Capslock يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 05:40:43

خوشناڭنى ئوغىرى تۇتما ئۆزەڭنى چىڭ تۇت

ئەسسلامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلىرىم!


ئۇزۇن بوپتۇ كۇرۇشمىگىلى تۇرمۇشچىلىقتا يىل ئاخىرىسى، يىل بېشى، چاغان، قەبرە سۈپۈرىمىز دەپ تۇرمۇش بېسىمىدا ئۇيغۇردارچىلىقتىنمۇ چىقىپ كەتكىلى تاس قېىلۋاتىمىز، ئەسلى يېڭى يىلدا ياخشى بىر تېما يېزىپ دوستىلىرىمغا يېڭى يېللىق سوۋغا قىلاي دىسەم تۇرمۇش بېسىمى يازغىلى قويماي مانا بۇگۈن ئازراق پۇرسەت بوپ قاپتۇ!


، نىمە يازسام بۇلار؟! پۇل تېپىشنى يازاي دىسەم ئۈزەم پۇل تاپالمايۋاتسام، ئادەم بۇلۇشنى يازاي دىسەم ئۈزەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئادەم بۇلالمايۋاتسام، ئىسلام توغۇرلۇق يازاي دىسەم تېخى  يازالمىسام... ئەڭ ياخشىسى جانغا ئەس قاتىدىغان بىر نەرسە يېزىش ئەڭ مۇھىمكەن دەپ ئويلىدىم...


تېما:  دۇكان – سارايڭىزغا كۆزتىش ئاپىرىتىنى بېكتىۋىلىڭ.


تۇرمۇش بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئائىلە جان باقماق تەسلىشىپ كىتىش، ئۇيۇنخانلىرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىدىن ئوغىرى يالغان ئىشلىرى بەكلا جىقلاپ كەتتى، ئوغرى چۈشسە كامىرا بارمىتى دەم بىزگە ئارتىپ قويغان،سەۋەبى ھەممىزىگە ئېنىق ، لېكىن كونلاردا خوشناڭنى ئوغىرى تۇتما ئۆزەڭنى چىڭ تۇت دىگەن بىر تەمسىل بار، قانداق چىق تۇتىمىز؟!


1.    دۇكانغا كۆزىتىش سېستىمىسى ئورنىتىش


كۆزىتىش ئاپىراتىنى بېكىتىش ئۇسۇلى ئادەتتە 2 خىل بولىدۇ (1) كومپيۇتېرغا(تۆۋەندە كوم دەپ ئېلىندۇ) بىرىنچى قەدەمدە كامىرا سىگىنالىنى قۇبۇللىغۇچ بېكىتىش (采集卡) ئۇستەل كومغا PCIقۇبۇللىغۇچ(رەسىم01) بېكىتىمىز بازار باھاسى 150كوي ئەتراپىدا، ئىككىنچى قەدەمدە كامىرا تاللاش (كامىرانى قانداق تاللاشنى تەپسىلى سۆزلىسەم مۇرەككەپلىشىپ كەتكۈدەك كامىرا ساتقۇچىغا دۇكاننىڭ چوڭ كېچىكىلىكىنى دەپ بەرسىڭىز ئۇلار تاللاپ بېرىدۇ) ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تېگىشلىكى كامىرانىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى(芯片) ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ ئۇلار SONY,SHARP,CMOS سونىدىن باشلاپ سۈپەت ياخشى بولىدۇ لېكىن باھاسى قىممەتلەپ ماڭىدۇ، كامىراغا ئىشلىتىدىغان سىم 3 خىل بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە 2 خىلنى تۇنۇشتۇرمىز، بىرىنچىسى كامىراغا تۇك تەمىلىگۈچى سىم بىلەن سىگىنال سىمى تەڭ ماڭدىغان سىم(بازار باھاسى 1.8يۇەن‹رەسىم 002›)، ئىككىنچىسى كامىرا بىكىتكەن ئۇرۇندا كامىراغا توك تەمىلەيدىغاب مەنبە بولغان ھالەتتە بىۋاستە سىگىنال ئۇزىتىدىغان سىم(بازىار باھاسى 1.2 يۇەن‹رەسىم003›) سىمىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارتا تاللىسڭىز بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ئۇلاش بېشىنى ئورنىتىپ(رەسىم 004) كومدىكى PCIقۇبۇللىغۇچقا چېتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، قاتتىق دېسكىدىن سىنغا ئېلىشغا مەلۇم رايۇن ئاجراتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كوم چۇقۇم 24 سائەت ئۇچۇق تۇرىشى كېرەك، 4 كامىرا بىر PCIقۇبۇللىغۇچ جەمئىي 1500 كوي ئەتراپىدا بولىدۇ،خاتېرە كومغا USB قۇبۇللىغۇچ بېكىتسىڭىز بولىدۇ(رەسىم 005) (يۇقارقى ئۇسۇلنى تېما ئىگىسى تەۋسىيە قىلمايدۇ)


