esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 09:52:23

Win8 سېتىۋېلىشتا يەنە ئىككىلىنەمسىز؟


ھەممىمىزنى سۆيۈندۈرگەن يېڭى سىستېما Win8 تارقىتىلغىلى نەچچە ئاي بولۇپ قالدى. "قوش تىل" ئوقۇتۇشى ۋە تاراتقۇلار تەسىرىدە يېڭى خىرىسقا، چەتكە قېقىلىشقا ئۇچراۋاتقان ئانا تىل- يېزىقىمىز بۇ يېڭى سىستېمىدا مۇكەممەل قوللاشقا ئېرىشتى: مەشغۇلات سىستېمىسى ئارا يۈزى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئورگان تەرەپتىن تارقىتىلدى.


مۇشۇ پۇرسەتتە، ھەقىقىي نەشىردىكى سىستېمىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ، ھالال سىستېمىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەيلى، كۆڭلىمىز ئېچىلىپ قالىدۇ. نۆۋەتتىكى باھا پەقەت 248 يۈەن. ئامال بار مۇشۇ باھادا سېتىۋېلىڭ. ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسىڭىز، ياكى مۇشۇنچىلىك قىممەتتە پايدىلىنالامدىمەن- يوق دەپ ئىككىلەنگەن بولسىڭىز، مەندە يەنە 15 دانە ھەقىقىي نەشىردىكى Win7 تەرتىپ نومۇرى بار. بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ Win8 نى 98 يۈەنگە سېتىۋېلىش ئېتىبار نومۇرىنى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ. ماڭا ئىنكاس ياكى ئۇچۇر قالدۇرۇڭ: esir#live.cn


ئالدىنقى بىر تېمىدا ئىنكاسىمدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، مەن تەمىنلىمەكچى بولغان Win7 تەرتىپ نومۇرى توردىن تېرىۋالغان بىكارلىق نومۇر ئەمەس، مەكتەپ كومپيۇتېرلىرىدىن سۈرەتكە تارتىۋالغان تەرتىپ نومۇرى. مەكتەپ كومپيۇتېرلىرىدىن ئوغرىلىقچە تارتىۋالغانمۇ ئەمەس، چۈنكى مەكتەپ كومپيۇتېرلىرى ئاللىقاچان تەكرار Ghost لىنىپ، ئەسلى نەشىر سالاھىيىتىنى يوقاتقان كومپيۇتېرلار. شۇڭا بۇ ھەقتە شۈبھىلىنىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق.



دىققەت: Win8 نىڭ ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىش ۋاقىت چېكى 1- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ سىستېمىنىڭ باھاسى 1000 يۈەندىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن.


مۇنبەردە بۇ ھەقتە نۇرغۇن تېمىلار يوللانغان بولسىمۇ، ھەر قايسى تېمىلاردا بەزى نۇقتىلاردا بىر قىسىم سوئاللار جاۋابسىز قالغان بولدى. بۇ تېمىدا Win8 نى سېتىۋېلىش، قاچىلاش، ئىشلىتىش جەھەتتە يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشايلى.



1. سوئال: پايپال ھېساباتى يوقلار، ئىناۋەتلىك كارتىسى يوقلار قانداق ئۇسۇلدا ئىشەنچلىك، ئوڭاي سېتىۋالالايدۇ؟


جاۋاب: http://item.shop.edu.cn/series?id=71 دېگەن تور بەتكە تىزىملىتىپ كىرىپ، شۇلاردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، مىكروسوفت سېتىش ھوقۇقى بەرگەن، ئىشەنچلىك. alipay ئارقىلىق ھېسابات قىلغىلى بولىدۇ. ياكى بولمىسا باچكا ئەپەندىنىڭ http://bbs.izdinix.com/(F(6NiMNWTINlfjUr7iuE5OBdeZpB1ROMEO_B_uOv-ExVjxw_2IhBIwTlBtTJ8ElU34w9rXzDtpNw34dnih0WF_zw2))/showpost.aspx?Page=1&ThreadID=51997#Inkas تېمىسىدىكى ئۇسۇل بويىچە پايپال ھېساباتى بېجىرىپ سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.



