waqtim يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 13:32:07

ئانامغا خەت(مۇراجەتنامە)

  ئانامغا خەت (مۇراجەتنامە)

      ئانا، جىنىم ئانا سىزنى سىغىندىم.  ئىچكىرى تولۇقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ھەر يەكشەنبە كۈنى چۈشتە ماڭا تېلفۇن قىلاتتىڭىز. سىزگە تېلفۇندا دائىم يىغلايتىم، سىز مىنى ياخشى ئوقۇشقا قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەسلىككە ئىلھاملاندۇراتتىڭىز. ئسىڭىزدىمۇ ئانا، شۇ ۋاقىتلارنى سىغىندىم.

ئانا سىز مىنىڭ نەزىرىمدە دۇنيادىكى ئەڭ قەيسەر ئانا. ئانا سىز ئاخىرقى قىتىم تېلفۇندا يىغلىدىڭىز، ئاۋازلىرىڭىزدىن سىزىۋالغان ئىدىم. لىكىن سىز مەن يىغلىمىدىم دەپ تۇرىۋالدىڭىز. دادام ۋاپات بولغاندىمۇ سىز ماڭا كۆز يىشىڭىزنى كۆرسەتمىگەن ئىدىڭىز ئانا.

      ئانا، جىنىم ئانا سىزنى سىغىندىم. ئەتە ئىككى پەندىن ئىمتاھان بار ئىدى ئانا، ئەمما سىزنى بەكمۇ سىغىندىم ئانا، شۇڭا بۇ يامغۇرلۇق قىش كىچىسىدە سىزگە خەت يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئانا مەندىن ئەنسىرىمەڭ، گەرچە مەن سىزنىڭ يالغۇز پەرزەنتىڭىز بولساممۇ لىكىن ھازىرقى مەكتىپىمدىمۇ مىنىڭ نۇرغۇن ئاكا-ھەدە، ئىنى-سىڭىللىرىم بار. ساۋاقداشىلىرىم مىنىڭ بىلىتىمنىمۇ  ئىلىپ بوپتۇ. ئانا خەۋىرىڭىز بارغۇ ھە، يازلىق تەتىلدە ئاقسۇدىكى ساۋاقدىشىمنىڭ

ئۆيىدە تۇرغان ئىدىم، بۇ قىتىم سىزگە دائىم گىپنى قىلىپ بىرىدىغان كوناشەھەرلىك مەكتەپداش ھەدەمنىڭ ئۆيىگە بارماقچى. ھەدەمنىڭ ئۆيى بىلەن بىزنىڭ ئۆينىڭ ئارلىقى يىراق ئەمەسكەن. ئانا بۇ قىتىم ئۆيىمىزنى يوقلايمەن، ئۆيۈمىزنىڭ لاي تاملىرى يىقىلىپ كەتكەنمىدۇ دەپ ئەنسىرەيمەن ئانا. ئويىمىزنى يوقلىغىلى بارغاندا تاغامنىڭ ئۆيىگىمۇ بارىمەن. ھە راسىت ئانا مەن تاغامنىڭ كىچىك قىزىغا كۆينەك ئىلىپ قويدۇم. ياق ئانا، مەن تاغامغا خاپا بولمايمەن، تاغامنىڭ مىنى ئوقۇشتىن توسۇشى مىنىڭ ئۈچۈن ياخشى بولسۇن دىگىنى ئەمەسمۇ؛ تاغامنىڭ بالىلىرى كىچىك، ئايالى ئاغىرىقچان تۇرسا قانداقمۇ مىنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى چىقىرىپ بولالىسۇن. ئانا تۈنۈگۈن دۆلەتلىك ياردەم پۇلىدىن ئىككى مىڭ يۈەن بەرگەنتى ھەممىسىنى ئوقۇش پۇلىغا تاپشۇردۇم. كىيىنكى مەۋسۇمدا يەنە دۆلەتلىك ياردەم پۇلىدىن ئىككى مىڭ يۈەن شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەتلەرئۈچۈن ياردەم پۇلىدىن بىر مىڭ يۈەندەك پۇل بىرىدۇ ئۇنىمۇ ئوقۇش پۇلىغا تاپشۇرىۋىتىمەن. شۇنداق قىلساممۇ ئوقۇش پۇلىغا زادىلا يەتمەيدىكەن، قەرىز ئالغۇلى بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ئانا. لىكىن ئەنسىرىمەڭ ئانا، ئوقۇشۇمنى چۇقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. ئوقۇتقۇچۇلۇرۇممۇ ماڭا بەك كۆيىنىدۇ. سىنىپ مەسئۇلىمنىڭ يىنىدا ياردەمچى بولۇپ ئشىلاۋاتىمەن، ھەر ئايدا ئىككى يۈز يۈەن مائاش بىرىدۇ. ئانا ئاشخانىدىكى تاماق باھاسى يەنە ئۆستى. ساۋاقداشىلىرىم دائىم بىللە تاماق يەيلى دەپ تۇرىۋالىدۇ، قورسۇقۇم شۇنداق ئاچ، لىكىن  ئۇلار مىنىڭ تاماق پۇلۇمنى دائىم تۆلىسە مىنىڭ كۆڭلۈم ئۇنىمايدىكەن. شۇڭا ئامال بولسىلا ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۇرۇيدىغان بولۇۋالدىم؛ شۇ ۋاقىتلاردا يۇرتتىكى  ناۋاينىڭ نانلىرىنى شۇنداق سىغىنىپ كىتىمەن.

