turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:03:19

قىرغىزىستاندا كوللىكتىپ مۇشىتلىشىش يۈز بېرىپ18جوڭگۇلۇق يارىلاندى

قىرغىزىستاندا چوڭ كۆلەملىك كوللىكتىپ سوقۇشۇش يۈز بېرىپ 18جوڭگۇلۇق يارىلاندى


يەر شارى گىزىتى مۇخبىرى شۇۋىنچى،روسىيە تاسس ئاگىنىتلىقىنىڭ "روسىيە ئاۋازى"رادىو ئىستانسىسىنىڭ 9-يانۋار خەۋىرىدە دىيىلىشىچە،قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ9-يانۋار بىلدۈرىشىچە،قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا جوڭگۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىكلەر ئارىسىدا چوڭ كۆلەملىك سوقۇشۇش يۈز بېرىپ  18 نەپەر جوڭگۇلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20نەچچە ئادەم يارىلانغان.


خەۋەردە دىيىلىشىچە قىرغىزىستاننىڭ ئۆزگەن رايونى قورشاپ كەنتىدە 8-يانۋار كەچتە جوڭگۇ قۇرۇلۇش ئىشچىلىرى بىلەن يەرلىكلەر مۇشىتلىشىپ كەتكەن بولۇپ،شۇ جايدىكى ئىچكى ئىشلار بۆلىمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ،جوڭگۇلۇقلار بىر يەرلىك كىشىنى يانفۇن ئوغرىلىۋالدى دىگەن گۇمان بىلەن قانۇنسىز تۇتىۋالغان.ھەمدە شۇ يەردىلا ئۇنى قاتتىق ئۇرىۋەتكەن.ئارقىدىن ئىش چوڭىيىپ كېتىپ توقۇنۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن.،كەم دىگەندە 100نەچچە ئادەم سوقۇشۇشقا ئارىلاشقان بولۇپ 18 جوڭگۇلۇق يارىلانغان بولۇپ ئىككىسىنىڭ يارىسى ئېغىر بولغاچقا دوختۇرخانىدا داۋالېنىۋىتىپتۇ.سوقۇشۇشتا يەنە بىر نەچچە يەرلىك ئاھالە ۋە 5 ساقچى يارىلانغان.ئىگەللىنىلىشىچە ،شۇ يەردىكى ساقچىلار شۇ دۆلەتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە(قانۇنسىز نازارەت ئاستىغا ئىلىش،لۈكچەكلىك،چوڭ كۆلەمدىكى مالىمانچىلىق ۋە زوراۋانلىق قىلىش)جىنايى ئىشلار دىلوسى تۇرغۇزغان.نۆۋەتتە دىلو تەكشۈرلۈۋاتىدىكەن.دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچ،شۇ جايدا ئىنىرگىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىشى قىلىۋاتقان جوڭگۇ شىركىتىكى ئىشچىلار شۇ چاغدا مەس ھالەتتە ئىكەن.


مەنبە 。http://news.ifeng.com/world/detail_2013_01/10/21045788_0.shtml

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:28:01

نان تالىشىپتۇ دە.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:39:06

ئەسلى مەنبەدىكى ئىنكاسلاردىن ھۇزۇرلىنىڭ ...  

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:14:02

قىرغىزىستاننى شىنجاڭ دەپ چاغلاپ قالغان ئوخشىمامدۇ بۇ يولداشلار.ئۇرىدىغاننى ئۇرۇپ تاياق يەيدىغاننى يەپ بولۇپ مەس بولىۋالدى دەيلى..

arislan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:14:57

بۇ گۇيلار قىرغىزلارنى بىزنى بۇزەك ئەتكەندەك ئېتەلەيمىز دەپ ئويلاپ قاپتۇدە !

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:20:12

تومۇرىنى تۇتۇپ باقايلى دېگەن بولغىيتتى بىچارىلەر،قىرغىزلار بۇلارغا ھەرگىزمۇ بوزەك بولمايدۇ يەنە كېلىپ ئۆزدۆلىتىدە \"\"

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:38:14

ئۇيغۇر بازىرىنى قانغا بويىغان بۇ گۇيلار. دۆلەت ئۆزىنىڭدە كىم رىسقىنى تارتىۋالىمەن دېسە سالىدۇ شۇ. ئەمما شۇ ئىشنى ئۆزى قىلالمايدۇ دە .



