sarwan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 00:14:22

بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى




بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى




ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياش پىروگراممىر ۋە ھەۋەسكارلارنى ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە بىلكان ئېلېكتىرون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى كۆچمە ئۈسكۈنىلەر ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماقچى.

ئەسەرلەرنى مەخسۇس باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى كەسپى مۇتەخەسسىسلەر باھالايدۇ. باھالاش مەزمۇنى ئىقتىدار،ئىجادىيلىق، قوللىنىشچانلىق، قولايلىق، كۆرۈنمە يۈز، قوللىنىلغان تېخنىكا،كود يېزىش ئۇسلوبى،قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى،مۇقىملىق، كەڭەيتىشچانلىقى قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



ۋاقتى

پائالىيەت 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10- كۈنى باشلىنىپ 3-ئاينىڭ 10- ئاخىرلىشىدۇ.



مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتلىرى:

يۇمشاق دېتال تىلى ۋە مەزمۇنى ئۇيغۇرچە بولىشى كېرەك.

مەزمۇنى ساغلام، بىخەتەر بولىشى كېرەك.

مۇسابىقىگە شەخىس ياكى كوللىكتىپ نامىدا قاتناشسا بولىدۇ. ھېچقانداق سالاھىيەت، مىللەت چەكلىمىسى قۇيۇلمايدۇ.

ئەپلەر Android, iOS, Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىكى شۇنداقلا metro ئۇسلۇبىدىكى ئەپلەر بولسا بولىدۇ.

شەخىس ياكى كوللىكتىپ ئۆزى تۈزگەن، قاتناشتۇرۇلماقچى بولغان ئەسەرنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئۆزىدە بولغان بولىشى كېرەك.نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسىگە چېتىلغان، ئەسەر ھوقۇقى ئۆزىدە بولمىغان ئەسەرلەر مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەسەر ھوقۇقى يەنىلا ئەسلى تۈزگۈچىدە بولىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ھەقلىق سېتىلىدىغان ئەسەر بولسىمۇ، ھەقسىز بولسىمۇ بولىدۇ. ئوچۇق كودلۇق، ھەقسىز دېتال بولىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ ۋە باھالاشتا مۇۋاپىق ئىتىبارغا ئىرىشىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر ئەسەر ئاپتورىنىڭ ماقۇللىقى بولغانلىرى بىكان بازاردا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىنىشى ۋە ئىشلىتىشى ئۈچۈن تارقىتىلىدۇ.

باھالاش مەزمۇنى ئىچىدە يۇمشاق دېتالنىڭ كود يېزىش ئۇسلوبى، قۇرۇلمىسى، تېخنىكا يىڭىلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بولغاچقا مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار ئەسەرنىڭ ئەسلى كودىنى قوشۇپ تاپشۇرىدۇ.

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئەسەرنىڭ ئۆزىنى، ئەسلى كودىنى، لايىھە ماتېرىياللىرىنى، سىناش دوكلاتىنى بىللە تاپشۇرىدۇ. ئەپ تىزىملاش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ قوشۇمچە قىلىدۇ.

بىر شەخىس ياكى كوللىكتىپ بىرقانچە ئەسرىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرسا ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇرغا ئىرىشكىنى ئاساس قىلىنىپ مۇكاپاتلىنىدۇ.

شىركەت نامىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا بولمايدۇ.



مۇكاپات

مۇسابىقىدە بىرىنچىلىككە ئىرىشكۈچى20000 ( يىگىرمە مىڭ)يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئىككىنچى، ئۈچۈنچىلىككە ئىرىشكۈچى 5 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

كىيىنكى ئىككى ئەسەرگە رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بىرىلىدۇ.

چۈشۈرۈلمىلەر:   (ئەسلى مەنبەدىن چۈشۈرۋېلىڭ)

باھالاش ئۆلچىمى

ئەپ تىزىملاش جەدىۋىلى



ئەسەر ئەۋەتىش ئادرىسى:   (ئەسلى مەنبەدىن كۆرىۋېلىڭ)

مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ئىزاھلاش ھوقۇقى بىلكان شىركىتىگە تەۋە.



ئەسلى مەنبەسى: http://bilkan.net/%D9%BE%D8%A7%D ... 8A%DB%95%D8%AA.aspx



serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 22:15:32

پاھ! كاتتا ئىش قىپسىلەر، پروگراممېرلارنى يۈگۈرتكىدەك ئىش بوپتۇ، ياشاپ كېتىڭلار!
بەت: [1]
: بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ لايىھەلەش مۇسابىقىسى