مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات
مىجەز-خاراكتىر-كەيپىيات-ھېسسىيات
1-قىسىم
مىجەز-
مىجەز بولسا ئادەمدە بولىدىغان پىسخىك پائالىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئالاھىدىلىكىدىن ئىبارەت.ئۇ ئاساسلىقى نېرۋا جەريانىنىڭ كۆپ ئالاھىدىلىكىنىڭ ھەركەتتە ئىپادىلىنىشى بولۇپ،كىشىلەرنىڭ ھەركىتىنى ئۇنداق ياكى مۇنداق مۇستەققىل ئۇسلۇپقا ئىگە قىلىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشقا نەزەر سالدىغان بولساق،بىز ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن بەزى ئادەملەرنىڭ خاتىرجەم بولالماي كەيپىياتتا جىددىيلىشۋاتقانلىقىنى،بەزىلەرنىڭ تەمكىن،تۇراقلىق بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
مىجەز تىپى ۋە ئالاھىدىلىكى-
پاۋلونىڭ نېرۋا پائالىيتى تەلىماتىغا ئاساسلانغاندا،مىجەز ئاساسلىقى چوڭ مېڭە پوستىلىقى نېرۋا جەريانىنىڭ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن ھەركەت ئالاھىدىلىكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.نېرۋا جەريانىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ۋە جانلىقلىقتىن ئىبارەت.بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ئوخشىمىغان بىرلىششى 4خىل تىپىك مىجەزنى،يەنى جانلىق تىپ،قوزغىلىشچان تىپ،تىنىچ،خاتىرجەم تىپ ۋە ئاجىز تىپلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ئەنئەنۋىي تىپلارغا ،كۆپ قانلىق،سەپرا،بەلغەم ۋە سەۋدا قاتارلىق 4 خىل مىجەز تىپى ماس كېلىدۇ.
1.جانلىق يەنى كۆپ قانلىق تىپ:
بۇ تىپقا تەۋە بولغانلارنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ھەم تېتىك بولىدۇ. ئالاھىدىلىكى-سىزىمجانلىقى ئاجىز،چىدامچانلىقى كۈچلۈك،ھەركەت ئىنكاسى جانلىق،ئۆتكۈر،كەيپىيات ئىپادىسى روشەن ۋە ئۆزگىرىشچان.تاشقى مايىللىققا ئىگە.ھەركەتنىڭ ئەۋرىشىملىكى يۇقىرى بولۇپ،سىرىتقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاسانلا ماسلىشالايدۇ.
2.قوزغىلىشچان يەنى سەپرا تىپ:
ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك ئەمما تەڭپۇڭسز ھەم جانسىز.ئالاھىدىلىكى-سىزىمچانلىقى ئاجىز،مۇئەييەن چىدامچانلىققا ئىگە،مۇسبەت ھەركەت ئىنكاسى تېز ھەم ئۆتكۈر،لېكىن جانلىق ئەمەس. كەيپىياتنىڭ كونتىرول قىلىشى ئاجىز،ھېسسىياتتا ئاسانلا ھاياجانلىنىش كۆرىلىدۇ.سىرىتقا مايىللىقى روشەن،ھەرىكەتتە مۇئەييەن ئەۋرىشىملىككە ئىگە.
3.خاتىرجەم يەنى بەلغەم تىپ:
ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى كۈچلۈك،تەڭپۇڭ ئەمما جانسىز.ئالاھىدىلىكى-سىزىمچانلىقى ئاجىز،چىدامچانلىقى كۈچلۈك،ھەركەت ئىنكاسى جانسىز ھەم ئۆتكۈر ئەمەس.تۇراقلىق كەيپىياتنىڭ كونتىروللىقى كۈچلۈك،ھېسسىياتى ئاسان ئاشكارلانمايدۇ.ئىچكى مايىللىققا ئىگە.ھەركىتىمۇ مۇئەييەن ئەۋرىشىملىككە ئىگە.
4.ئاجىز يەنى سەۋدا تىپى:
ئۇنىڭ نېرۋا جەريانى ئاجىز،تەڭپۇڭسىز،جانسىز،سىزىمچانلىقى كۈچلۈك،چىدامچانلىقى ئاجىز،ھەركەت ئىنكاسى ئاستا،ئۆلۈك كەيپىياتى تۇراقىسىز،ئىچكى مايىللققا ئىگە،ھەركەت ئەۋرىشىملىكى ئادەتتىكىچە.
ئەمەلىيەتتە،يۇقىرىدا ئېيتىلغان تىپلار ئىچىدە مەلۇم بىر تىپقا مەنسۇپ بولدىغانلار ناھايىتى ئاز،ئارلىق(ئارلاشما)تىپقا تەۋە بولدىغانلار كۆپ.
خاراكتىر-
خاراكتىر دېگىنىمىز-شەخسنىڭ رېئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيە ۋە ھەركىتىدە ئىپادىلىندىغان بىر قەدەر تۇراقلىق ھەم يادرولۇق ئەھمىيەتكە ئىگەبولغان ئىندىۋىدۇئاللىق ئالاھىدىلىكتىن ئىبارەت. بۇ خىل پىسخىك ئالاھىدىلىك ئۆز-ئۆزىنى تونۇشنىڭ تەڭشىشى ئاستىدا شەكىللەنگەن،شۇنداقلا شەخسنىڭ ئۆزىدە دائىملققا،ئادەتكە ئايلانغان بەزى ئىدىيە ھەركىتىدۇر.