2. سوئال: Win8 نى سېتىۋېلىپ، ئىشخانامدىكى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتىپ، كېيىن ئۆيۈمگە كومپيۇتېر ئالغاندا بۇ سىستېمىنى ئىشخانامدىكى كومپيۇتېردىن ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئۆيۈمدىكى كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەمدىم؟


جاۋاب: بۇنىڭغا مۇمكىن بولۇشى ئېھتىمال، يەنى ئىشخانىدىكى كومپيۇتېردىن سىستېمىنى پاكىز ئۆچۈرۈۋېتىپ، مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، تەلىپىزنى ئېيتسىڭىز بەلكىم شۇنداق قىلالايسىز.



3. سوئال: ھازىر كومپيۇتېر يوق، Win8 سېتىۋېلىپ ساقلاپ قويۇپ، كېيىن كومپيۇتېر ئالغاندا قاچىلاپ ئىشلەتسەم بولامدۇ؟


جاۋاب: ئەلۋەتتە بولىدۇ، سىز خەت ساندۇقىڭىزغا مىكروسوفت ئەۋەتكەن ئېلخەتتىكى تەرتىپ نومۇرىنى مەخپىي ساقلىسىڭىزلا، خالىغان ۋاقىتتا ئورگان تورىدىن ئەسلى نەشىردىكى سىستېمىنى چۈشۈرۈپ، قولىڭىزدىكى تەرتىپ نومۇرى ئارقىلىق قاچىلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.



4- سوئال: Win8 گە كۆنگىچە، Win7 نىمۇ ساقلاپ قېلىپ قوش سىستېما قىلىىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟


جاۋاب: بولىدۇ، قاچىلاش ئۇسۇلى بەك مۇرەككەپ ئەمەس، ئىلگىرىكى WinXP بىلەن Win7 نى قوش سىستېما قىلىپ ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. مۇنبەرلەردە بۇ ھەقتە بىلىم بەك تولا.



5- سوئال: قانداق قىلسام Win7 نى پاكىز يۇيۇۋېتىپ، win8 نى ئەڭ ئىخچام، يەڭگىل ھالەتتە ئىشلىتەلەيمەن؟


جاۋاب: Win8 نى قاچىلايدىغان ۋاقىتتا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ قاچىلاش شەكلىدە ئەمەس، پۈتۈنلەي قايتا قاچىلاش شەكلىدە قاچىلاڭ، قاچىلايدىغان دېسكا رايونىنى تاللايدىغان يەردىن س رايوننى فورماتلىۋېتىڭ.



6- سوئال: مەن ئىلگىرى نۇرغۇن خىزمەتلىرىمنى Win7 دە بېجىرەتتىم، Win8 نىڭ مەن ئېھتىياجلىق يۇمشاق دېتاللارغا قوللىشى قانداقراقتۇ؟


جاۋاب: مەن ھازىرغىچە Win7 دە نورمال ئىجرا بولىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ Win8 دە ئىجرا بولماي قالغىنىنى ئۇچراتمىدىم.




ئېنىق بولمىغان تەرەپلەر بولسا مۇشۇ يەردە سورىساڭلار، تەجرىبىلىكلەرمۇ مۇشۇ يەردە جاۋاب بەرسە بولىدۇ.



tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 14:15:58

@esir خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئىتىبار باھادا سېتىۋېلىش نۇمۇرىغا ئېرىشتىم.

سىزگە كۆپ رەھمەت.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 10:48:18

2-سۇئالنىڭ جاۋابى.................... مىكروسوفىتقا تىلىفۇن قىلساق، گەپلىرىمىزنى چۈشەندۈرەلەمىزمۇ؟ ھەممىمىز يا ئۇنداق ئالى مەلۇماتلىق بولمىساق. \"\"

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 10:55:18

مەن تېلېفون قىلىپ باقمىدىم، لېكىن خەنزۇ تىلى مۇلازىمىتى بار ئىكەن.

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 11:06:59

ئەسسەلەمۇئەلەيكۇم @esir@،ماڭا بىرنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز سىزدىن ناھايىتى مەمنۇن بولاتتىم \"\"

ehsan99#163.com

رەھمەت!!!

