enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 11:26:19

ھېكايىدىكى كولمىناتسىيە

ھېكايىدىكى كولمىناتسىيە



   تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مو يەننىڭ ئىككى تەسىرلىك ھېكايىسىنى تونۇشتۇرماقچىمەن. ئۆتكەندە مەن مويەننىڭ «پاقا» رومانىغا بېرىلگەن «ماۋدۇن» مۇكاپاتىنى ئالغىلى بېيجىڭغا بېرىپ مەلۇم كۈن تۇرۇپ قېلىش جەريانىدا يازغان «مونچا» ۋە «قىزىل كارىۋات» ناملىق ئىككى ھېكايىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدىم. تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا 2012- يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى مو يەننىڭ ئىككى تەسىرلىك ھېكايىسىنى تونۇشتۇرماقچىمەن. ئۇنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمى «ئاجايىپ ئۇچرىشىش»، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى «يېسىۋىلەك سېتىش». بۇ ھەر ئىككى ھېكايە يېزىلىش ھەجمىدىن قارىغاندا مىكرو ھېكايە ژانېرىغا كىرىدۇ، ھەتتا ئىنتايىن ئاددىي- ساددا يېزىلغان ئىككى پارچە ئىپىك نەسىر دېيىشكىمۇ بولىدۇ. دەرۋەقە، بۇ ئىككى پارچە ئەسەر بىر ئوقۇشتىلا ئادەمگە ئادەتتىكى ناھىيىتى ئاممىباپ مىكرو ھېكايە ياكى ئىپىك نەسىر تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. تاكى ئەڭ ئاخىرقى كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كەلگۈچە بىز بۇ ئىككى پارچە ھېكايىنىڭ بىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچىنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى ھىس قىلالمايمىز.


   ئۇنىڭدا سۆزلەنگىنى 60- يىللاردىكى ھەقىقىي ۋەقە، يازغۇچى مو يەن يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى گاۋمى، قىزىل قوناقلىق ۋە ئاتا- ئانىسىنى گويا بىر ئەسلىمە سۈپىتىدە يېزىپ چىققان. ۋاقىت، ئورۇن ۋە ئادەم ئىسىملىرى گويا بىر پارچە ئاخبارات ئەسىرىدەك شۇنچە ئېنىق يېزىلغان. بۇ نۇقتىدىن بىز بۇ ئىككى پارچە ئەسەرنى ئوچېرىك ئىكەن، دەپمۇ قالىمىز.


   لېكىن، ھەر ئىككى پارچە ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كولمىناتسىيەسى ئادەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سېلىپ، كاتتا يازغۇچىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تۇيۇقسىز ھىس قىلدۇرىدۇ. يەنى بۇ سېھرىي كۈچ شۇ يەردىكى، ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش دېتاللىرىدىن كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر كولمىناتسىيىنى تېپىشتۇر.


   مەلۇم بولىدۇكى، ھەر ئىككى پارچە ھېكايىدىكى كولمىناتسىيىنىڭ كۈچى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ. لېكىن، ئىككى پارچە ئەسەردە كولمىناتسىيە ئىككى خىل مىتودتا ۋۇجۇتقا چىقىرىلغان. «ئاجايىپ ئۇچرىشىش» ناملىق ئەسەردە لاتىن ئامېرىكا سېھرىي رىئالىزىم ئۇسلۇبى قوللىنىلغان بولسا، «يېسىۋىلەك سېتىش» ناملىق ئەسەردە رىئالىزم ئۇسلۇبى قوللىنىلغان.


   مەن يەنە چوڭقۇرلاپ چۈشەندۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم...



مو يەن


ئاجايىپ ئۇچرىشىش


(ھېكايە)


ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى



   1982-يىلى كۈزدە مەن باۋدىڭ شەھىرىدىن گاۋمىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىسىغا تۇققان يوقلىغىلى قايتتىم. پويېز سەل كېچىكىپ ماڭغاچقا گاۋمى بېكىتىگە يېتىپ كەلگەندە ئاللىقاچان كەچ سائەت 9 دىن ئاشقان ئىدى. يېزا بازىرىغا بارىدىغان ماشىنا ھەر كۈنى پەقەت بىر يوللا قاتنايتتى، سەھەر سائەت 6 دە بېرىپ بولۇش لازىمكەن. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىسام كۆكتە ھىلال ئاي ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ، ھاۋا بەكلا ئارامبەخش ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ناھىيە ئىچىدە قونۇپ قالماي كۈمۈش ئايغا ئولتۇرۇپ بالدۇرراق ئۆيگە قايتماقچى بولدۇم. بۇنداقتا بىرىنچىدىن بالدۇرراق ئاتا- ئانامنى كۆرەلىسەم، ئىككىنچىدىن ئېتىز- دالىلاردىكى ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنەلەيتتىم.


