Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:25:12

95588 ۋە 10000 غا پىكىرىم بار

مەن تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئەسلى ئۆز ئورنىغا يازسام بولاتتى، لىكىن ئۇ يەردىكى يېزىقلارنى مەن تولۇق چۈشۈنەلمىگەنلىكىم بولۇپمۇ دېمەكچى بولغان گېپىمنى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ يەرگە يازدىم، دوستلار توغرا چۈشەنگەي.

دۆلەت ۋە ئاپتونۇم رايۇن بىزنىڭ تىل - يېزىقىمىزغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى خېلى نوپۇزلۇق ئىدارە - ئورگانلارنىڭ ئۇيغۇرچە توربەتلىرى قۇرۇلۇپلا قالماي، مەركەزدىكى بىرقىسىم ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە توربېتى قۇرۇلدى، يەنە قۇرىلىۋاتىدۇ. بۇلارنى بۇ يەردە ئېيتىپ، ساناپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز. ئەمما ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان نەچچە مىليۇن ئامما مۇئاش ئالىدىغان سودا- سانائەت بانكا سېستىمىسىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفۇنى 95588دا ئۇيغۇر تىلىدىن مۇلازىمەت ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، نۇرغۇن ئامما قىينچىلىق تارتماقتا، جۈملىدىن مەنمۇ كۆپ قيىنچىلىق تارتتىم، گېپىمنى ئۇقىدىغان، شىكايىتىمنى ئاڭلاپ، مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ئادەم تاپالمىدىم، ناۋادا  95588نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان بولسا، قوش تىلدا مۇلازىمەت قىلالايدىغان خادىملار بۇ ئورۇندا خىزمەت قىلغان بولسا ياكى http://www.icbc.com.cn/icbcنىڭ ئۇيغۇرچە توربېتى بولغان بولسا، نەچچە مىليۇن خەلقنىڭ پۇل- مۇئامىلە ئىشلىرى ئاسانلاشماسمىدى؟

10000نىڭ ئۇيغۇرچە مۇلازىمىتى يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، قوش تىلدا سۆزلىشەلەيدىغان خادىنملارنىڭ ئاز قوبۇل قىلىنغانلىقىدىنمۇ قانداق، قاچاندا تېلفۇن قىلىنسا «ئالدىراش» دېگەن ئۇچۇر چىقىدۇ، مېنىڭچە ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى بۇ ئورۇندا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قوش تىللىق بولىشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا ھەر مىللەت خەلقى ئۈچۈن ھىچقانداق قولايسىز بولمىغان ھالەتتە خىزمەت قىلىناتتى. ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشتا پايدىسى زور بولاتتى.




يۇقۇرىدىكى سۆزۈمدە ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشقا زىيانلىق ئامىل بولسا، بۇ تىما تەستىقلانمىغاي، ئەكسىچە پايدىلىق بولسا، مۇناسىبەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈلۈپ قويغاي، بولۇپمۇ توردىن نىسىۋە تېپىپ يەيدىغان خادىملار ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ قويغاي.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:07:54

95588 دېگىنىڭىز نېمىكىن، سودا - سانائەت بانكىسىمۇ؟

سىز نېمە قىلىسىز ئۇ كونا بانكىغا ئېسىلىۋېلىپ، ئۇيغۇرلار ئىشلەيدىغان بانكىغا كىرسىڭىز بولمامدۇ!

مەن گېپىڭنى ئۇقمىدىم دەپ، بارلىق پۇللىرىڭىزنى چىقىرىۋېلىپ، باشقا بانكىغا يۆتكىسىڭىز، ئاندىن يولغا قويۇشى مۇمكىن.

مېنىڭ بىلىشىمچە شاڭخەي پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى بىلەن جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ مۇلازىمىتى ئەڭ يېقىملىق. ئۇلار سىزگە ھامان ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىغان خادىمنى تېپىپ بېرىپ مۇلازىمەت قىلىدۇ، تالوندىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ.... بۇ ئىككى بانكىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا يازغان ئۇيغۇرچە خېتىمۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بانكىنىڭكىدىن يوغان ۋە ئۆلچەملىك.

ئاۋۇ 10000 دېگەننىڭ گېپىنى قىلمايلا قويايلى! مەن بۇ 10000 دېگەن ھاراملىقلاردىن جاق تويغان! ھازىر ئاڭلىسام ئەرزان ماڭىدىغان تېلېفونلارنى چىقىرىپ، خېرىدار جەلىپ قىلىۋېتىپتىمىش.... ئامما لېكىن، قىممەت ماڭسىمۇ گېپىدە تۇرىدىغان، قويغان تۇتقىنىنى بىلىدىغان، ئالدى بىلەن كەينىنىڭ پەرقى بار شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمىتىنى ئەۋزەل كۆرىمەن.

