wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:27:09

180مىڭ سوم يىغىشقا ئاتلاندىم (مۇراجەتنامە )

بۇ مۇراجەتنامە توختىدى



    نەچچە كۈندىن بېرى بىر قىز تېلىفون قىلىپ بىر ساۋاقدېشىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىپ ئۈرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ،بىزنىڭ  ئۇلارغا ياردەم قىلىپ پۇل يىغىشىپ بېرىشىمىزنى ئېيتىتقان ئىدى .تۈنۈگۈن ئۇ بىر مۇراجەتنامە يېزىپ كەپتۇ ،مۇراجەتنامىنى كۆرۈپ بۇ قىز ئۈچۈن قەتئىي ياردەم قىلىشنى قارار قىلدىم ؛


بورتالا 7-ئوتتۇرا مەكتەپ  تولۇق ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى تۇنساگۇل مەمەت ،ئۇ يېقىندىن بۇيان دەرس ۋاقىتلىرىدا تولا ئاغىرىپ دوختۇردا ياتقان بولسىمۇ دوختۇرلار دىئاگىنوز قويالمىغان ئىدى ، ئاخىرى بۇ ساۋاقداشىمىز دەرس ۋاقتىدا بولالماي قالدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەتتى ۋە يۈرىگى تۇغما تۆشۈك دەپ دىئاگىنوز قويۇلدى ،دوختۇرلارنىڭ دېيىشىچە بۇ ئوپىراتسىيە ئۈچۈن 180 مىڭ سوم كېتىدىكەن ،بۇ ساۋاقدىشىمىزنىڭ ئائىلىسىدە بەش جان  ،ئۆيى يېزىدا بولۇپ ئاكىسىمۇ كېسەلچان ئىكەن ،شۇڭا بىز  تولۇق ئۈچىنچى يىللىق بىرىنچى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى جەمىئەتتىكى بارلىق ساخاۋەتچى قېرىنداشلاردىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز ،بىرىمىز بىر سومدىن چىقارساق 180مىڭ ئادەم بىلەن ساۋاقدىشىمىزنى داۋالىيالايدىكەنمىز ، مەيلى قانچىلىك پۇل يىغايلى ،بىز ساۋاقداشلار بۇ  ساخاۋەت پائالىيىتىگە ئاتلاندۇق ،بىزگە ياردەم قىلىڭلار قېرىنداشلار ......


ساۋاقدىشىمىز تۇنساگۇل مەمەت ،  ھازىر شىنجاڭ تىببى ئۇنۋېرستېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا تاشقى يۈرەك 1-كېسەللەر بۆلۈمى 6-قەۋەت 46-كارۋات؛


.


بۇ قىز ئۈچۈن تەرەپ تەرەپكە چېپىپ پۇل يىغىۋاتقان مېھرىبان ساۋاقداشنىڭ ئىسم -فامىلىسى :


دىلخۇمار قۇربان ،يانفون نومۇرى :     18799633767


ئۇ قىز ماڭا تېلىفون قىلىپ مېھرىبان ئاتىلار ئىكەنسىلەر ،مۇشۇ ساۋاقدىشىمىزغا بىر ياردەم قىلساڭلار دەپ مۇراجەت قىلغان ئىدى ،مەن ئۇنىڭ گەپلىرىدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم ، بالا ئىدۇق مانا ھەش پەش دېگۈچە بالىلىق بولۇپ ئاتا بوپتۇق .تۆنۈگۈن كېچىچە مۇشۇ مۇراجەتنامىنى ئويلاپ مانا تورغا يوللاپ ئولتۇردۇم ،خۇدايىم بۇيرىسا مانا ھازىردىن تارتىپ بۇ يىل نورۇز كۈنىگىچە مۇشۇ قىز ئۈچۈن بورتالادا كۆرگەنلىكى ئادەمگە مۇشۇ ئىشلارنى ئېيتىپ بۇ قىز ئۈچۈن 180مىڭ سوم يىغىش ئۈچۈن تىرىشىمەن ، 180مىڭ ئادەمدىن 1سومدىن يىغىش تولىمۇ تەس ئىش ،لىكىن قەتئىي ئىرادىگە كەلدىم ،بىر تىرىشىپ باقاي ،خۇدا خالىسا  شۇ كۈنىگىچە ھايات بولسام ،مۇشۇ مۇراجەتنامىنىڭ ئاخىر خۇلاسىسىنى يازىمەن .....