   بۇ قېتىمقى تۇققان يوقلاشتا مەن پەقەت بىر كىچىك سومكىنىلا كۆتۈرىۋالغان ئىدىم. شۇڭا بەك تېز ماڭدىم. تۆمۈريول كۆۋرۈكىنىڭ سۈڭگۈچىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاسفالىت يولغا چۈشۈپ ماڭمىدىم. چۈنكى ئاسفالىت يول بەكمۇ ئەگرى- بۈگرى بولۇپ، يولۇم بەكمۇ ئۇزىراپ كېتەتتى. مەن يانتۇ يۆلۈنۈشتە تاشلىنىپ قالغىنى ئۇزۇن بولغان گاۋمىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىسىغا تۇتىشىدىغان ئۇ توپا يولغا كىرىپ ماڭدىم. توپا يول يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى ئورۇنلار تەرىپىدىن قېزىۋېتىلگەن ئىدى. ماڭىدىغان ئادەم بەكلا ئاز بولغاچقا يول يۈزىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر باسقان ئىدى، پەقەت يولنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىلا ئادەم دەسسىگەن ئاياق ئىزلىرى بار بولۇپ، ئۇزۇن چىغىر يول ھاسىل قىلغان ئىدى. يولنىڭ ئىككى تەرىپى پۈتۈنلەي زىرائەت ئېتىزلىرى بولۇپ بەزىسى قىزىل قوناقلىق، بەزىسى كۆممە قوناقلىق، بەزىسى تاتلىقياڭيۇ ئېتىزى... ئىدى. ئاي نۇرى زىرائەتلەرنىڭ شاخ- يوپۇرماقلىرىنى سۇس كۈمۈشرەڭدە يورىتىپ تۇراتتى. كىچىككىنە شامالمۇ بولمىغاچقا يوپۇرماقلار ئازراقمۇ مىدىرلىمايتتى، زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدىن تومۇزغىلارنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازى كېلەتتى، بۇ ئاۋاز تولىمۇ ياڭراق بولۇپ، گويا بۇ ئاۋاز پۈتۈن گۆش- سۆڭەكلىرىمگە سىڭىپ كىرمەكچىدەك قىلاتتى. تومۇزغىنىڭ سايراشلىرى ئايدىڭ كېچىنى ئېغىر سۈكىناتقا چۆمدۈرگەن ئىدى.



   يولۇم ئۇزىغانسېرى زىرائەتلەر شۇنچە قويۇقلىشىپ باراتتى، ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى چىراقلارنىڭ يورىقىدىن ئاللىقاچان يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدىم. ناھىيە بازىرى بىلەن گاۋمىنىڭ شەرقىي شىمال يېزىسىنىڭ ئارىلىقى 40 چاقىرىم كېلەتتى. تومۇزغىنىڭ سايراشلىرىدىن باشقا زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدىن يەنە قۇش ياكى قانداقتۇ كىچىك ھايۋانلارنىڭ ئاۋازىمۇ ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تۇساتتىن گەجگەمنىڭ مۇزلاپ كەتكىنىنى ھىس قىلدىم، ئاياق ئاۋازىمنىڭ تولىمۇ ئۈنلۈك ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. مەن كېچىدە يالغۇز ماڭمىسام بوپتىكەن دەپ بىرئاز پۇشايمان قىلدىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى زىرائەتلەرنىڭ ئارىسىدا سانساناقسىز سىر باردەك، سانساناقسىز كۆزلەر ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەك، ئارقامدىن قانداقتۇر بىر نەرسە ئەگىشىپ كېلىۋاتقاندەك، ئايمۇ تۇساتتىن غۇۋالىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلدىم. ئىختىيارسىز قەدىمىم تېخىمۇ ئىتتىكلەشتى. قەدىمىم تېزلەشكەنسېرى ئارقا تەرىپىم شۇنچە بىخەتەر ئەمەستەك تۇيۇلدى. ئاخىرى، مەقسەتلىك ھالدا ئارقا تەرىپىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم.


   ئەلۋەتتە، ئارقا تەرىپىمدە ھېچنېمە يوق ئىدى.


   داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ماڭغاچ ئۆزۈمنى تىللايتتىم: سەن ئازاتلىق ئارمىيە ئوفېتسىرىمۇ؟ سەن پارتىيە ئەزاسىمۇ؟ سەن ماركىسىزم يېتەكچىسىمۇ؟ سەن، سەن بىر ماتىرىيالىزمچى، ئۈزۈلكېسىل ماتىرىيالىزمچىلار ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ، كومپارتىيە ئەزاسى ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان تۇرسا يەنە نېمىدىن قورقۇش؟ جىن بارمۇ؟ قەست بارمۇ؟ يوق! يىرتقۇچ ھايۋان بارمۇ؟ يوق! دۇنيا ئەسلىدىن تېنچ، نادانلار ئۆزىگە ئۆزى ئىش تاپىدۇ......لېكىن يەنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدۇم تىترەيتتى، چىشلىرىم كاسىلدايتتى. بالىلىق چېغىمدا يۇرتۇمدا ئاڭلىغان جىننىڭ ھېكايىلىرى ئۈستى- ئۈستىلەپ مېڭەمگە قۇيۇلۈشقا باشلىدى: بىر ئادەم يولدا يالغۇز كېتىۋاتقان ئىكەن. تۇساتتىن ئالدى تەرىپىدىن بىر تاكىراڭ ئەپكەشنىڭ غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، سىنچىلاپ قارىسا پەقەت ئىككى ئەپكەش بىلەن ئىككى پۇتنىڭ يۆتكىلىۋاتقىنىنىلا كۆرۈپتۇ، لېكىن بەدىنى يوق ئىكەن...بىرەيلەن كېچىدە يالغۇز كېتىۋېتىپ بىرسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ پىخىلداپ كۈلىۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ، سىنچىلاپ قارىسا ئۇ بىر ئايال ئىكەن، بۇ ئايالنىڭ يۈزىدە پەقەت قىپقىزىل كالپۇكلا بار بولۇپ، كالپۇكتىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىكەن، ئۇ «غىلتاڭ يۈز» جىنكەن...بىر ئادەم كېچىدە يالغۇز كېتىۋېتىپ تۇساتتىن بىر ئاق ساقاللىق بوۋاينىڭ ئوت- چۆپ يەۋاتقىنىنى كۆرۈپتۇ...


