنىڭ قېشىغا يولىمىغاندىن كىيىن، شۇ بەدەنگە چىقىدىغان نەرسىلەرنى خېلى قۇتۇلدۇم.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:48:37

يىڭنە ئاسقۇغا يىڭنە ئېسىپ داۋالىغاننىڭ راستلا پايدىسى بار.بەزىلەر بۇنى خۇراپاتلىق دەپمۇ باقىدۇ. يىڭنە ئېسىۋالسا راستلا شىپا بولىدۇ.

1930-يىللىرى شىنجاڭغا كەلگەن گېرمانيە ئىكىسپىدىتسىيىچىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ كۆزئاغرىقىنى يىڭنە ئېسىپ قويۇپ داۋالىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇپ كىيىن ۋەتىنىگە بېرىپ بۇ ماتىرىياللارنى تىببى ساھەنىڭ پايدىلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. تەجرىبە ئارقىلىق كۈن نۇرى يىڭنىنىڭ ئۇچىغا چۈشكەندىن كىيىن كۆزدىكى ياللۇغقا شىپالىق بىرخىل نۇرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەر يېزىلغان ئىكەن.

ئالبىرت ۋون لىكوكنىڭ ئىكىسپىدىتسىيە خاتىرىسدا ئوقۇغانتىم.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:22:50

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:34:46

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:38:19

3- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزدە ۋىتامىن ب 2كەمچىل ئىكەن. بۇ ماددا بىئولۇگىيەلىك ئوكسىدلاش ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيەسىدىكى ھىدروگىن يەتكۈزۈشرولىنى ئوينايدىغان ئاگونلارنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ ، كەمچىل بولغاندا، ئورگانىزىمنىڭ بىئولۇگىيەلىك رىئاكسىيەسى تەسىرگە ئۇچراپ ، مىتابولىزىم تۇسالغۇغا ئۇچراپ، ئېغىز، كۆز ، تاشقى جىنسى يول قاتارلىق ئازالار ياللۇقلىنىدۇ.



ھەدە سىزنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرىڭىز باركەنە...رەخمەت بىلىۋالدىم


ئەمما مەن تۇرۋاتقان يەردە بەزى نەرسىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ..دە

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:38:39

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:41:33

2- قەۋەتتىكى alim012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىڭنە ئاسقۇغا يىڭنە ئېسىپ داۋالىغاننىڭ راستلا پايدىسى بار.بەزىلەر بۇنى خۇراپاتلىق دەپمۇ باقىدۇ. يىڭنە ئېسىۋالسا راستلا شىپا بولىدۇ.

1930-يىللىرى شىنجاڭغا كەلگەن گېرمانيە ئىكىسپىدىتسىيىچىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ كۆزئاغرىقىنى يىڭنە ئېسىپ قويۇپ داۋالىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇپ كىيىن ۋەتىنىگە بېرىپ بۇ ماتىرىياللارنى تىببى ساھەنىڭ پايدىلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. تەجرىبە ئارقىلىق كۈن نۇرى يىڭنىنىڭ ئۇچىغا چۈشكەندىن كىيىن كۆزدىكى ياللۇغقا شىپالىق بىرخىل نۇرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەر يېزىلغان ئىكەن.

ئالبىرت ۋون لىكوكنىڭ ئىكىسپىدىتسىيە خاتىرىسدا ئوقۇغانتىم.

ئاشۇنداق ماقالىنىڭ توردىكى ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،


مەن تۇرۋاتقان يەردە يىلىغا ساناقلىق كۈندە كۈن چىقىدۇ ئەمسە يىڭنە ئىسىش ھۈنىرى كارغا كەلمىگۈدەك

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:45:21

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:13:24

8- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزدە ۋىتامىن ب 2كەمچىل ئىكەن. بۇ ماددا بىئولۇگىيەلىك ئوكسىدلاش ئوكسىدسىزلىنىش رىئاكسىيەسىدىكى ھىدروگىن يەتكۈزۈشرولىنى ئوينايدىغان ئاگونلارنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇپ ، كەمچىل بولغاندا، ئورگانىزىمنىڭ بىئولۇگىيەلىك رىئاكسىيەسى تەسىرگە ئۇچراپ ، مىتابولىزىم تۇسالغۇغا ئۇچراپ، ئېغىز، كۆز ، تاشقى جىنسى يول قاتارلىق ئازالار ياللۇقلىنىدۇ.