مېنىڭچە، ئەڭ ياخشىسى، سىز بۇ 10000 نىڭ بارلىق مۇلازىمەتلىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىڭ، ھەممىنى ئۆيىڭىزدىن قوغلاپ چىقىرىڭ، ئالاقە شىركەتلىرى ئىچىدە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى، ئەمما سەل قىممەترەك، لېكىن رازى بولىسىز.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 15:17:58

بىر ھوننىڭ پىكىرنى قوللايمەن.



تەكلىپ-پىكىرلەرنى قوبۇل قىلدىغان جەمىيەتتە ياشاۋاتقان بولساق باغداشتىكى كۆرۈلۈشى 600 مىڭدىن ئاشقان ھېلىقى تېمىدا قانۇن يولى تەخەللۇسلۇق تورداش ئالتە ئايدىن بېرى توختىماي «ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا» ماڭمىغان بولاتتى.



پايپالدىكى پۇلنى چىقىم قىلىش ئۈچۈن سودا-سانائەت بانكىسىغا پۇل قويغان ئىسپاتنى سىكانىرلاپ توردا يوللاپ بېرىشكە توغرا كەلدى. بانكىغا بېرىپ، نومۇر ئېلىپ، بىر سائەت ساقلاپ كۆزنەككە بېرىپ، ئىككى يۈز پۇل بىلەن كارتامنى تەڭلىسەم نېمە قىلىسەن دەيدۇ، ماۋۇ كارتىغا پۇل قويىمەن دېسەم پۇل قويدىغان ئىشىڭ بولسا ئاۋۇ يەردىكى ئاپتۇماتىك پۇل قويدىغان ماشنىدا مەشغۇلات قىل دەيدۇ. مەن پۇل قويغانلىق ئىسپاتى لازىم بولۇپ قالغانتى، ماشنىدا ئۇنداق ئىسپات چىقىرىپ بەرمەيدىكەن دېسەم بۇ بەلگىلىمە، پۇل قويۇش ئۈچۈن چوقۇم ئاپتۇماتىك ماشنىدا مەشغۇلات قىل دەيدۇ. مەن مۇشۇ ھەقتە خەلق بانكىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى بارمۇ، بولسا ئالە بولمىسا ماۋۇ پۇلۇمنى كارتامغا قويۇپ بەر دەپ تۇرۋالدىم.

بىردەمدە ئىككى قوغدىغۇچى كېلىپ ما يەرگە ئۆت كەينىڭدىكىلەر ساقلاپ كەتتى دەپ پىشىمدىن تارتىۋاتىدۇ. ئاچچىقىمدا كارتىنى، پارول كارتىسىنى، توردا ئىشلىتىدىغان U盾 دېگەن نېمىنى ھەممىسنى قوشۇپ ئالدىغا ئېتىپ، ھىسابىمنى توختىتىپ بارلىق پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر، ماۋۇ نەرسىلىرىڭمۇ پۇلغا ساتقان، ئۇنىڭمۇ پۇلىنى قايتۇر دەپ تۇرۋالسام، باشلىق چىراي بىرسى چىقىپ گەپلىرىمنى تەپسىلى ئاڭلاپ دەسلەپتىكىسىگە پۇلىنى ئېلىپ كارىغا كىرگۈزۈپ بەرسەڭلا بولىدىكەنغۇ دەپتى، شۇ بويچە قىلىپ بەردى.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 15:28:34

@birhon بۇ يەردە 95588 دىن ۋاز كىچىش مومكىن ئەمەس، چۈنكى دۆلەت مالىيەسىدىن مائاش ئالىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى شۇنىڭ ئارقىلىق تارقىتىلىدۇ.