مەن كېيىن مەندىن ئىزچىل تەر ئېقىپ كىيىملىرىمنى پۈتۈنلەي ھۆل قىلىۋەتكىنىنى ئاندىن بىلدىم.


مەن يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ناخشا ئېيتىشقا باشلىدىم: «ئالغا ئالغا ئالغا ـــ ـــ ئۆلتۈرــ ــــ»


تەبىئىيلا يول بويى ھېچ ئىش بولمىدى. كەنت دوقمۇشىغا كېلەي دېگەندە سۈبھىمۇ يورۇپ بولغان، قىزىل قۇياش ئەمدىلا يېرىم كۆتۈرۈلۈپ شەرق ئاسمىنىنى قىزارتقان ئىدى، كەنت ئىچىدىكى خورازلار قى-قى-قىق قىلىپ قىچقىرىپ خاتىرجەملىك ئاتا قىلغان ئىدى. كەلگەن يولۇمغا ئۆرىلىپ قارىسام زىرائەتلەر زىرائەت پېتى، يول يول پېتى تۇرۇپتۇ، يول بويى قورقۇپ كەلگىنىمنى ئويلاپ، ئۆزۈمنى تولىمۇ دۆت ۋە كۈلكىلىك ھىس قىلدىم.


   كەنتكە ئاياق باساي دەپ تۇرغىنىمدا، دەرەخ سايىسى ئىچىدە تۇرغان بىر ياشانغان بوۋاينى كۆردۈم، ئوبدان قارىسام، قوشنىمىز جاۋ ئۈچىنچى ئاغا ئىكەن. ئۇ تولىمۇ رەتلىك كىيىنگەن بولۇپ مەندىن ئۈچ- تۆت قەدەم نېرىسىدا تۇراتتى.


-          ئۈچىنچى ئاغا، نېمانداق سەھەر تۇرىۋالدىڭىز!- دەپ سورىدىم مەن.


   - سەھەردىلا شەھەرگە كىرمەكچى ئىدىم، سېنىڭ كېلىدىغىنىڭنى ئاڭلاپ بۇ يەردە ساقلاپ تۇردۇم.


مەن ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ئېغىز ئەھۋال سوراپ بىر تال سۈزگۈچلىك تاماكا سۇندۇم. ئۇ تاماكىنى تۇتاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن دېدى:


- ئۈچىنچى ئىنىم، مېنىڭ داداڭغا قايتۇرىدىغان 5 سوم قەرزىم بار، پۇلنى قايتۇراي دېسەم تەڭلىگۈچىلىكى يوق، سەن بۇ غاڭزىنى ئۇنىڭغا ئالغاچ كەتكىن، بۇ قەرزىمنى قايتۇرغىنىمغا ھېساپ بولسۇن.


-ئۈچىنچى ئاغا، نېمە زۆرۈرىيىتى بار؟- دېدىم مەن.


   - تېزرەك ئۆيگە قايتقىن، ئاتا-ئاناڭ سېنى ساقلاپ ئولتۇرىدۇ!- دېدى ئۇ.


مەن ئۈچىنچى ئاغىنىڭ قولىدىن مۇزدەك ھېقىق غاڭزىنى ئېلىپ ئالدىراپلا خوشلاشتىم-دە، تېزلا كەنت ئىچىگە قاراپ يول ئالدىم.


ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن ئاتا- ئانام ماڭا تىكىلىپ قارىغىنىچە ھال-ئەھۋال سورىدى ۋە ئۆزۈڭ يالغۇز مېڭىپ كەلگىنىڭ قاملاشماپتۇ، تاسادىپى بىر ئىش چىقسا قانداق قىلاتتۇق، دەپ ئەنسىرەپ كېتىشتى. مەن قاقاھلاپ كۈلگىنىمچە جاۋاپ بەردىم:


-مەنمۇ جىن ئۇچراپ قالسىكەن دەپ بەك ئارزۇ قىلغان، لېكىن جىن قورقۇپ قېشىمغا كېلەلمىدى ئەمەسمۇ!


- كىچىك بالا ئاغزىنى ئۈشۈتسە بولمايدۇ!- دېدى ئانام.


دادام تاماكا چېكىۋاتقان ۋاقتىدا مەن يانچۇقىمدىن ھېلىقى ھېقىق غاڭزىنى چىقىرىپ دېدىم:


- دادا، باياتىن كەنت ئېغىزىدا جاۋ ئۈچىنچى ئاغامنى ئۇچرىتىپ قالدىم، ئۇ ساڭا 5 سوم قەرز بولۇپ قالغىنىنى ئېيتىپ بۇ غاڭزىنى قەرز ھېساۋىغا ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىشىمنى تاپىلىدى.


-كىمنى دەۋاتىسەن؟- دېدى دادام قاتتىق ھەيران قالغان ھالدا.


- جاۋ ئائىلىسىدىكى ئۈچىنچى ئاغامچۇ!- دېدىم مەن.


- كۆزۈڭ تورلىشىپ قالمىغاندۇ؟- دېدى دادام.


- قەتئىي ئۇنداق ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىردەم پاراڭلاشتىم، تېخى ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ تاماكا سۇندۇم، يەنە تېخى ماۋۇ غاڭزىمۇ بار!- دېدىم مەن.


