danko يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 20:22:53

ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىسى يولغا قويۇلدى


http://v.youku.com/v_show/id_XNDk4NDQyNjAw.html


قەدىرلىك تورداشلار ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەدەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش ساۋاتلىرى ۋە ئەندىزىلىرى بىلەن تەمىنلەش شۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش، مىللى كارخانىچىلىقنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇش  مەقسىتىدە 2013-يىلدىن باشلاپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «ئىقتىساد كۆزنىكى» پروگراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى بولغان «ئىگىلىك سەھنىسى» ئالاھىدە پروگراممىسىنى يولغا قويدۇق. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىزغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاندىن باھالىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى بىلەن تاللىغان تۈرى ئەڭ ئىستىقباللىق، ئىگىلىك تىكلەش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە پىلانلىرى ئەڭ لاياقەتلىك، تىجارەت ئىدىيىسى ئىلغار بولغان بىر نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى تاللىنىپ، مۇكاپات تەمىنلىگۈچى شىركەتنىڭ 20مىڭ يۈەن نەق پۇل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ. «ئىگىلىك سەھنىسى» پروگراممىمىز ئايدا بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىنىدۇ. ھەر بىر قېتىم سۆرەتكە ئېلىشقا ئالتە نەپەر ئىگىلىك تىكلىگۈچى قاتنىشىدۇ. مۇكاپات بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانا، ئورۇنلارنى ۋە پروگراممىمىزغا قاتناشقان ماھىرلارنى تونۇشتۇرۇش، دەسلەپكى مۇسابىقە ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاتارلىق مەزمونلار بويىچە ئومومى پروگرامما تۆت سانغا بۆلۈنۈپ ھەر ھەپتىدە بىر سان كۆرسىتىلىدۇ(ھەر بىر ساننىڭ ۋاقتى 45 مىنۇت). تۇنجى سان پروگراممىز بىرىنچى ئاينىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كۆرسىتىلىشكە باشلىدى. تۇنجى سان پروگراممىمىزدا تەجرىبىمىزنىڭ كەملىكى ۋە ۋاقىتنىڭ ئىنتايىن جىددىلىكى سەۋەبىدىن سۆرەتكە ئېلىش ۋە كىرىشتۈرۈش جەھەتلەردە بىر قىسىم مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلگەنلكىنى بايقىدۇق. بىز كېيىنكى سان پروگراممىلىرىمىزدا بۇ كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.

تورداشلاردىن كۈتىدىغان تەلىپىمىز تۆۋەندىكىچە:

1.        پروگراممىمىزنىڭ مەزمونى ۋە تەرتىپ-باسقۇچلىرىغا قارىتا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.

2.        ھەر قايسى ساھەلەردىن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ پروگراممىمىزغا قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز.

3.        شىركەت-كارخانا، ئىدارە-ئورۇنلار، تىجارەتچى-سودىگەرلەرنىڭ مۇكاپات تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئېلىپ، مىللىي كارخانىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ئەلۋەتتە مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ پروگراممىمىزدا رىياسەتچى تىلى بىلەن تەبىئىلا بەلگىلىك تەشۋىقاتى بولىدۇ. شۇنداقلا مۇكاپات تەمىنلىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئۈچ باھالىغۇچى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

4.        پروگراممىمىزغا ئىككى مىنۇت ئەتراپىدا پروگرامما ناخشىسى ئىشلەتمەكچى. مۇشۇ پروگراممىمىزغا ماس كېلىدىغان ناخشا تېكىستىگە مۇھتاج بولىۋاتىمىز. ئىقتىدارى بار تورداشلارنىڭ ئىككى-ئۈچ كوپلىت ئەتراپىدا ناخشا تېكىستى يېزىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. ناۋادا سىز يازغان ناخشا تېكستىنى بىز ئىشلىتىپ قالساق پروگرامما گۇرۇپىمىز سىزنى مۇۋاپىق قەلەم ھەققى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىزنىڭ رازىلىقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلىتىمىز. بۇ سىزنىڭ پروگراممىمىزنى قوللىغىنىڭىز شۇنداقلا مىللى سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشلىرىغا قوشقان بىر كىشىلىك ھەسسىڭىز بولۇپ قالغۇسى.