10000 نى ئىشلەتمىسە باشقا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. باشقىلىرىنىڭ تور كەسپى ئاساسەن كەلمىدى.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 16:35:22

ئىدارىلەرنىڭ مۇئاشىنى باشقا بانكىلار تارقىتالمايدىغاندەك، ھەممە ئىدارىلەر سودا - سانائەت بانكىسىغا يېپىشىۋىلىپ، بانكىدىكى خادىملارنى تولىمۇ ئالدىراش قىلىپ قىينىۋەتتۇق، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ چۆپقەتلەرگە بولغان مۇئامىلىسى باشقا بانكىلارغا قارىغاندا بىرئاز قوپال بىلىنىدۇ، ئامال قانچە مۇئاشنى شۇلار تارقىتىۋاتسا، ئۇلارغا خۇددى ئۆزىنىڭ يېنىدىكى پۇلنى بىكاردىنلا تارقىېتىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلسا كېرەك. مۇئاش تارقىتىلغان چاغلاردىكى ئۇزۇن ئۆچۈرەتلەرنى دېمەيلا قويۇڭ، 15 چاسامېتىر كەلمەيدىغان كىچىككىنا بىر ئۆيگە 5، 6 ئاپتۇماتىك پۇلداننى قويۇپ قويغاچ(بەزىدە كۆپ ھاللاردا بىر ئىككىسىدىن باشقىسى ئىشلىمەي قويىشلىرى بار)، نەچچە سائەتلەپ ئۆچۈرەتتە تۇرۇپ، نەچچە ئون ئادەم بۇلغانغان ھاۋادا نەپەس ئېلىپ، ھېلىمۇ ئۆپكە كسىلى بولۇپ يېقىلىپ قالماي، مۇئاشىنى ئېلىپ ئىككى پۇتلاپ چىكىتەلىگىنىنى كۆرسىڭىز، بۈگۈنكى بۇ مەدەنىي دۇنيانىڭ يەنە بىر يۈزىنى كۆرەتتىڭىز.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 16:57:29

قۇتلانكا، 95588 نىڭ يانفون بانكىسىنى بىجىرىپ، پۇلنى شۇنىڭ ئارقىلىق يۆتكەپ چىقىم قىلىش ياخشى چارىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ android ئەپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدىغۇ دەيمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 17:08:02

5- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قۇتلانكا، 95588 نىڭ يانفون بانكىسىنى بىجىرىپ، پۇلنى شۇنىڭ ئارقىلىق يۆتكەپ چىقىم قىلىش ياخشى چارىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ android ئەپنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدىغۇ دەيمەن.

مەن شۇ ئەپنىڭ خەنچىسىنى شۇنداق ياخشى ئىشلىتىۋاتىمەن، ئۈرۈمچىدە بىر كارتا بىجىرسەم، سىزنىڭ دەرىجىڭىز يۇقۇرىكەن، ھەقسىز بىجىرىدىغان كارتا بىجىرىپ بېرەي دەپ، سېرىق كاتىدىن بىرنى بىجىرىپ بەردى، ئۇنى تورغا چېتىپ بەردى، يانفۇن بانكىسى ئۈچۈن بىردانە پىچىرلىگۈچ(ئىملىگۈچ-密码器) بىجىرىپمۇ بەردى، ھازىر مۇشۇ پىچىرلىگۈچ ئارقىلىق بارلىق مۇلازىمەتلەرنى ياخشى قىلىپ كىتىۋاتىمەن، ئەمما ئاۋۇ 3- قەۋەتتىكى خوتۇنغا گەپ ئۇقتۇرۇپ بولالماي، گىپىمنى ئۇقىدىغان چوڭراق باشلىق تېخى بولماي، 95588تىن قوش تىللىق بىرەرسى تېخى چىقماي، بۇ تىمانى يېزىپ قالدىم.


ئۈرۈمچى غالىبەت يولى  سودا - سانائەت بانكىسىدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر خادىم ئاجايىپ ئېسىل ئايالكەن، خىزمەت ۋە مۇئامىلىسىدىن قاتتىق سۆيۈندۈم.

janijanim يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 19:40:59

مەن يىرىم سائەتنىڭ ئالدىدا 10000 نىڭ چوشقىلىرىنى كۆڭۈل سۆزۈمنىڭ ئوتتۇرلىرىغا تامادى ، زاۋنىما ، ۋاڭبادەن ، لەرنى قوشۇپ 7 منۇت تىللىۋالدىم، ھەر كۈنى 6 دىن ئاشقاندا ‹‹ بۇ قىتىملىق ئاڭلىشىشىڭىز ھەقسىز ........ ››  دەپ تىلفۇن كىلىپ بەك بىزار قىلىدۇ . ئۇ چوشقىلار ماقۇل سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنى يوللاپ قويدۇم دىدى ، دىسەم دىمىسەم ئەتە يەنە كىلدۇ ئۇ تىلفۇن ( ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت ئالدىراشمىش .)

