بىر تۈركۈم ھالال دېتاللار (Adobe)
خالايىق !ئادوب شىركىتى بىر قىسىم كونا يۇمشاق دېتاللىرىنى ھەقسىز تارقاتتى. بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىنى كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا توغرا كەلسە، ئىلگىرى 50 مىڭ دوللار ئەتراپىدا پۇل خەجلەشكە توغرا كېلەتتى. مانا ئەمدى ھەقسىز تارقىتىپتۇ. يېڭىسىنى ئوغرىلاپ ئىشلەتمەي، كونا بولسىمۇ، مۇشۇ كۆڭلى - كۆكسىدىن چىقىرىپ، بىكارغا بەرگەننى ئىشلىتەيلى!
بۇلار ئالما ۋە windows دا ئىشلەيدىغان:
Creative Suite 2
Acrobat 3D 1.0
Acrobat Standard 7.0
Acrobat Pro 8.0
Audition 3.0
GoLive CS2
Illustrator CS2
InCopy CS2
InDesign CS2
Photoshop CS2
Photoshop Elements 4.0/5.0
Adobe Premiere Pro 2.0
چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە تىزىملاش نومۇرى تۆۋەندىكى توربەتتە:
http://www.adobe.com/downloads/cs2_downloads/index.html
نېمە ئۈچۈن ھەقسىز دېمەي ھالال دەيسىز؟ مۇشۇ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىگە اللە رەھمەت قىلسۇن بۇ دىتاللارنىڭ نىمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى يىزىپ قويساق، لازىملىقلار چۈشۈرۈۋالسا بولغۇدەك.
ھالال سۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتى بولسۇن.
تۆۋەندە مەن يۇقارقى تىزىملىكىتىكى بىز (شەخسەن مەن)كۆپىنچە ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىدىغانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملىرىنى دەپ ئۆتەي قانداق دېتال ياكى قانداق ئىقدىدارغا ئىگە دېتال ئىكەنلىكىنى ئىسمىدىن بىلىۋالالايسىز ..Creative Suite 2 بولسا adobe نىڭ دېتاللار توپلىمى (Photoshop ،Illustrator،Acrobat ۋە باشقىلار ) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ...
Adobe Photoshop CS2 9.0 رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالى 9.0 نەشىرى
Adobe Illustrator CS2 12.0 رەسىم بىر تەرەپ قىلىش دېتالى 12.0 نەشىرى
Adobe Help Center ياردەم مەركىزى
Acrobat Pro 8.0 بولسا PDF تەھرىرلەش دېتالى 8.0 كەسپى نەشىرى
Audition 3.0 ئاۋاز تەھرىرلەش ۋە كىرىشتۈرۈش دېتالى 3.0 نەشىرى
Photoshop Elements 4.0/5.0 رەسىم تەھرىرلەش دېتالى4.0/5.0 نەشىرى
Adobe Premiere Pro 2.0 فېلىم تەھرىرلەش كىرىشتۈرۈش دېتالى
1- قەۋەتتىكى tawlan12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نېمە ئۈچۈن ھەقسىز دېمەي ھالال دەيسىز؟
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت!
مەن كۆپىنچكە كىشىلەرنىڭ (ھەتتا تېلېۋۇزۇردا ئەتىگەندىن - كەچكۈچە ئېلان بېرىۋاتقان بەزى توي فىلىم قوتو سۈرەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ) پوتوشوپ قاتارلىق ئادوب شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتىنى ئوغرىلاپ، بۇلاپ، بۇزۇپ ياكى يېشىپ دېگەندەك ھارام، ناپاك، رەزىل، نومۇسسىزلارچە يوللار بىلەن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن.
شۇ ئوغرىلاپ، ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىسىز يېشىپ ئىشلەتكەننىڭ ئورنىغا، ئىگىسى ماۋۇنى بىكارغا ئىشلەت دەپ بەرگەننى ئىشلەتسە ھارام ئىش قىلغان بولمايدۇ... دېمەكچىمەن.
يۇمشاق دېتالچىلىق ساھەسىدە «ھالال - ھارام» نى ئايرىش ۋە تەكىتلەشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك.
