enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 12:57:06

بىز نېمىشقا چوقۇنىمىز؟

بىز نېمىشقا چوقۇنىمىز؟


ۋۇ جىخوڭ


سىز بىزنىڭ نېمىشقا سېھىرگەرلىك قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيسىز، بىراق تاماشىبىنلار ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىدۇ. رېئاللىق ھەم رەھىمسىز ھەم پاجىئەلىك بولىدۇ، ئۇنىڭدا مۆجىزە يۈز بەرمەيدىغان بولۇپ، سېھىرگەرلىك قىلغىلىمۇ بولمايدۇ. بىراق سىز ئۇلارنى بىر سېكۇنت بولسىمۇ ئالدىيالىسىڭىز، ئۇلارنى ھەيران قالدۇرالايسىز، ئاندىن ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئىشنى كۆرەلەيسىز. سىز راستتىنلا نىمىنى كۆرەلەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ بولسىمۇ تاماشىبىنلارنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشتىن ئىبارەت.


-- «جانغا تاقالغان سېھىرگەرلىك» دېگەن كىنونىڭ سەھنە تېكىستى.


داڭلىق بىر تەجرىبە بولغان بولۇپ، كىچىك بىر بوشلۇققا مەلۇم بىر ھاشاراتتىن ئىككى ئۈچنى(ئېسىمدە قېلىشىچە سۈۋەرەك ئىدى) قويۇپ بەرگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، ھېچقانداق قانۇنىيەت بولمىغان. بىراق ئۇلارنىڭ سانىنى 20 ئەتراپىغا يەتكۈزگەندە، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى بىرلىككە كەلگەن بولۇپ، دائىم بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىگەن. بۇ بەلكىم تەۋەلىك تۇيغۇسى دەپ ئاتىلىدىغان بولسا كېرەك. ھەر يەككە تەن تەنھا بىر تەن بولۇپ، ئۇلار بىر تەشكىلاتقا تەۋە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.


يەنە بىر داڭلىق تەجرىبە بار بولۇپ، توپلىشىپ ياشايدىغان مەلۇم بىر بېلىق تۈرىمۇ دائىم بىرلا يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلەيدىكەن. بىراق تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققەت قىلىدىغىنى بولسا ئۇلار زادى كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلايدۇ، بۇ توپقا كىم باشلامچىلىق قىلىۋاتىدۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت بولغان. تەجرىبىنىڭ بىر ھالقىسىدا تەتقىقاتچىلار بىر بېلىقنىڭ چوڭ مېڭىسىنى بۇزۇۋەتكەن(ئېسىمدە قېلىشىچە بېشىنى كېسىۋەتكەندەك قىلغان) گەرچە بۇ بېلىقنىڭ بېشى بولمىسىمۇ، بىراق بۇ بېلىقنىڭ بەدىنى سۇدا يەنە بىر دەم ئۈزەلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈزگەندە ئىنتايىن ئەسەبىيلەرچە ۋە قانۇنىيەتسىز ھالدا ئۈزگەن.


شۇنىڭ بىلەن قىزىق ئىش يۈز بەرگەن. بۇ بىر توپ بېلىق بېشى بولمىغان بۇ بېلىقنىڭ ھەرىكىتىگە ئەگىشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىنتايىن غالجىرلىشىپ كەتكەن. بىر توپ بېلىق بىر يەرگە كەلگەندە بۇنداق كۆرۈنۈشمۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك چىققان.


ئىككىنچى تەجرىبە لى ياڭدەك مۇشۇنداق تەلۋىنىڭ نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سانسىزلىغان كىشىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.


ئەھۋالدىن قارىغاندا لى ياڭ بىر خىل مەنزىرىنى، يەنى ئۇ ئېگىز پەشتاقتا تۇرغان، سەھنىنىڭ ئاستىدا نەچچە مىڭلىغان، ھەتتا نەچچە ئون مىڭلىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچى بىر پارچە ئەسەبىي ئىنگلىز تىلى دېگەن كىتابنى ئېگىز كۆتۈرگەن، چىرايىدا لى ياڭدەك ھاياجان ئەكس ئەتكەن ھالدا تاق سۆزلەرنى ئوقۇۋاتقان كۆرۈنۈشنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغاندەك قىلىدۇ.