5.        پروگراممىمىزغا مۇۋاپىق ئېلان ئورنى تەسىس قىلىندى. ئېلان بېرىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. پروگراممىمىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991-7808990



ھۆرمەت بىلەن: ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئىقتىساد كۆزنىكى پروگرامما گۇرۇپپىسى


باشقۇرغۇچىلارنىڭ فىلىمنى بىۋاستە چىقىدىغان قىلىپ قويۇشىنى سورايمەن




danko يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 13:35:12

فىلىم يوللاشنى بىلەلمىگەچكە مەن فىلىمنىڭ ئادرىسىنىلا چاپلاپ قويغانتىم. باشقۇرغۇچىلارنىڭ فىلىمنى ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىدىلا چىقىدىغان قىلىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 17:40:20


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 17:41:19

ياخشى باشلىنىش، بىزلەرگە مۇبارەك بولسۇن \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 18:55:20

كۆرۈپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:

1. ماھىرلارغا بېرىلگەن ئۈچ مىنۇت ۋاقىت كۆپ بولۇپ قاپتۇ، ھازىرچە ئىككى مىنۇتقا قىسقارتىلسا مۇۋاپىق، كېيىنچە بىر مىنۇتقا قىسقارتىسمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ماھىرلار تونۇشتۇرۇش سۆزلىرىنى مېغىزلىق، ئىخچام ۋە تېزراق دېيىشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

2. سەھنە ئارقىسا كىچىك ئېكراندىن بىرنى قويۇپ، ماھىرلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىككى مىنۇتلۇقلا ئىشلەپ كەلگەن قىسقا ئاۋازسىز فىلىمنى چوڭراق كۆرۇنىدىغان تەتۈر سانىلىدىغان ئىككى مىنۇت ۋاقىت بىلەن تەڭ قويۇپ بەرسە، پىراگرامما جانلىق باشلىنىدۇ. ماھىرلارمۇ مۇشۇ باھانىدا ئۆز شىركەت-دۇكانلىرىنى ئوبدان تەشۋىق قىلىۋالىدۇ.

3. باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسنى باشقىچىرەك تەشكىللەپ باقساڭلار. باھالىغۇچى تەكلىپ قىلىشتا مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇتۇش، تەربىيلەش بىلەن ئەمەلىي كارخانا باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تەڭ قىلىۋاتقان بىلىم ئىگىلىرى؛ كارخانا باشقۇرۇش-مەسلىھەتچلىك مۇلازىمەت، تەربىيلەش مەركەزلىرىدىكى سۆزگە ماھىر ئوقۇتقۇچىلار؛ ئۇزۇن يىللىق كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە كەسپىي دېرىكتورلاردىن كۆپرەك ئويلاشساڭلار.

بەزى باھالىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرى، بەرگەن تەكلىپلىرى كۈتكەن يەردىن چىقمىدى.

4. نېمىشقا ناخشا قويۇشنى ئويلىشىپ قالغانسىلەر؟ ئەگەر سەھنىدە ئېكران قويالىساڭلار، پىروگراممىغا ئاتاپ مەخسۇس شۇئار تەييارلاپ، ھەر باشلىنىشىدا جۇشقۇن مۇزىكلىق ئاۋاز ۋە ئېلان فىلىمى بىلەن قويۇپ بەرسەڭلار نوچى چىقاتتى، مەيدان كەيپىياتى بىراقلا ئاشاتتى.

5. رىياسەتچى ياخشى تاللىنىپتۇ، لېىن باشلىشنى بولغاچقىمۇ ئازراق جانسىز چىقىپ قاپتۇ، داۋاملىق تىرىشسا ياخشى چىقىشىدىن ئۈمىد زور.