مەن غاڭزىنى دادامغا تەڭلىۋېدىم، دادام ناھىيىتى ئىككىلەنگەن ھالدا غاڭزىنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى.


- جاۋ ئائىلىسىدىكى ئۈچىنچى ئاغاڭ ئۈلۈشكىنى سەھەردە تۈگەپ كەتتى!- دېدى ئانام.


بۇ گەپچە بولغاندا مەن بىلمەيلا جىنغا يولۇقۇپتىمەن، جىنغا يولۇققىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن، ئەسلىدە جىن رىۋايەتلەردە ئېيتىلغىنىدەك ئۇنداق قورققۇنچلىق ئەمەسكەن، ئۇ تولىمۇ مۇلايىم ۋە چىقىشقاق ئىكەن، ئۆلسىمۇ قەرزىدىن يېنىۋالمايدىكەن، ئۇ ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلمايدىكەن، ئادەمگە ھەقىقىي زىيانكەشلىك قىلىدىغىنى يەنىلا ئادەم ئىكەن، ئادەم جىندىن كۆپ يامانكەن ئەمەسمۇ!



   مويەن


يېسىۋىلەك سېتىش


(ھېكايە)


ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى



   1967- يىلى، مەن 12 ياشقا كىرگەن ئەشۇ يىلدىكى چاغانغا ئاز قالغان بىر ئەتىگەنلىكى ئانام چىرايى تۇتۇلغان، ئىچىگە ئېغىر غەم پاتقان ھالدا ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن- بۇياققا مېڭىپ ھېلى كاڭنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان بورىنىڭ بىر بۈرجىكىنى قايرىپ كۆرپىنىڭ سامىنىنى مالتىلىسا، ھېلى ئەشۇ كونا شېرەنىڭ تارتمىسىنى ئېچىپ ئەسكى لاتا-پۇرۇچ ۋە يىپ كاللەكلىرىنىڭ ئارىسىنى مالتىلايتتى. ئانام خۇرسىنغىنىچە كۆز نۇرىنى ئۈستۈن تەرەپكە يۈگۈرتۈپ تامغا ئېسىپ قويۇلغان 3 تۈپ يېسىۋىلەكنى كۆردى. ئاخىرى، ئانامنىڭ كۆزلىرى بۇ يېسىۋىلەكلەرگە تىكىلىپلا قالدى. ئۇ ئۇزاق قارىغاندىن كېيىن ئاخىرى بىر قارارغا كەلگەندەك مېنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىمنى چاقىردى:


   - شې دوۋ، سېۋەت تېپىپ كەلگىنە...


   - ئانا، - دېدىم مەن مەيۈسلەنگەن ھالدا ،- ئۇلارنى قانداق قىلماقچىسىز...


   - بۈگۈن بازار كۈنى،- دېدى ئانام تولىمۇ ئېغىر ھالدا.


   - لېكىن سىز ماقۇل دېگەنغۇ، بۇلارنى بىز چاغانغا ئېلىپ قويغان...-گېپىم ئاخىرلاشماي تۇرۇپ كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى. ئاناممۇ كۆزلىرىگە مۆللىدە ياش ئالدى-يۇ، لېكىن يىغلىمىدى، بىر ئاز تېرىككەن ھالدا:


   - چوپ-چوڭ ئەركەك بولۇپ قالدىڭ، كىچىككىنە ئىشقىمۇ يىغلامسەن، قارا نېمىگە ئوخشاپ قالدىڭ؟- دېدى.


   - بىز 104 تۈپ يېسىۋىلەك تېرىپ 101 تۈپىنى ساتتۇق، ئېشىپ قالغىنى مۇشۇ 3 تۈپ...ئۇنى بىز چاغانغا ئېلىپ قويغانغۇ، چاغاندا تۈگۈر تۈگۈپ يەيمىز دېيىشكەنغۇ...- دېدىم مەن دۇدۇقلىغان ھالدا.


   ئانام قېشىمغا كېلىپ پەشلىرىمنى قېقىشتۇرۇپ يۈزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتتى. مەن يۈزۈمنى ئانامنىڭ باغرىغا يوشۇرۇپ ئۆكسۈپ يىغلىدىم. مەن ئانامنىڭ يىرىك قوللىرىنىڭ بېشىمنى سىلاۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم، مەن ئۇنىڭ كىيىمىدىكى پۈرلەشكەن يېسىۋىلەك يوپۇرماقلىرىنىڭ ھىدىنى پۇرىدىم. كۆز نۇرۇم تۇتۇق ياشلىرىمنى تېشىپ ئۆتۈپ ئانامنىڭ ئەشۇ ئەڭ يوغان بىر تۈپ يېسىۋىلەكنى تامدىكى قوزۇقتىن ئاجرىتىپ ئېلىۋاتقىنىنى كۆردۈم. ئانام يەنە 2- تۈپ يوغان يېسىۋىلەكنىمۇ ئاجرىتىپ ئالدى. ئەڭ ئاخىرى، ئەشۇ ئەڭ كىچىك، شەكلى يۇپ يۇمىلاق، راھىپنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغىنىنىمۇ قوزۇقتىن ئاجرىتىپ ئېلىپ سېۋەتكە نىقتاپ سالدى. مەن بۇ بىر تۈپ بەسەينى ئوبدان تونۇيتتىم، خۇددى ئۆزۈمنىڭ بىر تال بارمىقىنى تونىغاندەك. چۈنكى ئۇ يولنىڭ گىرۋىكىگە يېقىن ياپسانىڭ بۈرجىكىدە ئۆسكەچكە يۇمران ۋاقتىسىدا موزاي ياكى كىچىك بالىلار دەسسىۋەتكەنلىكتىن ئىزچىل ياخشى ئۆسەلمىگەن ئىدى، باشقا يېسىۋىلەكلەر داستەك يوغانغاندا، ئۇ ئەمدىلا قاچىدەك يوغانغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ كىچىك ھەم بىچارىلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن يېسىۋىلەكلەرنى سۇغىرىپ ئوغۇتلىغاندا ئۇنى ئالاھىدە پەرۋىش قىلغان ئىدىم. مەن شۇ چاغدا ئانامدىن يوشۇرۇن ھالدا چوڭ بىر سىقىم خېمىيىۋىي ئوغۇتنى ئۇنىڭ چۆرىسىگە چېچىۋەتكەن ئىدىم، ئەتىسى ئۇ سولىشىپ قاپتۇ. ئانام ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن دەرھال ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توپىنى يەڭگۈشلەپ ئۇنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. كېيىن گەرچە ئۇ يەنىلا چوڭىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە بەكلا تولغان ئىدى، ھوسۇلنى يىغقان ۋاقتىمىزدا ئانام ئۇنى شاپىلاقلاپ كەيپى چاغ ھالدا:


    - قارا بۇنىڭغا، قارا بۇنىڭغا...- دەپ كەتكەن ئىدى. ئەشۇ پەيتتە ئانامنىڭ يۈزلىرىگە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدىغان خۇشاللىق تەپچىرەپ چىققان ئىدى، گويا ناھىيىتى مۇشەققەت ئىچىدە ئەي قىلغان بالىنى سىلاۋاتقاندەك.


   بازار قوشنا كەنتتە بولۇپ ئۆيىمىزگە 3 چاقىرىم كېلەتتى. قەھرىتان سوغۇق دەۋرەپ تۇراتتى، قۇياش بار، ئەمما تولىمۇ ئاجىز ئىدى، گويا ھەر قاچان ئۆچۈپ قالىدىغاندەك. بازارغا ماڭغان كىشىلەر پات-پات يېنىمىزدىن بىزنى تاشلاپ ئۆتۈپ كېتەتتى. قولۇم توڭلاپ سەزمەس بولايلا دەپ قالدى، سېۋەتنىڭ قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىنىنىمۇ بىلمەپتىمەن. سېۋەت يەرگە چۈشكەندە تاراڭلاپ كەتتى، سېۋەتنىڭ قوڭىدىكى بىر نەچچە تال موم تەگلىك سۇنغان بولۇپ، ھېلىقى بىر تۈپ ئەڭ كىچىك يېسىۋىلەكمۇ سېۋەتتىن قاڭقىپ چىقىپ دومىلىغىنىچە يول بويىدىكى مۇز تۇتقان ئېرىققا چۈشۈپ كەتتى. ئانام بېشىمغا بىر شاپىلاق ئۇردى، مەن بالا تېرىغىنىمنى بىلىپ سېۋەتنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغىنىمچە يىغلاپ چۈشەندۈردۈم:


-   مەن قەستەن قىلمىدىم، مەن راستىنلا قەستەن قىلمىدىم...


   ئانام ئۇ بىر تۈپ يېسىۋېلەكنى سېۋەتكە سالدى، ئەسلىدە بەك ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يىغامنىڭ راستلىقىغىمۇ ياكى قاپقارا قولۇمنىڭ دۈمبىسىدىكى ئەشۇ قاپارتما بولۇپ كەتكەن ئۈششۈكنى كۆردىمۇ ئەيتاۋۇر چىرايى بىردىنلا مۇلايىملاشتى ھەمدە مېنى ئۇرمىدى ۋە قايتا تىللىمىدى، پەقەت ماڭا ئىللىق تەلەپپۇزدا:


-   يارىماس، تاماقنى نەرىڭگە يىگەنسەن؟- دەپ قويدى.


   ئارقىدىن ئانام يۈكۈنۈپ ئولتۇردى-دە، سېۋەتنىڭ تۇتقىچىنى مۈرىسىگە ئارتتى، مەن ئارقىسىدا تۇرۇپ ئۇنى يۆلىدىم، ئانام ئورنىدىن تۇردى.


   ئاخىرى بازارغا يېتىپ كەلدۇق. ئانام ماڭا كېتىپ مەكتىپىڭگە بار دېدى، مەنمۇ كېتىشنى ئويلاپ تۇراتتىم، لېكىن بىر ياشانغان ئايال يېسىۋىلىكىمىزنى كۆرۈپ قېشىمىزغا كەلدى. ئۇ ئىنچىكە، لېكىن بوغۇق ئاۋازى بىلەن يېسىۋىلەكنىڭ باھاسىنى سورىدى. ئانام جاۋاپ بەردى. لېكىن ئۇ بېشىنى چايقىدى، قارىماققا قىممەت كۆرگەن ئىدى. لېكىن ئۇ كەتمەي زوڭزىيىپ ئولتۇردى-دە، سېۋەتنىڭ ئۈستىنى ياپقان يىرتىق تېرىنى ئېچىپ 3 تۈپ يېسىۋىلەكنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ قارىدى. ئۇ ئەشۇ ئەڭ كىچىك يېسىۋىلەكنىڭ ئاجراپ كېتەيلا دەپ قالغان كۆتىكىدىن تۇتۇپ كۆتىرىپ باقتى. ئارقىدىن يەنە ئۇنى ئۆز جايىغا تىكلەپ قويۇپ دوناي-دوقماق، قاقشال ئوتۇندەك بارمىقىنى شىلتىپ، ئاغزىنى ئۈمچەيتكەن ھالدا «يېسىۋىلىكىڭلار پور ئىكەن» دېدى.