بۇنداق مەنزىرە ئىككىنچى تەجرىبىدىكى مەنزىرە بىلەن ئوخشىشىپ كېتەمدىكەن؟ ھېلىقى بېلىقلار نېمىشقا بېشى بولمىغان ئۇ بېلىققا ئەگىشىدۇ؟ ئاشۇ كىشىلەر نېمىشقا زوراۋان ۋە جاھىل لى ياڭغا ئەگىشىدۇ؟


مەن بېلىق ئەمەس، شۇڭا بېلىقنىڭ خىيالىنى بىلەلمەيمەن! بىراق كېيىنكىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كىچىككىنە بىر ھېكايە مەسىلىنى خېلى دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.


بىر زىيارەت قىلغۇچى بىر نەچچە ئايدىن بېرى ئىزچىل ھالدا مەندىن مەسلىھەت سوراپ كەلگەن بولۇپ، ھەر ھەپتە ياكى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كېلىپ تۇراتتى. تۇيۇقسىز بىر قېتىمدا ئۇ 50 نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئاندىن كەلدى ۋە بۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشىدا تۈرلۈك ئوبيېكتىپ سەۋەب بارلىقىنى ئېيتتى.


- باشقا سۇبيېكتىپ سەۋەب يوقمۇ؟ - مەن ئۇنىڭدىن سورىدىم.


مېنىڭ بۇ سوئالىمنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرى دەررۇ قىزاردى ۋە ئەسلىدە مېنى ئىشىنىشكە ئىنتايىن ئەرزىيدىغان ھېس قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر بولسا بۇنداق تۇيغۇنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.


- تەۋرىنىش زادى قانداق پەيدا بولدى؟ - مەن يەنە سورىدىم.


ئۇ: - سىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، مەسلىھەت سوراش بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق، «گۇاڭجۇ گېزىتى»نىڭ پسىخىك سەھىپىسى ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ - دەپ جاۋاب بەردى.


مەن 2005-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا «گۇاڭجۇ گېزىتى»نىڭ پسىخىك سەھىپىسىنىڭ مۇھەررىرى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ماقالىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئۆزۈم يازغان ئىدىم. يېرىم يىل بۇرۇن مەن بۇ خىزمىتىمدىن ئىستېپا بەرگەن بولۇپ، ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن سەھىپىدىكى ماقالىلەرنىڭ ئۇسلۇبى ۋە يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن ۋە مەن ئىلگىرى ئىشلىگەندىكىگە پەقەت ئوخشىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىكەن. بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك ھېچقانداق يېرى يوق بولۇپ، مۇھەررىر ئالماشقاندىن كېيىن يېڭى مۇھەررىرنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق مۇقامى بولىدۇ ئەمەسمۇ.


بىراق ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىش ئىدى. ئۇ ئىزچىل ھالدا پسىخىك سەھىپىنى ئىزچىل ھالدا قوغلىشىپ كۆرىدىغان بولۇپ، مېنىڭ سادايىمنى ئۆزىنىڭ ئىشەنچلىك ۋە مۇستەھكەم بىر تايانچىسى قىلىۋالغان ئىكەن. سەھىپىنىڭ مەزمۇنى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇ بۇ تايانچنىڭ تەۋرىنىپ قالغانلىقىنى سەزگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئىزچىل ھالدا كۆمۈلۈپ قالغان، «ھەممىسى ئىشەنچلىك ئەمەس ئىكەن، ھەممىدىن قۇرۇق قېلىشىم مۇمكىن» دېگەن بىر سادانى ئويغاتقان.