بولسا ئاۋۇ باھالىغۇچىلارغا باشقىچىرەك ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى قويۇپ بېرىڭلار، پىروگراممنىڭ خاراكتېرىگە تازا ماس كەلمىگەندەك بىلىندى.

6. ئوخشاش خاراكتېردىكى ماۋۇ خەنزۇچە پىراگراممىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئىسمى我为创业狂، خەنزۇچە مۇشۇ خىلدىكى پىراگراممىلاردىن بىر نەچچىسى بار، ئۈلگە ئالغۇدەك تەرەپلىرى كۆپ:


bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 19:39:58

بىزنىڭ مۇنەۋۋەر بۇرادىرىمىز بىر زات ئەپەندىممۇ چىقىپتۇ بۇ پىروگگىراممىغان. مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم كۆرۈپ.

paul912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 20:50:59

ياخشى باشلىنىش،ئەسلى كەم بولغاندا 5،6 يىل بۇرۇنلا باشلىنىشى كىرەك ئىدى، ھىلىمۇ ياخشى بوپتۇ........... ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

rawajtap يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 07:00:29

4- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆرۈپ چىقتىم، ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي:

1. ماھىرلارغا بېرىلگەن ئۈچ مىنۇت ۋاقىت كۆپ بولۇپ قاپتۇ، ھازىرچە ئىككى مىنۇتقا قىسقارتىلسا مۇۋاپىق، كېيىنچە بىر مىنۇتقا قىسقارتىسمۇ بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا ماھىرلار تونۇشتۇرۇش سۆزلىرىنى مېغىزلىق، ئىخچام ۋە تېزراق دېيىشكە تەييارلىق قىلىدۇ.

2. سەھنە ئارقىسا كىچىك ئېكراندىن بىرنى قويۇپ، ماھىرلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىككى مىنۇتلۇقلا ئىشلەپ كەلگەن قىسقا ئاۋازسىز فىلىمنى چوڭراق كۆرۇنىدىغان تەتۈر سانىلىدىغان ئىككى مىنۇت ۋاقىت بىلەن تەڭ قويۇپ بەرسە، پىراگرامما جانلىق باشلىنىدۇ. ماھىرلارمۇ مۇشۇ باھانىدا ئۆز شىركەت-دۇكانلىرىنى ئوبدان تەشۋىق قىلىۋالىدۇ.

3. باھالىغۇچىلار گۇرۇپپىسنى باشقىچىرەك تەشكىللەپ باقساڭلار. باھالىغۇچى تەكلىپ قىلىشتا مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇتۇش، تەربىيلەش بىلەن ئەمەلىي كارخانا باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تەڭ قىلىۋاتقان بىلىم ئىگىلىرى؛ كارخانا باشقۇرۇش-مەسلىھەتچلىك مۇلازىمەت، تەربىيلەش مەركەزلىرىدىكى سۆزگە ماھىر ئوقۇتقۇچىلار؛ ئۇزۇن يىللىق كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە كەسپىي دېرىكتورلاردىن كۆپرەك ئويلاشساڭلار.

بەزى باھالىغۇچىلارنىڭ سورىغان سۇئاللىرى، بەرگەن تەكلىپلىرى كۈتكەن يەردىن چىقمىدى.

4. نېمىشقا ناخشا قويۇشنى ئويلىشىپ قالغانسىلەر؟ ئەگەر سەھنىدە ئېكران قويالىساڭلار، پىروگراممىغا ئاتاپ مەخسۇس شۇئار تەييارلاپ، ھەر باشلىنىشىدا جۇشقۇن مۇزىكلىق ئاۋاز ۋە ئېلان فىلىمى بىلەن قويۇپ بەرسەڭلار نوچى چىقاتتى، مەيدان كەيپىياتى بىراقلا ئاشاتتى.