      ئانا، جىنىم ئانا سىزنى سىغىندىم. ئانا ئارزۇيىڭىز بويىچە تىببىي ئۇنىۋىرىستتا ئوقۇۋاتىمەن. ئانا ئاللاھ خالىسا ئوقۇشۇمنى مەيلى قانچىلىك جاپا تارتاي چوقۇم داۋاملاشتۇرىمەن. ئانا كىيىن دوختۇر بولۇپ سىزدەك ئاغىرىق ئازابى تارتقانلارنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىمەن. ئانا مائاش ئالساملا چوقۇم مەندەك جاپادا ئوقۇۋاتقانلارغا ياردەم قىلىمەن.

      ئانا، جىنىم ئانا سىزنى سىغىندىم. ئانا سىز ماڭا ئاخىرقى قىتىم تىلفۇن ئۇرغاندا قىزىم قانچىلىك قىيىنچىلىق تارتماڭ ،ھەرگىز ئارقىغا يانماڭ ،تىرىشىڭ ،ياخشى ئوقۇپ تەقدىرىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ ،بولمىسا  مەن سىزدىن رازى ئەمەس دىگەن ئىدىڭىز، ئانا سىزنىڭ نەسىھەتلىرىڭىزنى ئورۇنداپ كىلىۋاتىمەن ھەم كەلگۈسىدە تىخىمۇ ياخشى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن. ئانا، سىز مىنىڭ خەتلىرىمنى پوچتالىيونلار مەڭگۈ  يەتكۈزەلمەيدىغان يەرگە كەتتىڭىز، شۇنداقتىمۇ سىزگە خەت يىزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن؛ يۈرەك سىرلىرىمنى خەتلىرىم ئارقىلىق سىزگىلا ئىيتالايمەن ئانا. ئانا نامازلىرىمدا ئاللاھ ئىگەمنىڭ سىزنى قەبرە ئازابىدىن ساقلىشىنى فىردەۋىس جەننىتىكە كىرگۈزۈشنى تىلەيمەن.

      ئانا، جىنىم ئانا سىزنى سىغىندىم. ئانا قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى، چۈشتە گۈرۈچ تامىقى يىگەنتىم بولمىسا، ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس لىكىن سەھەر تۇرمىسام بولمايدۇ.  ئانا خەتلىرىمنى ھازىرچە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي. ئانا چۈشلىرىمگە كىرىڭ بولامدۇ خەتلىرىمنى سىزگە ئوقۇپ بىرەي.





      ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى. <<ئانامغا خەت>> شۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ يىزىلدى. بۇ قىز ئوقوغۇچى بولسا قەشقەر يىڭىشەھەر ناھىيسىنىڭ مەلۇم يىزىسىدىن. ھازىر سىچۈەن چىڭدۇدا (成都中医药大学) ئوقۇۋاتىدۇ.  مەن ۋە ساۋاقداشلىرىم بۇ يازما ئارقىلىق بۇ قىز ئوقۇغۇچىنىڭ  بىر سوم پىلانىنىڭ ھەر ئايدا ياردەم بىرىلدىغان ئويبىكتى بولۇشىنى ئۇمىد قىلمىز.بىز ئوقۇغۇچى بولغاچ ئارمانلىرىمىز ئۇلۇغۋار بولسىمۇ دەرمانلىرىمىز ئاجىز بولۇپ قالدى. شۇڭا تور يۈزىدە ئاقكۆڭۈل كىشىلەردىن ياردەم سوراپ ئولتۇرۇپتۇق.بىزگە ئوخشاش بۇ ساۋاقدىشىمىزمۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتىشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە.ئەگەر تىخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ساۋاقداشىلىرى بىلەن ئالاقىلاشقايسىز. مۇتەللىپ: تېلفۇن 13648070664 ،مۇڭداشقۇ 1315736671؛

مۇھەممەتئەلى: تېلفۇن 18980032360 مۇڭداشقۇ 871241977؛

داۋۇتجان: تېلفۇن 18980059801 مۇڭداشقۇ  1348577085.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 20:57:52

ئاستىدىكى كىملەرنىڭ ئالاقىلىشىش ئادىرىسلىرى؟

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 10:58:28

ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدىكى مۇھتاجلىق ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ،تىرىشىپ -تىرمىشىپ ياشاپ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ بالداق تاختىسى بولسۇنكى ،ھەرگىزمۇ چۈشكۈنلىشىشنىڭ ،مەيۈسلىكنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىغاي ،نەچچە كۈنلەردىن بۇيان بۇ قىزنىڭ ئەھۋالىدىن خېلى خەۋەردار بولدۇم ،تېمىنى يازغۇچى بالىلار بۇ قىزغا مېنىڭ سالامىمنى ،يۇقاردىكى ئىككى قۇر گېپىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار ،ئۇ يالغۇز ئەمەس ،مەن پات يېقىندا بۇ قىز بىلەن ئەزەلدىن كۆرۈشۈپ باقمىغان ،يادىغا كېلىپمۇ باقمىغان 10نەچچە ياش ئەر-ئايال چايداشلارنى تونۇشتۇرىمەن ،ئۇ مۇشۇ ئايدىن تارتىپ تاكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگىچە يېتەرلىك تۇرمۇش پۇلى بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ ......

yikqibiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 11:16:58

ياخشى تىما

waqtim يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 17:56:08

ئەيساجان باشچىلىقىدىكى ئاقكۆڭۈك ساخاۋەتچى قىرىنداشلىرىمىزغا ساۋاقداشلىرىم نامىدىن رەھمەت ئىيتىمەن.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-11 21:39:07

ھەممىمىز بىرلىكتە تىرىشايلى ....
بەت: [1]
: ئانامغا خەت(مۇراجەتنامە)