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 19:56:58

جۇڭگۇ تېلىگرافىنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ ناچارلىقىدىن شىنجاڭدىكى بىر بومبا چۈشۈپ كەتسىكەن دەپ ھەر دائىم ئۈمىد قىلىمەن... تۆمۈر يول بىلەن كۆچمە خەۋەرلىشىش بىرلەشكەندىن كېيىن ياخشى بۇلىدۇ دەپ چۆچۈرىنى خام ساناپتىمەن، تۆمۈر يولنىڭ يەنە شۇ ھالەتتە...



تېلىگرافتىكىلەر نەچچە يىل بۇرۇن شىنجاڭدىكى بارلىق ناھىيە شەھەرلەرنى 20MB لىق تورنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولدۇق، كەلگۈسى بەش يىلدا بارلىق يېزاـ كەنىتلەرگىچە 20MB لىق كەڭ بەلباغلىق تورنى ئومۇملاشتۇرىمىز دەپ جار سېلىپ يۈرگەنىدى، ماۋۇ مەن تۇرۇشلۇق ناھىيىدە ، ناھىيە مەركىزىدىمۇ 20MB لىق تور يوق ئىكەن. ماۋۇ 4MBلىق توردا نەرسە چۈشۈرسە بىر كۈنى 300kb, بىركۈنى 7-8KB دىن چۈشۈپ ھارام قىپ قۇياي دەۋاتىدۇ ... يەنە تېخى ئۇدا 10 كۈن نۇرمال ئىشلىتىپ باققىنىمنى ئۇقمايمەن... بىر كۈنى بار، بىر كۈنى يوق ...





سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كەسىپ بىجىرىش سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ، كارتىغا باغلاقلىق يانفۇن نۇمىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9بىلەن ئۆچرەت تۇرۇپتىكەنمەن چۈشتە تاماققا كەتسىمۇ ئۆچرەت تۇرىۋاتقانلار تارقالماي تۇرىۋەردۇق، 1:30 دا ئىشقى چىقىشى كېرەك ئىدى، ساندۇقلارنىڭ ئاچقۇچى يۈتۈپ كېتىپتۇ دېگەننى باھانە قىلىپ 40مىنۇت كېچىكىپ ئىشقا چۈشتى، سائەت ئۈچ يېرىمدىن ئاشقاندا ماڭا ئۆچرەت كەپتۇ. ج خ دىن چىقىرىپ بەرگەن ئىناۋەتلىك ۋاقتى تېخى توشمىغان كىملىك ئىسپاتىنى تەڭلىسەم ئەسلىسىنى ئەكەل دەيدۇ، ئەسلىسى بولسا بۇنى تەڭلەيتىممۇ دېسەم بۇنىڭدا بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. بايا ئاۋۇ خوتۇن بولىدۇ دېگەنتىغۇ، بولمىسا ئۆچرەت تۇرمايتىم دەپ زالدا مېڭىپ يۈرگەن خادىمنى كۆرسەتسەم، ئەمىسە ئاشۇ قىلىپ بەرسۇن دەيدۇ ...

ئاچچىقىمدا 95588 گە تېلفۇن قىلسام شۇ بانكىنىڭ شۆبە نۇمىرىنى دەپ بەر دەيدۇ، ئۇ يوقكەن، خىزمەتچىنىڭ خىزمەت نۇمىرىنى دەپ بىرەي دىسەم بولمايدۇ دەيدۇ ... ئاچچىقىمدا كارتىنىنى سۇندۇرىۋېتەي دىسەم تېخى .... شىركەتتىكى قايسى ئىت گۇي سودا سانائەت بانكىسىنى تاللىغان بولغىيتى دەپ مىڭنى تىللىۋەتتىم ...

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 20:01:32

ئىنكاسىمنى تەھرىرلىيەلمىدىم، ئاۋۇ ‹‹شىنجاڭدىكى بىر بومبا ›› دېگەن يەردە مۇلازىمىتىر دېگەن خەت چۈشۈپ قاپتۇ جۇمۇ ... \"\"

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:06:10

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاشۇ ماز كارخانىلارنى شەخىسلەرگە ھۆددە بىرىۋەتمىگۈچە زادى تۈزەلمەيدۇ ئۇ بىر نىمىلەر.