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 11:13:31

قايسى بىر تېمىغىمۇ يازغان ئىدىم. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان خاتىرە كومپيۇتېرىمغا win7نىڭ كەسپى نۇسخىسى قاچىلانغان، بۇنى ئەسلى دوستۇم سېتىۋېلىپ، كىيىن xpئىشلەتكۈسى كېلىپ ماڭا سېتىپ بەرگەن. ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفت شىركىتىگە تېلىفون ئۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېيتقاندىن كىيىن، مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى سېستىمىنى ئاكتىپلاپ بەرگەن. ئەلۋەتتە مۇلازىمىتى خەنزۇچە. win7 گە بولغاندىكىن win8گىمۇ بولۇپ قالار.

udun0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 12:10:15

ۋاي ئىست، مەندىمۇ بىر خاتىرە كومپيۇتېر بار ئىدى، كەينى تەرەپتە ئاشۇ مىكروسۇفىتتىن چاپلاپ بەرگەن ھەقىقىي نۇسخىسىنىڭ تەرتىپ نومۇرى تۇرىدۇ. بۇنى بىلمەي 248كويغا ئىلىپ بوپتىمەن ئەمەسمۇ، 98كويلىقىنى نەدىن ئىلتىماس قىلىمىز، تەپسىلىراق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 12:14:41

7 نى ھەقىقىلاشتۇردىغان نۇمۇردىن بىرنى چۆرىۋىتىڭە

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 12:54:30

بىلىك كۇلۇبىدىكى مۇنۇ تىمىغا چۇشكەن ئىنكاسكەن ، پايدىلناسىلەر ....

تىما ئادرىسى :

http://bbs.bilik.biz/thread-25367-1-1.html



1. سىز ئۆزىڭىزنىڭ XP نومۇرىنى تېما ئىگىسىگە بەرسىڭىزمۇ، يەنىلا ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كېتىدۇ. گەرچە سىزنىڭ نەشىر ئۆرلىتىش مۇددىئارىڭىز بولمىسىمۇ، بۇ كومپيۇتېر تېما ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ئىلكىدە ئەمەس. شۇڭا يەنىلا ساتقۇچىنى ئالدىغان بىلەن باراۋەر.

2. سىز دىگەن 139 ياكى 149 دوللارلىق تولۇق قاچىلىنىدىغان نۇسقىسى ئامېرىكىدا تارقىتىلغان System Builder نەشرى بولۇپ، بۇ نەشرى جۇڭگۇغا ئەزەلدىن تارقىتىلىپ باقمىغان. يەنى، بۇ نۇسقىنى مىكروسوفت كامىدا جۇڭگۇغا تېخى سېتىپ باقمىدى. شۇنداق بولغاچقا سىز 149 دوللارغا بۇ نۇسقىنى ئېلىشىپ بەرسىڭىزمۇ، ناۋادا تېما ئىگىسى ئۇنى جۇڭگۇدا ئىشلەتسە، يەنىلا ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كېتىدۇ.



قوشۇمچە ئەسكەرتىش (بۇ گەپ سىزگە ئەمەس): 6-ئايدىن كېيىن سېتىۋېلىنغان، ھەقىقى نەشرى بار سىستېمىلارغا نەشرىنى ئۆرلىتىش نۇسقىسىنى سېتىۋالسا، ئېتىبار باھا 98 يۈئەن ئىكەن. بەزىلەر ئۆزىدە لاياقەتلىك سىستېما بولمىسىمۇ، باشقىلار تەمىنلىگەن نومۇر بىلەن، 98 يۈئەن تۆلەپلا سېتىۋالسا، ياكى بۇ ئىشقا باشقىلار ياردەم بەرسە، يەنىلا ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كېتىدۇ. يەنە بىرى سىز ئۆزىڭىز ئوقۇغۇچى بولمىسىڭىز، مىكروسوفت جۇڭگۇدا ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار باھادا ساتقان سىستېمىنى گەرچە پۇل تۆلەپ سېتىۋالسىڭىزمۇ ھالال-ھارام ئارىلىشىپ كېتىدۇ.



سېتىۋالساملا بولىدىغۇ، قانۇنلۇققۇ دەپ قارايدىغانلارغا باشقا پىكرىم يوق. لېكىن ئارىمىزدا ھالال-ھارامنى بەك ئىنچىكە ئايرىيدىغان قېرىنداشلىرىمىز بولۇشى مۇمكىن، مەن %100، ساپ، پۈتۈنلەي ھالال ئىش قىلماقچى ئىدىم دەپ قارايدىغانلارغا، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى تەۋسىيە قىلىمەن.



