Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 02:25:40

Windows8 ئىشلىتىڭ (باچكا)

كۆزنەك 8 نى 248 يۈەنلىك باھا بىلەن سېتىۋېلىشقا يەنە 26 كۈن قالدى. قىلچە تەييارلىقى يوق ئادەمگىمۇ يەنە پۇرسەت يېتەرلىك.  تور بانكا بىجىرىدىغانلارغىمۇ 20 خىزمەت كۈنى يېتىدۇ.





سېتىۋېلىش  



پايپالدا سېتىۋېلىش ئاساندەك تۇرىدۇ.


(تولۇقلاندى: www.paypal.com  ئېچىلغاندا، بىخەتەرلىك كېنىشكىسى ياكى دۆلەت- رايون پەرقلەندۈرۈش سەۋەپلىك، ئادرىس رامكىسىغا ھەرپلەرقوشۇلۇپ قالىدۇ، خاتىرجەم بولغايسىز)




پايپال ئارقىلىق كۆزنەك 8 سېتىۋېلىشقا ئىككى پايپال لازىم. دىمەك ئاۋال ئىككى ئېخەت ساندۇقى لازىم. بۇلارنىڭ ئىسىم ۋە شىفىرلىرىنى، قوغداش سۇئال- جاۋاپلىرىنى چوقۇم خاتىرىگە ياكى ھۆججەتكە ئېنىق قىلىپ يېزىۋېلىڭ. يېڭى ئىلتىماس قىلغان نەرسىلەرنىڭ شىفىرى كۆپ ئىشلەتمىسە ئاسان ئۇنتۇلىدۇ.


مەشغۇلاتتا قىينىلىدىغانلارغا دوستلار ياردەم قىلدى. ئۆزى قىلالايدىغان، لېكىن ئىناۋەت كارتىسى ۋە تور بانكىسى پەقەت يوقلار ئاۋال بىر پايپال  ئېلىپ، تور بانكىسى بار باشقا ئادەمنىڭ پايپال ھېسابى ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ پايپال ھېساۋىغا پۇل سالغۇزسا بولىدۇ. بۇ ئىنتايىن بىخەتەر، ستىۋالغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.  ئەگەر، پايپال تەييار قىلالىساڭلار، تور بانكا بىجىرىش قولايسىز بولسا، ئىنكاس قالدۇرساڭلار ھەممىمىز پۇلۇڭلارنى تور بانكىمىز ئارقىلىق پايپال ھېساۋىڭلارغا ئۇرۇپ بېرەلەيمىز.




پايپالغا ئېخەت ئادرىسىڭىز ھېساۋات نامى قىلىنىدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولۇپلا ئېخەت ساندۇقىڭىزنى ئېچىپ، ئېخەت ئۇچۇرىنى چوقۇم دەلىللەيسىز. (بانكا كارتىسى دەلىللەشنى ھازىرچە قىلمىسىڭىزمۇ كۆزنەك 8 نى سېتىۋېلىشقا دەخلىسى بولمايدۇ.)  






پايپال ھېساۋىڭىزغا 248 يۈەن ئۇرۇڭ، دوللارغا ئايلىنىپ كۆرۈنىدۇ. (مەن مۇلازىمەت ھەققى ئېھتىماللىقىنى ئويلاپ 42 دوللار قاچىلىماقچى بولغاچقا، تۈۋەندىكى رەسىمدىكى پۇل 248 دىن كۆپ، مەنچە 40 دوللار قاچىلىسا يېتەرلىك، تۇتۇلىدىغان پۇل 39.7 دوللاردىن كىچىككىنە پەرق قىلىدۇ).




(تولۇقلاندى) بىر پايپالغا بىۋاستە تور بانكىدىن پۇل قاچىلاشقا بولمايدىكەن، شۇڭا، ئىككىنچى پايپالغا (Win8 سېتىۋېلىشتا ئىشلىتىدىغان نامدىكى) پۇل تۆلەش شەكلىدە (مۇلازىمەت تۈرىنى تاللاپ) پۇل ئۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپچىلىك بۇ جەريانغا دىققەت قىلغاي. پۇل تاپشۇرۇۋالغان پايپالدا، «قۇبۇل قىلىش» نى چېكىش لازىم، قالدۇق سومما نورمال كۆرۈنگەندە داۋاملاشتۇرساق بولىدۇ. (ھازىرچە رەسىم يوق)


ئەمدى سېتىۋېلىش پروگراممىسى ئارقىلىق كۆزنەك 8 نى سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.