5. رىياسەتچى ياخشى تاللىنىپتۇ، لېىن باشلىشنى بولغاچقىمۇ ئازراق جانسىز چىقىپ قاپتۇ، داۋاملىق تىرىشسا ياخشى چىقىشىدىن ئۈمىد زور.

بولسا ئاۋۇ باھالىغۇچىلارغا باشقىچىرەك ئۈستەل-ئورۇندۇقلارنى قويۇپ بېرىڭلار، پىروگراممنىڭ خاراكتېرىگە تازا ماس كەلمىگەندەك بىلىندى.

6. ئوخشاش خاراكتېردىكى ماۋۇ خەنزۇچە پىراگراممىنى كۆرۈپ بېقىڭلار، ئىسمى我为创业狂، خەنزۇچە مۇشۇ خىلدىكى پىراگراممىلاردىن بىر نەچچىسى بار، ئۈلگە ئالغۇدەك تەرەپلىرى كۆپ:






مەنمۇ مۇشۇ پىكىردە!


پىروگرامما بەكلا جانسىز بولۇپ قالغان، ئاۋۇ سەھنە بەك ئاددىي بولۇپ قالغان، مۇمكىن بولسا سەھنىنى يەنىمۇ ياخشىراق قىلىشقا تىرىشقان بولسا، بۇنداق بولغاندا پىروگراممىنىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزىغا زور پايدىلىق بولاتتى.


مۇمكىن بولسا مەركەز مائارىپ قانىلىدا قويۇلىۋاتقان خەنزۇچە پارلاق كېلەچەك (职来职往)، كۈچ ئۇلاپ يۈگىرەش (助跑80后) ۋە ئىستىقبال سەھنىسى (非你莫属) قاتارلىق مەخسۇس پىروگراممىلاردىن كۆپرەك ئۆرنەك ئېلىنسا دېگەن ئۈمىدتىمەن. (ماۋۇ ئىسىملارنى مەن ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئۆزۈم مۇشۇنداق تەرجىمە قىلىۋالغان، تورداشلار تىللاپ كەتمەڭلار يەنە، مۇۋاپىق بولمىغانلىرى بولسا تۈزىتىش پىكىرى بەرسەڭلار بولىدۇ.)

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 09:45:20

موھىم مەزمۇنلارنى كېسىۋەتتىڭلارمۇ نېمە؟!!!

danko يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 10:59:03

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم پىكىر قاتناشتۇرغان تورداشلارغا رەھمەت. سەھنە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كەلسەك، ھازىرچە شارائىتىمىز يار بەرمىدى. خەنزۇچە پروگراممىلاردەك سەھنە قىلىشقا بەك كۆپ پۇل كېتىدىكەن. بۇ پروگراممىمىزغا ھازىرغىچە ھېچقانداق يەردىن ياردەم بولمىغان ھالدا مۇشۇنچىلىك قىلالىدۇق. خۇدايىم بويرۇسا كېيىنچە تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمىز. پروگراممىمىزنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇت. ئەسلى 30مىنۇت ۋاقىت بېرىلگەن. بىز كۆپ كۈچەش ئارقىلىق 45 مىنۇتقا يەتكۈزدۇق. تېلېۋىزىيە ئىستانىسىغا نىسپەتەن بىر مىنۇت ۋاقىتنى ئۇزارتىشمۇ بەك تەس. شۇڭا نۇرغۇن مەزمونلارنى قىسقارتىشقا توغرا كەلدى. ھېلىمۇ بىرزات ھەكىمنىڭ ئەڭ ۋاقتى ئەڭ جىق ئورۇنلاشتى. بىز مەخسۇس پروگرامما ناخشىسى تەسىس قىلىپ، پروگراممىمنىڭ خاسلىقىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتماقچى. باھالاش گۇرۇپپىسى ھەر بىر ساندا ئالمىشىدۇ. بىز ھەر بىر ماھىرنىڭ ئىككى مىنۇتلۇق قىسقىچە تونۇشتۇرۇش فىلىمنى ئىشلەيمىز ۋە ھەر بىر ماھىرنىڭ سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈشىگە كىرىشتۈرۈشنى ئويلىشۋاتىمىز. تورداشلارنىڭ تەكلىپلىرىگە رەھمەت. بىز ھەر بىرىڭلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپلىرىنى ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

