كومپيۇتېر ئۇستىلىرىدىن ياردەم!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى!
مەنمۇ مۇنداق بىر يۇمشاق دىتالغا ئىھتىياجلىق بوپ قالدىم، بىلىدىغانلار بولسا ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر:
مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتتە، بەش-ئالتە كومپيۇتېر بار، ھەممىسى بىر مودىمدىن تورغا چىقىدۇ(ئۆزىمىز يول باشلىغۇچ چىتىۋالغان). ئەمدىكى لازىملىق دىتال: بىر كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، باشقا كومپيۇتېرلارنىڭ قىلۋاتقان مەشغۇلاتىنى كۆرەلەيدىغان دىتال بولسا بولاتتى.
ئەمدى مەخسىتىمنى چۈشەندۈرەي، يامان ئىشقا ئىشلەتمەيمەن. شىركەتتە بىر خىزمەتچى بار(قۇرۇلۇشنىڭ خامچوتىنى ئىشلەيدۇ)، ئۇنىڭ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دىتالنى مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئىشلىتەلەيمەن، لىكىن كەسپى سەۋىيەم يىتەرسىز بولغاچقا، مۇكەممەل ئىشلەپ كىتەلمەيمەن. ئۇنىڭغا ئۈگىتىپ قوي دىسەم ئىچى قوتۇرلۇق قىلىپ ئۇنىمىدى، چۈشىنەلمەي سورىسام دەپ بەرمەيدۇ. يىنىغا بىرىپ ئولتۇرسام ھېچ ئىش قىلماي كىنو كۆرۈپ، ئويۇن ئويناپ ئولتۇرىۋالىدۇ، بەك ئاچچىقىم كەپ كەتتى. لىكىن كومپيۇتېرغا ئانچە پىششىق ئەمەس(ئىكراننىڭ ئاستىدىكى تاياقچە ئىكراننىڭ يىنىغا ياكى ئۈستىگە چىقىپ قالسا، تارتىپ جايىغا ئەكىلىپ قويۇشنىمۇ ئۇخمايدۇ). شۇڭا ئۇ يوق ۋاقىتتا كومپيۇتېرىغا قاچىلاپ قويسام ئۇخمايدۇ. ئاندىن مەن ئۆز ئورنىمدا ئولتۇرۇپ، كىتاپ كۆرگەندەك ئۈگىنىش قىلۋالسام بولاتتى.
شۇڭا، ئۇستازلارنىڭ ياردىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
(تورخانا باشقۇرۇش سىستىمىسىدا شۇنداق قىلغىلى بولاتتى، لىكىن ئۇ بولمايدۇ، كومپيۇتېرنى قوزغاتسا، قۇلۇپ سىلىنىپ قىلىپ، ياكى باشقا نەرسىلەر چىقسا ئىكرانغا، بىلىپ قالمىسۇن دىمەكچى)
ئەمىسە بىر ياردەم قىلىۋىتىڭلا!
«لىكىن كەسپى سەۋىيەم يىتەرسىز بولغاچقا،»نېمىشقا تىرىشىپ كەسپى سەۋيىڭىزنى ئۆستۇرۇشنى ئويلاپ باقمىدىڭىز .
شۇ يۇمشاق دىتالنى قاچىلاپ ، پايدىلىنىش ماتىريالى ياكى كىتابىنى سېتىۋىلىپ ئۆگەنسىڭىز ئۆگىنىپ كىتەلەيسىز ، ئەگەر خەق ھەممىنى سىزگە مۇتقا ئۆگىتىپ قويسا ، خەق نېمە بىلەن قوساق باقىدۇ ...
ئەڭ ياخشىسى ، كىتاپ ياكى تور كۆرۇپ ، سىستىمىلىق ئۆگىنىڭ ....
چاخچاق ھە : چۇجىنىڭ شۇملىقىدىن ، توخۇنىڭ ئەمچىكى يوق ... ئۇنداقتا ماۋۇ دىتال تامامەن ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ.
تەڭشەكلىرىنى تەڭشىسىڭىز قوزغالغاندا مەخپىي ھالەتتە قوزغىلىدىغان يەرلىرىگىچە ھەممىسى بار.
مەنمۇ داۋاملىق مۇشۇنى ئىشلىتىمەن،قالغىنىنى ئىشلىتىش جەريانىدا بىلىۋېلىڭ.
http://www.xt800.cn
بۇ ئورگان بېتى
سىز ھەقسىز 个人版 نى قاچىلىسىڭىز ھاجىتىڭىزدىن چىقىدۇ.
1. يامان ئىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
2. ماۋۇ ئادرىستىكىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ http://download.csdn.net/detail/dd10dd10/1187344 .
3. باشقىلار مېنى كۆزىتىۋېتىپتۇ دەپ قارىسىڭىز ‹‹ ۋەزىپە باشقۇرغۇچ››تىن سىرتقا 1Mbps ئەتراپىدا ئۇچۇر يوللاۋاتقان نامەلۇم پروگراممىنى تېپىپ مەجبۇرى توختىتىۋېتىڭ. ئازراق ئاساسىڭىز بولسا ئۆزىڭىز ئۆگىنىڭ، خەقنىڭ كومپيۇتېرىغا ئوغۇرلۇقچە نەرسە قاچىلايمەن دىمەي.
ئەخلاقسىزلىق بۇ سىز ئاۋال بىر توخۇ كاتىكىگە قانچىلىك قۇرۇلۇش ماتېرىيالى كېتىدىغانلىقىنى ھېسابلاشنى ئۆگەنسىڭىز، كەلگۈسىدە بىناغا كېتەرلىك نەرسىلەرنى ھېسابلاشنى ئۆگىنەلەيسىز. ئۇ چاغدا ئاۋۇ يۇمشاق دېتالنى ئۆزىڭىز ياسىۋېتەلەيدىغان بولىسىز. گەپ يۇمشاق دېتالنى قانداق ئىشلىتىشتە ئەمەس.