سېتىۋېلىش ئادرىسى:


http://windows.microsoft.com/zh-cn/windows/buy?ocid=GA8_O_MSCOM_Prog_FPP_Null_Null


پۇل تۆلەش باسقۇچىدا پايپالنى تاللاپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۈۋەندىكى كۆزنەك ئۆرۈلىدۇ، بۇمۇ ئىنتايىن راۋان جەرجان.







چۈشۈرۈش



سېتىۋېلىش پۈتكەندىن كېيىن، پروگرامما سىزگە قاچىلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈشنى باشلاپ بېرىدۇ. ئەگەر چۈشۈرۈش پروگراممىسى ئۈزۈلۈپ كەتسىمۇ ئەنسىرىمەڭ، ئېخەت ساندۇقىڭىزدىكى خەتنى ئاچسىڭىز، ئاچقۇچ كود ۋە چۈشۈرۈش ئادرىسى سىزگە ئەۋەتىلگەن. شۇ ئارقىلىق قايتا باشلىسىڭىز بولىدۇ، باشقىلار چۈشۈرگەننى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.


چۈشۈرۈش پروگراممىسى كود سورايدۇ، سىز كىرگۈزگەن كودنى خاتا دەپ كۆرسەتسىمۇ ئەنسىرىمەڭ، داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ. كودنىڭ ھەقىقي ئىشلىتىش ئورنى قاچىلاش پروگراممىسىدا.


چۈشۈرۈش پروگراممىسى دەسلەپ 10 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتنى كۆرسىتىشى مۇمكىن، بىراق 3~ 2 سائەت ئىچىدە چۈشۈپ بولۇشى مۇمكىن.



چۈشۈرۈش پروگراممىسى ئاياقلىشىپ، سىزگە ئۈچ خىل قاچىلاش ئۇسۇلىنى تەمىنلەيدۇ: 1› بىۋاستە قاچىلاش؛ 2› ساقلاش ماتىرىيالىدىن قاچىلاش؛ 3› سەل تۇرۇپ ئۈستەل يۈزىدىن قاچىلاش. ئۆزىڭىزگە قايسىسى ئاسان بولسا شۇنى تاللاۋېرىڭ، بىراق، چۈشۈرگەن كومپيۇتېرنىڭ ئۆزىگە قاچىلىماقچى بولسىڭىز، ئامال بار 2- ۋە 3- ئۇسۇلدىن بىرنى تاللاڭ. چۈنكى، چۈشۈرۈلگەن ھۆججەتلەر سىستېما رايونىدا بولغاچقا، كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلغان ھۆججەت يوقاپ كېتىدۇ. ISO ھۆججەت قۇرۇۋېلىش ۋە نۇر دېسكىغا ئۇيۇپ، دېسكا يۈزىگە ئاچقۇچنى يېزىۋىلىش پۇختا ئۇسۇل، بىراق مەخپىي ساقلاڭ.




1- بىۋاستە قاچىلاش:




2- ساقلاش ماتىرىيالىدىن قاچىلاش. بۇ ئارقىلىق بارماق دېسكا ياكى نۇر دېسكىغا قاچىلاش پروگراممىسىنى تەييارلاشقا بولىدۇ.





Windows7 دە ISO نى بىۋاستە نۇر دېسكىغا ئۇيۇش.






3- خىلى، ئۈستەل يۈزىگە بىر ئۇلانما چۈشۈپ قالىدۇ.