مەن ئۇنى چوڭقۇر چۈشىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ يوقىتىشقا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۆزگىرىش ئۇنىڭ يارىسىغا تېگىدىغان، ئۇنى چوڭ يوقىتىشنىڭ تەمىنى يەنە بىر قېتىم تەمىنى تېتىتىدىغان بولغاچقا، بۇ ئۇنى ئۆزگىرىشتىن ئىنتايىن ئەنسىرەيدىغان قىلىپ قويغانلىقىنى بىلەتتىم.


بىراق ئۇ يەنە سىرتتىن بىر خىل ئىشەنچلىك تۇيغۇنى ئىزدەۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق سىرتقى يۆلەنچۈك ئىشەنچسىز بولۇپ، ھەقىقىي يۆلەنچۈك پەقەت بىزنىڭ ئىچكى قەلبىمىزدىن كېلىدۇ.


مەن پسىخىك سەھىپىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىگە ئېرەن قىلىپ كەتمىدىم. چۈنكى مېنىڭچە ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى بولۇپ، ھەممە ئادەم ئوخشىمىغان سادالارنىڭ ئىچىدە قايسى سادانىڭ ئۆزىگە بەكرەك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى، قەلبىنىڭ قايسى ساداغا مايىل بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئوخشىمىغان سادالارنىڭ ئىچىدە قايسى سادانى تاللاشنى ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ.


مەنمۇ كۆپچىلىكنى مۇشۇنداق ئويلايدۇ دەپ قارايمەن، بىراق مەن بىر نۇقتىغا سەل قاراپتىمەن. مېنىڭ بۇ قارىشىمنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بولۇشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ «ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا ھۆرمەت قىلىش»تىن ئىبارەت.


«پاي چېكى ئىلاھى» بۇفېت ئۆزىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇشۇنداق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشىدىكى ھالقىلىق تەربىيىنىڭ دادىسىدىن كەلگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا ئىزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. پاي چېكى بازىرى ئۆزگىرىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ تۇيغۇسىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەن. بىراق بۇ چاغدا باشقىلار، مەسىلەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىگە ئەگەشكەندە ئالدى بىلەن بىرىنچى تەجرىبىدىكى سۈۋەرەككە ئوخشاش چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ بىر خىل ساختا تەۋەلىك تۇيغۇسى ئىزدىگەن بولىدىكەن. ئاندىن قالسا ئۆزىنى ئىككىنچى تەجرىبىدىكى مۇھىتقا قويغان بىلەن تەڭ بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى مۇتەخەسسىسلەر كۆپىنچە ھاللاردا بېشى كېسىۋېتىلگەن بېلىققا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپكە بارىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيدىكەن.


شۇڭا سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ساداسىغىلا ئەگىشىشىڭىز كېرەك.


بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر ئالدىنقى شەرت، بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدە تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ چوڭ مۇھىتىمىز بىلەن كىچىك مۇھىتىمىزنىڭ ھەممىسىدە بويسۇنۇش بىلەن ۋاپادارلىق تەكىتلىنىدۇ، بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ تۇيغۇسىنى ھۆرمەتلىمەي، ئەكسىچە باشقىلارنىڭ تەربىيىسىنى ۋە گېپىنى ئاڭلايمىز.


باشقىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندا «مەن زادى كىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىم كېرەك» دېگەندەك بىر قىسىم قىيىنچىلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئىشقا نىسبەتەن تۈرلۈك قاراش ۋە پىكىرلەر مەۋجۇد بولغان بولىدۇ.


ئۇنداقتا ئەڭ قەتئىي چىققان سادانى ئاڭلايمىزمۇ؟


بۇ راستتىنلا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر تاللاش چارىسىدۇر. مەسىلەن لى ياڭنى مىسالغا ئالساق ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكى بېشىنى كېسىۋەتكەن بېلىققا ئوخشايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قەتئىيلىكى ۋە ئەسەبىيلىكى بىر خىل خىيالىي تۇيغۇنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بۇنداق تۇيغۇ ئۇنى قارىماققا ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەيدىغاندەك كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئىشەنسە مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەيدىغان تايانچقا ئىگە بولىدىغاندەك تۇيغۇ ھاسىل بولغان. شۇنداق قىلىپ بۇ دۇنيادا راستتىنلا بىر سىرتقى يۆلەنچۈك باردەك بولۇپ قالغان.