ھەدە سىزنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنىرىڭىز باركەنە...رەخمەت بىلىۋالدىم


ئەمما مەن تۇرۋاتقان يەردە بەزى نەرسىلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ..دە





ئەمسە ماۋۇ شېئىرنى ئوبدان ئوقۇپ شۇ بويىچە ئۆزىڭىزنى كۈتەشنى ئۈگىنىۋىلىڭ ھې ھې



يېشىڭ ياش بولۇپ، ئۆمرۈڭ بولسا باھار،


سوغۇقنى كۆپ ئىشلەت، قىنىڭ سۇۋۇتار.




يېشىڭ قىرىقتىن ئېشىپ، كۈن ئاي بولسا كۈز،


ئىسسىق نەرسە بىرلە مىزاجىڭنى تۈز.




مىزاجىڭ ئەگەركىم بولۇر مۆتىدىل ،


ئىسسىقلىق، سوغۇقلۇق ئارا چارە قىل.




مىزاجنى شۇ ياڭلىغ دۇرۇس تەڭشىسەڭ،


ھاياتىڭ ئۆتەر تىنچ، ياشەرسەن ئېسەن.




قىرىققا كىرىپمۇ مىزاج بىلمىسە،


تولۇق ھايۋان ئېرۇر، گەرچە سۆزلىسە.



\"قۇتادغۇ بىلىگ\"تىن ئېلىندى.



ئىنكاس دىگەننى گۈل-گۈلىگە كەلتۇرۋېتىدىكەنسىز

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:16:49

ۋاي ۋاي شۇ يىڭنە ئاسقۇ . مەنمۇ بۇرۇنلاردا بىرەر يېرىنى تېڭىۋالسا شۇنداق ئاقسا كۆرىنەتتى.

ماڭىمۇ چىقىپ باقمايتتى. تازا ئىككى يىل بۇرۇنمۇ ئۈچ يىل بۇرۇنمۇ خۇدايىم ماۋسۇملۇق ئىمتىھانغا 2كۈن قالغاندا چىقتى . كۆزلىرىم ئېچىشىپ ئىششىپ بولالماي، بىر كۆزۈمدە كىتاب كۆرۈشكە خەت ئوقۇشقا پەقەت بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنىسىتىتوتقا چىقىپ كۆزۈمنى كۆرسىتىپ 2پەن ئىمتىھاننى ئالماشتۇردۇم كېلەركى ماۋسۇم بېرىدىغانغا .

دوستلۇق دوختۇرخانىغا چىقسام دورا سۈركەپ تېڭىپ قويدى. كۈندە ياكى ئىككى كۈندە تڭىق ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ خېلى ساقىيىپ قالغاندەك قىلغان .

تەتىل بولۇپ،ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇق، چىققان ماشىنام سەل سوغۇق،پارلىرى ناچاررراق ماشىنكەن ،24سائەت يولنى ماڭغىچە سوغۇق ئۆتۈپ قالغان ئوخشايدۇ،ئەتىسى مەنزىلگە بېرىپ قارىسام كۆزۈمگە تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلا تۇردۇ . نىمە بولغاندۇ دەپ دوختۇرغا بارسام بىز داۋالىيالمايمىز،چوڭراق يەرگە بېرڭلا دىدى .شۇنىڭ بىلەن قورقۇپ دېگەندەك باشقا يەرگە بارساق ئېچىڭ دېدى ھە دېسەم دوختۇر كۆرۈپ كۆزنىڭ ئىچىگە 2تال سىرتىغا بىر تال چىقىپتۇ دەپ دېزىنفىكسىيە قىلىپ موچىندا بىر نەرسىلەرنى قىسىپ ئالدى . يىلتىزى دەمدۇ ئەيتاۋۇر ،شۇنىڭدىن كىيىن 3-4كۈندا ساقىيىپ قالغان .