چۈنكى بىز دىنسىزلارغا ئوخشىمايمىز.
--------------
يېقىندا يۈز بەرگەن بىر ۋەقەنى سۆزلەپ بېرەي....
يېقىندا 2 يېقىن تونۇشۇمنى قاتتىق رەنجىتىپ قويدۇم، كومپيۇتېر ئىشلىرىغا بىر ئاز قولۇم كەلگەچكە ئۇلار كومپيۇتېرلىرىنى ماڭا ئوڭشىتاتتى. يېقىندا بىرسى سىستېما قاچىلاپ بېرىشىمنى سوراپ كەپتۇ.
مەن بۇ سىستېما مانچە پۇ، ئۇ سىستېما ئانچە پۇلكەن، قايسىنى قاچىلايمىز، دېسەم...
- بۇ سىستېما دېگەننىمۇ پۇلغا قاچىلامدۇ؟....
دېگەنچە رەنجىپ كېتىپ قالدى. مەن ھەرقانچە چۈشەندۈرسەممۇ... ھە ھە دەپ قويۇپ، ئىككىنچىلەپ ماڭا گەپ قىلمىدى.
ئۇلار جۈمەدىن قالمايدىغان، بەش ۋاق نامازنى تولۇق ئوقۇيدىغان، روزا تۇتىدىغان... ئەمما دائىم شۇنداق يۇمشاق دېتالنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىدىغان غەلىتە مۇسۇلمانلار ئىدى.
بۇ بەلكىم ئۇلارنىڭ خاتالىقى ئەمەس....
ھەممىمىز بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىپ كەتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن!
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى، چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى يۇمشاق دېتاللاردا بازار ئىستىقبالى بارلىقىنى ھېس قىلىشى، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىلغار تېخنىكىلاردا قوللىنىلىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە پاك ئىمانىمىزغا چاڭ - توزان قونماسلىقى ئۈچۈن.... ھەقلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئوغرىلاپ ئىشلەتمەيلى! ھارام ئىشلەتمەيلى ! سېتىۋالغىلى پۇلىمىز بولمىسا ئىشلەتمەيلى !
4- قەۋەتتىكى alwastiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھالال سۆزىنىڭ قەدىر- قىممىتى بولسۇن.
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت!
ئەپسۇس، خەنزۇچىسىنى تارقاتماپتۇ.
http://www.adobe.com/cn/downloads/cs2_downloads/ قايسىڭىلارنىڭ كومپىيوتۇرىنىڭ ئىچىدىكى دىتاللارنىڭ ھەممىسى ھالال(شەخسى ئىشلىتىۋاتقانلار ھە، شىركەتلەرنىڭ پۇلى بولغاندىن كىيىن پۇللۇق كىرگۈزگۈچتىن تارتىپ ھەممىسى ھالال بولۇشى مۇمكىن)؟
سېستىما ۋە ھەقسىز ھالال دىتاللاردىن باشقا يەنە قانداق ھەقلىق ھالال دىتاللارنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟
قانچە ئاقچىغا سېتىۋالدىڭلار؟
بىر بىرلەپ دەپ باقساڭلار ۋە ھالاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار................
8- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسىڭىلارنىڭ كومپىيوتۇرىنىڭ ئىچىدىكى دىتاللارنىڭ ھەممىسى ھالال(شەخسى ئىشلىتىۋاتقانلار ھە، شىركەتلەرنىڭ پۇلى بولغاندىن كىيىن پۇللۇق كىرگۈزگۈچتىن تارتىپ ھەممىسى ھالال بولۇشى مۇمكىن)؟

مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا Winrar دىن باشقا بىرمۇ ئوغرىلاپ ئىشلەتكەن دېتال يوق.
ھەراست، Winrar نىمۇ ئوغرىلاپ ئىشلەتمىدىم، سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن....
9- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

office نىڭ ئورنىغا wps ئىشلىتىۋاتامسىز؟
مەنمۇ Win8 نى سېتىۋالغاندىن بۇيان، office2013 بىلەن Photoshop نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سىناپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئاكتىپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنمىدىم. 1 ئايلىق سىناق مۇددىتى توشقاندا يا ھەقسىز تارقىتىلغان تۆۋەن نەشرىگە كۆچەرمەن، يا ئىشلەتمەي ئولتۇرارمەن

office نىڭ باھاسىغا كۆپىنچىمىزنىڭ كۈچىمىز يەتكۈدەك، لېكىن بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا...
10- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
9- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
قايسىڭىلارنىڭ كومپىيوتۇرىنىڭ ئىچىدىكى دىتاللارنىڭ ھەممىسى ھالال(شەخسى ئىشلىتىۋاتقانلار ھە، شىركەتلەرنىڭ پۇلى بولغاندىن كىيىن پۇللۇق كىرگۈزگۈچتىن تارتىپ ھەممىسى ھالال بولۇشى مۇمكىن)؟
سېستىما ۋە ھەقسىز ھالال دىتاللاردىن باشقا يەنە قانداق ھەقلىق ھالال دىتاللارنى ئىشلىتىۋاتىسىلەر؟
قانچە ئاقچىغا سېتىۋالدىڭلار؟
بىر بىرلەپ دەپ باقساڭلار ۋە ھالاللاپ سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار................
مېنىڭ كومپيۇتېرىمدا Winrar دىن باشقا بىرمۇ ئوغرىلاپ ئىشلەتكەن دېتال يوق.
ھەراست، Winrar نىمۇ ئوغرىلاپ ئىشلەتمىدىم، سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتىمەن....
office نىڭ ئورنىغا wps ئىشلىتىۋاتامسىز؟كومىيوتۇرىڭىزدا قايسى تۈرلەردىكى دىتاللار بار؟
بولسا تىزىپ كۆرسەتسىڭىز، بىزمۇ ھەقسىز ھالال دىتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك.
قومپيۇتېرىمدا يۇمشاق دېتال بەك كۆپ، ھەقلىقلىرى:
Microsoft Office 2010 ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسى (سېتىۋالغان)
Microsoft Office 2013 / Office 365 سىناق نۇسخىسى
Adobe Acrobat Pro سېتىۋالغان
Trados 2007 كارخانا نۇسخىسى (سېتىۋالغان شىركەت تارقاتقان)
Windows 7 ئوقۇغۇچىلار نۇسخىسى (سېتىۋالغان)
Microsoft security Essential (سىستېمىغا قوشۇپ بېرىلگەن)
... ۋاھاكازا دېگەندەك...
ھەقسىزلىرى:
موزىللا توركۆرگۈچى
thunderbird ئېلخەت قورالى
Skype (بۇنى ھەقسىز دېگىلى بولمايدۇ)
Filezilla ناملىق ftp قورالى
Adobe ئوقۇغۇچ
MPC قويغۇچ
Microsoft Skydrive يۈكلىگۈچ
Google خەڭسوچە كىرگۈزگۈچ
... ۋاھاكازلار... يۇقىرىقىلار مەن ھەركۈنى دېگۈدەك ئىشلىتىدىغان دېتاللاركەن...
11- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقلىق دېتالنىڭ مەلۇم مەزگىل ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بارلىرى بولىدۇ، ئوففىسمۇ شۇنداق.
مەنمۇ Win8 نى سېتىۋالغاندىن بۇيان، office2013 بىلەن Photoshop نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سىناپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئاكتىپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنمىدىم. 1 ئايلىق سىناق مۇددىتى توشقاندا يا ھەقسىز تارقىتىلغان تۆۋەن نەشرىگە كۆچەرمەن، يا ئىشلەتمەي ئولتۇرارمەن![]()
office نىڭ باھاسىغا كۆپىنچىمىزنىڭ كۈچىمىز يەتكۈدەك، لېكىن بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا...
مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق ئويلايتتىم، ئەمما ئوقۇغىچىلار ۋە ئائىلە نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز بەكلا ئەرزانكەن، ئۇ نۇسخا ھەم يەڭگىل ھەم سىز ئىشلەتمەيدىغان لاقا - لۇقىلار يوق...
http://shop.edu.cn/ بۇ ئورۇن جۇڭگو مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەرقايسى چوڭ ئاي تى شىركەتلىرى ھەمكارلىشىپ ئاچقان دۇكان، يۇمشاق دېتال سېتىۋالغاندا ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى تەلەپ قىلىدۇ. باھاسى بەكلا ئەرزان.