   - ھامما، بۇ يېسىۋىلەكنىمۇ پور دېسىڭىز ئۇنداقتا سىز باشقا جاينى كۆرۈپ بېقىڭ، بۇنىڭدىنمۇ چىڭراق يېسىۋېلەكنى نەدىن تاپىسىزكىن قېنى،- دېدى ئانام ئەلەم بىلەن. ئۇ ياشانغان ئايال كۆزۈمگە بەك سەت كۆرۈنۈپ كەتتى، يېسىۋىلەكنىڭ كۆتىكىنى ئاجرىتىۋەتتى بوپتۇ، لېكىن ئانامغا ئۇنداق سەمىمىيەتسىزلىك بىلەن يېسىۋىلىكىڭ پور ئىكەن دەپ ئېيتماسلىقى كېرەك ئىدىغۇ دەپ ئويلىدىم-دە، ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي:


   - بۇنىڭدىنمۇ چىڭ بولسا تاشقا ئايلىنىپ كەتمەمدۇ!-دېدىم. ياشانغان ئايال بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.


   - بۇ كىم؟ ئوغلىڭىزما؟- دەپ سورىدى ئۇ ئانامدىن.


   - ھەئە، بالىنىڭ كىچىگى،- دېدى ئانام جاۋاپ بېرىپ ھەمدە ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ تەنبىھىمنى بەردى،- مۇشتەك تۇرۇپ چوڭلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمىگەن!


   ياشانغان ئايال بىلىكىگە ئېسىۋالغان سۆگەت تېلىدىن ياسالغان كىچىك سېۋىتىنى يەرگە قويدى-دە، قولىنى چىقىرىپ ئەشۇ ئەڭ كىچىك بىر تۈپ يېسىۋىلەكنىڭ ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن تاش يوپۇرمىقىنى سويۇپ ئېلىۋەتتى. مەن ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ھالدا ئۇنى تۈرتتىم:


-   سويماڭ، ئۇنى سويىۋەتسىڭىز بىز ئۇنى قانداق ساتىمىز؟


   - مۇشتەك تۇرۇپ ئوق دورىسى يەۋالغاندەك گەپ قىلىدىغان بالىكەنغۇ بۇ؟- دېدى ياشانغان ئايال غودۇراپ، لېكىن يېسىۋىلەكنىڭ يوپۇرمىقىنى داۋاملىق سويىۋەردى.


   - ھامما، ئەمدى سويماڭ، بۇ ۋاققىچە ساقلىغان يېسىۋىلەكنىڭ 5-6 قەۋىتىنى سويىۋەتسىڭىز ئۈچكىدەك بولۇپ قالمامدۇ،- دېدى ئانام ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ.


ئۇ ئاقىۋەت يەنىلا ئۇ يېسىۋىلەكنىڭ قۇرۇپ قالغان تاش يوپۇرمىقىنى پۈتۈنلەي سويىۋېتىپ، ئۇنىڭ يۇمران، ئاپئاق قەۋىتىنى چىقىرىپ قويدى. مۇزدەك سوغۇق شامالدا يېسىۋىلەكتىن تاتلىققىنە ھىد تارالدى. بۇنداق يېسىۋىلەكتە تۈگۈر تۈگسە نەقەدەر ئوخشاپ كېتەر-ھە! ياشانغان ئايال يېسىۋېلەكنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى-دە، تارازىلاپ بېرىڭ دەپ ئانامغا بەردى. ئانام تارازىنىڭ ئىلمىكى بىلەن يېسىۋىلەكنىڭ كۆتىگىدىن ئىلىپ ئۇنى ئېگىز كۆتۈردى. ياشانغان ئايال يۈزىنى تارازىغا چاپلاپ دېگۈدەك يېقىن ئېپكېلىپ ئۇنىڭ چېكىتىگە ئەستايىدىل دىققەت قىلدى. ئاقلىنىپ ئۈچكىدەك بولۇپ قالغان يېسىۋىلەككە قارىۋېدىم ئۇنىڭ ھەر قايسى ئۆسۈش باسقۇچلىرىدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بەكلا ئازاپلىنىپ كەتتىم.


   ئاخىرى يېسىۋىلەكنىڭ ئېغىرلىقى توپ- توغرا ئۆلچىنىپ بولدى.


   - مەن قانداق ھېساپلاشنى بىلمەيمەن،- دېدى ئۇ ئايال. ئانامنىڭ دائىرىلىك باش ئاغرىش كېسىلى بولغاچقا بىر دەم ھېساپلاپ بېقىپمۇ ھېساپنى توغرا چىقىرالماي ماڭا دېدى:


   - شې دوۋ، سەن ھېساپلاپ بەرگىنە.


   مەن بىر تال تاياقچىنى تېپىپ ئەمدىلا ئۆگەنگەن كۈپەيتىش ئۇسۇلى بىلەن يەرگە سىزىپ ھېساپلىدىم، ئاندىن بىر ساننى ئانامغا ئېيتىپ بەردىم. ئانام مەن مەلۇم قىلغان ساننى تەكرارلىدى.


   - خاتا بولۇپ قالمىغاندۇ؟- دېدى ياشانغان ئايال ئىشەنمىگەندەك تەرىزدە ماڭا تىكىلىپ قاراپ.


