enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 13:50:44

كۆپۈك خەۋەر ۋە چاكىنا سىتاتىستىكىغا بېرىلىش

2000- يىلىدىن بۇرۇن مەن تېلېۋېزوردىن خەۋەر كۆرمەيتتىم، چۈنكى ئۇ چاغدىكى خەۋەرلەر يېزا ئىگىلىك، چارچىلىق، باغ- ئورمانچىلىق، سانائەت، كانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ستاتىستىكا خەۋەرلىرى ئىدى. ئىجتىمائىي خەۋەرلەرنى دېگەندە رەھبەرلەرنىڭ قايسى چەتئەللىكنى كۈتىۋالغانلىقى، قايسى يىغىننى ئېچىۋاتقانلىقى، قايسى بۇغدايلىق ۋە زاۋۇتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ يوليورۇق بەرگىنىنىلا بېرەتتى. شەخسلەر سەھىپىسىدە چىرايى پۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كۇماك چىشلىرىنى تولۇق چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرغان ئەمگەك نەمۇنىچىسىنىڭ ستانۇكتا بىر نەرسىنى قىرىۋاتقان، چاغاندا دەم ئالماي ئىشلەۋاتقان كۆرۈنىشىنىلا بېرەتتى. ھەممە خەۋەرلەر مۇشۇنداق بىر خىل قېلىپتا ئىدى. رەھبەرلەر ئىككى قولى بىلەن ئىككى بىقىنىنى تۇتقان ھالدا ئۇياق-بۇياققا قارىسا ئۇلارغا ئەگىشىپ كەلگەن مىنىستېر نازىرلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ قارايتتى. بىرەر تۈپ گىياھنى تۇتۇپ قويسىغۇ بولدى، قالغان رەھبەرلەرمۇ بىردىن-بىردىن كېلىپ ئۇ گىياھنى تۇتۇپ كۆرەتتى. شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە ھۆكۈمەت ئاخباراتى چوقۇم مۇقىملىق دېگەن بۇ سۈرلۈك سۆز بىلەن مەھكەم باغلانغان ئىدى. ئۇنى ئاڭلىغان ئادەمنىڭ تېنى شۈركىنىپ، گويا بىر قاباھەتلىك چۈشنى كۆرۈپ ئويغىنىپ كەتكەندەك بىر قىسما بولۇپ قالاتتى. ئىقتىساد خەۋەرلىرىدە ئاپئاق ئېچىلغان كەڭ پاختىزارلىق، بوز ئاغدۇرىۋاتقان تىراكتور، نەشپۇت ئۈزگەچ چاخچاقلىشىۋاتقان قىزلار، قوتاندىكى يوغان سىيىر كالا، باي بولغانلىقىنى تونۇشتۇرىۋاتقان دېھقانلار...مانا مۇشۇ كۆرۈنۈشتىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.


   ئۇ چاغدا مەن شياڭگاڭنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋېزىيە تىياتىرلىرى بىلەن پۇتبولدىن باشقا نەرسىنى كۆرمەيتتىم. جۇ رۈنفا، ۋەن زىلياڭ،ليۇ دېخۇا، باچياۋ، بانىستۇتا، كىلىنىسمان...كېچە-كۈندۈز مۇشۇ سىمالارنى جىقراق كۆرسەم، ئۈجۈر- بۈجۈرىگىچە ئىشلىرىنى، ئېكران سىرتىدىكى تۇرمۇشلىرىدىنمۇ خەۋەر تاپسام دەپ ئويلايتتىم. لېكىن ھەر قېتىم تېلېۋېزور كۆرىدىغان ۋاختىمدا ئۇلار چىقىدىغان ۋاقىت بىلەن مېنىڭ قەدىرلىك كىشىلىرىمنىڭ ۋاختى ئۇدۇل كەلمەي قالاتتى.  دادام خەۋەردىن باشقا نېمىنى كۆرمەيتتى، ئانام سەنئەت دەپ قوپاتتى. سەنئەت نومۇرلىرى ئەڭ يېڭى بولسىغۇ ئۆزۈممۇ قىزىقىپ كۆرۈپ كېتەتتىم، لېكىن ئانام يىلدىن-يىلغا تەكرار قويۇۋېرىپ يادا بولۇپ كەتكەن پەتتار رېھىم بىلەن گۈلباھار ھامۇتنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىسا-ئاڭلىسا قانمايتتى. خەۋەرنى 5 مىنۇت كۆرسەم چىدىغۇچىلىكىم قالمايتتى. شۇنىڭ تېلېۋېزورنىڭ قۇلىقىنى "تاس-تاس-تاس" قىلىپ بۇراپ تېلېۋېزىيە تىياتىرى قانىلى بىلەن تەنتەربىيە قانىلىنى ئېچىۋالاتتىم. "ئىتالىيەنىڭكىنى بەرمەكچىتى، 5 مىنۇت كۆرىۋالاي"، "ۋەن زىلياڭنىڭ كىنوسىنى باشلاپ كەتتى"...دەيتتىم شۇ چاغدا. لېكىن دادام ناھىيىتى تېزلا دېڭ شياۋپېڭنىڭ جەنۇپنى قانداق كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلاتتى.


