kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 16:56:16

3-نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاش پائالىيىتى

3-نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاش پائالىيىتى



154.jpg



2012-يىلىدىكى شىنجاڭلىق توپچىلارنىڭ ئىپادىسىگە ئاساسەن بۇ ئۈچ ماھىر ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ نامزات قىلىپ بىكىتىلدى . تورداشلار تۆۋەندىكى ئۈچ نامزاتتتىن بىرنى تاللايدۇ ، بەلگىلەنگەن ئۈچ نامزات ئىچىدىكى ئەڭ جىق بىلەتكە ئېرىشكەن ماھىر ئۈچىنجى نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى بولىدۇ ،بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلار ئارىسىدىن تەلەيلىك بىلەت تاشلىغۇچىدىن سەككىز ئادەم تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

1- دەرىجىلىك تەلەيلىك بىلەت تاشلىغۇچى بىر نەپەر، شىنجاڭ يىلتىز سودا چەكلىك شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان1000يۇەن قىممىتىدىكىئائىلە دوختۇرى چاچ ئاسراش ،ئۆستۈرۈش يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرى سوۋغا قىلىندۇ .

مەھسۇلاتنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ.



2-دەرىجىلىك تەلەيلىك بىلەت تاشلىغۇچى ئىككى نەپەر ،سىنگاپوردىن كىرگۈزۈلگەن مۇسۇلمانچە قۇۋۋەت ئىچىملىكىدىن 250يۇەن قىممىتىدىكى بىر يەشىك سوۋغا قىلىنىلدۇ .

3-دەرىجىلىك تەلەيلىك بىلەت تاشلىغۇچى بەش نەپەر ، 11ئادەم مۇنبەر تىللاسىدىن 200تىللا . مۇنبەر تىللاسىنى ھەرخىل توپخۇمار بويۇملىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ .



ئالدىنقى قىتىملىق پوچتىدىن ئەۋەتىلگەن بويۇملارنىڭ ئىز-دىرەكسىز قىلىش مەسلىسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بارلىق مۇكاپات بويۇملىرى مۇكاپات بىلەن تەمىنلىگۇچى ئورۇن ئاپتوبۇستىن يوللاپ بىرىدۇ ، شۇڭلاشقا ئىسىم -فامىلىڭىز ، تۇرۇشلىق ئورنىڭىز ۋە تىلىفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز .لىكىن پوچتا ھەققىنى ئۆزىڭىز تاپشۇرىسىز،

شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى نامزاتلىرى :



1. ئىلھام ئىمىنجان



   1986-يىلى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى تۇغۇلغان .



مەيداندىكى ئورنى:ئالدى ھوجۇمچى



كوماندا :گۇيجۇ جىچىڭ






ئىلھامجان بۇ پەسىلدە گۇيجۇ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە قاتنىشىپ ، ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنلىقىغا ئېرىشتى . ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى شىمالى مۇسابىقە رايونىدا 10 توپ ئۇردى، شاللاش باسقۇچىدا يىرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلاردا توپ ئۇرۇپ ، ئۇزغۇن بولۇشتىكى ھالقىلىق شەخس بولۇپ قالدى ، جوڭگو پۇتبول جەمىيىتى لوڭقىسىدا بىر توپ ئۇرۇپ ،ئىككى ياردەم توپ چىقاردى .

ئۇ توپ تىپىۋاتقان گۇيجۇ كوماندىسىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئا دەرىجىگە چىقتى.



2.مۇستافا



1993-يىلى 11-ئاينىڭ5-كۈنى تۇغۇلغان.



مەيداندىكى ئورنى ؛ ئوڭ بىك ، ئارقا بەل



كوماندا : شىنجاڭ كوماندىسى






مۇستافا بۇ پەسىللىك مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 24مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ،يەتتە توپ ئۇردى، ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئەڭ جىق ئىختىيارى توپ كىرگۈزگەن ماھىرغا ئايلاندى .ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭئوڭ يولىدا مۇداپىئە ۋە ھوجۇم ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ كوزۇرىغا ئايلاندى .



3.ئېرجات



1993-يىلى1-ئاينىڭ4-كۈنى تۇغۇلغان.



مەيداندىكى ئورنى: قاپقىچى



كوماندا :شىنجاڭ كوماندىسى






ئېرجات بۇ پەسىلدە مەملىكەتلىك ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 23مەيدان مۇسابىقىغا قاتناشتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى ۋە چاققانلىقى بىلەن خىلى كۆپ خەتەرلىك توپلارنى توساپ چىقىرىۋىتىپ، شىنجاڭ توپخۇمارلىرى ئارىسىدا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى .


بىلەت تاشلاش مەنزىلى :


3-نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالا...

http://11adam.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=3964&fromuid=1

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 12:25:55

مۇستاپاغا بېلەت تاشلايمەن. تاشئالما كوماندىسىنى قوللايمەن. ئاران مىڭ كويدىن مائاش ئېلىپ، ئىچكىرىدىكى كۇلۇپلارغا نىسبەتەن شارائىتى شۇنداق تۆۋەن تۇرۇپمۇ ئادەم يىغلاپ سالغۇدەك روھ بىلەن توپ تېپىۋاتقان بۇ بالىلارغا ئىنتايىن ھۆرمىتىم بار.


shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 19:36:12

ئىلھامجان ئەڭ مۇۋاپىق

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 23:32:12

ئىلھامغا بىر بىلەت كەتتى! \"\"

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 08:38:20

مۇستافا ، مەيداندىكى ئەڭ يارقىن نوقتا. \"\"
بەت: [1]
: 3-نۆۋەتلىك تورداشلار نەزىرىدىكى شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسىنى باھالاش پائالىيىتى