1. ناۋادا سىز نۆۋەتتە ماركىلىق كومپيۇتېر بىلەن بىرگە كەلگەن ھەقىقى نۇسقىدىكى ۋىندوۋز نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، مىكروسوفت بېتى ئارقىلىق توغرا يول بىلەن سېتىۋېلىپ، نەشىرنى ئۆرلىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

2. جۇڭگۇدا قۇراشتۇرما كومپيۇتېر بىلەن كەلگەن مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى شۈبھىلىك، گەرچە ئاكتىپلانغان بولسىمۇ، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە تولۇق جەزىم قىلالمىسىڭىز، يەنىلا شۈبھىلىك.

3. يېڭى كومپيۇتېر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، ھەم ھالاللىقنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويسىڭىز، يەنىلا داڭلىق ماركىلاردىكى ماركىلىق كومپيۇتېرلارنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىڭ.

4. ناۋادا سىز جۇڭگۇدا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىڭىز، مەكتەپ ئاۋانگارتلار تور بېتىگە بېرىپ شۇ يەردىن ھەقىقى، قانۇنلۇق، %100 تولۇق ھالال سىستېمىنى سېتىۋېلىڭ. بۇ نەشرىنى ئۆرلىتىش نۇسقىسى ئەمەس، تولۇق نۇسقىسى بولۇپ، ھىچ قانداق مەشغۇلات سىستېمىسى يوق «يالىڭاچ» كومپيۇتېرلارغا ئورنىتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.



ئاخىرىدا، ھازىر قولىدا قوراشتۇرۇلغان كومپيۇتېرى بار، ئۆزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئەمەس، ھازىرقى مەشغۇلات سىستېمىسى قانۇنسىز نۇسقىسى بولغان، ھەم ۋىندوۋز 8 نىڭ قانۇنلۇق، ھالال نۇسقىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلايدىغانلار مۇنۇنى تەۋسىيە قىلىمەن:

1. ئەڭ ئاۋال، يېڭى قاتتىق دىسكا سېتىۋېلىڭ ياكى ھازىرقى قاتتىق دىسكىڭىزنى فورماتلاپ، قانۇنسىز ۋىندوۋز نى ئاۋال كۆزدىن يوقىتىڭ.

2. توردىن ھەقسىز تارقىتىلغان Consumer Preview, Release Preview دىگەندەك، مىكروسوفت ئۆزى ھەقسىز تارقاتقان ۋىندوۋز 8 نى بۇ «يالىڭاچ» كومپيۇتېرغا قاچىلاڭ ۋە ئاكتىپلاڭ. (ئاكتىپلاش مۇددىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بۇ نۇسقىلارنى ئورنىتىپ ئىشلەتسىڭىز ھارام ئارىلىشىپ قالىدۇ.)

3. بۇ ھەقسىز ۋىندوۋس 8 ئۈستىدە، مىكروسوفت تور بېتىگە بېرىپ، Upgrade Assistant قورالىنى چۈشۈرۈپ، ئورنىتىپ، شۇ قورال بىلەن سىزنىڭ 248 يۈئەنگە ۋىندوۋس 8 نىڭ ھەقىقى نۇسقىسىنى سېتىۋالالايدىغانلىقىڭىزنى تەكشۈرۈڭ.

4. مۇشۇ تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلىسىڭىز، پۇل تۆلەپ، سىستېمىنى سېتىۋېلىپ قاچىلاپ، ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.