قاچىلاش



قاچىلاشنى باشلاشتىن بۇرۇن ئىككى ئىشنى قىلىسىز: 1. C رايوننىڭ سىغىمىنى كۆرۈۋېلىڭ، قاچىلىغاندا باشقا رايوننى فورماتلىۋەتمەسلىككە پايدىسى بار؛ 2. چوقۇم قەغەزگە ئاچقۇچ كودنى يېزىۋېلىڭ، قاچىلىغاندا سورايدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ باشلىۋەتكەن بولسىڭىز، ئەقىللىق تېلېفۇندا ئېخەتنى ئېچىپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى قاچىلاشنى بىكار قىلىپ قايتا قوزغاتسىڭىز ئەسلى سىستېمىغا كىرىشكە بولىدۇ. ئاچقۇچ يېزىلغان قەغەزنى مەخپىي ساقلاڭ، بىر ۋاراق 250 كوي.



قاچىلاش پروگراممىسى دەسلەپ ئۈچ خىل ئۇچۇرنى سورايدۇ: 1› تەۋەلىكى، جۇڭگو؛ 2› ۋاقىت ۋە پۇل كۆرسىتىش يېزىقى؛ 3› خەت نۇسخىسى ۋە كىرگۈزگۈچ. بۇنىڭدا 2- ۋە 3- سىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى تاللىسىڭىزمۇ نورمال بولىۋېرىدۇ، پەقەت، شىفىر كىرگۈزگەندە قايسى يېزىق ئىكەنلىكىگە قەتئىي دىققەت قىلىڭ، («ئۇي»- ئۇيغۇرچە، «ENG»- ئېنگىلىزچە).

قاچىلاش پروگراممىسى ئاپتوماتىك ۋە بىزدىن سوراپ 25 قەدەم بېسىپ تۈگەيدۇ، بۇنىڭدا بىز ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان تۈردىن ئۈچى بار: بىرى، ئاچقۇچنى كىرگۈزۈپ مۇقىملىغاندىن كېيىن قاچىلاش تۈرى سورايدۇ، بىرىنچىسى ئۆستۈرۈپ قاچىلاش، چوقۇم ساقلاپ قالىدىغان پروگراممىسى بارلار ئىشلەتسە بولىدۇ؛ ئىككىنچىسى، قاچىلاش رايونىنى توغرا تاللاش كېرەك،


يەنى C رايوننىڭ سىغىمىنى ئېنىق كۆرۈپ تاللاپ بېرىش، باشقا رايوندىكى ئۇچۇرلارنى ئامان ساقلاش؛ ئۈچىنچىسى، خاسلاشتۇرۇش باسقۇچى، بۇ باسقۇچتا، مىكروسوفت ئېخەت ئادرىسىڭىزنى سورايدۇ، بۇ بىر ئالاھىدە تۈر، يەنى، دۇنيادىكى خالىغان كۆزنەك 8 سىستېمىسىغا شۇ ئېخەت بىلەن تىزىملاپ كىرسىڭىز، ئۈستەل يۈزى، تور خاتىرىسى.. قاتارلىق بىر قىسىم ئۇچۇرلار ئۆز پېتى چىقىدۇ. ياكى سول ئاستى بۇرجەكتىن مىكروسوفت ھېسابى بىلەن كىرمەسلىكنى تاللاپ، ئۆيدە شىفىرسىز ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر مىكروسوفت ھېسابى بىلەن كىرگەن بولسىڭىز ، تورغا ئۇلىنىپ شىفىر دەلىللەيدۇ. ئاندىن بىخەتەرلىك سۇئالى سورايدۇ، بۇنى خاتىرىلىۋېلىڭ.


ئۇيغۇرچە «مەرھەمەت ئىشلىتىڭ» دىگەن خەتتىن كېيىن، باشلاش ئېكرانى چىقىدۇ.



يانفۇن نومۇرىڭىزنى كىرگۈزگەن بولسىڭىز، يانفۇنىڭىزغا مىكروسوفت قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ، ئەۋەتكەن كودنى تۈۋەندىكى ئادرىسقا چىقىپ كىرگۈزۈپ، مىكروسوفت ھېسابىڭىز بىلەن يانفۇنىڭىزنى باغلايسىز. (https://account.live.com/confirm)







قاچىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باشلاش ئېكرانىدىكى «ئۈستەليۈزى» نى چېكىپ، ئېكران زىچلىقىنى كۆتىرىۋېلىڭ.