خاراكتىر-ئىندىۋىدۇئالىقنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ يادروسى.
خاراكتىر قۇرۇلمىسى-
1.ئاقىلانىلىك ئالاھىدىلىكى.بۇ ئالاھىدىلىك بىلىش جەريانى ۋە ئەقلى قابىلىيەت جەھەتتىكى بارلىق ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى،خاراكتىرنىڭ ئاقىلانىلىك جەھەتتىكى بەلگىلىرىدىن تەشكىل تاپقان.مەسلەن:سەزگۈ،ئىدراك،خاتىرە،تەپەككۇر،خىيال قاتارلىق پىسخىك جەريانىدۇر.
2.پوزىتسىيە ئالاھىدىلىكى-كوللىكتىپ جەميەتكە قارىتا بەزىلەر سەمىيمىلىك قىلىدۇ.بەزىلەر ساختىپەزلىك قىلىدۇ.باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىدۇ،بەزىلەر يەككە-يىگانە يۈرىيدۇ.ئەمگەك،خىزمەت،ئۆگىنىشتىمۇ بەزىلەر قىزغىن،ئەمگەكچان،ئىجادچان كېلىدۇ،بەزىلەر ھورۇن،سوغۇق،كونسىرۋاتىپ كېلىدۇ.بەزىلەر ھاكاۋۇر،ئۆزىگە ئىشەنچ قىلالمايدۇ،بەزىلەر كەمتەر،ئۆزىگە ئىشىندىغان كېلىدۇ.
3.ئىرادە ئالاھىدىلىكى-بۇ ئۆز-ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئىدىيۋىي ھەركەتكە قارىتا تەڭشەش دەرىجىسىنى بەلگىلەيدۇ،ئۇ ھەركەتنىڭ مەقسەتچانلىقى،كەسكىنلكى،قەتتىيلىكى ۋە شەخسنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كونتىرول قىلىش ئىقدارىنىڭ بار-يوقلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4.كەيپىيات ئالاھىدىلىكى-بۇ كەيپىياتنىڭ كۈچلۈك،ئاجىز بولىشى،تۇراقلىك ياكى تۇراقىسىز بولىشى،يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولىشى،خۇشال-خۇرام ياكى چۈشكۈن،غەمكىن بولىشى قاتارلىق تەرەپلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
يۇقىرىقى ھەرخىل ئامىللار ئىدىيە ھەركىتىنىڭ ئوخشىمىغان تەرىپىگە ئاساسان ئايرىلغان بولۇپ،ئۇلار ئوتتۇرسىدا يەنە باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت بار.
داۋامى بار.................
2-قىسىمدا سۆزلىندىغان مەزمۇنلار:خاراكتىر تىپى،مىجەز بىلەن خاراكتىرنىڭ مۇناسىۋىتى،كەيپىيات ۋە ھېسسيات قاتارلىقلار.....
تەييارلىغۇچى:خىيالىجان.2012.1.8
تېمىڭىزغا ئەلا، داۋامىنى كۈتىمەن. خەت تېگى نىمىنداق ئاق چىقىپ قالغاندۇ؟ خەتكە رەڭ بىرىمەن دەپ ھەجەڭ قىپ قويۇپ تىمەن.
توغرا كەپ قىلىپ ئاڭلىغان ئەپقاچىتى گەپلىرىمنى يەتكۈزۈپ قويدۇم . تېما ئىگىسى ۋە ئوقۇرمەنلەر كەچۈرۋېتىڭلار . دوسلار دەپ بىرىڭلار،ئارخىپ تەھرىرلەشنى باسسام بولمىدى،باش سۈرەتنى نەدىن يوللايمەن.
4- قەۋەتتىكى hiyalijanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دوسلار دەپ بىرىڭلار،ئارخىپ تەھرىرلەشنى باسسام بولمىدى،باش سۈرەتنى نەدىن يوللايمەن.
يېڭى ئەزالارنىڭ ، دەرىجىسى تۆۋەن ئەزالارنىڭ باش سۈرەت تەڭشەش ھوقۇقى يوق . سېستىما بەلگۈلەپ بەرگەن رەسىمنىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ . ئىزدىنىشنىڭ پىروگىراممىسىنى زادى ئوڭشىمىسا بولمىغۇدەك . مىجەز تۇغما، خاراكتىر بولسا مىجەزگە ئەگىشمە بولىدۇ دەپ قارايمەن، مىجەز ئايرىمىسىغا ئاساسەن مىجەزنى يىمەك -ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى بىلەن تەڭشەش ئارقىلىق خاراكتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ساۋات قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز يازمىڭىزدىن تېخىمۇ كۆپ نەپ ئالغان بولاتتۇق. مىجەز بىلەن خارەكتېرنىڭ مەنىسى بىر خىل. مىجەز - خۇلق دىيىلسە، مىجەز تۇغما، خۇلق كىيىن يىتىلدۇرۇلگىنى بولىدۇ. نوچى گەپلەر بولىۋېتىپتۇ، ئەلانى باسقاچ مەدەت بېرەي