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:31:21

مۇمكىن بولسا مۇشۇ تېمىنى «ئەلا»لاپ قويارسىز ،تۆرگە چىقسۇن ،نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ بۇ ئادىرىسنى چ چ داشلىرىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرىڭ ،ياردەم بېرىدىغانلار چىقىپ قالار ،رەھمەت .

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:34:41

支付宝دىن پۇل ئۇرۇشقا ئادرىس بولسا يوللاپ قويساڭلار ، مەنمۇ ئازراق كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قوياي.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:40:12

بولىدۇ ،مەن گۇدلاكقا دەپ قوياي ئۇ مەخسۇس ئادرىسنى ئەۋەتىپ بەرسۇم ،رەھمەت سىزگە .

alibarbar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:43:45

ئەلا كەتتى

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:47:56

ۋاپاداراىم: سىزنىڭ بىر سوم پىلانىڭىزنى كۆرۈپ تۇراتتىم-يۇ، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن پۇل سالالماپتىمەن. بۇ قېتىم كۆڭلۈمنى ئىپادىلەي. سالامەت بولۇڭ. \"\"

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:54:44

ئىزدىنىش تورىدىكى بارلىق قېرىنداشلار !!!

   ۋاپادارىمنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ھەممىز خەۋەردار ... ۋاپادارىم ئىزدىنىشقا مۇراجاتنامە يازغانكەن ، بۇ ئىشنىڭ يالغىنى يوق. ئاشۇ قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز ياردەم قۇلىمىزنى سۇنساق ، قىلغان ھەم قىلىۋاتقان ،قىلماقچى بولغان گۇناھلىرىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمى بولسىمۇ ئازىيىپ قالار.. ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيمىزدە يۇز يۇەن پۇلغا بىرەر سۇرۇننىڭ تاماكىسى ئاران كېلىدۇ .. شۇڭا ھەر بىر ئادەم بىر يۇەن دەپ ئولتاماي ،قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك ياردەم قىلايلى ...

مېنىڭ تەكلىپىم ،پۇلنى بىۋاستە قىزنىڭ كارتىسىغا ئۇرماي ۋاپادارىمنىڭ كارتىسىغا ئۇرساق ... ۋاپادارىم ئۆزى شۇ قىزغا يەتكۈزۈپ بەرسە ....

مەن شەخسى نامىمدىن 500يۇەن ياردەم قىلىمەن ...

بولسا جەمىيەتتتىكى ئىزدىنىش تورىغا چىقمايدىغان دوسىت بۇرادەرلەرگىمۇ تەشۋىق قىلىپ باقساق ...

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:57:35

مېنى تەسىرلەندۈرگىنى بىمارنىڭ ساۋاقداشلىرى بولۇپمۇ ئاۋۇ مەن بىلەن ئالاقە قىلغان قىز بولدى ، مەن چۈشتىن كىيىن ئۇ بالىلارنىڭ سىنىپىغا بارىمەن ۋە كونكىرىت ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىمەن ،قېنى نورۇز بايرىمى كۈنىگىچە بىر پائالىيەت قىلاي بۇ شەھەردە ،بورتالا دىيارىدا بەلكى قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان مۇراجەتنامە مۇشۇ بولۇپ قالغۇسى ....

بۇ تېمىنى تارقىتىشىپ بېرىڭلار دوسىتلار ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:57:54

مەن 500 يۈئەن ئەۋەتىمەن.


izdinix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:03:54

ۋاپادارىم سىزنىڭ كارتا نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ .. پۇلنى بىۋاستە سىزگە ئەۋەتەيلى ..ھازىر توردا مۇراجەتنامىنىڭمۇ يالغىنى پەيدا بۇلۇپ ، نۇرغۇن ئادەم ئىشەنمەس بوپ قاپتۇ .. سىز ئوتتۇرىغا چىقسىڭىز تەسىرى تېخىمۇ ياخشى بۇلىدۇ .

كۆپرەك بانكىنىڭ كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرۇپ قۇيۇڭ ...