ئەگەر، ئۇيغۇرچە ۋاقىت ۋە يېزىق تاللاپ قاچىلىغان بولسىڭىز، تىل بولاقنى تېخى قاچىلىماي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئەپلەرنى ئۇيغۇرچە كۆرەلەيسىز، خۇددى كۆزنەك 7 دە ۋاقىت- چېسلا ئۇيغۇرچە كۆرۈنگەندەكلا.



كونترول تاختىسىنى ئېچىشنى ئۆگىنىڭ



نۇر بەلگىنى ئېكراننىڭ تۆت بۇرجىكىگە تاقاش ئارقىلىق، باشلاش ئېكرانى، ئېچىلغان پروگراممىلار ۋە تەڭشەك بۇيرۇقلىرىنى ئېچىشقا بولىدۇ. نۇر بەلگىنى ئوڭ بۇرجەككە ئاپىرىڭ:



كونترول تاختىسىنى چېكىڭ:



كونترول تاختىسى Windows7 گە ئاساسەن ئوخشاش:




سىستېما تىل بولىقىنى قاچىلاشتىن ئاۋال ياماقلارنى ياماش كېرەك، بولمىسا تىل بولىقى ئېچىلمايدۇ. تۈۋەندىكى كۆزنەكتە، «ئۇيغۇرچە» نىڭ يىنىدىكى «تاللاش» نى چېكىپ، تىل بولاق ھالىتىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.







سىستېما ياماش



كونترول تاختىسىدىن  «سىستېما ۋە بىخەتەرلىك» نى ئېچىپ، ئۇنىڭدىن «Windows يېڭىلاش» نى ئاچىمىز.



«Windows يېڭىلاش»  كۆزنىدىكىن «يېڭىلاشنى تەكشۈرۈش» نى چېكىپ، يېڭىلاشنى باشلايمىز.



بۇنىڭغا ۋاقىت كېتىدۇ.



ئاخىرلاشقاندا كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىمىز.






تىل بولاق چۈشۈرۈش



بۇ چاغدا تىل بولاقنى چۈشۈرۈشكە بولىدۇ.



چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتقاندىلا ئاندىن تىل بولاق كۈچكە ئىگە بولىدۇ، يەنى سىستېما ئۇيغۇرچىلىشىدۇ.



بۇرۇنقى  Windows XP دا، بارلىق كۆزنەكلەرنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىغا كۆرسىتىدىغان خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش ئاسان ئىدى، win8 دە بۇ جاينى پەقەتلا تاپالمىدىم، پەقەت خەتنىڭ چوڭلۇقى ۋە توملۇقىنى ئۆزگەرتەلىدىم. باشقا مۇنبەرلەردە ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق تەڭشەش ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەن ئىكەن، مەن ۋاقىت چىقىرالمىدىم. كۆپچىلىك ئىزدەپ كۆرۈڭلار.



بۇ مېنىڭ باشلاش ئېكرانىم، مىترويۇمغا ئەپلەر، ئۇيۇنلار بىر- بىرلەپ چىقىۋاتىدۇ.:



(تۈۋەندىكى رەسىمدىكى CPU ئۇچۇرى خاتا، Win7 دىمۇ شۇنداق چىقان)





مىكروسوفت ھازىر يالغۇز Windows8 نىلا ئۇيغۇرچە تەمىنلەپ قالماي، ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مۇلازىمەتلىرى بولغان خەت، ئۇچۇر، SkyDrive, Skype, Outlook, hotmail.com قاتارلىق تور بەت سۇپىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرچە يۈزلۈك تەمىنلىگەن.





ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قاچىلاش



ئاۋال بۇ ئادرىستىن، ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدا تەمىنلەنگەن خەت نۇسخىلىرىنى چۈشۈرۈڭ، ھەم ھەممىنى تاللاپ كۆچۈرۈۋېلىڭ:


http://sdrv.ms/100HF8G


ئاندىن، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+Rبىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، Fonts نى ئىجرا قىلدۇرۇپ، خەت نۇسخىسى مۇندەرىجىسىنى ئېچىپ، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنى چاپلاڭ.  كېيىن خاتىرە دەپتەر ۋە Word قاتارلىقلاردا «ئۇي» كىرگۈزگۈچتە خەت يېزىپ، خەت نۇسخىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە بولىدۇ.



ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە كىرگۈزگۈچلەرنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن، كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ، بوش ئورۇن كۇنۇپكىسىنى قايتا- قايتا بېسىپ، لازىملىق كىرگۈزگۈچكە كەلگەندە قويۇۋېتىمىز.






سىستېما زاپاسلاش قانداق بولىدۇ؟



خۇددى يانفۇن سىستېمىسىنى زاۋۇت تەڭشىكىگە قايتۇرغانغا ئوخشاش، Windows8 قاچىلانغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا بىر ساپ زاپاسنى قاچىلاپ قويغان بولىدۇ. ھەمدە، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىسى بىلەنمۇ مەلۇم چېسلادىكى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنى قەيەردىن ئاچىمىز؟


ئۈستەل يۈزى سول بۇرجىكىگە نۇر بەلگىنى تاقاپ،  تەڭشەك تىزىملىكىنى چىقىرىمىز:




«تەڭشەكلەر» نى بېسىپ، تەڭشەكلەر تىزىملىكىنى ئاچىمىز:




«كومپيۇتېر تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىش» بۇيرۇقىنى چېكىپ، «تەڭشەكلەر» كۆزنىكىنى ئاچىمىز. بۇ كۆزنەكنى تەتقىق قىلىپ كۆرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.





ئەپ دۇكىنى




ئەپ دۇكىنىغا كىرىپ، بارلىق تۈرلەردىن ھەقسىز دىگەنلەرنى خالىغانچە چۈشۈرۈڭ. ھازىرچە تەپسىلىي توختالمايلى.



ئوغرى نەشىردىكى Office نى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا،  سىستېما تەمىنلىگەن «خاتىرە دەپتەر»، «خەت يازغۇچ»، قوليازما خاتىرلەش، دۇكاندىن چۈشۈرگەن OneNote قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۇيغۇرچە يېزىش ئېھتىياجىمىزنى ھەل قىلىپ تۇرۇشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، SkyDrive تەمىنلىگەن Word Web App ئارقىلىق قىسمەن ئېھتىياجنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.




دوستلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سېتىۋېلىشىنى، ئىمكاننىڭ بارىچە ۋە ئېھتىياجىغا قاراپ ئارتۇقراق ئېلىپ قويۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ھەمدە، خەۋەرسىز يۈرگەنلەرگە، كومپيۇتېرلىقلارغا، كومپيۇتېرسىزلارغا، بالىلار ۋە چاللارغىچە، ئىككى ئىشنى ئېيتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز، يەنى،  «ئۇيغۇرچە مەشغۇلات سىستېمىمىز بار بولدى»،  «248 يۈەنلىك ئېتىبار مەزگىلىگە يەنە 20 نەچچە كۈن قالدى، ھەقىقىي نەشىرگە قول سۇنۇڭ»

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 11:16:34

بىرىنجى پايپالدا ئىككىنجى پايپالغا 付款 قىلسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە 42 دوللار قاچىلىسا مۇۋاپىقكەن، بولمىسا رەسمىيەت ھەققى بىلەن قوشۇپ پۇل يەتمەي قالىدىكەن.

Mushawir يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 11:31:41

http://item.shop.edu.cn/series?id=71

ماۋۇ ئادرېستىكى سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن سېتىۋالسىمۇ بولار-ھە؟ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ بېكەتتە بىر گېپى بولغان، پايپال دېگەننىڭ ئىشى سەل جىقكەن، ماۋۇ بېكەتتە پەقەت تور بانكا ئىقتىدارى ئېچىلغان بانكا كارتىسى بولسىلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:15:54

17- قەۋەتتىكى Mushawirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://item.shop.edu.cn/series?id=71

ماۋۇ ئادرېستىكى سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن سېتىۋالسىمۇ بولار-ھە؟ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ بېكەتتە بىر گېپى بولغان، پايپال دېگەننىڭ ئىشى سەل جىقكەن، ماۋۇ بېكەتتە پەقەت تور بانكا ئىقتىدارى ئېچىلغان بانكا كارتىسى بولسىلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.



بولىدىكەن.