honman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 15:26:20

خېنەن تېلۋىزىيىسىنىڭ «命运60秒“دەيدىغان بىر پىرگۇراممىسى بار ،شۇنىمۇ كورۈپ باققان بولساڭلار.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 18:29:00

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، دانكو، سەھنىنى ئېسىل قىلىش مۇھىم ئەمەس، پىراگراممنىڭ خاراكتېرىگە نىسبەتەن بۇنىڭ پىروگراممنىڭ تەسىرى ۋە نوپۇزى بىلەنمۇ بەك جىق مۇناسىۋىتى يوق، قالغىنى ئاستا-ئاستا قىلىۋالىسىلەر. مۇھىمى قانداق قىلىپ تېخىمۇ جانلىق، قىزغىن، كەسپىي سەۋىيسى يۇقىرى بولغان سۈپەتلىك پىراگراممىنى بارلىققا كەلتۈرۈش. ماڭا ئاۋۇ باھالىغۇچىلارنىڭ ئۈستىلى بىر قاراشقىلا كەنت كادىرلىرىنىڭ دېھقانلارغا يىغىن ئېچىۋاتقان ھالىتىنى ئەسلەتكەنتى، شۇڭا ئۈستەل شەكلىنى ئۆزگەرتىپ سىناپ باقساڭلار قانداق بولار دەيمەن. ئاددىي بولسىمۇ ھەر كىشىگە ئايرىم سەل ئېگىزرەك ئۈستەل-ئورۇندۇقلار قويۇلۇپ باقسا. ئۇنىڭدىن باشقا، ماھىرلارنىڭ نومۇرىنى ئالدىن چوڭ، قېنىق قىلىپ بېسىپ چىقىرىپ، باھالىغۇچىلارغا تارقىتىپ بەرسەڭلار، ھە قاچان ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالدىڭلار، ئۇلار نەق مەيداندا ئۆزلىرى بوياپ يۈرسە تازا قاملاشمايدىكەن. \"\"

بۇ خىل پىروگراممىدا ناخشا قويسا قانداق بولاركىن، مەھسۇلات ئېلانلىرىغا ئوخشاش ئوقۇلىدىغان جەڭگىۋار شۇئار بولسا بەكرەك جايىغا چۈشەرمىكىن، دەپ قارايمەن.

danko يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 18:56:39

باھالىغۇچىلارنىڭ ئۈستىلى ئالماشتۇرساق بولغۇدەك. ئايرىم ئۈستەل قىلىپ بېرىش ھەجەپ يادىمىزغا كەلمەپتۇ دىسە. دىمىسىمۇ بەك ئالدىراش بوپ قالدۇق. نۇرغۇنلار بىزگە ماھىرلارنىڭ نومۇرى يېزىلغان تاختىلارنى باھالىغۇچىلارغا بەرسەڭلار بولمامدۇ، بەك كىچىك بوپ قاپتۇ ھەم قولايسىزكەن دىيىشتى. بىزمۇ شۇ چاغدا ھېس قىپتۇق. بۇ قېتىم سۆرەتكە ئالىدىغان ئورۇنمۇ ئالمىشىدۇ. تورداشلارنىڭ ۋە كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەلىپى بويىچە باھالىغۇچىلارنىڭ ئۈستىلىنى ۋە نومۇر تاختىلىرىنى ئۆزگەرتىمىز. رەھمەت سىلەرگە