- ھەي ئەنۋەر، خەۋەرنىمۇ كۆرۈپ قوي بالام، نېمە پايدىسى ئەتىدىن-كەچكىچە پۇتبول كۆرۈپ؟ ئۇنىڭدىن نېمە چىقىدۇ دەيمەن، كەچكىچە ئوينىسا يا ئۇ بۇنىڭ ۋارىتىرىغا بىر توپ سولايدىكەن، يا بۇ ئۇنىڭ ۋارىتىرىغا بىر توپ سولايدىكەن...ئۇنىڭدىن خەۋەر كۆر، بىلىمىڭ ئاشىدۇ،- دەيتتى دادام.


-دادا، ئۆتكەن يىلنىڭ خەۋىرى بىلەن بۇ يىلنىڭ خەۋىرى ئوپ-ئوخشاش تۇرسا، ھەممىسى شۇ ئاشتى-ئاشتى، دېگەنلا گەپ تۇرسا، يە بىزنىڭ مائاشىمىز ئاشمىسا نېمە پايدىسى خەۋەر كۆرگەننىڭ،- دەيتتىم مەن.


- بولدى، تالاشماڭلار، -دەيتتى ئانام.


شۇنىڭ بىلەن پېشىمنى قېقىپ تالاغا چىقىپ كېتەتتىم-دە، يا كىتاپ ئوقۇيتتىم يا كوچا قاڭدايتتىم.


2000- يىلىدىن كېيىن خەۋەرلەردە كىچىككىنە ئۆزگىرىشمۇ پەيدا بولغىلى تۇردى، ئانچە-مۇنچە قىزىقارلىق ۋەقەلەرمۇ كىرىشتۈرۈلدى، لېكىن ۋەزىيەت جىددىلىشىپ كەتسە بۇنداق ھالەت ناھىيىتى تېزلا ئىنقىلاۋىي قاتتىق تۈسكە ئۆزگۈرەتتى. مەن ھامان تۇرمۇشتىكى چىن ۋەقەلىك، قەھرىمان ۋە چولپانلار، پۇتبولغا قىزىقاتتىم. ئۇ چاغدا ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل ئائىلىسى بولدى، دادامنىڭكىدىنمۇ ئالىراق تېلېۋېزورىم بار بولدى. يېپىق يوللۇق تارقىتىشمۇ يولغا قويۇلۇپ نېمىنى خالىسام شۇنى كۆرىدىغان بولدۇم. بۇ جەرياندا ئىزچىل خەۋەر كۆرمىدىم، لېكىن تېلېۋېزىيە تىياتىرى، پۇتبولنى كۆرۈۋېرىپمۇ زېرىكتىم. چولپانلارنىڭمۇ ئەسلىدە تولىمۇ ئەرزىمەس بىر ئويۇنچۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم-دە، زادى نېمىنى كۆرسە ئەھمىيىتى بولىدىغىنىنى بىلەلمەيلا كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېلانلار شۇنداق كۆپىيىپ كەتتىكى، تېلېۋېزورنى كۆتۈرۈپ چاققۇدەك ئەھۋالغىمۇ كەلدىم. خۇداغا شۈكرى، كېيىن تور پەيدا بولدى، تور دەۋرىدە ھەر بىرلىرىمىزمۇ بىردىن تارقاتقۇچىغا ئايلاندۇق...بۇ ھەر بىرىمىزگە ئايان ياكى ئايان ئەمەس مەسىلىكى مەيلى مەندەك خەۋەر بىلەن خوشى يوق ئادەم بولسۇن، مەيلى خەۋەرگە ئامراق ئادەم بولسۇن، بىز بىلىپ-بىلمەيلا خەۋەرنىڭ كونتروللىقىغا چۈشۈپ قالدۇق، ھەم مۇشۇ كونتروللۇق ئىچىدە خەۋەر تارقىتىدىغان ماشىنىغا ئايلاندۇق.


تورغا كۈندە نەچچە مىڭلاپ، نەچچە ئونمىڭلاپ خەۋەر يوللىنىپ تۇرىدۇ. بۇ خەۋەرلەرنى كۆرمەيلى دېسەكمۇ باشقا خىلدىكى يوللانمىلار ئارىسىدا، تور بەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىدە بىزنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەبىئىيلا خەۋەر كۆرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە تور دەۋرىدىكى خەۋەرلەر ئۇنىڭ ئاخباراتلىق قىممىتىغا كۆرە قىزىقارلىق بولۇش قىممىتى يۇقۇرى بولغاچقا بۇ خەۋەرلەر ئىختىيارسىز بىزنى جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. ھەم خەۋەرنىڭ خارەكتىرى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەت ئاخباراتچىلىقىدىن كۆپ ئازات بولغاچقا چىنلىق ئىزدەپ كىرىمىز. لېكىن بۇ يەردىمۇ بىز مۇھتاج بولغان چىنلىقنى ئاسانلىقچە تاپالماي، ھەتتا تېخىمۇ بۇرمىلانغان يالغان-ياۋىداقنىڭ ئەخمەق قىلىشىغا ئۇچرىغاندەك بىر خىل زەردە-گۆشلىككە مۇپتىلا بولىمىز. بۇنىڭ بىلەن خەۋەرلەر بىزنىڭ تەپەككۈر پائالىيەتلىرىمىزدە ئاساسلىق كۈرەشكە ئايلىنىپ، پۈتۈن دىققىتىمىزنى ئۆزىگە مەركەزلەشتۈرۈپ بارماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىز باشلىنىشى بىلەن ئاخىرلىشىشى ئۇزۇن بىر سىستېمىنى ھاسىل قىلىدىغان تۇتامغا چىققۇدەك بىلىم ۋە تۈرلۈك سىستېمىلىق ئىدىيەلەردىن تولىمۇ چەتنەپ كېتىۋاتىمىز. بولۇپمۇ بۇ كۈنلەردە ئەڭ زەربىگە ئۇچراۋاتقىنى ئىستىتىكىدۇر. بۇ مەيلى ئەدەبىيات بولسۇن ياكى ئىلىم-پەن بولسۇن، يەنە ياكى دىن بولسۇن ئۇلاردىكى ئىستىتىكا ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتىدۇ.


ئەدەبىياتنى مىسالغا ئالساق، ئەسلىدىكى گۈزەل تىل، قويۇق شېئىرىي كەيپىياتنىڭ ئورنىغا قوپال ئاخبارات تىلى ۋە ۋەقەنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا. ئىلىم-پەندە گۈزەل مېتافىزىكىلىق تەسەۋۋۇر ئاتىئىست ئەقىلچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا، دىندا چوڭقۇر ھېكمەتلەر ھادىسىۋى ھاسىلاتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا.


ھازىر تورلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى كۈزىتىدىغان بولساق، شېئىرىيەت ئۆلۈم گېردابىغا بېرىپ قالغان، تەبىئىي پەن يالغان-ياۋىداق ئۇچۇرلار بىلەن تولغان، دىندا چوڭقۇر ھېكمەتكە چۆكمەي ھادىسىۋى تالاش-تارتىشقا پاتقان ئومۇميۈزلۈك ئەھۋالنى كۆرەلەيمىز.


ئەمما، تور دەۋرىدە راست بىلەن يالغان ناھىيىتى كەڭ ئارىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇزلۇق ئاخبارات ئاگېنتلىقى تارقاتقان خەۋەر ۋە تەھلىللەردىن بىز ھەر ھالدا چىنلىقتىن مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار بولۇپ تۇرالايمىز. مەسىلەن، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تارقىتىش ئۇسلۇبى ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ ئۆزگەردى. مەخسۇس خەۋەرگە مەخسۇس تەھلىلچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان كۈندىلىك خەۋەرلەرنى ناھىيىتى تەپسىلى ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا تارقىتىۋاتىدۇ. كىشىنى سۆيۈندۈرىغىنى شۇكى، خەۋەرنى تەھلىل قىلىشتا بۇرۇنقىدەك نوپۇزنى تاڭماي، ئۆزىڭىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ئەركىنلىكىڭىزگە ھۆرمەت قىلىۋاتىدۇ." بۇ مۇنداقراق گەپمىكى، ئۇ ئۇنداقراق بولىشى مۈمكىن". مانا بۇ ھازىرقى خەۋەرلەرنىڭ پروگرامما ئالاھىدىلىكى. بۇنىڭ بىلەن بىز يەنىلا نوپۇزلۇق خەۋەرلەرگە كۆپرەك مۇراجىئەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالغاندەك قىلىمىز. لېكىن، خەۋەر دېگەن خەۋەر. بۇ نەرسىنىڭ ھامان بىر ۋېنتىسى كەم، بىزنى كونترول قىلىمەن دەپلا تۇرىدۇ. كونتروللۇقتا ھامان يالغان-ياۋىداق تولۇپ-تاشقان بولىدۇ. ئىنسان كۈندىلىك خەۋەرلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماي 10 يىللىق، يۈز يىللىق، 1000 يىللىق جۇغلانمىغا كۆڭۈل بۆلگەندە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي قىممىتىنى يارىتالايدۇ، دەپ ئويلايمەن.


چۈنكى، ئىنسان بەدەن ئېھتىياجى بىلەن روھى ئېھتىياجى ئۈچۈن ياشايدىغان بىر ئالى ۋۇجۇد. بەدەن ئېھتىياجىنى كۈندىلىك 3 ۋاخ تاماق ۋە باشقا پائالىيەتلەر بىلەن بېسىقتۇرغىلى بولسىمۇ، ئەمما روھى ئېھتىياجنى كۈندىلىك خەۋەرلەرنىڭ مونوپوللىقى بىلەن بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ پەقەت روھنىڭ ئىنتايىن ئازلا بىر بۈرجىكىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. روھ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەر ئۇزاق يىللىق جۇغلانمىلارنىڭ ھاسىلاتىدىن كېلىدۇ.يەنى،  چوڭقۇر ھېكمەتلەر، ئىستىتىكا ۋە قەلبنىڭ ئىنتايىن ئىنچىكە تارلىرىدىن بىز تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمىگۈدەك دەرىجىدە تارقىلىۋاتقان نازۇك ھىس-تۇيغۇلار...بۇلار ۋاراڭ-چۇرۇڭغا قارىغاندا جىمجىت سۈكۈناتقا ئىنتايىن مۇھتاجدۇر. شۇڭا پۈتۈن دىققىتىمىز كۈندىلىك پاراڭلارغا مەركەزلىشىپ قالغاندا بىز قەلبىمىز ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنى ئۇنتۇپ قالىمىز، تاشلىۋېتىمىز...


بۇ دەۋردە ئىستىتىكا ۋە چوڭقۇر ھېكمەتلەر شۇنداقلا نىمجان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالارمۇ؟ شېئىرىيەت ۋە پاساھەت راستىنلا دوستۇم غازى ئېيتقىنىدەك غېرىپ ئارالغا پالىنىۋېرەرمۇ؟


بىز بەزى ئىشلارنى قىلىپ بېقىشىمىز كېرەكمۇ، قانداق؟


بىز ئادەتتە ئۇلىنىش تورىنى ئاچساقلا ئەشۇلارنىڭ خائىشى بويىچە تاللانغان ئەخلەت مۇزىكىنىڭ ھاڭراپ چىقىۋېلىشى بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ئالدى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىدىغىنى "نۇر خەۋەرلىرى"دۇر. "نۇر خەۋەرلىرى"توغرىلىق ئەرتۈرك بىر قېتىم گەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بىر ئۆزگۈرۈش بولمىدى. ئىملاسى قانداق بولسا بوپتۇ، لېكىن، فەن بىڭبىڭ، جاڭ زىيىنىڭ ئەخلەت خەۋەرلىرى، يالغان-ياۋىداق مۆجىزىۋازلىق، يېرىم-يالىڭاچ تەنلەرنىڭ نامايىشلىرىنى كوللېكتىپ تەنقىت بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلاش كېرەك، دەپ ئويلايمەن.


بۇنى مەن قانداقتۇ مىللىي ھېسسىيات بىلەنلا دەۋاتقان گەپ ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەت قاراشلىرىدىن چىقىش قىلغاندىمۇ ئۇنداق خەۋەرلەر بەرىبىر ئەخلەتكە كىرىدۇ. ئۇنىڭدا ھېچقانداق بىلىم بولمايدۇ، سىستېما بولمايدۇ، پەقەت كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن ۋە ناچارراق بولغان ئىستىتىكا تەلەپلىرىنىلا قاندۇرىدۇ، ھەتتا خۇمار قىلىپ نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقىتنى ئالىدۇ. بۇنداق خەۋەرلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە كىشىلەر ئەخلەت دەپ تىللايدۇ.


بىزنىڭ ئۇچۇر ۋە بىلىم تارقىتىشتا قىلىشقا تېگىشلىك شۇنداق زور بوشلۇقىمىز تۇرسا نىمىشقا كۆزنەك-كۆزنەكلىرىمىزنى ئەخلەت بىلەن توشقۇزىۋېتىشىمىز كېرەك. بۇنى ئەمدى بولغاندىمۇ چوڭقۇر ئويلانماي بولمايدۇ.



چاكىنا ستاتىستىكىغا بېرىلىشكە كەلسەك، بۇنىڭدا مەن پۇتبولنى مىسالغا ئېلىشقا مەجبۇرمەن. خەلقىمىز پۇتبولنى ياخشى كۆرىدۇ. پۇتبولنى ياخشى كۆرۈش بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى زاماندىمۇ تەرەققىيات ۋە مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى. ئىنسانىيلىقتىكى بەدەن ۋە روھنىڭ ئېھتىياجىدىن خېلى دەرىجىدە چىقىدىغان بۇ گۈزەل ھەرىكەتنى خەلقىمىز ياخشى كۆرۈشى كېرەك، تەرەققى قىلدۇرىشى كېرەك. لېكىن، كۆڭلىگە كەلسىمۇ دەپ قويىدىغان بىر گەپ بار ئۇكىلىرىمىزغا:


پۇتبول مۇنبەرلىرىدە بىر خىل ئورۇنسىز ستاتىستىكىچىلىق پۈتۈن تېمىلارنى قاپلاپ كېتىپتۇ:


مىسسى مانچە توپ ئۇردى، دىستىفانونىڭ رېكورتىنى بۇزدى، لېكىن مانچىنچى يىلدىكى بىركىمنىڭ رېكورتىغا مانچە توپ قالدى، دېگەندەك تايىنى يوق گەپلەر پۈتۈن مۇنبەرلەردە ئاساسلىق دەيدىغان گەپكە ئايلىنىپ قاپتۇ. پۇتبول مۇنبىرىدە ئاساسلىق تەھلىل ئۇنداق كۆپۈك ستاتىستىكىغا مەركەزلىشىپ قالسا ياخشى بولمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. پۇتبولنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلايدىكەنمىز، خەلقىمىزنىڭ پۇتبول ئېڭىنى ھەقىقىي يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان تېخنىكا ۋە تاكتىنى تونۇشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن. شۇنداق تېمىلارمۇ باركەن ئەلۋەتتە، مادرېدنىڭ مەشق دەرسى، ئۆزىلنىڭ ھەرىكەتلىنىش تىرىياكتورلىرى تەھلىل قىلىنغان تېمىلارنى كۆرۈپ بەك سۆيۈنگەن ئىدىم. شۇنداق تېمىلارغا مەركەزلەشسەك، مەنمۇ خۇدايىم بۇيرىسا شۇنداق تېمىلارنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇرۇشقا قاتنىشىمەن.


بۈگۈن بىر ئولتۇرۇشۇم بىلەنلا بىر مۇنچە تاققا-تۇققۇ سۆزلىۋەتتىم، بىۋاستە يازغاچقا بەزى ئىملا خاتالىقى ۋە جۈملىلەرنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن خالىي بولالمىغان بولىشىم مۈمكىن. ئاخىرىدا كۆپچىلىككە رەھمەت...

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 17:38:35

خەۋەر كۆرسەم جۇدۇنۇم تۇتىدىغىنى ئازادلىقتىن بۇرۇن مۇنداقتى ھازىر مۇنچە ھەسسە ئاشتى دەپ سىتاتىستىكا قىلىش.

fisherman يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 21:03:59

مېنىڭمۇ ئۇلىنىشقا چىققىم كەممەيدۇ، چىقسىلا لەپىلدەپ تۇغان ئېلانلا ، نۇر تورىنىڭ خەۋەرلىرىچۇ تېخى، ساپ تۈكى يوق پاراڭلا ، خەۋەر بولغاندىكىن خەق ئوقۇپ بوپ ئازىراق چۈشەنچە ۋە بىلىپ ئالالىسا ، يېڭىلىقلارنى بىلسە بۇلاتتى ، ياخشىراق خەۋەر بولسا ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسىمۇ بۇلىدۇ پايدىسى تەگسە، ئاشسىلا شۇ شەخىسلارنىڭ تۇرمۇشىنى .... . \"\"

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 21:50:37

مەن بىكار يۈرسەم يۈرىمەنكى خەۋەر كۆرمەيمەن، تېلۋىزور كۆرگەندىن بالىلىرىم بىلەن چۆچەك كىتاپ ئوقۇيمەن.

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 22:41:24

تور دۇنياسىنىڭ ئۇمۇملىشىشى كاللا يۇيۇش دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇردى.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوقۇرمەن كۆرۈرمەنلەرگە يىڭى مەسئۇلىيەتلەرنى تاشلاپ بەردى.

ئۇقماسلىقلا ئەمەس قانداق ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ۋە كاللىمىزدىن ئۆتكۈزۈشمۇ ئۈزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.



مەن يېقىندىن بېرى ئۈزەم ئانچە قىزىقمايدىغان ئىقدىسات ۋە سىياسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارغا دېققىتىمنى ئاجرىتىۋاتىمەن.

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 09:38:45

ھازىر ئىچكىر ئۆلكۈلەردە ھۆكۈمەت خىزمەتلىرىدىن نەق مەيداندا پۇقرالار ھەل قىلالمىغان ئىشسلرىنى شۇ ئىشقا مەسئۇل ئورگان خىزمەتچىللرى جاۋاپ بەرگەىلى تۇرۇپتۇ.. ھەر قېتىم سۇئال سورسا بىچارە باشلىق بىرقتىم لۆڭگىسنى ئىلىپ بېشىىدىكىى تەرلىرىنى سۈرتۈپ جاۋاپ بەرگەىلى تۇرۇپتۇ..شۇنداق قىلىپ خېلى جىق ئەسلىدە بولۇشقا تىگىشلىك ،ئەمما ھەرخىل قىلتاقلار تۈپەيلى ئەمەلگە ئاشمايۋاتقان مەسىللەر ھەل بولغان چىراي...

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 17:33:11

ئىلىم-پەندە گۈزەل مېتافىزىكىلىق تەسەۋۋۇر ئاتىئىست ئەقىلچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا، دىندا چوڭقۇر ھېكمەتلەر ھادىسىۋى ھاسىلاتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا.





شۇنداق بولىۋېتىپتىمۇ؟ تەپسىلىيراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 17:52:09


7- قەۋەتتىكى joshuaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىلىم-پەندە گۈزەل مېتافىزىكىلىق تەسەۋۋۇر ئاتىئىست ئەقىلچىلىقنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا، دىندا چوڭقۇر ھېكمەتلەر ھادىسىۋى ھاسىلاتلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىماقتا.





شۇنداق بولىۋېتىپتىمۇ؟ تەپسىلىيراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.


______________________________________


بۇ گەپلەرنى بەك تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېتىشنى خالىمىدىم. ھەم بۇندىن كېيىنمۇ خالىمايمەن.




yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-7 18:01:59

ئۇيغۇرچە مېدىيالاردا بوشلۇق كۆپ.

تور بەت ئېچىپ ماڭغۇزۇپ باققانلار دەپ باقسا، نوقۇل خەۋەر تارقىتىپ جان بېقىش مۈمكىنمۇ ؟ خەۋەر تەرجىمە قىلىش ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا بېرىپ تاقىشامدۇ ؟ خەۋەرلەرگە قارىتا ئىنكاس يازىدىغان كۆزنەك ئېچىشقا قانۇن يول قويامدۇ؟


بەت: [1]
: كۆپۈك خەۋەر ۋە چاكىنا سىتاتىستىكىغا بېرىلىش