يەنە ئەسكەرتىش: باشقىلار ئېلىپ بەرگەن (سېتىۋېلىشقا ياردەم قىلغان) نۇسقىدىمۇ شۈبھە بار. قارشى تەرەپكە تولۇق ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز شۈبھىلىك دىگەن گەپ. باشقا كومپيۇتېردا (مەسىلەن ھەقىقى ۋىندوۋس 7 بار كومپيۇتېر) دا ئاۋۇ قورالنى چۈشۈرۈپ ئورنىتىپ، تەكشۈرۈشتىن ئۆتسە، پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىپ، ئۇنى ئۆزىڭىزنىڭ «يالىڭاچ» كومپيۇتېرىغا ئورنىتىۋالسىڭىز ئېنىقلا ھارام. ئۆزىڭىزدە تور بولمىسا، باشقىلارنىڭ كومپيۇتېرىدا تور بار شارائىتتا چۈشۈرسىڭىزمۇ يەنىلا شۈبھىلىك. شۈبھىدىن ساقلىناي دېسىڭىز، شۇ ئۆزىڭىزنىڭ قاچىلىماقچى بولغان كومپيۇتېرىنى تور بار يەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ، تورغا ئۇلاپ، شۇ يەردە سىناقتىن ئۆتكۈزۈڭ.



ئاخىرقى ئەسكەرتىش: يۇقۇردىكى گەپلەر پەقەت ئۆزىنى شۈبھىدىن يىراق تۇتقۇچىلار، %100 ھالالنى ئويلايدىغانلار ئۈچۈن يېزىلدى، ھەممەيلەنگە ئەمەس. بۇ گەپلەرنى ئۆزىڭىزگە ئېلىۋېلىپ، سىزگە ياقماي قالسا، ماڭا شالىڭىزنى چاچماڭ. مېنىڭ مەقسىدىم سىزگە زەربە بېرىش ئەمەس، بەلكى دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن يۇمشاق دېتاللاردىكى ھالال-ھارامنى كۆرسىتىپ قويۇش.

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 13:13:28

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس قىلغان، ئېلخەت يازغانلارغا بىر- ئىككىدىن ئەۋەتتىم. لازىم بولغانلار يەنە ئالاقىلاشقايسىزلەر.



تورداشلارغا گەپ ئېنىق بولسۇن: قۇربىڭىز يەتسە يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ئىنكاستا ئېيتىلغاندەك 248 يۈەنگە سېتىۋېلىڭ. ئەگەر قادىر بولالمىسىڭىز، 248 يۈەنلىك ئىشلىتەلەرمەنمۇ مۇشۇ سىستېمىنى دەپ گۇمانلىنىپ ئىككىلەنسىڭىز مەن خالىس ياردەم قىلىمەن دېدىم.

uyghuruqun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 13:50:01

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! ماڭا بىر نەچچە ئاغىنەم 98 يۈەنلىك ئېتىبار نۇمۇرىنى تاپالىساڭ بىزگىمۇ بىردىن ئېلىپ قويغىن دىگەنىدى. مۇمكىن بولسا ماڭا 5 نۇمۇر يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز. بەك بولمىسا 1 نۇمۇر بولسىمۇ بۇلىدۇ . uighurbhz@outlook.com

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 14:14:42

خەت ئادىرىسىنى قالدۇرمىغاچقا بەرمىدىڭلارمۇ يا.....

jesurmen@163.com

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 14:34:29


8- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس قىلغان، ئېلخەت يازغانلارغا بىر- ئىككىدىن ئەۋەتتىم. لازىم بولغانلار يەنە ئالاقىلاشقايسىزلەر.



ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئەسىر بۇرادەر قانداق ئەھۋالىڭلار ؟! ئالدىنقى قېتىمقى باچكىنىڭ تىمىسىدا ئەۋەتكەن نۇمۇرۇڭلارنىڭ ياردىمى بىلەن ، windows 8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرىنى مۇۋەپقىيەتلىك سىتىۋالغانتىم . بىر يېقىن قوشنىمىز بۇلىدىغان ، قوشنىمزنىڭ ئوغلى مەندىكى سىستىمىنى كۈرۈپلام ، مەنگىمۇ بىرنى ئىلىشىپ بىرىڭلار دەپ تۇرىۋالدى . مومكىن بولسا ئاۋۇ نۇمۇردىن بىرنى بىرىشكە بۇلارمىكىن ؟ \"\"\"\"  ئەگەردە باشقىلارغا يەتمەيدىغاندەك بولسا ، مەن ماۋۇ قوشىنىمىزغا ئۆزرە ئىيتساملام بۇلىدۇ .


palwanjan@126.com




Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 14:57:18

تۈگىمىگەن بولسا ماڭىمۇ بىرنى بەرسىڭىز

hasan118@yahoo.cn

atella يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 15:35:41

1. سوئال: پايپال ھېساباتى يوقلار، ئىناۋەتلىك كارتىسى يوقلار قانداق ئۇسۇلدا ئىشەنچلىك، ئوڭاي سېتىۋالالايدۇ؟

جاۋاب: http://item.shop.edu.cn/series?id=71 دېگەن تور بەتكە تىزىملىتىپ كىرىپ، شۇلاردىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ، مىكروسوفت سېتىش ھوقۇقى بەرگەن، ئىشەنچلىك.

