xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 15:30:30

[ياردەم] ب تىپىلىق جىگەر ياللۇغىدىن جىددىي ياردەم سورايمەن.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

ئىزدىنىشتىكى ھەكىملەردىن جىددىي مەسلىھەت سورايمەن. قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بولسا ئايىمىغايسىلەر.

نەق گەپنى دېسەم ئاكامغا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بار دەپ دىئاگنوز قويۇلغىلى ئىككى يىل بولدى، مۇشۇ ئىككى يىل جەريانىدا شەھىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. ھەر قېتىم ياخشى بوپتىمەن دەپ دوختۇرخانىدىن چىقىدۇ يۇ نەچچە ئون كۈن بولمايلا يەنە دوختۇرخانىغا بارىدۇ. دوختۇرخانىدا ياتقاندىن سىرت، دورىسىغىلام ھەر ئايدا 1500 يۈەن ئەتراپىدا كېتىپ بارىدۇ. شۇنداق قىلىپ تا ھازىرغىچە ب تىپلىق جىگەر كېسىلىدىن قۇتۇلالمىدى. دېمەكچى بولغىنىم مۇشۇ ئۇيغۇر تېبابىتىمىزدە مۇشۇ كېسەلگە قارتا قانداق داۋالاش تەدبىرلىرى بار، مەسىلەن خوتەن تەرەپلەردە مۇشۇ جىگەر كېسىلى جەھەتتە تەجرىبىسى بار دوختۇرلار بارمۇ؟ ئورنى، ئادرېسى دېگەندەك ئۇچۇرلار بولسا تەمىنلىگەن بولساڭلار.  (ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بايقىلىشتىن ئازراق بۇرۇن ئۆت ئېلىۋېتىش ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان).

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:09:36

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،

خوتەن قاراقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسدىكى رۇزى باقى ھاجىمغا كۆرۈنسۇن، ھاجىمغا كۆرۈنۈپ شۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانسا تېخى ياخشى. ئاۋۇ غەرب تىبابىتىنىڭ دورىلىرىنى بولسا ئەمدى يېمىسۇن، جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتىن باشقىغا جىق پايدىسى يوق. 干扰素 دىگەنلەرگە ئالدىراپ يېقىن كەلمىگەي. ئۇنىڭدىن باشقا، رۇزى باقى ھاجىم يازغان «جىگەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش» دەيدىغان بىر كىتاب بار، شۇ كىتابنى ئوبدان ئوقۇپ چىقسۇن.


B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۇيغۇر تىبابىتىدە بەلغەمدىن بولغان جىگەر ئىششىقى دەپ قارىلىدىكەن، يەنى ھۆل سوغۇقتىن بولىدىكەن. شۇڭا سوغۇقلۇق، ھەتتا بەزى سوغۇققا مايىل مۆتىدىل نەرسىلەردىن ئوبدان پەرھىز قىلسۇن.


بۇ كېىسەل ئىنچكە پەرۋىشكە موھتاج، پەرھىزلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى ئادەت قىلىش لازىمكەن، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشمۇ بەك مۇھىم. جىگەر ئىقتىدارى، ۋىروسلارنىڭ سانى، رەڭلىك ب تىپلىك ئۇلتىرا ئاۋاز ئاپاراتى(رەڭلىك بىچاۋنى مۇشۇنداق دەمدۇق) جىگەر تەكشۈرۈشى دىگەنلەرنى نورمال بولغاندا يىلدا ئىككى قېتىم تەكشۈرتۈپ تۇرۇش زۆرۈركەن.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:33:18

ئەگەر جىگەر ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىشى تېز بولمىاندا ياكى ئىككى جۈپ بىر تاق تەجرىبىسىدە كىچىك ئۈچ مۇسبەت بولسا ، جىگەر ئىقتىدارى نورمال ئەھۋالدا ئۇنچە كۆپ داۋالاشنىڭ شۇنداقلا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بەرىبىر غەرىپ تىبابىتى بويىچە ساقىيىش نىسبىتى 1% ئەتراپىدا.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 19:19:32

خوتەن داۋايى دوختۇرخانىسىدىكى ئابابەكرى راخمان ئاكىنى تېپىپ داۋالانسۇن....

خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسىدىكى ئابدۇكېرىم ئۇستازنىمۇ بىر ئىزدەپ باقسۇن

bulutt يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 21:47:00

1. ئۆزىگە روھى بېسىم قىلىۋالماسلىق كېرەك.

2. باشقىلارغا ئوخشاش يەپ، ئىچىپ، ئۇخلاپ،خىزمەت قىلىپ،...... نورمال ياشاش كېرەك.

3. جىگەرگە زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش كېرەك.

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 21:57:43

3- قەۋەتتىكى elbilgeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خوتەن داۋايى دوختۇرخانىسىدىكى ئابابەكرى راخمان ئاكىنى تېپىپ داۋالانسۇن....

خوتەن ئۇدۇن دوختۇرخانىسىدىكى ئابدۇكېرىم ئۇستازنىمۇ بىر ئىزدەپ باقسۇن











         خوتەن داۋايى دوختۇرخانىسىدىكى ئابابەكرى راخمان ئاكا ھاياتما؟!

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 22:44:05

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 23:04:34

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 23:18:00

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 02:24:25

مەن بۇ كېسەل توغرىلىق گەپ قىلىشقا ئەڭ لايىق بولسام كېرەك ,چۈنكى دوختۇر بولمىساممۇ بۇ كېسەل بولۇپ ساقىيىپ باققان....



99-يىلى بۇ كېسەلنىڭ جىددى تۇيۇقسىز قوزغىلىشى بىلەن ياتاققا كىردىم, sgpt 475 كە چىقىپ بوپتىكەن...ياتاقتا 2 ئاي ياتتىم، مەن بىلەن بىر ياتاقتا ياتقان يەنە بىر باينىڭ بالىسىمۇ مۇشۇ كېسەل، ئۇ بالا گەنراۋسۇ، 肝得健 ئوكۇللىرىنى ئۈرۈمچىدىن ئەكىلىپ سالدۇردى، مەن پەقەت شۇ دوختۇرخانىدا بار دەنسىڭ،ۋىتامىن س، ب 6 غا ئوخشاش سۈيدۈك ھەيدىگۈچى ئوكۇللار، پېنتسىللىنمۇ بار تېخى ، چىڭكەيلىن ئوكۇلىنى كاسسسىدىن سالدۇردۇم،21 خىل دورىنىڭ جەۋھىرى دەيدىغان گەنتەيپىيەن دەيدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ سېسسىق دورىنى يىدىم،فېينىڭ كېلى ئىچتىم، بەنلەنگېن دىگەننىغۇ ياتاققا ساندۇق بىلەن دۆۋىلىۋېتىپ كۈندە ئەتىگەندىن كەچكىچە ئوكۇل ماڭغاندىكىن يېتىپ زېرىكىپ قالساقمۇ 4-5 خالتىنى بىر دەملەپ قىيامدەك قىلىپ ئىچەتتۇق ،تاۋۇز،ئۈزۈم ئىشقىلىپ سۈيدۈك ھەيدەيدىغانلا نەرسە بولسا توختىماي يەيتتۇق، دوختۇر بىزنى گۆشتىن قەتئى ساقلىنىسەن،ھېرىپ-چارچاشقا بولمايدۇ دەپلا تۇراتتى،بىر كۈنى زېرىكىپ قېلىپ ئىككەيلەن بازارغا پىيادە چىقىپ ئايلىنىپ كىرەيلى دەپ چىقىشىمىزدەرۋازا ئالدىدا ئۇچرىشىپ قالغانغا ئىككىمىزنى دوختۇرخانىدىن ھىساپنى بوغۇپ نەدە داۋالانساڭ شۇ يەرگە بار،گەپ ئاڭلىمايدىكەنسەن دەپ ھەيدىۋەتتى \"\"

ئەتىسى يەنە ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا قايتا باردۇق،بالنىستقا كىرىش رەسمىيىتىنى قايتا بېجىرىپ بىر ئۇيغۇر دوختۇر بالىنىڭ قولىدا داۋالاندۇق ، شۇ چاغلار قولۇم قىسقا ۋاقىتلار20 ياش ، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانا ياكى شۇنداق كېسەلنى مەخسۇسراق داۋالايدىغان يەرگىمۇ بارالماي ناھىيىدە شۇنداق داۋالاندىم،بىياۋمىيەن كاڭيۈەن،داسەنياڭ،شىياۋ سەنياڭ تەكشۈرەلمەيدۇ، ۋىرۇس، dna تەكشۈرۈشقۇ يوق گەپ ، sgpt 25 كە چۈشكەن ھامان دوختۇرخانىدىن ھەيدەلدىم، ئىككى كۈن ئارتۇقراق داۋالىنىۋالاي دەپ يالۋۇرۇپ 4 كۈن ئارتۇق يېتىۋالدىم-چىقتىم.

