بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى
بىلكان
كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى
ئۇيغۇر يۇمشاق
دېتالچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياش پىروگراممىر ۋە ھەۋەسكارلارنى
ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە بىلكان ئېلېكتىرون
پەن- تېخنىكا
چەكلىك شىركىتى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش
مۇسابىقىسى ئېلىپ
بارماقچى.
ئەسەرلەرنى
مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى كەسپى مۇتەخەسسىسلەر
باھالايدۇ. باھالاش مەزمۇنى ئىقتىدار،ئىجادىيلىق، قوللىنىشچانلىق،
قولايلىق، كۆرۈنمە يۈز، قوللىنىلغان تېخنىكا،كود يېزىش ئۇسلوبى،قاتتىق
دېتالغا بولغان تەلىپى،مۇقىملىق، كەڭەيتىشچانلىقى قاتارلىق تۈرلەرنى
ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋاقتى
پائالىيەت
2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 10- ئاخىرلىشىدۇ.
مۇسابىقىگە
قاتنىشىش شەرتلىرى:
يۇمشاق دېتال
تىلى ۋە مەزمۇنى ئۇيغۇرچە بولىشى
كېرەك.
مەزمۇنى
ساغلام، بىخەتەر بولىشى
كېرەك.
مۇسابىقىگە
شەخىس ياكى كوللىكتىپ نامىدا قاتناشسا
بولىدۇ. ھېچقانداق سالاھىيەت، مىللەت چەكلىمىسى
قۇيۇلمايدۇ.
ئەپلەر Android, iOS, Windows
Phone مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى
شۇنداقلا metro ئۇسلۇبىدىكى ئەپلەر بولسا
بولىدۇ.
شەخىس ياكى
كوللىكتىپ ئۆزى تۈزگەن، قاتناشتۇرۇلماقچى بولغان ئەسەرنىڭ بارلىق
ھوقۇقى ئۆزىدە بولغان بولىشى
كېرەك.نەشىر
ھوقۇقى مەسىلىسىگە چېتىلغان، ئەسەر ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغان ئەسەرلەر
مۇسابىقىگە
قاتناشتۇرۇلمايدۇ.
مۇسابىقىگە
قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى يەنىلا ئەسلى تۈزگۈچىدە
بولىدۇ.
مۇسابىقىگە
قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ھەقلىق سېتىلىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، ھەقسىز
بولسىمۇ بولىدۇ. ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز دېتال بولىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ ۋە
باھالاشتا مۇۋاپىق ئىتىبارغا
ئىرىشىدۇ.
مۇسابىقىگە
قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئەسەر ئاپتورىنىڭ ماقۇللىقى بولغانلىرى بىكان
بازاردا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىنىشى ۋە ئىشلىتىشى ئۈچۈن
تارقىتىلىدۇ.
باھالاش
مەزمۇنى ئىچىدە يۇمشاق دېتالنىڭ كود يېزىش ئۇسلوبى، قۇرۇلمىسى،
تېخنىكا يىڭىلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بولغاچقا مۇسابىقىگە
قاتناشقۇچىلار ئەسەرنىڭ ئەسلى كودىنى قوشۇپ
تاپشۇرىدۇ.
مۇسابىقىگە
قاتناشقۇچى ئەسەرنىڭ ئۆزىنى، ئەسلى كودىنى، لايىھە ماتېرىياللىرىنى،
سىناش دوكلاتىنى بىللە
تاپشۇرىدۇ. ئەپ
تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ قوشۇمچە
قىلىدۇ.
بىر شەخىس
ياكى كوللىكتىپ بىرقانچە ئەسرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرسا ئەڭ يۇقۇرى
نۇمۇرغا ئىرىشكىنى ئاساس قىلىنىپ
مۇكاپاتلىنىدۇ.
شىركەت نامىدا
مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا
بولمايدۇ.
مۇكاپات
مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە
ئىرىشكۈچى20000 ( يىگىرمە
مىڭ)يۈەن نەق
پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىككىنچى، ئۈچۈنچىلىككە ئىرىشكۈچى 5 مىڭ يۈەن بىلەن
مۇكاپاتلىنىدۇ.
كىيىنكى ئىككى ئەسەرگە
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى
بىرىلىدۇ.
چۈشۈرۈلمىلەر:
باھالاش ئۆلچىمى
ئەپ تىزىملاش
جەدىۋىلى
ئەسەر ئەۋەتىش
ئادرىسى:BilkanDev{at}Outlook.com
مۇسابىقىنىڭ
ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ئىزاھلاش ھوقۇقى بىلكان شىركىتىگە
تەۋە.
avarنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياش پىروگراممىر ۋە ھەۋەسكارلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە بىلكان ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماقچى.
ئالدى بىلەن، ئەھمىيەتلىك مەقسەتلەر ئۈچۈن بۇ پائىلەتنى تەشكىللىگەنلىكىڭلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن ھەشقاللا ئېيتىمەن.
ئۇنىڭدىن كېيىن، تىما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ، بىلكان شىركىتىگە مۇناسىبەتلىك بىر سۇئالنى سورىشىمغا ئىجازەت بېرىشىڭلەرنى ئۆتۈنىمەن:
بىلكاننىڭ تېلېفۇن ۋە ئۈنئالغۇ ئىقتىدارى سەپلەنگەن پەددىدىن بىرنى، بىر ئىلىم تەھسىل قىلغۇچى ئۈچۈن جىددى سېتىپ ئالىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم، قۇتلان پەدنى تەۋسىيە قىلغانلارمۇ بولدى، قاندىقىنى ئالسام مۇۋاپىقلىقى ھەققىدە ئىشلىتىپ بىقىۋاتقانلار تەلىم بەرگەن بولسا، سېتىۋالغاندىن كېيىن بىرەر چاتاق چىقىپ قالسا، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتتىن بەھرىلىنىشكە ئىمكانىيەت يوق بولۇپ، ئېسىت دېيىشتىن ئۆزگە چارە يوق. شۇڭا بۇ تەرىپىنىمۇ نەزەردە تۇتۇپ يول كۆرسىتىشىڭلەرنى ئۈمىت قىلىمەن.

بىلكان پەدنى ئىشلىتىپ باقمىدىم، لېكىن بىلكان u1 تىپلىق تېلفۇننى ئىشلىتىپ پەقەت رازى بولمىدىم.كونۇپكا تاختىسى نورمال ئەمەسكەن،بىر ھەرپنى باسماقچى بولسام نەخ ئۆزى بېسىلماي يېنىدىكى باشقا بىر ھەرپ بېسىلىپ كېتىدۇ.ساتقۇچى تەرەپ ئېكران كىچىك بولغاچقا شۇنداق بوپ قالدى دەپ چۈشەندۇرىدۇ،لېكىن ئكرانى ئۇنىڭدىن كىچىك يانفۇنلاردىمۇ خېلى نورمال خەت باسقىلى بولاتتى.يەنە ئكران سىزىمچانلىقمۇ ياخشى ئەمەس، سەۋەپسىزلا تولا قېتىۋالىدىكەن.لېكىنرازى بولغان يېرىم سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەت روھى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن.