Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 18:45:50

Win8 توغۇرلۇق جىددىي ياردەم سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىزدىنىش
ئەھلى!


مەنمۇ يېقىندا ئىزدىنىش ۋە باشقا
تور بېكەتلەردە بولۇۋاتقان چاقىرىق، يېڭىلىقلارغا ئاۋاز قۇشۇشنى ئويلاپ، مۇشۇ
Win8 دىن
بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. تۆنۈگىنگىچە نورمال ئىشلىتىۋاتقان بۇ سىستىما، س
دېسكىدىكى نەرسىلەرنىڭ پاتماي قېلىشى ، يۈز ج دېسكا ئىدى بولمىسا، د دېسكىغا يۆتكەيمەن دەپ، يۆتكەش جەريانىدا
ئىكران يۈزىدىكى بارلىق نەرسىلەر يوقاپ كەتتى. ئىزدەۋاتىمەن،ئىزدەۋاتىمەن زادى
ئۇچۇرتالمىدىم. ئۇچۇراتقانلىرىمنى ئەسلىگە قايتۇرالمىدىم. مۇشۇنداق ئىشلارغا
يولۇقۇم، تەجرىبىسى بار بولغان دوستلارنىڭ ياردەمدە بولۇپ، مېنىمۇ بۇ باش
ئاغرىقىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



قارىسام كومپيۇتېرىمدىمۇ Win7 مۇ بار
ئىكەن. بۇنى قانداق يوقۇتىمەن، يوقاتسام كومپيۇتېردىكى باشقا مەشغۇلاتلارغا زىيىنى
يېتەمدۇ؟  مۇشۇ توغۇرلۇقمۇ ھە-ھۇ دېيىشىپ
ئۆتۈپ كەتكەن بولساڭلار، رەھمەت!


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 12:32:33

زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرۇپ باقسىلا. تەجرىبىنى ئۆزىلەدىن ئۆگىنىمىز.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 13:24:46

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟ مەنمۇ شۇ باھانىدە ياردەم سورىۋالاي. مەن win 7 نى 98 يۈەن بىلەن win 8 كە كۆتۈرگەن ئىدىم. بىرىنچىدىن: ئۇيغۇر تىلى بولىقىنى قوشالمىدىم. ئىككىنچىدىن Media Center نى قوشالمىدىم. ئۈچىنچىدىن: ھەر قايسىڭلار بۇ سىستېمىغا ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالىدىن قايسىنى قاچىلىدىڭلار؟ office 2013 سېتۋالدىڭلارمۇ يا؟ مەن ھېچ بىلەلمىدىم .. ناخشا بىلەن كىنونى قايسى قويغۇچتا قويىۋاتىسىلەر؟

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 19:33:25

دىتال ئىشلىتىپ يۆتكىگەنمۇ؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 21:04:48

ئەسلى قاچىلىغاندا C دىسكىنى فورماتلىۋېتىپ قاچىلىسىڭىز بوپتىكەن ، بولمىسا بۇرۇنقى كونا سىستېما بەك كۆپ يەرنى ئىگىلەپ كىتىدىكەن . مەنمۇ بولماي سىستېمىنى تولۇق قايتىدىن قاچىلىۋەتتىم .

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 21:10:11

مېنىڭكىدىنمۇ چاتاق نەدىن چىقتىكىن،سىنلار چىققىلى ئۇنىمايدۇ،Flash playerنى چۈشۈرۈڭ دەمدۇ ،چۈشۈرسەم 您的Microsoft Internet Explore 浏览器包含最新版本的内置,Adobe Flash player。……دەپ بىر نەرسە چىقىپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.ئۇستاملار مانىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار بۇلاتتى!

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 21:14:42

3- قەۋەتتىكى tanhatikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭكىدىنمۇ چاتاق نەدىن چىقتىكىن،سىنلار چىققىلى ئۇنىمايدۇ،Flash playerنى چۈشۈرۈڭ دەمدۇ ،چۈشۈرسەم 您的Microsoft Internet Explore 浏览器包含最新版本的内置,Adobe Flash player。……دەپ بىر نەرسە چىقىپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.ئۇستاملار مانىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار بۇلاتتى!

ئەمىسە كومپىيۇتېردىكى ئەسلى بار Flash Player نى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ ! كونتىرول تاختىسى - پروگرامما ۋە ئىقتىدارلار دىگەن يەردىن .

tanhatikin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 21:35:27

4- قەۋەتتىكى Abdiweliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى tanhatikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭكىدىنمۇ چاتاق نەدىن چىقتىكىن،سىنلار چىققىلى ئۇنىمايدۇ،Flash playerنى چۈشۈرۈڭ دەمدۇ ،چۈشۈرسەم 您的Microsoft Internet Explore 浏览器包含最新版本的内置,Adobe Flash player。……دەپ بىر نەرسە چىقىپ قاچىلىغىلى بولمايدۇ.ئۇستاملار مانىڭغا بىر ياردەم قىلساڭلار بۇلاتتى!

ئەمىسە كومپىيۇتېردىكى ئەسلى بار Flash Player نى ئۆچۈرىۋېتىپ سىناپ بېقىڭ ! كونتىرول تاختىسى - پروگرامما ۋە ئىقتىدارلار دىگەن يەردىن .



ئۇيەردە Flash Player يوققۇ؟؟تاپالمىدىم!!

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 06:46:03

ئىشلەتكىنىڭىز IE 10 مۇ ياكى باشقا تور كۆرگۈچمۇ ؟ توردىن ئىزدەپ باقسام بۇنداق مەسىلە يولۇققانلار بەك كۆپكەن ، بىراق ھەممىسى IE 10 دا نورمال كۆرگىلى بولىدۇ ، باشقا تور كۆرگۈچلەردە نورمال ئەمەس دەپ يېزىپتۇ .

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 16:17:03

مەنمۇ تىخى تۈنۈگۈن ئالغان، كومپيۇتېرىمنى تىخى تەييار قىپ بولامىدىم، پايپال بولمىغاندىكىن، تۈنۈگۈن بىر تەۋىسسىيە قىلغان خەنچە توربەتتىن سىتىۋالغانتىم، بىۋاستە مىكروسوفىتتىن چۈشۈرگىلى بولمىدى، يىرىم كۈن تۇرۇپمۇ %0 دىن ئۆرلىمەي، ئاچچىقىمدا ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشسەم، چاقماقنىڭ بىر چۈشۈرۈش ئادرىسىنى تەمىنلەپ بەردى، شۇ يەردىن چۈشۈرگەن، ئەمدى شۇ ئەنسىرەۋاتىمەن، ساختىسىمىدۇ؟ ياكى ئۇلار ئۆزى رىمونت قىلىپ تەييارلىغىنىمىدۇ دەپ؟ (ئەنسىىز، جىددىيلىشىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى).

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 16:26:07

IE10 دا ئىزدىنىشتا ئىنكاس نەقىل ئېلىش، ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارى نورمال ئەمەس، ئامالسىز شۇنداق ياخشى نەرسىنى چەتتە قويۇپ 搜狗 ئويناپ يۈردۇق.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 16:27:58

تېما ئىگىسى، قارىغاندا خاتا مەشغۇلات قىلىپ ھۆججەتلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇپسىز. winpe دا قوزغىتىپ كۆرۈڭ، ئەگەر دىسكا رايونى نورمال بولسا ھۆججەت ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان دېتالدا ھەپىلىشىپ بېقىڭ. تەجرىبىلىكرەك بىرسى يېنىڭىزدا بولسۇن.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 17:02:55

قارىغاندا Win8 دىكى مەسىلە مىنىڭ ياكى بىر نەچچىمىزنىڭلا ئىشى ئەمەسكەن، بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلار ياكى بۇندىن كېيىن يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بارلار ناھايىتى كوپ ئىكەن. بۇنداق مەسىلەرلەرنى دەيدىغان، كىسەلگە قاراپ دورا بېرىدىغان تېۋىپلار نەدە باردۇ؟ مىنىڭ بۇ يوللۇققان مەسىلەممۇ تېخى بېرەسىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەن چىراي. Win7 نى يۇيۇۋېتىش توغۇرلۇقمۇ ھېچ نېمە دېمەپسىلەر...بېىلدىغانلارنىڭ جاۋابىنى داۋاملىق كۈتىمەن...

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 22:12:44

مەن ۋىن8نى shop.edu.cn دىن سېتىۋالغانىدىم. خەلق پۇلى تۆلەش قولاي بولغاچقا.

ئىككى مەسىلگە يولۇقتۇم. بىرى بۇ يەر تەمىنلىگەن ھوقۇق كودى توغرا ئەمەس دەپ چىقىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا تېخى ساتقۇچى تەرەپنىڭ جاۋابى كەپ بولالمىدى.

يەنە بىرى سېستمىنى قاچىلاش باسقۇچىدا 现在我们无法连接 دەپ چىقىۋېلىپ زادىلا كېيىنكى قەدەمگە ئۆتكىلى ئۇنىمايۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنى قانداق ئوڭلايدىغاندىمىز؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 16:46:34

7- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرۇپ باقسىلا. تەجرىبىنى ئۆزىلەدىن ئۆگىنىمىز.

@esir تەمىنلىگەن ئىتىبارلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ 98 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم.

ھازىر دەرھاللا قاچىلاش خيالىم يوق. كىلەر ئايلاردا قاچىلايمىكىن دەيمەن. ئەمما بىر مەسىلە نەچچە سائەت ساقلاپ چۈشۈرۈپ بولغاندا قارىسام توردا دىگەندەك

1.ھازىرلا قاچىلاش(立即安装)

2. U دىسكىدىن قاچىلاش(用U盘安装)

3.ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىش (生成ISO)




دىگەنلەرنىڭ ئورنىغا پەقەت

1.ھازىرلا قاچىلاش(立即安装)

2. ئۈستەل يۈزىدىن قاچىلاش(桌面安装)

دىگەن ئىككى تۈر چىقىتى. بۇنداق بولغاندا مەن ISO ۋە U دىسكىغا چۈشۈرۈلمەيدىكەنمەن.

ھازىر قاچىلىماي ئۆچۈرۋەتسەم كىيىن windows8 نىڭ سېستىمىسىنى نەدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

ئاچقۇچنى ساقلاپ قويۇپ تۇرۇپ كىيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن مىكروسوفت ئاچقۇچ كىرگۈزۈپ ئىشلىتىدىغان سېستىمىنى تەمىنلەمدۇ؟ نەدىن چۈشۈرۋالىمىز؟

ھەجەپ دۆتلۈك قىلىپ كەتكىلى تۇردۇم.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-9 17:05:26

12- قەۋەتتىكى Alghaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىغاندا Win8 دىكى مەسىلە مىنىڭ ياكى بىر نەچچىمىزنىڭلا ئىشى ئەمەسكەن، بۇنداق مەسىلىلەرگە يولۇقۇۋاتقانلار ياكى بۇندىن كېيىن يولۇقۇش ئېھتىماللىقى بارلار ناھايىتى كوپ ئىكەن. بۇنداق مەسىلەرلەرنى دەيدىغان، كىسەلگە قاراپ دورا بېرىدىغان تېۋىپلار نەدە باردۇ؟ مىنىڭ بۇ يوللۇققان مەسىلەممۇ تېخى بېرەسىڭلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەن چىراي. Win7 نى يۇيۇۋېتىش توغۇرلۇقمۇ ھېچ نېمە دېمەپسىلەر...بېىلدىغانلارنىڭ جاۋابىنى داۋاملىق كۈتىمەن...



ئۈستەل يۈزىدىكى يوقاپ كەتكەن ھۆججەتلىرىڭىزنى قانداق يۈتتۈردىڭىز، بىۋاسىتە كۆچۈرۈش بۇيرۇقى بىلەن كۆچۈرسىڭىز يوقاپ كەتتىمۇ ياكى بىرەر يۇمشاق دېتال ئىشلىتىپ يۆتكىمەكچى بولغانمۇ ئېنىق دېمەپسىز. ئېنىق بولمىغان ئەھۋالغا قارىتا، تەجرىبەمگە ئاساسەن يۇقىرىدىكى بىر ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتتۈم، تەپسىلىي كۆرۈپ شۇنى سىناپ كۆرۈڭ. ئەگەر ھۆججەتلا يوقاپ كەتكەن، لىكىن دىسكا رايونى نورمال بولسا بۇنى recover my file دېگەندەك يۇمشاق دېتاللار بىلەن ئۆزىڭىزمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالالىشىڭىز مۇمكىن. دىسكا رايونى يوقاپ كەتسە، نورمال ئېچىلمىسا ئەڭ ياخشىسى كومپيۇتېر مەشغۇلاتىغا پىششىق بىرسى يېنىڭىزدا بىللە مەشغۇلات قىلسۇن.



Win7 مۇ كومپيۇتېرىمدا بار دەپسىز، گەپ ئېنىق بولماپتۇ. ھازىر كومپيۇتېرىڭىزدا Win8, Win7 ئىككى سىستېما بار، ئىككىلىسى نورمال ئىجرا بولىدۇ دېمەكچىمۇ؟ شۇنداق بولسا Win7 نى يوقىتىش ئۈچۈن Win8 نى قايتا قاچىلاڭ، قاچىلاش باسقۇچىدا قاچىلىنىدىغان رايوننى تاللايدىغان يەرگە كەلگەندە رايوننى فورماتلىۋېتىپ ئاندىن قاچىلاڭ.


ئەگەر Win8 نورمال قوزغىلىپ، Win7 نىڭ قالدۇق ھۆججەتلىرى قېپقالغان بولسا... بۇ ھەقتە مۇنبەردە كۆپ قېتىم ئېيتىلدى. Win8 نى قوزغىتىپ، كومپيۇتېر كۆزنىكىدىن c رايوننىڭ خاسلىقىنى ئېچىڭ، ھەم دىسكا تازىلاش بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىڭ. چىققان دىئالوگ رامكىدىكى تازىلىنىدىغان ھۆججەتلەر تىزىملىكىدىكى ھەممە تۈرگە توغرا بەلگىسى قويۇپ تازىلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 09:41:20

مەنمۇ ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ، ئۆزتىلىمغا ئەكىلىۋالدىم كومپيۇتېرىمنى، لىكىن قاچىلاش، تەڭشەش باسقۇچىدا ئاپتۇماتىك قايتىدىن قوزغىلىۋەگەچكە، دېققەت قىلماپتىمەن، ئەمدى بىر تەڭشەپ بولۇپ، ھاردۇقۇم چىقىپ، ئۆچۈرەي دىسەم، ئۆچۈرىدىغان يىرىنى تاپالمىدىم، خىلى ئىزدەپ باقتىم، يا باشلاش تىزىملىكىدە يوق، ئاخىرى ئامال بولماي ئالىت+ئىف4 نى بىسىپ ئۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن، زاڭلىق قىلماي، بىر چۈشەنچە بىرىۋىتىڭلار، زادى قەيەرگە مۈكۈۋالدىكىن تاپالمىدى.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 11:25:43

c دېسكىغا كىرسىڭىز windows.old ۋە windows دەپ ئىككى ھۆججەت قىسقۇچ بار ،windows.old نى ئۆچۈرۈىۋېتىڭ ،چۈنكى ئۇۋىندوۋسنىڭ كونىسى ...

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 11:37:19

14- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

زاۋۇت تەڭشەككە قايتۇرۇپ باقسىلا. تەجرىبىنى ئۆزىلەدىن ئۆگىنىمىز.

@esir تەمىنلىگەن ئىتىبارلىق ئۇچۇرلارنى ئىشلىتىپ 98 يۈەنگە سېتىۋالغان ئىدىم.

ھازىر دەرھاللا قاچىلاش خيالىم يوق. كىلەر ئايلاردا قاچىلايمىكىن دەيمەن. ئەمما بىر مەسىلە نەچچە سائەت ساقلاپ چۈشۈرۈپ بولغاندا قارىسام توردا دىگەندەك

1.ھازىرلا قاچىلاش(立即安装)

2. U دىسكىدىن قاچىلاش(用U盘安装)

3.ISO ھۆججىتى ھاسىل قىلىش (生成ISO)




دىگەنلەرنىڭ ئورنىغا پەقەت

1.ھازىرلا قاچىلاش(立即安装)

2. ئۈستەل يۈزىدىن قاچىلاش(桌面安装)

دىگەن ئىككى تۈر چىقىتى. بۇنداق بولغاندا مەن ISO ۋە U دىسكىغا چۈشۈرۈلمەيدىكەنمەن.

ھازىر قاچىلىماي ئۆچۈرۋەتسەم كىيىن windows8 نىڭ سېستىمىسىنى نەدىن چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

ئاچقۇچنى ساقلاپ قويۇپ تۇرۇپ كىيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن مىكروسوفت ئاچقۇچ كىرگۈزۈپ ئىشلىتىدىغان سېستىمىنى تەمىنلەمدۇ؟ نەدىن چۈشۈرۋالىمىز؟

ھەجەپ دۆتلۈك قىلىپ كەتكىلى تۇردۇم.


winxp ھالىتىدە سىتۋالسا ھەم چۈشۈرسە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈلىدىكەن. لىكىن نۇمۇر ئەۋەتكەن ئىلخەتتە چۈشۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما بار ئىكەن، شۇڭا مەن ئەنسىرەپمۇ كەتمىدىم، قاچىلايدىغان ۋاقىتقىچە ياماقلىرى تولۇقلىنىپ نوچىلاشقاچ تۇرار.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-10 12:48:29


16- قەۋەتتىكى udun0903نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئاخىرى مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلاپ، ئۆزتىلىمغا ئەكىلىۋالدىم كومپيۇتېرىمنى، لىكىن قاچىلاش، تەڭشەش باسقۇچىدا ئاپتۇماتىك قايتىدىن قوزغىلىۋەگەچكە، دېققەت قىلماپتىمەن، ئەمدى بىر تەڭشەپ بولۇپ، ھاردۇقۇم چىقىپ، ئۆچۈرەي دىسەم، ئۆچۈرىدىغان يىرىنى تاپالمىدىم، خىلى ئىزدەپ باقتىم، يا باشلاش تىزىملىكىدە يوق، ئاخىرى ئامال بولماي ئالىت+ئىف4 نى بىسىپ ئۆچۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن، زاڭلىق قىلماي، بىر چۈشەنچە بىرىۋىتىڭلار، زادى قەيەرگە مۈكۈۋالدىكىن تاپالمىدى.



مائۇسنى سول تەرەپكە ئەكەلسىڭىز \"ئىزدەش، ئورتاقلىشىش..... تەڭشەش\" دەپ بىر يان رامكا پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭدىن تەڭشەشنى، ئۇنىڭ ئىچىدىن توك مەنبەنى بېسىپ ئۆچۈرۈڭ.


بەت: [1] 2
: Win8 توغۇرلۇق جىددىي ياردەم سورايمەن