(2) كامىرا سىن ئالغۇچى (硬盘录像机)بېكىتىش


كامىرا سىن ئالغۇچى (硬盘录像机)(رەسم006) (تۆۋەندە سىنئالغۇ دىيىلىدۇ) بېكىتىش، بۇ ئۈسكۈنە كەسپى كۆزىتىش سېستىمسىنىڭ ئۈسكۈنىسى بۇلۇپ ئىچىگە قاتتىق دېسكا ئورنىتىلغان بولىدۇ ، ئاپتۇماتىك قوزغىلىدۇ، سىن ئېلىشى سۈزۈك بولىدۇ، بۇ ئۈسىكىننىڭ بازار باھاسىن تۆي كامىرالىق 600 يۇەن 8 كامىرالىق 1000 يۇەن 16 كامىرالىق 1600 يۇەن بولىدۇ، بىر دانە ئېكران كېتىدۇ.(ساقلاش مۇددىتى 70كۇن ئەتراپىدا). نورمال باھاسىى 4000 يۇەن ئەتراپىدا.


كەسپىي تېمىلارنىمۇ ئاممىباپ يازماق تەس ئىكەن،يۇقارقى ئۇسۇل ئەڭ ئاددىي ئۇسسۇللار ئيۇندىن باشقا توردىن كۇرۇش، يانفۇندىن كۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قىزققۇچىكارنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ يازىمەن.(كەسپىي ئىشلار ياكى مۇھىم ئۇرۇنلاغا كامىرا بېكتكۈچە ئىزدىنەرسىز ياكى مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىز، ئاممىباپ بۇلۇش ئۈچۈن ئاددىلىققا كۈچەپ قالدىم) ئۆزەمچە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا يېزىپ باقتىم، ھەر قانداق تېخنىكىلىك مەسلە بولسا قۇلۇم كۆكسۇمدە ئالاقە: 18909956242 چ چ 214330824 ئۆي بۇزار(ۋىيشىن):adil122




سالام باشقۇرغۇچىلار ئىشەنچىلىك رەسىم چىقىرش توربېتىنى ئىزدەشكە ۋاقتىم قىستاپ قالغاچقا ئادىرىسىنى قالدۇرسام مەن ئۈچۈن رەمسنى يوللاپ قويغان بولساڭلار.


001 :





002: :





003:





004:








005:



006:





باشقۇرغۇچىلارغا رەھمەت!

*layli* يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 09:24:05

ۋىيشىننىڭ ئۆي بۇزار دىگەن ئىسمىنى بۈگۈن بىرىنجى قېتىم ئاڭلاپتىكەنمەن بەك كۈلۈپ كەتتىم .

بۇ كەسپى تىما راس بەك ئاممىبىباب چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ ، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت .

مېنىڭ بۇ نەرسىنى چۈشۈنۈش ۋە ئىشلىتىش ئىھتىياجىم بار ئىدى ، ئنىكاس ئارقىلىق بۇ تىمىنى ساقلىۋالاي ، رەسمى سېتىۋالدىغان ۋاقىتتا چوقۇم سىزنى ئىزدەيمەن .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 12:16:30

رەسىم بەكلا چوڭ،خەتنى ئوقۇغىلى بولماي ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويدۇم.


__________-_______-_________-__________-________--_________



ئەسسلامۇ ئەلەيكوم قېرىنداشلىرىم!



ئۇزۇن بوپتۇ كۇرۇشمىگىلى تۇرمۇشچىلىقتا يىل ئاخىرىسى، يىل بېشى، چاغان، قەبرە سۈپۈرىمىز دەپ تۇرمۇش بېسىمىدا ئۇيغۇردارچىلىقتىنمۇ چىقىپ كەتكىلى تاس قېىلۋاتىمىز، ئەسلى يېڭى يىلدا ياخشى بىر تېما يېزىپ دوستىلىرىمغا يېڭى يېللىق سوۋغا قىلاي دىسەم تۇرمۇش بېسىمى يازغىلى قويماي مانا بۇگۈن ئازراق پۇرسەت بوپ قاپتۇ!



، نىمە يازسام بۇلار؟! پۇل تېپىشنى يازاي دىسەم ئۈزەم پۇل تاپالمايۋاتسام، ئادەم بۇلۇشنى يازاي دىسەم ئۈزەمنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئادەم بۇلالمايۋاتسام، ئىسلام توغۇرلۇق يازاي دىسەم تېخى يازالمىسام... ئەڭ ياخشىسى جانغا ئەس قاتىدىغان بىر نەرسە يېزىش ئەڭ مۇھىمكەن دەپ ئويلىدىم...



تېما: دۇكان – سارايڭىزغا كۆزتىش ئاپىرىتىنى بېكتىۋىلىڭ.



تۇرمۇش بېسىمى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن ئائىلە جان باقماق تەسلىشىپ كىتىش، ئۇيۇنخانلىرنىڭ كۆپلەپ ئېچىلىشىدىن ئوغىرى يالغان ئىشلىرى بەكلا جىقلاپ كەتتى، ئوغرى چۈشسە كامىرا بارمىتى دەم بىزگە ئارتىپ قويغان،سەۋەبى ھەممىزىگە ئېنىق ، لېكىن كونلاردا خوشناڭنى ئوغىرى تۇتما ئۆزەڭنى چىڭ تۇت دىگەن بىر تەمسىل بار، قانداق چىق تۇتىمىز؟!



1. دۇكانغا كۆزىتىش سېستىمىسى ئورنىتىش



كۆزىتىش ئاپىراتىنى بېكىتىش ئۇسۇلى ئادەتتە 2 خىل بولىدۇ (1) كومپيۇتېرغا(تۆۋەندە كوم دەپ ئېلىندۇ) بىرىنچى قەدەمدە كامىرا سىگىنالىنى قۇبۇللىغۇچ بېكىتىش (采集卡) ئۇستەل كومغا PCIقۇبۇللىغۇچ(رەسىم01) بېكىتىمىز بازار باھاسى 150كوي ئەتراپىدا، ئىككىنچى قەدەمدە كامىرا تاللاش (كامىرانى قانداق تاللاشنى تەپسىلى سۆزلىسەم مۇرەككەپلىشىپ كەتكۈدەك كامىرا ساتقۇچىغا دۇكاننىڭ چوڭ كېچىكىلىكىنى دەپ بەرسىڭىز ئۇلار تاللاپ بېرىدۇ) ئەسكەرتىپ قۇيۇشقا تېگىشلىكى كامىرانىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى(芯片) ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ ئۇلار SONY,SHARP,CMOS سونىدىن باشلاپ سۈپەت ياخشى بولىدۇ لېكىن باھاسى قىممەتلەپ ماڭىدۇ، كامىراغا ئىشلىتىدىغان سىم 3 خىل بولىدۇ، لېكىن بۇ يەردە 2 خىلنى تۇنۇشتۇرمىز، بىرىنچىسى كامىراغا تۇك تەمىلىگۈچى سىم بىلەن سىگىنال سىمى تەڭ ماڭدىغان سىم(بازار باھاسى 1.8يۇەن‹رەسىم 002›)، ئىككىنچىسى كامىرا بىكىتكەن ئۇرۇندا كامىراغا توك تەمىلەيدىغاب مەنبە بولغان ھالەتتە بىۋاستە سىگىنال ئۇزىتىدىغان سىم(بازىار باھاسى 1.2 يۇەن‹رەسىم003›) سىمىنى ئەمەلىي ئەھۋالغا قارتا تاللىسڭىز بولىدۇ، كېيىنكى قەدەمدە ئۇلاش بېشىنى ئورنىتىپ(رەسىم 004) كومدىكى PCIقۇبۇللىغۇچقا چېتىپ قويسىڭىز بولىدۇ، قاتتىق دېسكىدىن سىنغا ئېلىشغا مەلۇم رايۇن ئاجراتسىڭىز بولىدۇ، ئەمما كوم چۇقۇم 24 سائەت ئۇچۇق تۇرىشى كېرەك، 4 كامىرا بىر PCIقۇبۇللىغۇچ جەمئىي 1500 كوي ئەتراپىدا بولىدۇ،خاتېرە كومغا USB قۇبۇللىغۇچ بېكىتسىڭىز بولىدۇ(رەسىم 005) (يۇقارقى ئۇسۇلنى تېما ئىگىسى تەۋسىيە قىلمايدۇ)



