zulal يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 03:26:33

2012-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇرلىرىمىز

5-ئاينىڭ 11-كۈنى ، ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ژۇرنالىست رەخىم قاسىم ۋاپات بولدى ( 76 ياش ) .


6-ئاينىڭ 2-كۈنى ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان سەنئىتىدە << قەدىردان ئاتام >> ، << ھىكىم ھەسەنگە مەرسىيە >> قاتارلىق ۋەكىللىك ناخشىلىرى ۋە غىجەك بىلەن ئۇنتۇلماس كۈيلىرى ئارقىلىق  ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ،12 مۇقامنىڭ مۇزىكىسىنى ئورۇنلاش جەھەتتە زور تەسىرگە ئىگە دۇنياۋى سەۋىيىلىك كومپوزىتور ئەكرەم ئۆمەر ۋاپات بولدى ( 48 ياش ) .


6-ئاينىڭ 10-كۈنى ، << قۇتادغۇبىلىگ >>شۇناس ، پېداگوگ ، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ۋاپات بولدى ( 53 ياش ) .


7-ئاينىڭ 25-كۈنى ، ئاتاقلىق شائىر ، پېداگوگ مۇھەممەتجان سادىق ۋاپات بولدى ( 78 ياش ) .


ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ، << ئەنجانباي >> ، << مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى >> قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ قەلەمكارى نۇر روزى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋاپات بولدى ( 70 ياش ) .


7-ئاينىڭ 28-كۈنى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر قىزىقچىسى ، چاقچاقچى ، ئەل سەنئەتكارى تۇداخۇن ( پاكار ) روزى ۋاپات بولدى .


8-ئاينىڭ 13-كۈنى ، مەشھۇر دىنىي زات ، قەشقەر شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمام ، خاتىپى ئابدۇقادىر مىرئەھمەد قارىھاجى ۋاپات بولدى ( 72 ياش ) .  


9-ئاينىڭ 6-كۈنى ، مەشھۇر دىراماتورگ ، شائىر ، يازغۇچى مۇھەممەدئېلى زۇنۇن تەشنائىي ۋاپات بولدى ( 73 ياش ) .


10-ئاينىڭ 23-كۈنى ، ئۇيغۇر بوكسچىلىقىدىكى بەرپاچى ئۇستاز ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە تونۇلغان مەشقاۋۇل ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ۋاپات بولدى ( 54 ياش ) .


11-ئاينىڭ 28-كۈنى ،  شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ، ئاكادېمىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ، ئەدەبىياتشۇناس ئابدۇشۈكۈر تۇردى ۋاپات بولدى ( 77 ياش ) .



يۇقىرىقى مەشھۇرلىرىمىزنىڭ نامى خەلقىمىز قەلبىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ !

mandarin يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 11:52:07

باتۇر كۇرشاتتەك تېرىلىپ قالغانلارمۇ ئاشۇ قاتارغا تىزىلسا بولار ئېدى.



ھېچبولمىسا، ئىزدىنىشتا مەشھۇر كىشى ئىكەنتۇق.



ئىشقىلىپ كېتىۋاتىمىز قاتارى....

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:52:37

رەھمەتلىك تۇرداخۇن قانچە يېشىدا ۋاپات ئەتكەندۇ؟

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:56:38

تۇرداخۇن روزى 43 يېشىدا رەھمەتلىك بولدى. ئۇ قىزىقچىمىز 1969 - يىلى تۇغۇلغان ئىكەن.

limun5 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:57:01

ئاتۇشتىكى دىنى زات رۇستەم قارى ھاجىم 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاپات بولدى.

ئىشقىلىپ بۇ يىل خېلى كۆپ مەشھۇرلىرىمىزدىن ئايرىلىپتۇق.

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:00:20



ئاللاھ ھەممىمىزنى ھىدايەت ئۈستىدە قىلسۇن.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:26:28

رەخىم قاسىمىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدىكى‹‹ يەر ئۇلۇغ ئانا›› دىگەن شىئىرى ھازرىمۇ چالا پۇچۇق يادىمىدا تۇرۇپتۇ،

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:34:46

ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلسۇن.




lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:38:40

كۈلدۈرگە ئارتىسى توختىقۇربان سايت ۋاپات بولدى

قايغۇلۇق خەۋەر- مۇھەممەتئېلى زۇنۇن (تەشنائىي) ۋاپات بولدى

خۇش-ئاۋاز قارى، ئۇستاز ئابدۇقادىر قارىھاجى ۋاپات بولدى

Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:44:12

قارۇشتى، مەن خاتالىشىپتىمەن. سىزمۇ ئىكاسنى ۋە نەقىلنى تەھرىرلىۋەتكەيسىز.


ئاللاھ ياخشىلارنى سالامەت قىلسۇن.








qarushti يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:50:31

مەن ھازىرلا ئۆزىگە تىلىفۇن قىلىپ سوراشتۇردۇم. ئابدۇسالام مۇئەللىم ئۆز ئېغىزى بىلەن شۇنداق دىدى.

kumandan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 13:13:33

بۇنچىۋالا ياخشى كىشىلىرىمىزنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى بۇ تېمىنى كۆرۈپ بىلدىم ، بۇ يىل رامزاندا تاراۋىك نامىزىدىن قايتىپ كېلىش يولىدا مېنىڭ ئاتاممۇ جان ئۈزۈپتۇ ، شۇڭا تورغا چىقمىغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن خەۋەرسىز قاپتىمەن ، مەن رۇستەم قارى ھاجىنىڭ تەپلىغىنى ئاڭلىغان شۇ 80 يىللار دا سۆزلىگەنمىكىن بەك جانلىق كەسكىن گەپ قىلىدىغان ئادەمدەمكەن .

han1021 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-16 12:18:49

رەھمەتلكلەرنىڭ روھى ئەمن تاپسۇن!ئامىن!!!ھساپلاپ باقسام ئۇلارنىڭ ئوتتورچە يېشى 60كىمۇ بارمايدىكەنغۇ،خىميلك يىمەكلكلەرنى ئستىمال قلغىنمىزنىڭ دەلىلى دە بۇ....ھەي
بەت: [1]
: 2012-يىلى ۋاپات بولغان مەشھۇرلىرىمىز