ئالدىنقى ئايدا ئۆيۈمگە 8g لىق دەمدۇ تورنى تارتقان.قارىسام دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدە توردىن نەرسە چۈشۈرسە يۇقىرى بولغاندا2mb/s تىن چۈشىدىكەن.مىنىڭ ئۆيۈمگە تارتقان قوتانىڭ بۇگۈن400kb غا چىققىنى كۆرۈپ شۈنچە خۇش بوپ كىتىپتىمەن،بىردەمدىن كېيىن قارىسام100 گىمۇ چىقماي تۇرىدۇ.نەچچە قىتىم تىلفۇن قىلدىم ئاۋۇ داپ يۈز10000غا . ئون كۈن ساقلاپمۇ ئالىدىغانغا ئادەم چىقمىدى.ئالدىراشمىش.كۈنىگەنەچچە ۋاخ تىللايمەن بۇ بىرنىمىلەرنى

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:16:06

تور سۇرئىتى ئاستا بوسا مانىڭغا ئىنكاس قىلىڭ.

http://www.chinatcc.gov.cn:8080/cmsadmin/shouli/shensu.jsp تىلگىرافقا پىكىرىڭىز بولسىمۇ بۇلىدۇ.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:44:27

http://www.yolyar.com/html/bashqilar/index.htm دا  توردا پاش قىلىدىغان ئادرىسلار بار.


شىنجياڭ تېلېگرافى ئىشقىلىپ 4 سائەت ئىچىدە ئالاقىلىشىدۇ.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 21:44:33

سودا سانائەت بانكىسى زادى پۇل قويىدىغان بانكا ئەمەس جۇما . مۇلازىمىتى بەك ناچار ئۇ گۇيلارنىڭ .

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 22:46:24

تېلىگراف بىلەن ئاداۋىتى باردىن مەنلا ئوخشايمەن دېسەم، ھەممىڭلارنىڭ ئۆچى باركەندە؟ ADSL سىنى دېمىسەم ئۆيدىن پاك-پاكىز قوغلاپ چىقارغۇم بارتى \"\"

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 08:54:12

ئۆيگە تور تارىتماقچى بولساق تىلگىراف شىركىتىدىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 12:35:46

8- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋۇ 4MBلىق توردا نەرسە چۈشۈرسە بىر كۈنى 300kb, بىركۈنى 7-8KB دىن چۈشۈپ ھارام قىپ قۇياي دەۋاتىدۇ ... يەنە تېخى ئۇدا 10 كۈن نۇرمال ئىشلىتىپ باققىنىمنى ئۇقمايمەن... بىر كۈنى بار، بىر كۈنى يوق .....

بۇرۇن بېشىمدىن ئۆتكەن مۇنداق بىر ئىشمۇ بار: بىر سىمدا تېلېفۇن نورمال، تور لېكىن سەت ئاستا، چۈشەنمىدۇق. 10000 دىن ئىككى ئۇيغۇر كېلىپ، ئىشخانىلارنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ، تېلېفۇن سىمىدىكى ئۇلاق چۈشكەن جايلارنى ئىزدىدى، بىر يەر يامغۇردا داتلىشىپ ئۈزۈلۈپ كېتەي دەپ قاپتىكەن، كېسىۋېتىپ ساق يېرىنى ئۇلاپ قويسا تور تېزلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئىدى. سىناپ بېقىڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 13:17:20

8- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كەسىپ بىجىرىش سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ جۇمۇ، كارتىغا باغلاقلىق يانفۇن نۇمىرىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى 9بىلەن ئۆچرەت تۇرۇپتىكەنمەن چۈشتە تاماققا كەتسىمۇ ئۆچرەت تۇرىۋاتقانلار تارقالماي تۇرىۋەردۇق، 1:30 دا ئىشقى چىقىشى كېرەك ئىدى، ساندۇقلارنىڭ ئاچقۇچى يۈتۈپ كېتىپتۇ دېگەننى باھانە قىلىپ 40مىنۇت كېچىكىپ ئىشقا چۈشتى، سائەت ئۈچ يېرىمدىن ئاشقاندا ماڭا ئۆچرەت كەپتۇ. ج خ دىن چىقىرىپ بەرگەن ئىناۋەتلىك ۋاقتى تېخى توشمىغان كىملىك ئىسپاتىنى تەڭلىسەم ئەسلىسىنى ئەكەل دەيدۇ، ئەسلىسى بولسا بۇنى تەڭلەيتىممۇ دېسەم بۇنىڭدا بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. بايا ئاۋۇ خوتۇن بولىدۇ دېگەنتىغۇ، بولمىسا ئۆچرەت تۇرمايتىم دەپ زالدا مېڭىپ يۈرگەن خادىمنى كۆرسەتسەم، ئەمىسە ئاشۇ قىلىپ بەرسۇن دەيدۇ ...