   - ئۆزىڭىز ھېساپلىۋېلىڭ ئەمىسە،- دېدىم مەن.


   - بۇ بالىنىڭ گېپى نېمانداق توڭ،- دېدى ئۇ غودىرىغان ھالدا، ھەمدە يانچۇقىدىن بىر پاسكىنا بولۇپ كەتكەن قولياغلىقنى چىقاردى-دە، ئۇنى قات-قات ئېچىپ بىر دەستە پۇلنى چىقاردى، ئاندىن بارمىقىنى ئاغزىغا تىقىپ يۆلدەپ پۇلنى بىردىن-بىردىن ساناشقا باشلىدى. ئۇ ئاخىرى ساناپ بولغان پۇلنى ئانامنىڭ قولىغا بەردى. ئاناممۇ ئۇنى بىر تالدىن بىر تالدىن سانىدى.


   مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆيگە كىرىپلا ئانامنىڭ ئوچاق ئالدىدا ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇرغىنىنى كۆردۈم. ئۇ موم سېۋەت ئانامنىڭ يېنىدا تۇراتتى، 3 تۈپ يېسىۋىلەكمۇ سېۋەتنىڭ ئىچىدە ئىدى، ھېلىقى ئەڭ كىچىك يېسىۋىلەك ياشانغان ئايال تەرىپىدىن سويىۋېتىلگەچكە ئاللىقاچان ئېغىر ئۈششۈپ كەتكەن ئىدى. يۈرىكىم شىددەت بىلەن ئېغىپ، ئەڭ يامان ئىشنىڭ يۈز بەرگىنىنى پەملىدىم. ئانام بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىدى، ئۇزاق تىكىلگەندىن كېيىن مەن ئۆمۈر بويى ئۇنتىيالمايدىغان ئاۋازى بىلەن ئېيتتى:


   - بالام، قانداقمۇ بۇنداق قىلغانسەن؟ قانداقمۇ خەقنىڭ بىر مو پۇلىنى ئارتۇق ھېساپلىۋالغانسەن؟


   ئانا،- دېدىممەن ۋاررىدە يىغلاپ،- مەن...


   - سەن بۈگۈن ئاناڭنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ...- دېدى ئانام ۋە ئىككى تارام كۆز يېشى قوۋزىغا ساقىدى.


   بۇ مېنىڭ قەيسەر ئانامنىڭ تۇنجى قېتىم ياش تۆككىنىنى كۆرۈشۈم ئىدى، بۈگۈن ئويلىساممۇ يۈرىكىم ئاغرىيدۇ.




تۈگىدى.


afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:02:04

ئىككىلا ھېكايە ياخشىكەن...

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 14:34:36

ئاداش، «قەشقەر ئەدەبياتى» 6-سانغا قااپ باقارسىلەر.

ئەسقەر ئەھمىدى «قىزىل كارىۋات»نى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندەك كۆردۈم.



بۇ مويەننى سىللە ياكى بىر ئىككىڭلارلا تۇتساڭلارمۇ بوپتىكەن، ھەممىمىز تەڭ ئولىشىپ پېتىقدىۋىتىدىغان بولدۇقمۇ نىمە.




为什么莫言会是得诺奖第一人?


  昨天沈阳日报《书斋》的编辑来电话,让我写写莫言。我真不想写。因为莫言获奖后,很多媒体朋友邀我写写和莫言的交往,多数被我拒绝了。我跟媒体朋友说,如果说莫言是用自己的作品建筑了他的文学大厦,我只是个小工,加过几块砖,当人们看到气派漂亮的大厦时,谁想知道哪几块砖是小工搬运的。可是编辑说:记得你早在2003年就说过,如果中国有作家获诺贝尔奖,莫言会是第一人。编辑问我当时为什么会这么说。这样一问,我就多说了几句,编辑说,就把你说的写下来吧。


  我之所以说莫言会是获诺奖第一人,是因为莫言一直保持着十分茂盛的创作力,差不多三两年就有一部新作问世,而每一部作品都是不一样的叙述方式。《丰乳肥臀》、《酒国》、《天堂蒜薹之歌》、《十三步》、《檀香刑》,虽不会给人阅读的轻松和喜悦,但都会给人留下不一样的阅读冲击,而层层包裹的形式之后,是作家对历史和现实的深切关注和反思。正如严锋评价莫言的作品所说的:恣肆汪洋,元气充沛,想象力惊人,对中国的历史与现实都有强烈的关怀,挖掘很深。


  我和许多喜欢莫言的读者一样,是莫言的粉丝,1980年代买的《透明的红萝卜》、《红高粱家族》,定价只有1.65元和2.2元。记得《红高粱家族》开篇写到:我父亲这个土匪种……”那是1987年,小说这样开头这样写,很特别很另类,让人心里不免一颤。更有张艺谋据《红高粱家族》拍摄的电影《红高粱》,也同样给人留下了久久难忘的记忆。同样记忆深刻的是《透明的红萝卜》的小黑孩,晃着大大的脑袋,举着透明的煤块,就像《卖火柴的小女孩》划着手中的火柴看到了烤肥鹅。当买《丰乳肥臀》时,我还有些不好意思,在当时那几个字还真挺刺眼的。