(2) كامىرا سىن ئالغۇچى (硬盘录像机)بېكىتىش



كامىرا سىن ئالغۇچى (硬盘录像机)(رەسم006) (تۆۋەندە سىنئالغۇ دىيىلىدۇ) بېكىتىش، بۇ ئۈسكۈنە كەسپى كۆزىتىش سېستىمسىنىڭ ئۈسكۈنىسى بۇلۇپ ئىچىگە قاتتىق دېسكا ئورنىتىلغان بولىدۇ ، ئاپتۇماتىك قوزغىلىدۇ، سىن ئېلىشى سۈزۈك بولىدۇ، بۇ ئۈسىكىننىڭ بازار باھاسىن تۆي كامىرالىق 600 يۇەن 8 كامىرالىق 1000 يۇەن 16 كامىرالىق 1600 يۇەن بولىدۇ، بىر دانە ئېكران كېتىدۇ.(ساقلاش مۇددىتى 70كۇن ئەتراپىدا). نورمال باھاسىى 4000 يۇەن ئەتراپىدا.



كەسپىي تېمىلارنىمۇ ئاممىباپ يازماق تەس ئىكەن،يۇقارقى ئۇسۇل ئەڭ ئاددىي ئۇسسۇللار ئيۇندىن باشقا توردىن كۇرۇش، يانفۇندىن كۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قىزققۇچىكارنىڭ كەيپىياتىغا قاراپ يازىمەن.(كەسپىي ئىشلار ياكى مۇھىم ئۇرۇنلاغا كامىرا بېكتكۈچە ئىزدىنەرسىز ياكى مەن بىلەن ئالاقىلاشقايسىز، ئاممىباپ بۇلۇش ئۈچۈن ئاددىلىققا كۈچەپ قالدىم) ئۆزەمچە ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدا يېزىپ باقتىم، ھەر قانداق تېخنىكىلىك مەسلە بولسا قۇلۇم كۆكسۇمدە ئالاقە: 18909956242 چ چ 214330824 ئۆي بۇزار(ۋىيشىن):adil122











سالام باشقۇرغۇچىلار ئىشەنچىلىك رەسىم چىقىرش توربېتىنى ئىزدەشكە ۋاقتىم قىستاپ قالغاچقا ئادىرىسىنى قالدۇرسام مەن ئۈچۈن رەمسنى يوللاپ قويغان بولساڭلار.



001 :



radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 13:27:54

” كامىرانىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يۇلى(芯片) ئادەتتە ئۈچ خىل بولىدۇ ئۇلار SONY,SHARP,CMOS سونىدىن باشلاپ سۈپەت ياخشى بولىدۇ لېكىن باھاسى قىممەتلەپ ماڭىدۇ،“



يۇرقارقى گەپتە ئازراق خاتالىق بارلىقنى ھىس قىلدىم ، ئەلۋەتتە مەن كەسپى كامىرا ئورنىتىدىغان ، ساتىدىغان ياكى ئىشلەپچىقىرىغان كەسپتە ئەمەس ، پەقەت فىزىكىدىن ئازراق خەۋىرىم ، خاتا كەتسەم تۇزىتىپ بېرەسىلەر ...