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 19:42:45

نېمىشقا پروگرامما ناخشىسى قىلىشنى ئويلىشىپ قالدىڭلار. بۇ يا سەنئەت تۈرىدىكى پروگرامما بولمىسا. تاينى يوق ناخشىدىن تېخىچە زىرىكمىدىڭلارما

ھەممە ئېلاندا دېگۈدەك ناخشا بار. تەلەي يۇلتۇزى، كۆڭلدىكى سۆز... نىڭمۇ ناخشىسى بار. كۆڭلۈدىكى سۆز ھەر قېتىم باشلانغاندا كــــــــــــــــــــــــــــــــــۆڭــــــــــــــــلدىكــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــى ســــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــۆز دەپ غىڭشىپ ئىچىمنى بەك سىقىۋېتىدۇ.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 19:51:38

بىرزات ھېكىم ياشكەنغۇ ؟ كېيىنچە داڭلىق تىۋىپلادىن بوپ قالغىدەك....ما يولداشلامۇ ئۇيغۇر تىبابەتنىڭ دورىلىرىنى يىگەن بولسا ، بىرزات ھەكىم ئەڭ ئىستىقباللىق كارخانىچى بوپ قالاتتىدە!  {:92:}   {:92:}

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 20:59:34







    تازا تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم.نېمىدىگەن جىددىيچىلىككە تولغان پىرۇگرامما بۇ؟!ئەمما،ياخشى بىر پىرۇگرامما بولۇپتۇ.

    بىرزات ھەكىمنى كۆرىۋاپتۇق شۇ باھانىدە،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىلا يەۋەتقاندەك كۆرۈندىكەن قارىماققا.

    بىرزات ھەكىم باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا دەسلىپىدە تازا قايىل بولمايۋاتقاندەك،سەل ئاچچىقى كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن،ئاخىرىداراق ئۆزىنى تەڭشىۋاپتۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 10:11:43

15- قەۋەتتىكى tayanqimbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل







  تازا تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتىم.نېمىدىگەن جىددىيچىلىككە تولغان پىرۇگرامما بۇ؟!ئەمما،ياخشى بىر پىرۇگرامما بولۇپتۇ.

  بىرزات ھەكىمنى كۆرىۋاپتۇق شۇ باھانىدە،ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئۆزىلا يەۋەتقاندەك كۆرۈندىكەن قارىماققا.

  بىرزات ھەكىم باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا دەسلىپىدە تازا قايىل بولمايۋاتقاندەك،سەل ئاچچىقى كېلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن،ئاخىرىداراق ئۆزىنى تەڭشىۋاپتۇ.



ئالدىنقى كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 8 دە ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئۈرۈمچىدە قار يېغىش سەۋەبلىك كىچىكىپ سەھەر سائەت 2:30 دە ئاندىن ئۇچالىدۇق. ئۈرۈمچىگە بىرىپ بىرەر سائەت ئۇخلىۋاپتىمەن، ئۇنىڭغىچە شىركەتتىكى باللا مىھمانخانا ئالدىغا كىلىپ تېلفۇن قىلىپ ئويغاتقان پېتى پروگراممىغا ئالدىراپ ناشتىمۇ قىلالماي، چۈشكىچە قىززىق چىراقنىڭ ئاستىدا ئاچ قۇرساق تۇرۇپ چارچاپ قالغاچقا شۇنداقراق چىقىپ قالغان ئوخشايمەن كامىراغا.  045.gif  ئەسلى پروگراممىنى جەريانىنى تولۇق كۆرگەن بولساڭلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىنى ھەقىقەتەن زور بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىڭلار. باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا قايىل بولدۇم. ئۆزۈمنى بىرەر قۇر دەڭسەپ كۆرۈشۈمدە ئەھمىيىتى زور بولدى دەپ قارىدىم.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 13:36:10

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ.سەھنە،قىستۇرما كۆرۈنۈش ۋە باشقا تېخنىكا دېگەندەك قاتتىق دېتال مەسىلىلىرى چوڭ مەسىلە ئەمەس،ئۇنى ئالدىرىماي قىلىۋالسىمۇ بولىۋېرىدۇ.مەسىلە يۇمشاق دېتالدا كۆپرەك.