===


تەھرىرلەندى.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:42:41

« ئې!ئۇلۇغ خۇاشىيا مىللىتى،ئې!ئەزىز قېرىنداشلىرىم.يات ئەل تۇپرىقىدا بوزەك بولدۇڭلارمۇ؟» دېدىمىكىن دېسەم ئەسلى مەنبەدە،ھاراققا ئارتىپ،不丢人دەپتۇ.ھاراقنى ئاتا بالا بىللە،ئاكا ئىنى بىللە،قېرىنداش بىللە ئىچسە ھاراققا بەك چوقۇنامدىكىن دېسەم ھاراقنى تىللايدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولىدىكەنا.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:51:53

خەۋەرىمۇ چىقىپتۇ، مەن كۆرەلمىدىم.


http://bugu.cntv.cn/news/now/zhongguoxinwen/classpage/video/20100614/100344.shtml

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:56:19

بىر خەنزۇ تورداش 丢人丢到跨国了 دەپ يېزىپتۇ ، ما سوزنىڭ ئولچەملىك تەرجىمىسىنى دەپ بېقىڭلار، ئوزەڭلانىڭ خائىشى بويىچە تەرجىم قىلساڭلارمۇ مەيلى.

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:03:22

8- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەۋەرىمۇ چىقىپتۇ، مەن كۆرەلمىدىم.


http://bugu.cntv.cn/news/now/zhongguoxinwen/classpage/video/20100614/100344.shtml



سىزنىڭ يوللىغىنىڭىز ئىلگىرىكى ۋەقە،قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستى قاتارلىق جەنۇبى قىسمىدىكى ئۆزبىك قىرغىز توپىلىڭى،بۇ تېمىدىكىسى بولسا تۈنۈگۈن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بولۇپ ئۆتكەن جوڭگۇلۇقلار بىلەن قىرغىزىستانلىقلارنىڭ مۇشىتلىشىشى

turalp يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:06:02

پەسلىكىدىن- پەسلىكىنى چېگرا ھالقىتىۋېتىپتۇ دەپ قىلامدىكىن -دەيمەن.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:22:15

شەرمەندىلىكتە دولەت ئاتلاپتۇ دەمدۇق يا؟  {:92:}   {:92:}

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:19:31

رەسۋالىقتا تامدىن ئاتلاپتۇ دېسەك بولارمىكى.

tilsimat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:50:00

چىكرا ئاتلاپ يۈز تۆكۈش دەمدۇقيە؟؟

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 23:09:57

بىچچارە بەسەيلەر ئۆلۈپ قالمىغىدى \"\" ،،بولمىسا نامرات قىرغىزىستان خەلقى بەسەيلەرنىڭ

خۇن ھەققىنى تۆليەلمەيدۇ

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 09:13:12

ئىچىم بەك ئېچىشتى ئەمما ، بۇ 18 يولداش ھەربىر مۇش يىسە، ئەييادىسە ئەييا دەپ ،قانچىلىك ئېچىنىشلىق توۋلاپ كەتكەندۇ

*layli* يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 10:51:26

ئا گەپنى كەمنومۇسلۇقنىڭ دۆلەت ھالقىپ سېلىشى دەپ تەرجىمە قىلامدىكىن ...

يېقىنقى بىر مەزگىللەردە بىر قېسىم ئىپتىدائى قالاق دۆلەت خەلىقلېرىنىڭ ، ئۇلۇغ ۋەتىنمىزنىڭ ئالى جاناپ ياردەملېرىنى چۈشەنمەي ، ئۆزىنى ئۇنتۇپ ياردەم بېرىۋاتقان ئختىساسلىق خادىملىرىمىزنى ئورۇپ سالىدىغان ئىشلېرى كۆپىيىپ قېلۋاتىدۇ دىسە . يا كۈلۈشنى يا يىغلاشنى بىلەلمەي ئادەم قىيناپ ...

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 11:26:13

بۇنى جۇڭگۇچە نەزىرىيە بۇيىچە شەرقتە ھەيۋە قىلىپ غەرپتە پەشۋا يىيىش دەيمىز...ما \"\"

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 12:23:44

\"\"
بەت: [1] 2 3
: قىرغىزىستاندا كوللىكتىپ مۇشىتلىشىش يۈز بېرىپ18جوڭگۇلۇق يارىلاندى