كامىرالارنىڭ يورۇقلۇقنى ئېلېكتىر سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ بېرىدىغان قۇرۇلمىسى(芯片 ئۆزەك ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ) چوڭ جەھەتتىن ئىككى خىل بولىدۇ .

1- CCD . يەنى (charge couple device ) خەنچىسى 电荷耦合器件

2- CMOS . يەنى (complementary metal oxide semiconductor) خەنچىسى 互补金属氧化物半导体

بۇنى ئۇيغۇرچىدا مۇنداق دەيدىغان ئوخشايمىز :

1-CCD . يەنى زەرەت باغلاش دېتالى (ئۇيغۇر سوفىت 2008 لوغەت )

2- CMOS يەنى ئۆز-ئارا تولۇقلايدىغان مىتال ئوكسىد يىرىم ئۆتكۇزگۇچ (ئابدۇكىرەم ئابلىزچە تەرجىمە).

شەخسى قارىشىمدا بۇلارنى ئىنگىلىزچىنىڭ قىسقارتىلمىسى بويىچە سىسىدى ، سىموس دەپ ئالايلىمىكىن ....

بۇ ئۆزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىغان زاۋۇتلار ئاساسى جەھەتتىن . سونىي ، شارىپ ، پاناسونىك ، خىتاچى (sony , panasonic , hitachi , sharp ) قاتارلىقلار ...


terjime يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 16:50:25

ئارقا تەرەپكە سىغىم كارتىسى سېلىپ توكقا چېتىپ قويسىلا ئىشلەيدىغان بىر خىل كامىرا بار ، سىغىمى چوڭراق كارتا سېلىپ قويساق تۆت -بەش كۈن ئىشلىتىشكە بولىدۇ . سىغىم كارتىسىمۇ ھازىر ئەرزان بولۇپ كەتتى ، ئىككى كارتىنى ئالماشتۇرۇپ ئۇدۇللۇق سۆرەتنى كومپىيۇتۇرغا يۆتكەپ قۇرۇقداپ تۇرسا بولىدۇ . بۇ كامىرا 200يۇىندىن 300يۇەنگىچكەن ، بۇنىڭدا تېخىمۇ ئەرزان توختايدۇ .

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 18:10:47

ئەجرىڭىزگە رەھمەت...

RaZiL17 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-8 21:40:33

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر قىرىندىشىم ....قارغاندا مۇشۇ كامىرا دىگەن نەرسىنى خېلە پىشىق بىلدىغان ئوخشايسىز . شۇنى سوراپ باقسام :بىزنىڭ دۇكاندا ئىككىسى بار ئىدى ، مۇشۇ نەرسىنى باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە تېلغۇندا كۆرگىلى قىلدىغان بۇلامىش ! مەندە بىر ئالما تېلغۇن بار ئىدى ، لىكىن نەشرى سەل تۆۋەن( تېخى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلۇشۇپ باقمىدىم ) مۇشۇ تېلغۇندا كۆرۈش ئۈچۈن قانداق شارائىت بۇلۇشى كېرەك؟ (كۆرمەكچى بولغان يانغۇندا ) مۇشۇنى بىر تەپسىلى چۈشۈندۈرۈپ قويسىڭىز. رەخمەت !

ھە راس بۇ كامىرانى تورغا چىقمايدىغان كومپىيۇتۇردا چاتقان ، كومپىيۇتۇرنىڭ ئىچىگە ئېۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر نەرسە سالغان ..ئادەتتە تورغا چىقمايدۇ ..ئاچساملام ئۆزى قوزغىلىدۇ ..
بەت: [1]
: خوشناڭنى ئوغىرى تۇتما ئۆزەڭنى چىڭ تۇت