سوئاللارنىڭ خاراكتېرىنى تۈرگە ئايرىپ سوراش كېرەك دەپ ئويلايمەن.بىزنىڭ كارخانىچىلىرىمىز پۇل تاپقاندەك تۇرغان بىلەن كارخانا قېلىپلاشتۇرۇش،كارخانا مەدەنىيىتى دېگەندەك ساھەلەردە تېخى خام.

بىراق تەييارلىقنى ياخشى قىلىش،پىلاننى ئەتراپلىق تۈزۈش ئارقىلىق تېمىنى پاكىز ھەم مەركەزلىك يورۇتقىلى بولۇشى مۇمكىن(مەسىلەن،بۇ پروگراممىنى ئۈمىد غېنى باشقۇرغان بولسا باشقىچىرەك چىققان بولاتتى).باھالىغۇچىلار سوئالنى بىردەم تاغدىن بىردەم باغدىن سوراپتۇ،ماھىرنىڭ جاۋابىنى

ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە مۇناسىۋەتسىز باشقا سوئاللارنى سوراپتۇ.كارخانا ئىسمى توغرىلىق ھەممىسىدىن ھەممىسى سوراپ بېقىپتۇ،شۇ ئىسىملارنىڭ رولى تەسىرى توغرىلىق ھېچنىمە يوق.نۇرغۇن مەسىلىلەر

ئوتتۇرىغا چىقىپتۇ،-يۇ جاۋابسىز قاپتۇ.

باھالىغۇچىلارنى ماركىتېڭنىڭ خاس تۈرلىرى بويىچە تەكلىپ قىلىش كېرەك،بىرسى ئوبرازنى،يەنە بىرسى سېتىشنى،يەنە بىرسى ئىشلەپچىقىرىشنى،يەنە بىرسى مالىيە مەسلىلىرىنى تۇتسا،مۇشۇ 4 نۇقتىنى چۆرىدەپ سوئال سورىسا ھەممە مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.باھالىغۇچىلارنى 4 قىلىپ،مۇشۇ 4 نۇقتىنى بۆلۈپ بەرسە، چارىنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئويلاشسا ئىلمىي بولامدىكىن دەيمەن.

بىر ساندا ئىككىلا ماھىرنى چىقىرىپ ، ئوخشاش سوئاللارنى ئىككىسىگە تاشلاپ رىقابەتلەشتۈرۈپ ،20مىڭ يۈەننى نوچىسىغا بەرسە تېخىمۇ جەلپكار قىزغىن بولامدىكىن.

مەۋلۇت ئىبراھىم رادىيوغا ،«ھايات جىلۋىسى»گە ماس كەلگەن،بىراق بۇ پروگراممىدا بەك ئېزىلەڭگۈ،جانسىز.بۇ دەي تارقىتىش مۇراسىمى ئەمەسقۇ ئاخىر.

باھالاش گۇرۇپپىسىنى ھەر ساندا بىر ئالماشتۇرساڭلار،ماھىرلار ۋە تاماشىبىنلار كۆنۈپ بولالماي زېھىن چېچىلىپ كېتىدۇ،ھەم پروگراممىنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يېتىدۇ.نوچىلىرىدىن 4 نى بەك ئىنچىكە تاللاپ،

2 ئايدا بىر ئالماشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ.بۈگۈنكى سۆھبەت تە تولا چىقىدىغان سۇلايمان مۇئەللىمنى ئويلىشىپ بېقىڭلار.

كەيپىياتنى كۆتۈرۈپ،قىزغىنلىققا تېخىمۇ كۈچىسەڭلار بولغۇدەك.
بەت: [1]
: ئىگىلىك سەھنىسى پروگراممىسى يولغا قويۇلدى