تەرسالار پەيدا قىلغان خىيالىي ھالدىكى يۆلەنچۈك تۇيغۇسىنى ئىزدەش ئارزۇسى ئادەتتىكى كىشىلەردە ياكى ئىرادىسى مۇستەھكەم بولمىغان كىشىلەردە پەيدا بولۇپلا قالماستىن يەنە ھەرقانداق ئادەمدە پەيدا بولىدۇ. ناۋادا مەلۇم بىر سىرتقى شەيئىنى ئەقىدە دەپ قارىسا ۋە ئۇنىڭغا ئېغىشماستىن ئەمەل قىلسىلا، ئۆزىنى قارىغۇلارچە ھەرىكەت قىلىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.


مېنىڭ بىر دوستۇم شىركەت ئاچقان بولۇپ، خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، بىراق يېقىندا خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار تۇيۇقسىز داۋاملىق مەبلەغ سالماسلىقنى قارار قىلغان. نېمىشقا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ مېنىڭ بۇ دوستۇم بۇنىڭغا قارىتا تۈرلۈك سەۋەبلەرنى ئىنتايىن ئىنچىكىلىك بىلەن تىزىپ چىقتى، نەتىجىدە كىشىنىڭ يا يىغلىشىنى ياكى كۈلۈشىنى بىلەلمەيدىغان بىر نەتىجە كېلىپ چىقتى. ئۇ بولسىمۇ ئىنتايىن ئەخمىقانە بىر سەۋەب ئەڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى.


خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىش ساھەسى، ھەتتا باشقۇرۇش ساھەسىدىمۇ «كۆزگە كۆرۈنگەن CEOلارنىڭ ھەممىسى بالا مىجەز كېلىدۇ» دەيدىغان بىر قاراش ئەۋج ئالغان بولۇپ، بۇ بالا مىجەز دېگەن زادى قانداق گەپ دېگەندە، بۇ يەردىكى بالا مىجەز دېگەنلىك يولسىز بولىدۇ، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى باشقىلارغا تاڭىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا بويسۇنمىسا ۋارقىراپ-جارقىرايدۇ، ھەتتا تەھدىت سالىدۇ دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلگىرى ئۇ راستتىنلا شۇنداق قىلغان، مەسىلەن مۇدىرىيەت يىغىنى ئاچقاندا ئادەتتىكى CEOلار خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سېلىشقا نىسبەتەن ئىززەت-ئىكرام قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەكسىچە باشقىلارغا: - ئاغزىڭنى يۇمۇش! سەنلەر ھېچنېمىنى بىلىشمەيسەن! - دەپ ھۆركىرىگەن. ئۇ تېخى دائىم باشقىلارغا: - ئەگەر ياقتۇرمىساڭلار كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار - دەپ تەھدىت سالغان. قارىغاندا بۇنداق ئەھۋال بىر قىسىم زىددىيەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسىمۇ، بىراق خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ دەل شۇنداق بولۇشىنى ياقتۇرىدىكەن، ئۇلارنى ئۇنى ئىرادىسى مۇستەھكەم ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارايدىكەن.