ئاۋۇ ئىسمى چىرايلقنىمۇ ئەگەر بەك چىراي قىسمىڭىزدا بولمىسا، كىيىم يېپىپ تۇردىغان يەرلەردە بولسا ياردۇرۇپ، يىلتىزنى ئالدۇرۋەتسىڭىز ئىتتىك ساقىيدۇ. بەزىلەر بۇندىن كىين قەتئىي چىقمايدۇ دەيدىكەن.

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:16:58

7- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى alim012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىڭنە ئاسقۇغا يىڭنە ئېسىپ داۋالىغاننىڭ راستلا پايدىسى بار.بەزىلەر بۇنى خۇراپاتلىق دەپمۇ باقىدۇ. يىڭنە ئېسىۋالسا راستلا شىپا بولىدۇ.

1930-يىللىرى شىنجاڭغا كەلگەن گېرمانيە ئىكىسپىدىتسىيىچىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ كۆزئاغرىقىنى يىڭنە ئېسىپ قويۇپ داۋالىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇپ كىيىن ۋەتىنىگە بېرىپ بۇ ماتىرىياللارنى تىببى ساھەنىڭ پايدىلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. تەجرىبە ئارقىلىق كۈن نۇرى يىڭنىنىڭ ئۇچىغا چۈشكەندىن كىيىن كۆزدىكى ياللۇغقا شىپالىق بىرخىل نۇرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەر يېزىلغان ئىكەن.

ئالبىرت ۋون لىكوكنىڭ ئىكىسپىدىتسىيە خاتىرىسدا ئوقۇغانتىم.

ئاشۇنداق ماقالىنىڭ توردىكى ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،


كەچۇرۇڭ دوستۇم !!مەن ئۇ ماقالىنى بىر نەچچە يىل بۇرۇن كىتاپتىن ئوقۇغانتىم، توردا يوقمىكىن دەيمەن.


ئاۋۇ ئىمزايىڭىز ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويلاندۇرىدىكەن.




horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:21:26

ئەسمانىڭ بۇگۇن كەيپىياتى ياخشى ئوخشايدۇ، ئىنكاسلىرىمۇ نوچى چىقىپتۇ  {:92:}

watandax يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:35:52

مۇشۇ قوڭى يوغان (قىشقۇرۇق) توغرىسىدا مەخسۇس تىما يازىمەن دەپمۇ يېزىپ بولالمىغان ئىدىم. 2ئاي بۇرۇن مېنىڭ بىر بارمىقىمغىمۇ شۇ نەرسە چىقىپ قىلىپ بەك قىينىغان، ئۇنى قىلدىم، بۇنى قىلدىم، خىتيول قويۇپ تاڭدۇرۇپمۇ باقتىم، جىنىمنى بەك ئاغرىتقان. ئوكول ئاستۇرۇشقا تىخى ۋاقىت يوق. بىر كۈنى بىر پىشقەدەم ئوقوتقۇچى مېنىڭ قولۇمنى كۆرۈپ، بىر دورا بۇيراي، قىلامسىز؟،-دەيدۇ، -پايدا قىلسىلا دىدىم. ئۇ :

-ئەتىگەنلىك تۇرۇپ قالغان سۈيدۈكىڭىزنى قەغەز ئىستاكاندەك بىر نەرسىگە ئېلىپ، بارمىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىككى ئۈچ كۈن چىلاپ بەرسىڭىز تىزلا يوقايدۇ،-دەپ دورا بۇيرىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ دورىسىنى ئۈچ كۈن قىلىۋىدىم، يىرىڭلىرى يىغىلىدى، شۇنىڭ بىلەن سىقىۋىتىپ قۇتۇلدۇم.

يىڭنەئاسقۇغا كەلسەك، مومامنىڭ سىڭلىمغا يىڭنە ئاسقۇ چىقىپ قالغاندا تاغامنىڭ كىچىك ئوغلىنى سىيدۈرۈپ، سۈيدۈكنىڭ كۆپۈكىنى قولاق كولىغۇچتا يىڭنە ئاسقۇغا چىپىپ داۋالىغانلىقى ئىسىمدە.