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:05:47

مەنمۇ شۇنى دەيمۇ دەپ بولۇپ خاتا چۈشۈنۈش بولۇپ قالمىسۇن دەپ گەپنى يۇتۇۋېتىپتىكەنمەن. ئەيساجاننىڭ كارتا نۇمۇرىغا ئۇرۇپ بەرسەك، ئەيساجان يەتكۈزۈپ بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك!

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:06:16

8- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن 500 يۈئەن ئەۋەتىمەن.






5000يۇەن دىگەن بولسام قانداق قىلاتتىڭ \"\"

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:10:49

11- قەۋەتتىكى izdinixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن 500 يۈئەن ئەۋەتىمەن.






5000يۇەن دىگەن بولسام قانداق قىلاتتىڭ \"\"





مەن مىيۇزىكفان مۇراجىئەت قىلغان قىزغا 500نى ، بۇ قىزغا 500 نى ئەۋەتىشنى ئويلاپ تۇرسام، سەنمۇ 500 دەپسە. ئەمدى سەن ماڭا ئەگىشەمسە؟ \"\"

izdinix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:15:08

شۇنداق قىلاي ... نىمە دەيمەن ئەمدى ...  {:92:}

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 14:02:44

مەنمۇ ئاللاھ خالىسا ئاز بولسىمۇ ئۆز كۆڭلۈمنى بىلدۈرىمەن.

tagnur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 14:29:50

ئاداش ئەيساجان مەنمۇ بۇ تەرەپتىن تۇنۇشلىرىمغا ئەھۋالنى دەپ ئىھانە توپلاشنى باشلىۋەتتىم ،ئاللاھ خالىسا ساخاۋەت يولىدا باشلىغان بۇ ساۋاپلىق ئىشىڭمۇ قېرىنداشلىرىمىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۈمۈتكە تەشنا سىڭلىمىزنىڭ تەشنالىقى قاندۇرغۇسى

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 14:30:23

كەچكىچە يېزا بانكىسىنىڭ كارتىسىنى چىقىرىپ بەك ئوڭايسىز قىلىپ قويدۇڭلا باللا، يوللايدىغان پۇلى2000 مىڭدىن تۆۋەن بولسا بىجىرمەيدۇ ما يەدە. 2000 مىڭنى بېرەي دېگىلى بولمىغان يا.

سودا سانائەتنىڭ كارتىسىنى چىقىرىڭلا كىم بولسا مەيلى، مېنىڭكى بىلەن قوشاپ يوللاپ بەرگىلى ئاسان بولا.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 14:32:45

زور كۆپچىلىك مائاش ئالىدىغانلار ۋە توردا ئېلىم-بېرىم قىلىدىغانلار ئاساسەن سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىدۇ، مەنمۇ شۇنىڭ قاتارىدا، بولسا سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ كارتا نومۇرى ۋە 支付宝 ھېساپ نومۇرى دېگەنلەرنى قالدۇرۇپ قويساڭلار.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 15:53:34

مېنىڭ ئالىپاي ھېساباتىمنى ئىزچىل ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز، توردىن يوللاش قولاي بولغانلار مۇشۇنىڭغا ئۇرۇڭلار بولمىسا.

kainam12@163.com ئىسمى 安外尔.艾麦尔 دەپ چىقىدۇ. ئاندىن مەن ئەيساجانغا يوللاپ بېرەي، ھەممىنى يىغايلى.

پۇل يوللىغانلار سۆز قالدۇرۇدىغان يېرىگە ئېنىق ئەسكەرتىش بېرىپ قويساڭلار، پەرقلەندۈرۈش قولاي بولىدىكەن.

tamqabulak يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 16:11:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تېمىدا يېزىلغان يېزا ئېگىلىك بانكا كارتا نۇمىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئسىم-فامىلىسىنى خەنزۇچە يېزىقتا تولۇق يېزىپ قويۇڭلار، بىزنىڭ بۇ يەردە يېزا ئېگىلىك بانكىسى يوق، تور كارتىسى ئارقىلىق پۇل سالساق ئىسىمى توغرا بولمىسا سالغان پۇل قايتىپ كىلىدىكەن، بىزمۇ ساۋاپتىن قۇرۇق قالمايلى!
بەت: [1] 2 3 4
: 180مىڭ سوم يىغىشقا ئاتلاندىم (مۇراجەتنامە )