كېيىنچە ئۇ دوستۇم مىجەزىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، ئۇ ئىچكى دۇنياسىدىن ئۆزىنى ئىزدەشكە باشلىغان، ئۆزىنى چۈشىنىشىنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ مىجەزىمۇ بارغانسېرى مۇلايىم بولۇشقا باشلىغان. گەرچە ئۇنىڭ ئىرادىسى يەنىلا مۇستەھكەم بولسىمۇ، بىراق ئۇ باشقىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا، باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشقا باشلىغان، ھالبۇكى ئۇ ئىلگىرى پەقەت بۇيرۇق چۈشۈرەتتى. بىراق ئۇ ئۆزىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئەندىشىگە سېلىپ قويغانلىقىنى بايقىغان، ئۇلارمۇ ئىنتايىن سىپايىلىك بىلەن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ باققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئىلگىرىكىدەك كەسپىنى قىزغىن سۆيىدىغان ياكى سۆيمەيدىغانلىقىنى سوراپ باققان. ئۇنىڭ بارغانسېرى مۇلايىم بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭدىكى ئەسەبىيلىك بارغانسېرى ئازىيىپ بارغان، شۇنىڭ بىلەن خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بارغانسېرى ئەندىشىگە چۈشكەن، ئۇنى ئەيىبلەيدىغان سادالارمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن.


ئىلگىرى ئۇ ھېلىقى بېشى كېسىۋېتىلگەن بېلىققا ئوخشايدىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ بالىلارچە قەيسەرلىكى خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار تەرىپىدىن قەتئىيلىك دەپ قارالغان. ئەمەلىيەتتە خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم ئەمەس بولۇپ، ئۆز قەلبى سىرتقى دۇنيادىن يۆلەنچۈك ئىزدىگەن ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ بالا مىجەزى تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالغان. ھازىر مېنىڭ بۇ دوستۇم بولسا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكىدىنمۇ قەيسەر بولۇپ كەتكەنلىكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئۆز قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەنە باشقىلارنىڭ خىيالىي يۆلەنچۈكى بولىۋېرىشنى خالىمىدى، شۇنىڭ بىلەن خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈكىدىن تۇيۇقسىز ئايرىلىپ قالغاچقا ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى.


بۇ ھېكايە ئىنتايىن مەنىلىك بولۇپ، مېنىڭ قارىشىمچە خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار بۇنىڭدا ئىككى خىل خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىرىنچىسى بولسا ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىككىنچى تەجرىبىدىكى ئەگەشكۈچى بېلىق توپىنىڭ ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويغان. ئىككىنچىسى بولسا ئۇلار «كۆزگە كۆرۈنگەن CEOلارنىڭ ھەممىسى بالا مىجەز كېلىدۇ» دەيدىغان قاراشنى مۇتلەق قائىدە دەپ قاراپ قالغان.


ئىككىنچى تۈرلۈك خاتالىققا نىسبەتەن مېنىڭ بىر چۈشەنچەم بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ «ئەندىزە بويىچە تەپەككۇر قىلىدىغان ھەرقانداق ئادەم تۆۋەن دەرىجىدىكى ئادەم بولىدۇ» دېگەندىن ئىبارەت. ئەگەر راستتىنلا مېنىڭ ئۇ دوستۇم دېگەندەك خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار «كۆزگە كۆرۈنگەن CEOلارنىڭ ھەممىسى بالا مىجەز كېلىدۇ» دەيدىغان قاراشقا ئېتىقات قىلىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار بۇ قائىدىنى مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكەن بولىدۇ.


ھەقىقىي تەپەككۇر ئاۋارىچىلىك بولۇپ ئادەمنى باكمۇ چارچىتىدۇ. ئەگەر تايىنىدىغان بىر قىسىم ئاددىي ئۇسۇللار بولغان بولسا ئىنتايىن ياخشى بولغان بولاتتى. بۇ خۇددى لى ياڭغا چوقۇنغان بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ قەلبىدىن بىر يۆلەنچۈك تاپماق ئىنتايىن قىيىن بولغىنى بىلەن، كۆرۈنۈشتىن ئىنتايىن قەيسەر كۆرۈنىدىغان بىر كىشىگە ئېتىقاد قىلىش ئۇنىڭدىن كۆپ ئاسان توختايدۇ.


ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ يەردىكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك بولمايدۇ. بىز ھەقىقىي بىر يۆلەنچۈك تاپماقچى بولىدىكەنمىز، چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزغا قايتىشىمىز، قەلبىمىزدىن ئىزدىشىمىز كېرەك. ئەگەر سىز ھەقىقىي قەلبىڭىز بىلەن لى ياڭنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتىنى ھېس قىلىپ باقىدىغان بولسىڭىز، ئۇنىڭ تەرسا ۋە ئەسەبىي ئادەم ئىكەنلىكىنى دەررۇ بايقايسىز. بىر پروگراممىدا بىر چەتئەللىك ئۆزىنىڭ لى ياڭنىڭ ئەسەبىي ئىنگلىز تىلىنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇنىڭدىن زوراۋانلىق پۇرىقى كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. زوراۋانلىق پۇرىقىنى ھېس قىلىش نېمىدېگەن ياخشى بىر تۇيغۇ-ھە، لېكىن بۇنى قەلبى ئارقىلىق ھېس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.


ئەگەر خېيىم-خەتەرلىك مەبلەغ سالغۇچىلار مېنىڭ ئاشۇ CEO دوستۇمنىڭ ھالىتىنى چىن قەلبى بىلەن ھېس قىلىپ باققان بولسا، ئۇلار ئۇنىڭ مۇلايىملىقىدا قەيسەرلىك ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق مۇلايىم قەيسەرلىك تېخىمۇ ئىشەنچلىك بولىدىغانلىقىنى، ھالبۇكى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەسەبىيلىكىگە ئىككىلىنىش ھەمراھ بولۇپ تۇرغانلىقىنى بايقىغان بولاتتى.


شۇڭا بىز چوقۇم ئۆزىنىڭ قەلب دۇنياسىغا قايتىپ، ئۆزىمىزنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز، قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن جاۋاب ئىزدىشىمىز كېرەك. بىراق مەن بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا ئۆزۈمنىڭ مۇتلەقلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.


سىز زادى نېمىگە ئىشىنىسىز؟



    مەمتىمىن ئەخەت تەرجىمىسى.

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 17:29:00

بىزنىڭ بىر فىزىكا مۇئەللىمىمىز دائىم تۇنجى سەزگۈ بەك مۇھىم دەيتى ،بەلكىم بۇ سىز دىگەندەك ئۆزىنىڭ چوڭقۇرلىقىدىكى تۇيغۇ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىشنى دىمەكچى بولسا كىرەك ...

ئالىي مەكتەپ ماتىماتكا ئىنتاھانىدا ‹مەن ماتىماتكىدا نۆل ›جاۋاپ تاللاشنى بىر قۇر ئۇقۇپلا جاۋابىنى ئوقۇپ ھېچقانداق ئويلانماي تۇنجى ئويلىغىنىمنى يېزىپ چىققانىدىم ..ئويلانساممۇ بەرىبىر ھېچنىمىنى بىلمەيتىمدە ...ئەمما سىنىپ بويىچە ئەڭ يۇقىرى نۇمۇرنى ئاپتىكەنمە \"\" .....ھەممەيلەن تەلەيلىككەنسە  دىيىشكەن.... \"\" ئەگەر تەلەي مەۋجۇت بولسا ھاياتىمدا بىر؛لا قېتىم تەلىيىم كەلگەن ...ئەگەر سەزگۈگە تايانغان بولسام شۇ قېتىملا ئۆزۈمنى تىڭشىيالىغان ئوخشايمەن...ئەمما ئۇ ماتىماتىكا ئىنتاھان بۇنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى ؟...سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندەك كاللام ئىشلىمەيدۇ \"\"

halifa يوللانغان ۋاقتى 2013-1-18 09:48:16

نىمىگە چۇقۇنىمىز دىسە ئەنسىرەپلا كىرىپتىكەنمەن سىھرىگەرلىككەنغۇ بۇ
بەت: [1]
: بىز نېمىشقا چوقۇنىمىز؟