2008 - يىلى 2- دوختۇرخانىدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى نەگە باردى دەپ شۇ جىگەر ياللۇغىنىڭ بارلىق تەكشۈرۈشلىرىنى تەكشۈرتسەم سەن ساقكەنسەن دەيدۇ، مەن بۇرۇن بولغان دىسەم قېنىڭدا كاڭتىمۇ باركەن دىدى،نەتىجە ئەزەلدىن بۇ كېسەل بولۇپ باقمىغاندەكلا چىقىپتۇ.....مەن باشقىلاردىن بۇ كېسەل مەڭگۈ ساقايمايدۇ دەپ ئاڭلىغان،دوختۇر تونۇشلىرىممۇ شۇنداق دەپ يۈرەتتى،ساق چىققىنىمدىن بەك خۇش بولۇپ ئاللاھقا رەھمەت ئوقۇپ بىر نەچچىنى ئىسقىرتىۋەتتىم.

2009-يىلى يەنە ئۈچ قېتىم ۋاكسىنا سالدۇرۇۋەتتىم....ھازىرچە ساق يۈرۈيمەن!

ئەمما بىر خىزمەتدىشىم بۇ كېسەلنى ساقايتالماي سۆرىلىپ قالدى،ئەڭ خەتەرلىكى جىددى قوزغىلىش پەيتىدە تېز تۇتۇش قىلىپ كونتىرول قىلىپ ساقايتىۋالمىسا سوزۇلما خاراكتېرلىققا ئايلىنىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرى جىگەر قېتىشقا ، قورساققا سۇ چۈشۈشكە،قورساق ھامىلىدار ئايالدەك يوغىناشقا باشلايدۇ،سۇنى بىر تەرەپتىن ئالسا يەنە بىر تەرەپتىن يەنە سۇ چۈشىدۇ ، ئاندىن جىگەر راكىغا تەرەققى قىلىدۇ-جاننى ئالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇ كېسەلنىڭ ھېكايىسىمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدۇ........

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 02:41:11

2010- يىلى بىر كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىغا بارسام دوختۇر سەن بۇرۇن نىمە كېسەل بولغان دەپ سورىدى،مەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولۇپ ساقايغان دىسەم بىكار گەپ،جىگەر ياللۇغى دىگەن مەڭگۈ ساقايمايدۇ -دىمەسما ، شۇنداق بىر قانداق تۇيۇلدى،

جىگەرنى ئىسسىق ۋە ھارارەت قاپلىۋالىدۇ دەيدىكەن تىبابەتتە، سىز كاسىنە شۇنداقلا ئىسكەنجىبىن شەربىتى تېپىپ ئىچكۈزۈڭ ئاكىڭىزغا ، بەك پايدىلىق. ئىسپىرتقا بىر ئۆمۈر يېقىن بارمىسۇن، مەنغۇ بەش ئالتە يىل ئۇ يەردە زورلىنىپ-بۇ يەردە زورلىنىپ سالاغا بوش ئادىتىمىز مەندىمۇ كۆرۈلۈپ قۇتۇلالمىدىم ئىسپىرتتىن....ماۋۇ نەچچە يىل ئىچىدە يېقىن كەلمىدىم.

سۈيدۈك ھەيدەيدىغان يىمەك-ئىچمەك ، تاتلىق نەرسە ، مېۋە ھەر قاندىقىنى يەۋەرسۇن، پايدا قىلىدۇ، ئاچچىقسۇ-لازىنى بىلمىدىم جۇما، ئىشقىلىپ مەن بەك ئامراق ، دەھشەت يەيمەن لازىنى، كىچىك ئۇچلۇق لازىدىن 5 نى يەپ بولالايمەن ئادەتتىمۇ، ئاچچىقسۇغىمۇ ئامراق،لېكىن زىيان قىلغىنىنى بىلمەيمەن. ئاكىڭىز ئىشقىلىپ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلسۇن، ئادەمنىڭ مىجەزى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە - ئۆزى يېرىم دوختۇر بولسۇن..