مەسىلەن باھاسى 4500 يۈنەلىك Office 2010 نى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىڭىز ئارقىلىق 150 يۈەنگە، باھاسى 3500 يۈەنلىك ئادوب ئاكروباتنى 200 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز....
ماۋۇ توردا سىز office نىڭ windows نۇسخىسى يوققا؟
مەن تاپالمىدىممۇ يا؟
http://shop.edu.cn @Birhon
ئىزاھاتىڭىزغا رەھمەت، مەن يۇمشاق دىتال ساھەسىدە مۇشۇ ھالال- ھارام سۆزىنىڭ ئورنىغا باشقا مۇۋاپىق سۆز ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن . ھەرقانداق يۇمشاق دىتالنى پۇلغا ئالسىلا ھالال بولىدۇ دەپ قارىمايمەن.
چۈنكى، بىر قىسىم دىتاللار بار ئۇنىڭ قوللىنىش دائىرىسى شەرىئەتكە (تولۇق) ماس كەلمەيدۇ.
13- قەۋەتتىكى Birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
11- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقلىق دېتالنىڭ مەلۇم مەزگىل ھەقسىز سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بارلىرى بولىدۇ، ئوففىسمۇ شۇنداق.
مەنمۇ Win8 نى سېتىۋالغاندىن بۇيان، office2013 بىلەن Photoshop نىڭ ھەقىقىي نەشرىنى سىناپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئاكتىپلاشتۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنمىدىم. 1 ئايلىق سىناق مۇددىتى توشقاندا يا ھەقسىز تارقىتىلغان تۆۋەن نەشرىگە كۆچەرمەن، يا ئىشلەتمەي ئولتۇرارمەن![]()
office نىڭ باھاسىغا كۆپىنچىمىزنىڭ كۈچىمىز يەتكۈدەك، لېكىن بەزى يۇمشاق دېتاللارنىڭ باھاسىغا قارىغاندا...
مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق ئويلايتتىم، ئەمما ئوقۇغىچىلار ۋە ئائىلە نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز بەكلا ئەرزانكەن، ئۇ نۇسخا ھەم يەڭگىل ھەم سىز ئىشلەتمەيدىغان لاقا - لۇقىلار يوق...
http://shop.edu.cn/ بۇ ئورۇن جۇڭگو مائارىپ تارماقلىرى بىلەن ھەرقايسى چوڭ ئاي تى شىركەتلىرى ھەمكارلىشىپ ئاچقان دۇكان، يۇمشاق دېتال سېتىۋالغاندا ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى تەلەپ قىلىدۇ. باھاسى بەكلا ئەرزان.
مەسىلەن باھاسى 4500 يۈنەلىك Office 2010 نى ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىڭىز ئارقىلىق 150 يۈەنگە، باھاسى 3500 يۈەنلىك ئادوب ئاكروباتنى 200 يۈەنگە سېتىۋالالايسىز....
سىز ئوقۇغۇچىما ؟ Photoshop CS2 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزسەم پەقەتلا بولمىدىغۇ (تەتۈر چىقىۋالدى)؟ يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن.

17- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
Photoshop CS2 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىۋالدىم. لېكىن ئۇيغۇرچە كىرگۈزسەم پەقەتلا بولمىدىغۇ (تەتۈر چىقىۋالدى)؟ يول كۆرسەتسەڭلار بوپتىكەن.![]()
ئەڭ ئەددى ئۇسۇل يۇلغۇن تورىدىن يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى چۈشۈرۈپ،يازماقچى بولغان مەزمۇنىڭىزنى كىرگۈزۈپ،كىڭەيتىلگەن رايوندا تەتۈر كۆچۈرۈش دىگەن ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ،سىزگە ئامەت تىلەيمەن! ئوبدان خەۋەركەن. ھالال دىتال ئىشلىتەيلى~
قانداق ئىچى يامان نىملەر ئۇ ناچار دەپ باھالىغان!؟