مەن مۇشۇ توردىن 10 يۈرۈش سېتىۋالدىم.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 12:26:54

مەن ئۆيۈمدىكى ئىككى نوپوسنىڭ نامىغا بىردىن، جەمئىي ئىككى پايپال ئالدىم. مۇشۇ بانادا پايپاللىق بولۇپ قىلىڭلار، ئىشى جىقلىقى راست، كېيىنچە office 2013 نىمۇ پائالىيەت قىلىپ قالسا تېنەپ قالمايسىلەر، تېخى چەتئەلدىن مال سېتىۋېلىش، بېكەتكە گوگىل ئېلانى قويۇپ پۇل تېپىشقا قولاي بولىدۇ.


10- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن 3، 4 يۈرۈشكە ئىھتىياجىم بار.

ياردەم كېرەك بولسا بىز بار بىداركا، سىزغۇ خېلى تەجرىبىلىك.

  


18- قەۋەتتىكى mahir512نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

17- قەۋەتتىكى Mushawirنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

http://item.shop.edu.cn/series?id=71

ماۋۇ ئادرېستىكى سېتىۋېلىش نۇقتىسىدىن سېتىۋالسىمۇ بولار-ھە؟ نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مۇشۇ بېكەتتە بىر گېپى بولغان، پايپال دېگەننىڭ ئىشى سەل جىقكەن، ماۋۇ بېكەتتە پەقەت تور بانكا ئىقتىدارى ئېچىلغان بانكا كارتىسى بولسىلا سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

بولىدىكەن.


مەن مۇشۇ توردىن 10 يۈرۈش سېتىۋالدىم.



ئۇنداقتا سوراپ باقسام، ئېخەت ساندۇقىڭلارغا نومۇر ئەۋەتكەن ئادرىس مىكروسوفتنىڭمىكەن؟ يەنى **@css.one.microsoft.com مىكەن؟ (قىسقارتىپ ** قىلىۋەتتىم). راست مىكروسوفت ئېخەت ئادرىسىدىن كەلگەن بولسا ئىشەنچىلىك بولىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا، يەنىلا ئىشى جىق بولسىمۇ ئىشەنچىلىك يەر ياخشى.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 02:36:01

IE 10 دا، ئىزدىنىشنىڭ بىر قىسىم كۇنۇپكىلىرى ئىشلىمەيۋاتىدۇ. تەھرىرلەش بېسىلمايۋاتىدۇ. تۈزىتىدىغان خەتلەر بار ئىدى.. \"\"

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 03:04:22

سوراپ باقسام، ئۇيغۇرچە قىلغاندىن كىيىن خەت نىمىشقا سەت؟ سىستېمىدىكى فونتنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟ ئۇيغۇرچە لىنۇكسىتا UKIJ نىڭ قايسى فونت نۇسخىسىنى ئىشلەتسىڭىز، تەڭشىگەندىن كىيىن شۇ خەت بويىچە كۆرىنىدۇ كۆرۈنمەي يۈزلەر. win8 ھەل قىلىشقا تىگىشلىك ئىشكەن بۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 03:06:58

خېتىنى پىچاقتا ئۇيغانما؟

نىمانداق سەت \"\"

ئالماشتۇرغىلى بولار ھە

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 03:50:24

ما ئىككىسىنى قارا، بەرىبىر سەن پىخسىقلا ئالمايدىغان بولغاندىكىن قۇسۇر تاپماي تۇرۇشە  \"\"

ھازىرچە شۈكرى قىلىپ ئىشلىتىپ تۇرساق مىكروسوفىتنىڭ قولىغا ئازراق ئۇيغۇرلىنىڭ پۇلى چىسە بۇنىمۇ ئوڭشىۋىتە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 04:25:05

دىمىسىمۇ ئىككىمىزلا خېتى توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىپتىمىز \"\"



بىزنىڭ باللارمۇ يامان

مۇشۇنچە قىلىپ بەرگەندىن كىيىن، قالغىنىغا مىكروسوفىتنىڭ قۇلىغا قاراپ تۇرمامدىكىن دەيمەنغۇ.

