adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 18:13:51

win8دىن ياردەم

ئەسسالام كۆپچىلىك ئالدى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىزدىنىشنى قايتا ئاچالغىنىمنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان ئىزدىنىشنى ئاچالماي تولىمۇ سىقىلغانتىم،ئەسلىدە win8نىڭ مېترو يۈزىدىكى ie10بىلەن نورمال زىيارەت قىلغىلى بولىدىكەنتۇق.نەچچە ۋاقىتتىن بىلمەي يۈرۈپتىمەن.ئەمدى گەپكە كەلسەك مۇشۇنداق ياخشى ئېچىلىپ تۇرغان شارائىتتا تېزدىن تورداشلارغا سالىمىمنى يەتكۈزىۋالاي شۇنداقلا ياردىمىمنىمۇ سورىۋالاي،چۈنكى بىلمەيمەن يەنە قانچىلىك ۋاقىتتىن كېيىن چىققىلى بولماس بولۇپ قالىدۇ بۇ ئىزدىنىش.


ئەسلى كومپيۇتىرىم win7نىڭ64 بىتلىقى ئىدى(دۇكاندىن ئالغاندا)كېيىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى كومپيۇتىرىمدىن كاشىلا چىقىپ سېستىمىنى قايتا قاچىلاپ دىققەتسىزلىكتىن win7نىڭ 32بىتلىقىنى قاچىلاپ قويۇپتىمەن.شۇنىڭدىن كېيىن شۇنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان .باشقا چوڭمۇ مەسىلە يوق شۇ ئىچكى سىغىم كارتىسى ئارتۇقچە بولۇپ قالدى يەنى 6گېگابايتلىق كارتىنىڭ ئاران 3گېگابايتىنىلا ئىشلىتەلىدىم.بىر ئاينىڭ ئالدىدا win8نى قاچىلىدىم.ئۇچاغدا ۋىندوۋسنىڭ قاچىلاش ياردەمچىسىنى چۈشۈرۈپ ئاپتوماتىك قاچىلاپتىكەنمەن شۇڭا win8نىڭمۇ 32بىتلىقىنى قاچىلاپ قويۇپتۇ.ئىچكى سىغىم كارتىسىنى يەنە تولۇق تونۇمىغاننى ئاز دەپ ئەمدى سۈرەت كۆرسۈتۈش كارتىسىنىڭ بىرىنى تونۇمايۋاتىدۇ(سۈرئەت كارتا ئەسلى2ئىدى بىرىنى تونۇپ بىرىنى تونۇمىدى)بەزىلەردىن سورىسام سېستىمىنى 64كە ئۆزگەرتسەڭ بولىدۇ دەيدۇ.


ئەمدى سورىماقچى بولغىنىم 32لىق سېستىمىنى قانداق قىلىپ بىخەتەر ھالدا 64لىق سېستىمىغا ئالماشتۇرالايمەن؟شۇ تاپتا توردىن 64لىق سېستىمىنى چۈشۈرۈپ تۇرۇپتىمەن،مىكروسوفتنىڭ مۇنبىرىدىكىلەردىن سورىسام ئالدى بىلەن win7نىڭ 64لىكىنى قاچىلاپ ئاندىن ئۇنى ئاپتوماتىك ھالدا win8نىڭ 64لىقىغا كۆتەرسەڭ بولىدۇ دەيدۇ.(ئاچقۇچ نومۇرنى تونارمىش)ئەمما ئۇنداق قىلىشنى بىر ئاز ئاۋارە كۆردۈم.ھازىرقى سېستىما دېسكىسىنى فورماتلىۋىتىپ بارماق دېسكا ئارقىلىق قاچىلىسام بولامدۇ ياكى ئۈستەل يۈزىدىنلا ھازىرقى سېستىمىنىڭ ئۈستىگە قاچىلىسام بولارمۇ؟كۆپچىلىكنىڭ ياردەم بېرىشىنى سورايمەن.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 18:48:05

بىر كومپىيوتور بولسىلا 32 نى 64 گە بىر نۇمۇر بىلەن ئۆزگەرتىكىلى بۇلىدىكەن.