ئاچچىقىمدا 95588 گە تېلفۇن قىلسام شۇ بانكىنىڭ شۆبە نۇمىرىنى دەپ بەر دەيدۇ، ئۇ يوقكەن، خىزمەتچىنىڭ خىزمەت نۇمىرىنى دەپ بىرەي دىسەم بولمايدۇ دەيدۇ ... ئاچچىقىمدا كارتىنىنى سۇندۇرىۋېتەي دىسەم تېخى .... شىركەتتىكى قايسى ئىت گۇي سودا سانائەت بانكىسىنى تاللىغان بولغىيتى دەپ مىڭنى تىللىۋەتتىم ...



تېلېفون نومۇرىنى ئالماشتۇرۇشقا ئۆچرەت تۇرۇش كەتمەيتتىغۇ، تىجارەت زالىنىڭ ئىچىدىكى ئاپتوماتىك ماشىنىدىلا ئۆزگەرتىۋالغىلى بولاتتى. نىمە كەسىپ بىجىرىدىغانلىقىنى كىرىپلا زال دېركتورىدىن سورىغۇلۇقكەن، بەزىدە ئاددى ئىش ئۈچۈن ئىششەك-پاتمان ئۆچرەت تۇرۇشقا توغرا كىلىدىغان ئىش.


ئۈرۈمچىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىمىز سەل ياخشى ئوخشايدۇ ھە\"\"

pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 14:47:10

6- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۈرۈمچى غالىبەت يولى  سودا - سانائەت بانكىسىدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر خادىم ئاجايىپ ئېسىل ئايالكەن، خىزمەت ۋە مۇئامىلىسىدىن قاتتىق سۆيۈندۈم.



بۇ گەپنى بىر قىلماڭ بىداركا، ئالدىنى قېتىم تور مەخپىي نۇمۇرۇمنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئۈچ تاش مەسچىتنىڭ قېشىدىكى سودا-سانائەت بانكىسىغا كىرسەم بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلپ بېشىمنى ئاغرىتىپ ئۇلار بىلەن سوقۇشۇپ دىگەندەك قايتا كىرمەس بولدۇم ،شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى غالىبىيەت يولىدىكى بانكىغا كىرىپ ئىش بېجرىدىغان ئىش بوپ  قېلىپ شۇ يەردە بېجىرىپتىم  ۋاي ۋاي ۋاي ، ئۆز مىللەت ئېسىل بولسا شۇنداق بولا ، ئۇ بانكىدا 2-3 ياشقا چوڭراق ئۇيغۇر ئايال بار، بەك ياخشى جۇما ئۇلار، ئۇلارنى كۆرسەم ئاپامنى كۆرگەندەك ھۆرمەتتە بولىمەن ،مۇلازىمىتىدىن شۇنداق رازى.




Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-6 11:43:05

15- قەۋەتتىكى yollughنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆيگە تور تارىتماقچى بولساق تىلگىراف شىركىتىدىن باشقا تاللاش يوقمۇ ؟




بەزى يۇرتلاردىكى بەزى مەھەللىلەرگە نىسبەتەن  باشقا تاللاش ئىمكانىيىتى بولماسلىقى مۇمكىن. بىزنىڭ مەھەللىگە نىسبەتەن سىملىق توردىن پوچتا تېلېگراپ بىلەن تورخەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تورىنى تاللاش ئىمكانىيىتى بار.


مەن تورخەۋەرلىشىشنىڭ يىللىقىغا 480.00 يۇەن تاپشۇرۇپ  3، 2 يىل ئىشلەتكەن ئىدىم، ئۇلار ئۆيگە تېلېفۇن قويۇشنى شەرت قالمايتى، ھازىر شەرت قىلىۋاپتۇ.


مەن بىر مۇقۇم تېلېفۇن، بىر يانفۇن ۋە كەڭ بەلۋاغلىق تورنىڭ ئايلىقى 99.00 يۇەنلىك بىلەن 129.00 يۇەنلىكنىڭ پەرقىنىڭ قانچىلىكلىكىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، 10000غا بىر ھەپتىنىڭياقى تېلېفۇن قىلىپ ئالالمىدىم، ھەتتا يېرىم كىچىدە ئۇرساممۇ ئۇيغۇرچە مۇلازىمەت \"ئالدىراش\" بولۇپ چىقتى.

بەت: [1] 2
: 95588 ۋە 10000 غا پىكىرىم بار