يەنە بىر ئىش، يىقىندا بۇرنۇمنىڭ ئىچىگە يارا چىقىپ قالدى، قىينىلىپ يۈرسەم يەنە ھىلىقى پىشقەدەم مۇئەللىم دورا بۇيرىدى:

-ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئېغىز چايقىغان سۇدا بۇرنىڭىزنى چايقاڭ.

بۇ دورىمۇ ئۈنۈم بەردى، 4كۈندە بۇ يارىدىنمۇ قۇتۇلدۇم.

مەندە ئۆت ياللۇغى بار ئىدى، كۈندە ئەتىگەندە ئىغىزىم ئاچچىق، ئىغىزمان ئاغرىيدۇ. خوتەنگە ماڭغان ئاپتۇبۇستا بىر يولۇچى بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ دورا بۇيرىدى:

-سىلى 3دانە ئاپلىسىننى سويۇپ، پوستىنى پاكىز يۇيىۋىتىپ، ئىككى چىنە سۇ بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، قاينىغاندىن كېيىنكى سۈيى بەك ئاچچىق شۇڭا ئازراق ھەسەل ئارىلاشتۇرىۋىتىپ، 15كۈن ئەتىگەندە بىر پىيالىدىن ئىچىپ بەرسىلە، ئۈنۈمىنى كۆرىلا،-دىۋىدى، ئۇنىمۇ قىلىپ باقتىم.ھەپتە ئىچتىم، ھازىر ئېغىزىم ئاچچىق بولىدىغان، ئېغىزمان ئاغرىيدىغان ئىشلار ئوڭشالدى.

قىنى، يەنە كىملەرنىڭ قانداق رىستىپلىرى باركىن؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:41:44

7- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى alim012نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىڭنە ئاسقۇغا يىڭنە ئېسىپ داۋالىغاننىڭ راستلا پايدىسى بار.بەزىلەر بۇنى خۇراپاتلىق دەپمۇ باقىدۇ. يىڭنە ئېسىۋالسا راستلا شىپا بولىدۇ.

1930-يىللىرى شىنجاڭغا كەلگەن گېرمانيە ئىكىسپىدىتسىيىچىلىرى يەرلىك خەلقنىڭ كۆزئاغرىقىنى يىڭنە ئېسىپ قويۇپ داۋالىغانلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىشنى خاتىرىلەپ قويۇپ كىيىن ۋەتىنىگە بېرىپ بۇ ماتىرىياللارنى تىببى ساھەنىڭ پايدىلىنىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ. تەجرىبە ئارقىلىق كۈن نۇرى يىڭنىنىڭ ئۇچىغا چۈشكەندىن كىيىن كۆزدىكى ياللۇغقا شىپالىق بىرخىل نۇرنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىپ بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىلمى ماقالىلەر يېزىلغان ئىكەن.

ئالبىرت ۋون لىكوكنىڭ ئىكىسپىدىتسىيە خاتىرىسدا ئوقۇغانتىم.

ئاشۇنداق ماقالىنىڭ توردىكى ئادرىسى بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن ،


مەن تۇرۋاتقان يەردە يىلىغا ساناقلىق كۈندە كۈن چىقىدۇ ئەمسە يىڭنە ئىسىش ھۈنىرى كارغا كەلمىگۈدەك



\"مومامنىڭ شىپاالىق رېتسىپلىرى\" دېگەن كىتاپتا ئەتىر سوپۇن بىلەن تازا ئۇۋىلاپ ئېچىشتۇرۇپ تۇرۇپ يۇسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپتىكەن. سىناپ باقمامسىز. ئاددىي، ھەقسىز چارە.




bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:40:01

14- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل




\"مومامنىڭ شىپاالىق رېتسىپلىرى\" دېگەن كىتاپتا ئەتىر سوپۇن بىلەن تازا ئۇۋىلاپ ئېچىشتۇرۇپ تۇرۇپ يۇسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپتىكەن. سىناپ باقمامسىز. ئاددىي، ھەقسىز چارە.