پاتلا پالانى يەردىكى فونىتنى مانى چۈشۈرۈپ ئالماشتۇرۋالسىڭىز خېتى ئوڭشىلىدۇ دەپ تېما چىقامدىكىن دەيمەنغۇ

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 04:33:06

زىيالىنىڭ ئۈستۈدىكى ئىنكاسىغا ئەگەشتىم  {:92:}

mahmut32 يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 07:36:58

كۆرۈنمە يۈزمۇ چىرايلىق بولدى ، چىريلىق قىلالمىغانلار ئالاقىلىشىڭلار،مەن ياردەم قىلاي

كوت-كوت 345872517

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 07:42:53

ھەزرەت بلوگىدا win8نىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىرىنى كۆركەملەشتۈرۈش دەرسلىكى بار ئىكەن.

مەن پايپال ھېساتىمنى تېخى بانكا كارتىسى ئارقىلىق دەلىللىمىگەن ئىدىم، دېمەك باشقىلار پۇل سېلىپ بەرسە دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ ئىشلىتەلەيدىكەنمەن دە!

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 08:31:18

Windows8-UpgradeAssistant دىگەن ئوقەت ۋاكالەتچى مۇلازىمىتىر 代理服务器 نى تونۇمايۋاتىدۇ، مەن قىلالمىدىممۇ ياكى \"\"

بولمىسا ie8, qq2012, aliWangWang2012, Thunder7 دىگەنلەر ئاتتەك مېڭىۋاتىدۇ بولمىسا \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:40:55

مەن ئۇرۇق-تۇققان ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن 3، 4 يۈرۈشكە ئىھتىياجىم بار.

qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:40:56

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىمىسىمۇ ئىككىمىزلا خېتى توغۇرلۇق ئىنكاس يېزىپتىمىز \"\"



بىزنىڭ باللارمۇ يامان

مۇشۇنچە قىلىپ بەرگەندىن كىيىن، قالغىنىغا مىكروسوفىتنىڭ قۇلىغا قاراپ تۇرمامدىكىن دەيمەنغۇ.

پاتلا پالانى يەردىكى فونىتنى مانى چۈشۈرۈپ ئالماشتۇرۋالسىڭىز خېتى ئوڭشىلىدۇ دەپ تېما چىقامدىكىن دەيمەنغۇ

سىز دىگەن ئقتىدار چىقىپ بولدى.

nur يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:50:07

win8 گە بەك سەت كۆنۈپ قالدىم جۇمۇ ئىككى كۈن ئىشلىتىپلا.ئۇيغۇرچە قىلسام خەتلىرى چاپاق چىقىۋالدى.يۇقاردىكى تورداشلار دىگەندەك شۇنىڭغا بولسىمۇ شۈكرى قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن.لىكىن خەنزۇچىدا سول تەرەپتە تۇرىدىغان كۆزنەكلەر ئوڭ تەرەپكە تەڭشىلىپتۇ،مۇشۇ يىرى سەل غەلىتىرەك بىلىنىپ قالدى.ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كۆنۈپ قالغان قولغا تەس بولىدىكەن.مائۇسنى مايانغا سۈرسەك ئىزدىگەن نەرسىمىز ئاياندا تۇرغان.(بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالامىز ئەمدى.)

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 09:54:49

ۋاكالەتچى مۇلازىمىتېر ئىشلىتىپ چىققان بولسىڭىز، ccproxy نىڭ ئابونىت بۆلىكىنى چۈشۈرۈپ ۋاكالەتچىگە ئۇلىسىڭىز نورمال ئۇلىنالايدۇ.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:36:06

مەن پايپال ئېچىپ سېتىۋالسام بولغىدەك.

ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بىجىرىلىشىنى ساقلىسام ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكىدەك





پايپالدىن ئىككىسى كىتىدۇ دەۋاتىڭىز، چۈشەندۈرۈشتە بىرنىلا ئىشلىتىپسىزغۇ؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-1-5 10:51:21

پايپال ھىساباتىغا 248 يۈەننى قانداق ئۇرىمىز؟

پايپالدىن بىرنى ئېلتىماس قىلسام ھېچ بىر پۇل قاچىلاڭ دىگەن يەر يوققا؟
بەت: [1] 2 3
: Windows8 ئىشلىتىڭ (باچكا)