------------------------------------

ھازىرلا بۇ يەردىن خىزمەتداشلىرىمغا 248 يۈەندىن 3 نۇسخا ئېلىپ بەردىم،... سېتۋىلىش ھەقىقەتەن قولاي بولدى... تىمڭىزغا رەھمەت...

سېتۋالغۇچلار پۇرسەتنى غەنىمەت بىلڭلار.... باھا ئۆسۈشكە يەنە 24 كۈن قالدى...


elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 15:44:06

بۇگۇن ئىككى ساۋاقدىشىم ماڭا تىلفۇن قىلىپىتىكەن، بىزگە win8 ئىلىشىپ بەرسەڭ، توردىن سىتىۋىلىشنى مەن ھەپىلىشىپ باقمىغان بولغاچقا، ئۇلارنى قىزىل بايراقتىكى ئۇيغۇر سوفىتقا بىرشىنى ئىيتقان ئىدىم ، بۇگۇن سورسام، ئۇيغۇر سوفىتقا بارساق، دوللارغا سىتىلىدۇ ، پۇلنى تىگىشىپ كىلىڭ دىگەندەك گەپلەرنى قىلىۋاتىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ نىمە دىگىننى راست گەپ قىلىسام چۇشنەلمىدىم ، شۇڭا ئۇلارغا توختاپ تۇرۇڭلار ئاۋال مەن توردىن سىتىلىۋلىشىنى ئۈگىنىۋىلىپ سىلەرگە قاچىلاپ بىرەي دىدىم،  شۇ باھاندە مەنمۇ قاچىلۋالاي دىگەن،



بولسا ماڭغىمۇ 1نى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز ئاۋۇ win7نىڭ تەرتىپ نۇمۇردىن  

eilixat@126.com

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 15:51:46

esir

ماڭىمۇ بىرنى ئەۋەتىپ بېرىڭ قېرىندىشىم،خەق توپلاپ ئېلىۋالمىسۇن،بىزگىمۇ بىرەرسى يەتسۇن

elbilge@139.com

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 16:34:55

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس يېزىپ خەت ئادرېسىنى قالدۇرغان، ئېلخەتتە ئۇچۇر قىلغان تورداشلارغا ئەۋەتتىم، يەنە بىر نەچچىسىلا قالدى.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 16:48:51

16- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس يېزىپ خەت ئادرېسىنى قالدۇرغان، ئېلخەتتە ئۇچۇر قىلغان تورداشلارغا ئەۋەتتىم، يەنە بىر نەچچىسىلا قالدى.



كۆپ رەخمەت،  مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى دىدى،  ئەمدى پۇل تۆلەش باسقۇچىلا قالدى،

serqut يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 16:49:32

16- قەۋەتتىكى esirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس يېزىپ خەت ئادرېسىنى قالدۇرغان، ئېلخەتتە ئۇچۇر قىلغان تورداشلارغا ئەۋەتتىم، يەنە بىر نەچچىسىلا قالدى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مۇنبەرنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىسام  خەۋەر يوق، بەلكىم تاپشۇرىۋالمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن. مەنمۇ ئۆزۈمگە ۋە بىرنەچچە دوستۇمغا ھەقىقىي نەشىردىكى win8 ئېلىپ بولدۇم. يەنە بىرنەچچىسى بار ئىككىلىنىپ تۇرىۋاتقان، ئېتىبار نومۇرىدىن يەتسە تەمىنلەپ بەرسىڭىز. زايە قىلماي ئىشلىتىشكە، سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىنكى ئۇچۇرلاردىن ئىسپات تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.


ئېلخەت: sarkut(a)126.com


رەھمەت!

بەت: [1] 2 3 4
: Win8 سېتىۋېلىشتا يەنە ئىككىلىنەمسىز؟