مەن شىمىيەننەي دە يۇيغان يۇغانلا ئىشىپ كەتتىغۇ..\"\"


ھازىر ئېغىز ئىلىپ ساقىيۋاتىدۇ،تەكلىپىڭىزگە رەخمەت

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:43:01

13- قەۋەتتىكى watandaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ قوڭى يوغان (قىشقۇرۇق) توغرىسىدا مەخسۇس تىما يازىمەن دەپمۇ يېزىپ بولالمىغان ئىدىم. 2ئاي بۇرۇن مېنىڭ بىر بارمىقىمغىمۇ شۇ نەرسە چىقىپ قىلىپ بەك قىينىغان، ئۇنى قىلدىم، بۇنى قىلدىم، خىتيول قويۇپ تاڭدۇرۇپمۇ باقتىم، جىنىمنى بەك ئاغرىتقان. ئوكول ئاستۇرۇشقا تىخى ۋاقىت يوق. بىر كۈنى بىر پىشقەدەم ئوقوتقۇچى مېنىڭ قولۇمنى كۆرۈپ، بىر دورا بۇيراي، قىلامسىز؟،-دەيدۇ، -پايدا قىلسىلا دىدىم. ئۇ :

-ئەتىگەنلىك تۇرۇپ قالغان سۈيدۈكىڭىزنى قەغەز ئىستاكاندەك بىر نەرسىگە ئېلىپ، بارمىقىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىككى ئۈچ كۈن چىلاپ بەرسىڭىز تىزلا يوقايدۇ،-دەپ دورا بۇيرىدى. دېگەندەك ئۇنىڭ دورىسىنى ئۈچ كۈن قىلىۋىدىم، يىرىڭلىرى يىغىلىدى، شۇنىڭ بىلەن سىقىۋىتىپ قۇتۇلدۇم.




مەن ئېتى چىرايلىق دەپ سەت گەپ قىلمىسام ئەينەن ئاپسىز ئىسمىنى ،


شۇنداق قىلىپ دورىسى شۇ بولدىما ،،

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:46:58

10- قەۋەتتىكى UyghurBalighنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئاۋۇ ئىسمى چىرايلقنىمۇ ئەگەر بەك چىراي قىسمىڭىزدا بولمىسا، كىيىم يېپىپ تۇردىغان يەرلەردە بولسا ياردۇرۇپ، يىلتىزنى ئالدۇرۋەتسىڭىز ئىتتىك ساقىيدۇ. بەزىلەر بۇندىن كىين قەتئىي چىقمايدۇ دەيدىكەن.

كىچىك مازگىلىمدە بىر قېتىم گەجگەمگە چىقىپ ياردۇرۇپ ئېلۋەتكەن،شۇ مەزگىلدە بىر قورقۇپ كىتىپتىكەنمەن ،ھازىر تىنىم شۇركىنىدۇ.....


قەتتى چىقمايدۇ دىگىنى يالغان مانا ماڭا چىقۋالدىغۇ..

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 14:44:50

ساقايدىما، شىمەننەيدە يۇيغان يەر.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-19 15:31:15

گەپنىڭ توغرىسى بادام مېغىزى،ئۆرۈك مېغىزى دەيدىغان نەرسىلەردىن بەكمۇ يىراق تۇرۇڭ، بولسا قەتئىلا يىمەڭ!

يىڭنە ئاسقۇنىڭ ئىسمىدىن مەلۇمكى بۇنىڭغا چوقۇم يىڭنە ئېسىش كېرەك. يەر ئاستىدا بولسىڭىزمۇ ئىككىلەنمەي يىڭنە ئېسىڭ، بۇ يورۇقلۇققىلا مۇناسىۋەتلىك ئىش ئەمەس،بەلكى بىزمۇ بىلمەيدىغان شىپالىق خاسىيەتلىرى بار ئىشتۇر.



قوڭى يوغان، قۇشقۇيرۇق، غەلۋىرەك دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ يىلتىزىنى يېرىپ ئالدۇرۇۋېتىڭ،شۇ ياخشى چارە.
بەت: [1]
: يىڭنەئاسقۇ ۋە بىرقىسىم تېرە كېسەللىكلىرى توغىرسىدا (ياردەم)