http://answers.microsoft.com/zh-hans/windows/forum/windows_8-windows_install/win8/b0713c25-b2f0-4055-a177-01549679b1b1

ئامال بار 64 بىتلىكنى ئىشلىتىڭ،بولمىسا قاچىلاپ بۇلۇپ ئاكتىپلىغىلى بولمسىا تىلفۇن قىلسىڭىز بۇلىدۇ،تىلفۇندا ئاكتىپلاپ بىرىدۇ ،جىق بولسا 5 مىنوت كىتىدىكەن،شەھەر ئىچى سوزلىشىش ھەققىنى ئالدىكەن.

800-820-3800

400-820-3800

ئۇستىدىكىسى مۇقىم تىلفۇننىڭ ،ئاستىدىكىسى يانفۇننىڭ.

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:58:34

بارماق دېسكىدىن يېڭىدىن قايتا قاچىلاڭ بولمىسا . نورمال ئاكتىپلىغىلى بولىدۇ ، مەن 32 بىتلىق بىلەن 64 بىتلىقنى نەچچە قېتىم ئالماشتۇرۇپ قاچىلاپ بولدۇم .

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:03:53

رەھمەت yulhunيۇقىردىكى ئادرىستا يەنە شۇ ئەسلى سېستىمىسى 64 لىق بولغانلار دەپتۇ.مېنىڭ ھازىرقى سېستىمام 32لىق ئۇلار بەرگەن ئادرىس بويىچە يەنە 32لىقنى قاچىلىيالايدىكەنمەن،ھازىر توردىن 64لىقنى چۈشۈرىۋاتىمەن ئەنسىرەيدىغىنىم 64نى ئۆزۈم قاچىلىسام باشقا كۆتۈلمىگەن ئەھۋاللار بولۇپ قالماس دەيمەن.ئەڭ بىخەتەر قاچىلاش ئۇسۇلىنى بىلسەڭلار دەپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:08:16

Abdiweli سىز ئالماشتۇرۇپ قاچىلىغاندا ئەسلىدىكى بار سېستىما دېسكىسىنى فورماتلېۋىتىپ قاچىلىدىڭىزمۇ ياكى ئۈستىگە قاچىلاۋەردىڭىزمۇ؟مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ مەسىلە ئىدى.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 20:08:20

Abdiweli سىز ئالماشتۇرۇپ قاچىلىغاندا ئەسلىدىكى بار سېستىما دېسكىسىنى فورماتلېۋىتىپ قاچىلىدىڭىزمۇ ياكى ئۈستىگە قاچىلاۋەردىڭىزمۇ؟مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم دەل مۇشۇ مەسىلە ئىدى.

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 21:47:07

سىز خاتىرجەم ھالدا 64 بىتلىقنى قاچلاڭ(فورماتلاپ قاچلاشقا تامامەن بۇلىدۇ) بىرتال ئىز قالدۇرماي يۇيۋېتىپ 64نى قاچلىسىڭىز بۇلىدۇ.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 22:08:44

شۇنداق قىلىپ 32ياخشىراقمۇ ياكى 64لىكىمۇ؟

64لىك win7دە بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىمىگىنىنى كۆرگەن ئىدىم.

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 18:56:42

7- قەۋەتتىكى hezineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇنداق قىلىپ 32ياخشىراقمۇ ياكى 64لىكىمۇ؟

64لىك win7دە بىر نەچچە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىشلىمىگىنىنى كۆرگەن ئىدىم.

ئىكىلىسى بۇلىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى ئايرىش كومپىيۇتۇرنىڭ سەپلىمىسىگە باغلىق

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-1-12 10:48:55

8- قەۋەتتىكى RaZiL17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل


ئىكىلىسى بۇلىدۇ . بىراق بۇ يەردىكى ئايرىش كومپىيۇتۇرنىڭ سەپلىمىسىگە باغلىق  



تەپسىلىيراق سۆزلەپ باقسىڭىز، ئېنىقراق بىلىۋالاي.
بەت: [1]
: win8دىن ياردەم