  2002年在大连的一次会上,我终于见到了莫言。我刚见到莫言紧张得不知该说什么好。也因为那次见面,我向他约了一部中篇稿,放在布老虎中篇小说上。然后才有了后面的长篇《四十一炮》——那年正是中国遭遇非典2003年。其实我从来没问过莫言为什么写这样一部小说。当时我在北京的二炮宾馆,一口气读完了《四十一炮》这部30多万字的书稿。那种独特的叙述方式,充满激情的小说语言,让我欲罢不能,10年过去了,依然记得读后的异样感觉。《四十一炮》出版后在杭州做活动,有一位女性读者告诉我,她非常喜欢《四十一炮》,莫言的语言莫言的幽默无人能比,她和几个朋友一起阅读,读到精彩处,彼此电话交流,甚至大声朗读。为了分享小小的得意和喜悦,我还把经我们手出版的《四十一炮》分送给几位朋友。莫言获奖后,几位朋友都记得这本书,可他们说都没读完,并表示这次一定读完。这就是诺贝尔奖的力量吧。


  《红高粱家族》、《丰乳肥臀》、《酒国》、《檀香刑》、《生死疲劳》、《蛙》等是莫言作品中常被提到的几部。我个人以为,《四十一炮》是一部等待有人认真解读的作品。对一般读者来说,这部作品在阅读上也许有点难,虚虚实实交替发展的线索,或有的感觉。但作品以人类最基本的欲望为切入点,以莫言的方式展示给读者,作品中的肉神节吃肉比赛等情节,是对我们这个时代无节制的、病态的欲望的一种隐喻,它的深刻、复杂的思想性是莫言以一个作家的社会责任感和使命感警示与我们的。作为作家他可能无法改变什么,但他看到了、想到了人类面临的共同问题,他为此担忧,他能做的就是以文学的方式夸张地展示给我们,以引起我们的自省。而《四十一炮》中大和尚的结局、罗小通最后的四十一炮也暗喻了作家的批判。现在回过头来看,《四十一炮》所描写的兰村长的致富法宝”——“注水猪和今天的速生鸡”“三聚氰胺如出一辙,如我们人类不自省、不遏制,可怕的后果又会怎样?


  我最近特别关注了给莫言的授奖词,有几句关键词漂亮贴切:莫言是个诗人,他扯下程式化的宣传画,使个人从茫茫无名大众中突出出来……莫言有着无与伦比的想象力……莫言的故事有着神秘和寓意,让所有的价值观得到体现……他比拉伯雷、斯威夫特和马尔克斯之后的多数作家都要滑稽和犀利……莫言作品中的文学力度压过大多数当代作品。以前我怀疑老外能读懂莫言的小说吗?现在看来,老外似乎比我们还懂莫言的作品。


  (常晶:春风文艺出版社副总编,曾责编过莫言的长篇小说《四十一炮》、《十三步》,中篇小说集《藏宝图》、散文《写给父亲的信》、演讲集《小说的气味》。)


xotenbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 20:20:08

دوستىمىز ئەنۋەر جۇلا زېھنىنى ئۇيەر-بۇيەرلەردىكى تايىنى يوق تېمىلارغا يېشى ئۆتۈپ كەتكەن تۇل خۇتۇنلاردەك كوتىلداپ ئىنكاس يېزىپ يۈرگىچە مۇشۇنداق ھەقىقى تەرجىمە ئىجادىيىتىگە قاراتسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 10:29:38


3- قەۋەتتىكى xotenbegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دوستىمىز ئەنۋەر جۇلا زېھنىنى ئۇيەر-بۇيەرلەردىكى تايىنى يوق تېمىلارغا يېشى ئۆتۈپ كەتكەن تۇل خۇتۇنلاردەك كوتىلداپ ئىنكاس يېزىپ يۈرگىچە مۇشۇنداق ھەقىقى تەرجىمە ئىجادىيىتىگە قاراتسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.


__________________________________


بايلىقلاردىن ئورتاق پايدىلىنىمىز بۇرادەر، گەپ يېزىق تاختىسىنى شاراقشىتمىسا چىقمايدۇ. سىزنىڭ قۇلىقىڭىزغا ياقمىغان، سىز چۈشۈنەلمىگەن نۇرغۇن گەپلەر يەنە 5-6 يىلدىن كېيىن ئىنتايىن ئاددىي ساۋاتلارغا ئايلىنىدۇ. مەسىلەن، بىلىگنىڭ \"تەبىئەت پەنلىرى تېمىسى\"، تارىمنىڭ نۇرغۇن سەۋىيەلىك ئۇچۇرلىرى. پەقەت توردىن ئىبارەت كەڭ داستىخان بولغىنى ئۈچۈن ھەممىمىز بىلىملەردىن ئورتاق مەنپەئەتلىنىمىز، شۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن تورسىز دەۋردە 50 يىلدا باسقان مۇساپىنى تور دەۋرىدە 5-10 يىلدا تاماملايمىز. بىز ئاساسەن، ئىجتىمائىي بىلىملەرگە مەركەزلىشىپ قېلىقلىق. شۇڭا كۆپ ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلەر تىلنىمۇ كۆپ ئاڭلايدۇ.


تىل ئاڭلىماسلىقنىڭ، قۇلىقى تېنچ ئالىجاناپ ئۆتۈشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى بار. ھېچقانداق سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان چۆلگە چىقىپ كېتىپ پادا بېقىش.


لېكىن مەن خاتىرجەم پادا باققۇدەك بىرمۇ خاتىرجەم جاينى تاپالمىدىم.


كۈلۈپ كېلىپ جاڭڭىدە بىر مۇشت ئاتقىنىڭىزغا ھەشقاللا دوستۇم.


بەت: [1]
: ھېكايىدىكى كولمىناتسىيە