ئۇف،بەك تەستە يېزىپ بولدۇم مۇنۇ پوۋېستنى،رەھمەت سىزگە  {:107:}

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 08:50:56

مەنمۇ بىر - ئىككى ئېغىز سۆزلەي : muzdala دىگەندەك قارقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ داۋالىنىڭ ، چۈنكى مەن شۇ يەردە ئەمەليەت پىراكتىكىسى قىلۋاتقانداقىيىنئاغامغا بۇ يەرگە كىلىپ داۋالىنىش تەكلىپى بەرگەنىدىم (قېيىنئاغاممۇ مۇشۇ كىسەل بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگىلى10 يىل ئەتراپىدابوپتىكەن) شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە 1  ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت داۋالىنىپ قالغان دورىلىرىنى ئېلىۋېلىپ مەكتىپىگە كەتتى ، كىيىن تەكشۈرتۈپ ھەقىقەتەن ياخشىلانغانلىقىنى ، ۋىرۇسلارنىڭ سانىنىڭ كۆرۈنەرنىلىك ئازايغانلىقىنى ئېيتقان ، ھازىرمۇ ئەھۋالى خېلى ياخشى ، لېكىن ئىچكىردە بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھىتمۇ ھۆل ، يىمەك -ئىچمەكمۇ ھۆل شۇ سەۋەپتىن ۋىرۇسنىڭ سانى ئازراق ئۆرلىۋاپتۇ دەۋاتقان .      

تەۋىسيەرىم شۇ يەرگە بېرىڭ ، باشقا ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرى بولمامدۇ دىسىڭىز بولمايدۇ ، چۈنكى بىلىسىز بۇ بىر يۇقۇملۇق كىسەل ، باشقا دوختۇرخانىلار يۇقۇملۇق كىسەلنى داۋالىيالمايدۇ ياكى داۋالاشتىن قورقىدۇ ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىمۇ داۋالىمايدۇ .  قارقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ ، ئۇلار كىسەلنى داۋالاشنى ئاساسى مەقسەت قىلدۇ .   

ئەجەپ داڭلاپ كەتتى دىمەڭ، مەن شۇ يەردە ئىشلەپ بۇ كىسەلنى داۋالىغىنىمىز ئۈچۈن دەۋاتىمەن .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 09:08:27

بۇرۇن بىلىم -كۈچ ژورنىلىدا چۇمۇلىنىڭ ب تىپىلىق جىگەر ياللۇغىغا شىپا بولىدىغانلىقىنى ئۇقۇغان،%30بىمارلار ساقىيامىشكەن، بۇنى بېلىدىغانلار سۆزلەپ باققان بولسا

xaqan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 11:24:49

يۇقىرىدا يول كۆرسەتكەن بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت. ئاكام ھازىر خوتەنگە بېرىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ. يەنە بىر سوراپ باقسام مۇشۇ خوتەندىكى بەزى داڭلىق تېۋىپلاردىن مۇشۇ كېسەلنى داۋالاشتا تەجرىبىسى بارلاردىن قايسىلار بار؟

sayahatqi0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 13:09:58

بەك داڭلىق تىۋىپقا كۆرسەتكىڭىز كەپ كەتكەن بولسا قارقاشقا بېرىپ روزى باقى ھاجىمغا كۆرۈنۈڭ .  ئەڭ ياخشىسى يېتىپ داۋالىنىڭ.

ab281151976 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 13:10:45

مەن كۆپ كىشلەردىن سەۋىت تەرەپتە بۇ كىسەلنى پەقەت داۋالىمايدىكەن ، پەقەت ماڭا كەت مۇشۇنڭغىمۇ دوختۇرغا كەلدىڭمۇ ماڭە بىرىپ پىت يە دەيدىكەن دەپ ئاڭلىغان ئىدىم ، ئەممە بۇنى سىناپ كۆرگەن بىرەرسىنى كۆرمىدىم راس شۇنداقمىدۇ  {:92:}

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 15:46:03


11- قەۋەتتىكى sayahatqi0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەۋىسيەرىم شۇ يەرگە بېرىڭ ، باشقا ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىلىرى بولمامدۇ دىسىڭىز بولمايدۇ ، چۈنكى بىلىسىز بۇ بىر يۇقۇملۇق كىسەل ، باشقا دوختۇرخانىلار يۇقۇملۇق كىسەلنى داۋالىيالمايدۇ ياكى داۋالاشتىن قورقىدۇ ،خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىمۇ داۋالىمايدۇ . قارقاش ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ھىچنىمىدىن قورقمايدۇ ، ئۇلار كىسەلنى داۋالاشنى ئاساسى مەقسەت قىلدۇ .


غەلىتە ،يوچۇنلا گەپ قىلىسىزغۇ؟ سىز خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز؟ بىرەر مەقسىتىڭىز بارمۇ يە؟ كىم دىدى سىزگە شۇنداق دەپ؟ ھېچقانداق دوختۇرخانا داۋلىمايدۇ،قورقىدۇ دىگەن گەپ نىمە گەپ؟مانداق پىسپاس گەپلەرنى قلىپ يۈرمەڭ .



كارۋان ئەپەندى:ئۇدۇندىكى ئابدىكىرىم ئۇستاز ھايات ياشاۋاتقان پېشىۋا تېۋىپلارنىڭ بىرى، داۋايىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى راخمان ئۆزى جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇپ ئۈرۈمچىدىكى بارلىق دوختۇرخانىلار 3 ئاي ئەتراپىدا ياشىيالايسىز،ئېدىيىدە تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ دەپ چىقىرىۋەتكەندە ئۆزى ئىزدىنىپ ئۆزىنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاپ ساقايتىپ كېيىن داۋايىنى قۇرغان.ئابدۇكېرىم ئۇستازمۇ ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن،بېيجىڭ،شاڭخەيلەردىن ئۈمىت يوق دەپ چىقىرىۋەتكەن نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتقان،ئۇدۇنغا كېلىپ ئېسىلغان لەۋھەلەرنى كۆرسىڭىز،كېسەللەردىن ئاڭلىسىڭىز بىلىسىز،چەتئەللەردىنمۇ كېلىدۇ


elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 15:47:19

مەمۇ غۇلجىلىق بالىلاردىن ئاڭلىغانمەن پىت يەيدىغان ئىشنى  {:107:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 17:17:52

قىزىق پاراڭلار بوپ كېتىپتىغۇ.


تېما ئىگىسى، دەسلەپكى ئىنكاسلىرىمدا دېيىلگەن گەپلەر مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلەر ئەمەس، ھەممىسى تەجرىبىدىن ئۆتكەن ئاساسى بار گەپلەر. داۋايىغا بېرىپ يۈرمەڭ، ئابابەكرى راخمان تىجارەتكە ئۇستىراقكەن، قىممەت ئالغان قۇرتلاپ كەتكەن دورىلارنى ئويلىسام ئېلاننىڭ كۈچىگە قايىل بولىمەن. ئابدۇكىرەم مۇئەللىمنىڭمۇ بەك نامى بار، ئۆزىمۇ ئۇستىكەن، يۇقىرىدىكى تورداشلار دىگەندەك ئۆسمە كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا يامانكەن، لېكىن سىزنىڭ ئاكىڭىزنىڭ كېسىلىنى داۋالاشنىڭ خوتەندىكى نوچى ئۇستىسى ئەمەسكەن. خوتەنگە بېرىپ يەرلىك كىشىلەردىن بىر نەچچىسىدىن سورىسىڭىزلا بىلىپ قالىسىز. بەك جىق ئىككىلەنمەي ئۇدۇل قارىقاشقا بېرىپ رۇزى باقى ھاجىمغا كۆرۈنۈپ، قاراقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدا ئاز دىگەندە 2-3 ھەپتە يېتىپ داۋالىنىڭ.


خوتەندىكى مۇشۇ كىسەلنى داۋالايدىغان داڭلىق تېۋىپتىن ئىككىنى سانىسا بىرى رۇزى باقى ھاجىم، بۇ كىشىنىڭ \"تىرىك سىتى\" دەپ نامى باركەن. يەنە بىرىنى بىلمەيمەن، لېكىن ئابابەكرى راخمان ئەمەس. رۇزى باقى ھاجىمنىڭ شەخسىي دوختۇرخانىسدا يېتىشنى تەۋسىيە قىلمايمەن، داۋالىنىش شارائىتى ناھىيلىك دوختۇرخانىڭكىدەك ئەۋزەل بولماسلىقى مۇمكىن. كېيىن دورىنى دوختۇرخانىدىن ئېلىۋېلىپ ئۆيگە كەتسىڭىز بولىدۇ، ھەممىسىگە 5000 سوم كەڭرى يېتىدۇ. خوتەنگە بېرىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تەييارلىقلارنى چوقۇم قىلىۋېلىڭ:


1. تۇرىۋاتقان شەھىرىڭىزدە قولايلىق بولسا، DNA ۋىروس سانىنى تەكشۈرۈش تۈرىنى تەكشۈرتىۋېلىڭ، چۈنكى خوتەن شارائىتىدا ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدىن باشقا يەردە بۇنى تەكشۈرتكىلى بولمايدىكەن. قاراقاشتىن شەھەرگە كىرىپ ئاۋۇ يەرنى تېپىشقا بىر ئىككى سائەت كىتەر، ئەگەر سىز بار يەردە بۇنىڭدىن قولايلىق بولسا ئاۋال قىلغۇزىۋالغىنىڭىز ياخشى. ئەگەر خوتەنگە بېرىپ قىلغۇزماقچى بولسىڭىز، چوقۇم دوختۇرخانىغا كىرىپلا مۇشۇ تەكشۈرۈشنى ئۆزىڭىز بېرىپ قىلىڭ. ئۇ يەردىكى دوختۇرلار سىزگە ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇپمۇ قالىدۇ. بۇ تۇرنى ئۈچ ئاي دورا يەپ يەنە بىر قىلغۇزسىڭىز، ئاللاھ خالىسا ماڭا تېخىمۇ بەك رەھمەت ئېيتىسز.

2. رەڭلىك بىچاۋنىمۇ قولايلىق بولسا ياخشىراق دوختۇرخانىدا قىلغۇزۇپ بېرىڭ، قولايسىز بولغاندا خوتەندىكى نامدار بىچاۋچى خانىمغا قىلغۇزسىڭىز بولىدۇ، دوختۇرخانىدىكى دوختۇرلارمۇ شۇ ئايالنى تەۋسىيە قىلىدىكەن.


3. ئاكىڭىز كۈندە ئۇرۇق گۆشتىن قىلغان شورپا ئىچىشكە، كاۋاپ يېيىشكە بۇيرۇلىدۇ. مايسىز كاۋاپنىغۇ بازاردىن ئاسان تاپىسىز، شورپا ئۈچۈن ئازتولا تەييارلىق بىلەن بېرىڭ. ياتاق ئىچىدە ئۆزى قىلسا بولىدۇ، تېز قىزىيدىغان توك قازىنىنىمۇ قاراقاشتىن تاپماق ئاسان.


ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى يەۋاتقان ياكى يەپ بولغان مەزگىللەردە ھېچقانداق غەربچە دورا يېمىسۇن. لېكىن 2-3 ئايدا بىر ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىلاردا قەرەللىك تەكشۈرتكەي، ئاساسلىقى يەنە شۇ ئۈچ تۈر. ۋىروسلارنىڭ سانى كىسەللىك كۆرسەتكۈچىدىن تۆۋەن ھالەتكە كەلگەندە دورا مىقدارىنى تەدرىجىي ئازايتىپ، مۇشۇ خىل ھالەتنى داۋاملىق ساقلاشقا تىرىشقاي. كىچىك ئۈچ مۇسبەتنىڭ 小三阳 جىگەرنىڭ ئىقىتىدارى نورمال، ۋىروس سانى كىسەللىك كۆرسەتكۈچىدىن تۆۋەن، شۇنداق تال ۋە جىگەرنىڭ قىياپىتىدە بىنورمال ئۆزگىرىشلەر بولمىغان ھالەتتە داۋاملىق ساقلنىشى ھازىرقى زامانىۋى داۋالاش شارائىتىغا نىسبەتەنمۇ ئەڭ ياخشى ھالەت، شۇ چاغدا ساقايدىم دەپ ئويلىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن پەرھىزلەرگە ئىزچىل دىققەت قىلىش كىرەك.

---

ئاخىرىدا ئاكىڭىزنىڭ تېزراق ساقىيىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 19:20:02

بەت: [1] 2
: [ياردەم] ب تىپىلىق جىگەر ياللۇغىدىن جىددىي ياردەم سورايمەن.